- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-23
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 237سائەت
- جۇغلانما
- 8667
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2156
- تېما
- 263
- توردا
- 237سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 33
- يازما
- 2156
- تېما
- 263
|
ئادەتتە ساق ياكى كىسەل ھايۋان گۆشلىرىنى پەرىق ئىتىشتە ئۇنى بىر قانچە جەھەتلەردىن كۆزىتىپ ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كىلىدۇ؛
1.رەڭگىگە قاراش-ئادەتتە ساغلام ھايۋانلارنىڭ يىغى ئاق ياكى سۈت رەڭ بولىدۇ، كېسەل ھايۋانلارنىڭ يىغى ھالرەڭ ياكى سارغۇچ يىشىل بولىدۇ.
2.لىمفا تۈگىنىگە قاراش- ساغلام ھايۋانلارنىڭ لىمفا تۈگۈنىنىڭ كەسمىسى سۇس ئاقۇچ كۈلرەڭ، سۇس ئاق سىرىق ياكى قىزغۇچ رەڭدە بولىدۇ، كىسەل ھايۋانلارنىڭ بولسا كۆپىنچە ئىششىغان، سولاشقان، بۇزۇلغان، قان تولغان، سۇلۇق ئىششىغان، ياكى يىرىڭدىغان ھالەتتە بولىدۇ.
3.گۆشنىڭ توغرا كەسمىسىگە قاراش- ساغلام ھايۋاننىڭ گۆشى ئىلاستىكىلىققا ئىگە، يالتىراق، قىزغۇچ قوڭۇر ياكى ھالرەڭدە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن سۈيۈقلۇق ئىقىپ تۇرمايدۇ، كىسەل ھايۋاننىڭ گۆشى بولسا، ئىلاستىكىلىقى يوق، خىنە بىنەپشەرەڭ، پارقىرىمىسى يوق بولۇپ، كەسمە يۈزىدىن ھەمىشە بىنەپشەرەڭ ياكى قارامتۇل بىنەپشەرەڭ سۇيۇقلۇق ئىقىپ تۇرىدۇ.
4.تومۇرىغا قاراش- ساغلام ھايۋاننىڭ گۆشىدىكى قان تومۇرلاردىن ئادەتتە ئىقىپ چىقىدىغان قالدۇق قان بولمايدۇ، كىسەل ھايۋاننىڭ تومۇرلىرىدا بولسا ھەمىشە كۆپ مىقداردا قان تولغان بولىدۇ.
5. پۇرىقىنى پۇراش-ساغلام ھايۋاننىڭ يىڭى گۆشىدە غەيرى پۇراق بولمايدۇ، كىسەل بولۇپ ئۆلگەن ھايۋان گۆشى ياكى سۈپىتى ئۆزگەرگەن گۆشلەردە بولسا كۆپىنچە قان پۇرىقى ، سىسىغان پۇراق، ياكى ئىچكى ئەزالىرىنىڭ پۇرىقى بولىدۇ.
مەنبە؛<<كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر>>
|
|