- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-13
- تىزىملاش
- 2011-4-1
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 19سائەت
- جۇغلانما
- 635
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 87
- تېما
- 55
- توردا
- 19سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 3
- يازما
- 87
- تېما
- 55
|
يېقىندا ، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بار مەلۇم بىر ئادەم توڭلاتقۇدىكى قىرونى تازىلاپ چىقىرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن . دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا ، مېڭسىگە قان چۈشكەن دەپ دىئاگنۇز قويۇلغان . ئاىىردا ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۇپ كەتكەن . نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھۋال يۇزبىرىدۇ ؟
مۇناسۋەتلىك تېببي پەن مۇتەخەسسلىرى جەسسەتنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۆلگۈچىنىڭ مېڭە ئارتېريىسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكنى بايقايدۇ. تەجىرىبىدىن بايقىلىشچە ، بەزى كىشلەر سوغۇق سۇغا چىلاپ بىر مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن سوغۇقنىڭ غىدىقلىشى بىلەن قىل قان تومۇرلار ۋە كىچىك ئارتېرىيە ناھايىتى تېزلىكتە قىسقىراپ ، نەتىجىدە قان بىسىمى ئۆرلەيدۇ .
مۇتەخەسسەلەر بۇ خىل ھادىسنى << سوغۇقتىن بېسىم ئېشىش >> تەجىرىبىسى دەپ ئاتايدۇ . يۇقىرى قان بىسىم كېسلى بار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ خىل تەجىرىبىگە بولغان ئىنكاسى بىردك ناھاېىتى كۈچلۈك بولۇپ ، دەئىم قان بىسىىمنىڭ ئۆرلىشى 20 _30 مىللىمتېر سماب تۈۋرۈكىدىن ئىشېپ كېتىدۇ .مانا بۇ ، بوتقىسىمان قېتىشقان مېڭە ئارتېريىسىنىڭ ئۈزۈلىشنى كەكتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ياكى يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيسى توسۇلىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن مېڭگە قان چۈشىدۇ ياكى يۈرەك مۇسكىلى تىقىلمىسى يۈز بىرىدۇ .
توڭلاتقۇ ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا خىلىلا ئومۇملاشتى ، لېكىن ئۇنىڭدىكى فىروئىننىڭ ئاتمىسفىرانى بۇلغىشىدىن باشقا ، توڭلاتقۇدىكى باشقا تەتۇر ئېففىكتكىلەرگىمۇ سىل قارىماسلىق لازىم . بولۇپمۇ توڭلاتقىنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمنىڭ تىمپۇراتۇرسى سېلسيە نۆلدىن تۆۋەن بولدىغان بولغاچقا يۇقىرى قان بىسىمى بار ياشان كىشىلەر توڭلاتقۇنىڭ قىروسىنى تازلىغاندا ، بۇ ، << سوغۇقتىن بېسىم ئېشىش >> تەجىرىبىسىنى ئىلىپ بارغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ . شۇڭا ، ئۇلار ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلەشى لازىم .
مەنبە _ << ئائىلە ساغلاملىق دەستۇرى >>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdukorax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-8 17:09
|
|