ھىجرانسىز سۆيگۈ چىن سۆيگۈ ئەمەس
كۈندە بارمىسام يۈرمە ئاغرىنىپ ، كۈنلەر تىزگىنى ئەمەستۇر مەندە. تەقدىرسىز نەدە قىل تەۋرىگەن بار، مەنمۇ تەقدىرگە باغلانغان بەندە.
سۆيگۈ يولىنىڭ داۋانلىرى كۆپ، شۇڭا، ھەر كۈنى دىدارلاشماق تەس. سۆيگۈ تاۋلىنار ھىجراندا، يارىم، ھىجرانسىز سۆيگۈ چىن سۆيگۈ ئەمەس.
مەنمۇ بىر بەندە، سەنمۇ بىر بەندە، ۋىسال ۋەجىدىن يۈرمەيلى غەمدە. ھەر ئىشنڭ ۋاقتى- سائىتى بار دەپ، يىزىلغان ئىكەن تەقدىر- ئەزەلدە.
ئاپتورى؛ مۇھەممەتجان راشىدىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muslimahinim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-8 16:45
|