ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر سەن بولغاچ بۇ مىنىڭ بەختىم (فاتىمە)
كۆرۈش: 102|ئىنكاس: 4
go

سەن بولغاچ بۇ مىنىڭ بەختىم (فاتىمە)

Rank: 8Rank: 8

توردا
457سائەت 
نادىر تېما
دوست
40 
يازما
713 
تېما
136 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

شۇ شەيدائارمانلار تۈگەيدۇ

ئاپتاپ چۈشتى ئۆگزىلىرىمگە،

باھارمۇ سەن باشلاپ كەلگەن.

پۈتۈن ئىشقىمنى ئاتىدىم ساڭا،

قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن.

مۇھەببەتنى كۆيلىدىم ئۇزاق،

سىنى قېتىپ مىسرالىرىمغا.

ئاشىقلىقنىڭ دەشتى يامانكەن،

تاشلاپ قويما مىنى ھىجرانغا.

سورىمايسەن مىنىڭ ھالىمنى،

ئۆلسۇن دەمسەن مىنى ئىشقىڭدا.

ئۈن-تىنسىز ئۈمۈتتە كۈتىمەن،

ئىرادەم بار مىنىڭ دىلىمدا.

جاسارىتىم يار بولسۇن ساڭا،

مۈشكۈلىڭگە ئاسانلىق بەرسۇن.

ئىرادەمدىن كۆكلەتسەم ئىشقىمنى،

چۈشەنسەڭ ھىسلىرىڭدە بولسۇن.

روھىڭغا جۇلا بەرسە ئىشقىڭ،

سۈيەرسەن بىر مىنى ئۇلۇغلاپ.

شۇ شەيدا ئارمانلار تۈگەيدۇ،

جەم بولغان كۈنلەرنى قۇتلۇقلاپ.

سەن بولغاچ بۇ مىنىڭ بەختىم

چىرمىلىپ ھېساپسىز خىيال تورىغا،

قەلبىمدە ئاۋۇيدۇ ئالماستىن ئارام.

بەرگەچكە جىممىدە روھىمغا مەدەت،

سۆيگۈڭدىن لاتاپەت تاپتى ياشلىقىم.

كۆرىمەن روھىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا،

ھىس قىلىپ ئۆزۈمنى شۇنچە بەخىتلىك.

گۈل كەبى ياشلىقىم پورەكلەپ بارماقتا،

ۋىسالىڭ بەرگەچكە بەھرى جەننەتنىڭ.

ئاڭلىدىم بەخىتنىڭ پىچىرلىشىنى،

زوقلاندىم ئاھ، سىنىڭ پاك ئەقىدەڭدىن.

دۈشمەننىڭ گىپىگە پەرۋا قىلمىدىم،

مىھرىڭدىن سەزگەچكە شۇنچە مەمنۇن.

ئۈمۈد نۇرى چۈشتى چاقناپ قەلبىمگە،

ئۈمۈدۈم ،پەخرىمدۇر بىر سىنى سۆيگۈنۈم،

جۇدالىق،ھىسلىرى يىراقتۇر مەندىن،

سەن بولغاچ يېنىمدا بۇ مىنىڭ بەختىم.

مەنبە قەلىمىم

توردا
13سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ -بەك ياخشى يىزىپسىز.غەلبە -تىرىشقانلارغا مەنسۇپ.

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
567 
تېما
104 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن ، فاتىمە ھەدە. ئۇتۇق سىزگە يار بولسۇن

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
554 
تېما
17 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ -بەك ياخشى يىزىپسىز

توردا
383سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
666 
تېما
31 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يازغان شېئرلىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق مۇڭلاندىم ،داۋاملىق ياخشى تىمىلىرىڭىزنى كۈتىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-14 03:10

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.