كۈنلەر نىڭمۇ ھەرخىلى باردۇر، گۈللەرنىڭمۇ ھەرخىلى باردۇر . ئادەملەردىن رەنجىمە، كۆڭلۈم ، ئۇلارنىڭمۇ سەرخىلى باردۇر. 
تىلەمچىگە نان بىرەر بىرى، كەپتەرلەرگەدان بىرەر بىرى. زۆرۇر بولسا قان بىرەر بىرى، ھەتتا جاننى بەرگىنى باردۇر . 
ياتمىقى بار ئاغىرىپ ساقنىڭمۇ، سولمىقى بار سەيلىگاھنىڭ . دۆلەت كەتسە ھەتتا شاھنىڭمۇ، دۆڭدىن قوراي تەرمىكى باردۇر. 
دۇنيا تىلسىم، ئادەملەر ئۇلۇغ، تىرىكلىككە ئادەم ئۆزى تۇغ. يانغىنغا سۇ، زىمىستانغا چوغ، شۇڭا،گۈزەل مەنزىلى باردۇر . 
2000-يىل ، 5- نويابىر مەنبە؛ مۇھەممەتجان راشىدىنىڭ << ياخشىلارغا ناخشىلار تولا >> ناملىق شىئىر توپلاملىرىدىن ئىلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-7 19:10
|