ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئانا بۇلۇشىنىڭ مەسئۇلىيىتى
كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 2
go

ئانا بۇلۇشىنىڭ مەسئۇلىيىتى

توردا
190سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
873 
تېما
112 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر قىز توي قىلىپ بىر ئائىلىگە باش بولدى دېمەك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىغان مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەندى دېمەكتۇر. توي قىلىشتىن بۇرۇنقى تەنتەكلىكىڭگە خاتىمە بېرىدىغان ۋە ئەرنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىدەك چىدامچانلىققا ئىگە بولىدىغان ۋاقتىڭ كەلدى. توي قىلغان ئىكەنسەن بالا تۇغىسەن ۋە «ئانا »دېگەن مۇقەددەس نامغا ئىگە بولىسەن.
بەزىبىر قىزلىرىمىز باركى توي قىلىشنى تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرىيىتى، بالا تۇغۇشنى ئويۇن قاتارىدا كۆرۈدىغان ، بالىنى تۇغۇپلا قويسا ھېساب . بالىنى قانداق تەربىيىلەش توغرۇلۇق ئويلىنىپمۇ قويمايدۇ. راستىنى دېگەندە بالىسىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئويلىنىشقا ۋاقتى يەتمەيدۇ. بالىسىنى ئۆيىدە چوڭلارغا تاشلاپ قويۇپ بازار ئايلىنىپ، كىيىم تاللاشقا ۋاقتى چىقىدۇكى بىرەر سائەت ۋاقتىنى چىقىرىپ بالىسىغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈرۈشنى خالىمايدۇ.
بۇنداق قىزلىرىمىز تەربىيىلەپ چىققان بالىلار كېيىنچە جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى، ھەممە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئەسكىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
دېمەكچىمىزكى ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى بەكلا ئېغىر.
دادا، پۇل تېپىش ۋە ئايىقى چىقماس خىزمەتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ بالىغا كۆپ ھەمراھ بولالمايدۇ، بالا بىلەن دائىم بىللە بولىدىغىنى، تەربىيەلەيدىغىنى يەنىلا ئانا.
بىر ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان مەسئۇلىيىتى، بالىنى بىلىملىك، ئوقۇمۇشلۇق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىققاندىن باشقا سەن كىم؟ كىم ئىدىڭ؟ مىللىتىڭ نېمە؟ دىنىڭچۇ؟ چوڭ بولغاندىن كېيىن ۋەتەن ۋە مىللىتىڭ ئۈچۈن قىلىدىغىنىڭ نېمە؟ «ئەلۋەتتە،بىر ئادەم پۈتۈن دۇنيانى ياكى بىر مىللەتنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزگەرتىپ بولالمايدۇ. بىراق بىر كىشىلىك ئۆزى ئۈستىدىكى ھەققىنى ئادا قىلىشى كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تاپالايدىغان ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشى لازىم.
شۇنداق ئانىلار ئۆتكەنكى، بالىسى جەڭگە ماڭسا «بالام جەڭدىن ھايات قايتىپ كەلمە! دۈشمىنىڭنى يېڭىپ ئەل–ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بول! شېھىتلىك ماقامىغا يەت!» دەيدىغان، بىزنىڭ ئانىلىرىمىزدىنمۇ شۇنداق ئانىلار بارلىققا كەلگۈسى!
ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا مۇنۇ بىر ئېغىز سوئالنى دائىم دېگۈدەك ئاڭلاپ تۇرىمەن.
«نېمىشقا ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىملىرىمىز تۇغۇلمايدۇ ھەم يېتىشىپ چىقالمايدۇ؟».
بۇ سوئالغا كۆپنىچىلەر مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدىكەن.
چۈنكى مەھمۇد قەشقەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنى تەربىيىلەپ چىققان ئانىلاردەك، پەم-پاراسەتلىك ئانىلىرىمىز بولمىغاچ، شۇڭا ئۇلاردەك ئالىملار مەيدانغا كەلمىدى.
ئابدۇقادىر ئاكىمىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئانا ئۇقۇمىنى پەقەتلا بىر بالىنى تۇغۇپ چوڭ قىلسىلا شۇ ھېساب دەيدىغان ئۇيغۇر ئانىلار كۈرمىڭ.
ئانا دېمەك ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى دېمەكتۇر . بالىنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ئىكەنسەن. ئۇنى باتۇر، شىجائەتلىك ۋەتىنى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيىلەش سېنىڭ مەجبۇرىيىتىڭ.
بالىسىغا كۆيمەيدىغان ئانا يوق. كۆيۈنۈشمۇ ئۆز يولىدا بولىشى لازىم. ۋاقتى سائىتى كەلگەندە بالاڭنى جەڭ مەيدانىغا كۆز يېشى قىلماي يولغا سالالىساڭ، شۇ چاغدىلا ھەقىقى ئۇلۇغ ئانىلار قاتاردىن ئورۇن ئالالايسەن.
ئانا…………. ئانا بولماق ھەقىقەتەن تەس. ئانىلارنىڭ بالىلارنى بېقىش يولىدا قانچىلىك جاپا تارتىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىمىسەكمۇ ھەر بىرىمىزگە ئايان.
ھازىرقى جەمئىيەتتە،ئوغۇل بالىنى تەربىيىلەپ چوڭ قىلماقتىن، قىز بالىنى ئىپپەت-نومۇسلۇق ، ھايالىق، جاسارەتلىك قىز قىلىپ تەربىيىلەپ چىقماق تەس ئىكەن.
كونىلار مۇنداق بىر ماقال-تەمسىلنى قالدۇرغانىكەن. «قىز بالا خام گۆشكە ئوخشايدۇ، ئۇنى ياخشى ساقلىمىساڭ ئاسانلا پۇراپ قالىدۇ» بۇ گۆشنى ياخشى ساقلىشىمىز كېرەك.
قىزلىرىمىزنى ئىپپەت-ھايالىق تەربىيىلەيلى. قىز، مىللەتنىڭ ئانىسى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ تەربىيىچىسى……….
ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى نېمە دېگەن ئېغىر ھە!؟…………..
مەنبە:ساقلىۋالغانلىرىم

توردا
140سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
551 
تېما
14 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر . بەك ياخىشى يىزىپىسز . سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇپ ، ھازىرقى يىتىلىۋاتىقان قىز - ئانىلىرمىغا بولىغان تەربىيىۋى ئەھىمىيىتى بەك چۇڭ بولىدى دەپ ئويىلايىمەن . ئەجىرڭىزىگە كۆپ تەشەككۇر . قەلەم تۇلىپارڭىز ھارمىسۇن . خاتىرجەمىلىك سىزىگە يار بولسۇن نادىر تىمىلىرڭىز بولىسا ھارمىغايىسز .

Rank: 8Rank: 8

توردا
437سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
684 
تېما
130 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى تىيما يوللاپسىز گۈلۈم.بىر ئائىيلىگە ھەم پەرزەنىتكە نىسپەتەن ئانىنىڭ تەربىيسى ناھايىتى مۇھىم ئۇرۇندا تۇردۇ......ھازىرقى بىر قىسىم مەسئىلىيەتسىز ياش-ئۇغۇل قىزلىرمىز ئالدىراپ توي قىلىپ پەرزەنىتلىك بولغاندا ئاجرىشىپ شۇ ئۇماق باللىرنى يىتىم قىلۋاتقان. بۇ بىچچارە بالىلار ئاتا-ئانا مىھرىگە قانالمىغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-5 06:20

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.