ھەمراھ
ھەرقانداق ئادەم ھەمراھقا مۇھتاج.بۇ ھەمراھ دەل سىز ئەزەلدىن ياقتۇرۇپ كېلىۋاتقان دوستىڭىز.سىز ئەزەلدىن ئۇنىڭغا ئىشىنىسىز،بارلىق دەرد-ئەلەملىرىڭىز،ئىچكى سىرلىرىڭىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىسىز؛ سىلەر خۇشاللىقلاردىن تەڭ بەھرىلىنىپ،قاقاقلاپ كۈلىسىلەر؛بىرلىكتە سەيلە قىلغاچ،پارلاق قۇياش نۇرىدىن تەڭ ھوزۇر ئالىسىلەر.قىسقىسى،قاچان،قەيەردە بولسۇن،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسىڭىز،ئۆزىڭىزنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىسىز.
سىرداش دوست
سىرداش دوست دەرد-ئەلەملىرىڭىزنى ئاڭلايدىغان ئەڭ ياخشى ئاڭلىغۇچى،قايسى ۋاقىتتا ھال-مۇڭ ئېيتسىڭىز زېرىكمەيدۇ.ياخشى سىرداش ئۈمىدسىزلەنگەن چېغىڭىزدا دەرد تۆكسىڭىز،مەڭگۈ سىز تەرەپتە تۇرىدۇ،دەردىڭىزگە دەرمان بولىدۇ.ئۇ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ كەتكەن ھالەتتىمۇ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىڭىزگە تەسەللىي تاپالايسىز.ئۇنىڭ،ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كېتىدۇ،شۇنداقمۇ،دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندەك بولىسىز.
مەنبە:تەرمىلەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-1 00:23
|