
تۇيىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئامانشاھ 
زىمىستان قىشنى ئۇزۇتۇپ ،ئىللىق باش باھار، يەنە نۇرۇزنىڭ يىتىپ كىلىشى بىلەن تەڭ خۇشاللىق ئۈستىگە-خۇشاللىق قېتىلدى. قىز چوڭ بولسا ياتلىق بۇلىدۇ ،ئۇغۇل چوڭ بولسا ئۆيلىنىدۇ دەپ،ئىز مۇنبىرمىزنىڭ ياش كىلىشكەن باشقۇرغۇچىسى ئامانشاھ، ئىنمىزنىڭ قۇتلۇق توي مەركىسى بۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا! مۇھەببەت ئىككى ياشنى بىر-بىرگە مۇجەسسەم قىلىپ بۇ ھايات مۇساپىسىنى تەڭ بېسىشقا نائىل قىپتۇ. بۇ خۇشاللىقنى ئاڭلاپ ئىچ-ئىچىمدىن سىزگە بەخىت تىلگۈم كەلدى. ۋە،بەكمۇ خۇشال بولدۇم. ئامانشاھ، ئىنىم قۇتلۇق تۇيىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن. رەپىقىڭىز بىلەن مەڭگۈلۈك بىرجۈپلەردىن بۇلۇپ ھايات مۇساپىسىنى تەڭ بېسىپ ياخشى-يامان كۈنلەردە بىر-بىرىڭلارنىڭ ھالىغا- ھال مۇڭ بۇلۇپ بىر ئۆمۈر ئىناق خۇشال بەخىتلىك ئۆتكەيسىلەر!ئەسلى تۇيىڭىزغا ئاتاپ چوڭ بىرەر سوۋغات بەرسەم بۇلاتتى.ئەپسۇس ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دەپ ئارلىقنىڭ يىراق بۇلىشى خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىق سەۋەپلىرى بىلەن بۇ ئاددى تىيمام ئارقىلىق مۇبارەكلەش قارارىغا كەلدىم. 
گۈلباغلاردا چىچەكلەر، خويمۇ چىرايلىق ئېچىلغان. ئامانشاھنىڭ توي كۈنى، ئەجەپ ئۇبدان تاللانغان. 
قۇتلۇق بولسۇن تۇيىڭىز، ياخشى تىلەكلەر ئىچىدە. سىزگە بەخىت تىلەيمەن، ھەقىقى ئاچىلىق مىھرىدە. 
توي ئادەمنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ خۇشاللىق ئىش ھەم توي قىلغان ئىككى ياشقا نىسپەتەن مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. سىز ئىنىم تويدىن ئىلگىركى ئەركە شۇخلۇق قىلىقلىرڭىزنى تاشلاپ رارۇس ،غورور، ۋىجدالىق بىر ئەر بۇلۇپ رەپىقىڭىزنى ياخشى قوغداپ ئەرلىك مەجبۇريىتىڭىزنى ياخشى ئادا قىلىپ بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلىشقا تىرشىڭ.ھاياتلىق مۇساپىڭىزدە ئەگرى-بۈگرى داۋانلار ئۇچراپ قالسا باتۇر، قەيسەر بۇلۇپ رەپىقىڭىز بىلەن ئورتاق بۇلغايسىز. ھاياتىڭلارنى ئىجىل ئىناق ئىشەنچە ۋاپا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتكۈزگەيسىلەر! يەنە بىر قېتىم قۇتلۇق تۇيڭىزغا مۇبارەك بولسۇن بەخىت ئامەت مەڭگۈ يار بولسۇن. 
قۇتلۇق تۇيۇڭغا مۇبارەك بولسۇن ئىنىم، بەخىت قۇشى قونسۇن بېشىڭغا سىنىڭ. ئاتا-ئاناڭنىڭ دۇئالىرى ئىچىدە، تىزلا ئۇماق فەرزەنتىڭ بولسۇن سىنىڭ .

مەنبە مەن ئۆزۈم شۇغۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-15 01:09
|