ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ساغلاملىق بىر يۈرۈش ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى...
كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 3
go

بىر يۈرۈش ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى...

Rank: 8Rank: 8

توردا
90سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
142 
تېما
31 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇرمۇش نىشانى بارلار ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ

  «ساغلاملىق گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېنىق تۇرمۇش نىشانى بار كىشلەرنىڭ ھورمۇن سەۋىيەسى دائىم ئەڭ ياخشى ھالەتتە ساقلىنىپ، ئىممۇنىتېت كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، يۈرىكىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئادەتتىكى ياشانغانلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۇرمۇش نىشانى بار ياشانغانلارنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %50 تۆۋەن بولىدىكەن. ئەكىسچە بولغاندا، ھېچ ئىش قىلماي بىكار يۈرىدىغانلارنىڭ ياشانغاندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن %50 يۇقىرى بولىدىكەن.


قايرىلىپ كەتكەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك

  
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياكى تەنتەربىيە مەشىقلىرىدە بېغىش، بەل، پۇت قاتارلىق ئورۇنلار تاسادىپىي قايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ ئورۇن ئىششىش، ئاغرىش ۋە ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

  بەزى كىشلەر ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن، ئىسسىق لۆڭگە ۋە گىرىلكا بىلەن قايرىلىپ كەتكەن ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، قايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، جايلىق ئورۇندىكى قىلدام قان تومۇرلار يېرىلىپ قاناپ، قان توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئىششىق كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر زەخمىلەنگەن جايغا ئىسسىق ئۆتكۈزسە، قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قاناشنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا، بەزىدە ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىششىق تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئاغرىق كۈچىيىدۇ.

  قايرىلىپ كەتكەن جايغا ئەڭ ياخشىشى سوغۇق ئۆتكۈزۈش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، قان تومۇرلار تارىيىپ ، قايرىلغان جاينىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، قان چىقىش مىقدارى ئازىيىدۇ. يەنە قايرىلغان ئورۇننى ئېگىزرەك قويسا قاننىڭ ئايلىنىشى راۋانلىشىپ، ئىششىق تەدرىجى يانىدۇ.



يېمەكلىك ئارقىلىق كەيپىياتنى تەڭشەش ئۇسۇللىرى

  
مىجەزى چۈس، كەيپىياتى نورمالسىز، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشلەر كالتسىي بىلەن ۋىتامىن B تولۇقلاش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  ئۇيقۇسى ناچار، ئىچى تىتىلدايدىغان، ئۇنتۇغاق كىشلەر تەركبىدە كالتسىي، فوسفور مول بولغان سېرىق پۇرچا، سۈت، پالەك، ئۈزۈم، توخۇ گۆشى، تۇخۇم، بەرەڭگە قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشتىن قورقىدىغان كىشلەر ئىشقارلىق ۋە تەركىبىدە كالتسىي مول يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، ھاراق ئىچمەسلىكى، تاماكا چەكمەسلىكى كېرەك.

  كۆپ گەپ قىلىدىغان كىشلەر بىرىكمە ۋىتامىن B ۋە ئورۇق گۆش، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، سۈتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

  سوغۇقتىن قورقىدىغان كىشلەر كۈندە ۋىتامىن B2، ۋىتامىن E دىن بىر تابلېتتىن يېيىشى كېرەك.




بىر قىسىم يېمەك–ئىچمەك ئادىتى ئاشقازان راكىنى پەيدا قىلىدۇ

  
بەزى كىشلەر كاۋاپقا ئامراق بولسا، بەزىلەر چىلىغان كۆكتات، ئاچچىق –چۈچۈك، تۇزلۇقراق يېمەكلىكلەرگە ئامراق. لېكىن ئۇزاق مۇددەت بەك تۇزلۇق ياكى ئوتقا قاقلىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش، سىزنى ئاشقازان راكىغا گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاشقازان راكى مەملىكىتىمىزدە 2– ئورۇندا تۇرىدىغان، كۆپ ئۇچرايدىغان يامان خاراكتېرلىك ئۆسمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىغا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىزمۇ ئاشقازان راكى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق «خەلق» دوختۇرخانىسى ئۆسمە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى قەلبىنۇر مىجىت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى : ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىشلەرنىڭ تۇزلۇق، ئاچچىق–چۈچۈك ۋە كاۋاپ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئامراق بولۇشتەك ئادىتى ئاشقازان راكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. كېسەلنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش، ئۇنىۋېرسال دىياگنوز قويۇش ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  قەلبىنۇر دوختۇرنىڭ تونۇشتۇرشىچە، ئەگەر ئادەم سەۋەبسىزلا ئورۇقلاپ كەتسە، كۆڭلى تاماق تارتمايدىغان، قان قۇسىدىغان ياكى چوڭ تەرىتىدە قان ئارىلاش كېلىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى، ئۈچەي يولىنى ئەينەكتە تەكشۈرتۈشى، بولۇپمۇ 40 ياشتىن ئاشقانلار يىلدا بىر قېتىم ئۈچەي يولىنى ئەينەكتە تەكشۈرتۈپ بېقىشى، يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئاشقازان ياللۇغى ئوخشايدۇ، دەپ، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان دورا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەككەن
.


مۇۋاپىق غىزالانماسلىق كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ

  
سېمىزلىك كېسىلى. تاماقنى بەك تويۇپ يېگەندە قاندىكى شېكەر مىقدارى، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ياغ كىسلاتاسىنىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا كەچلىك ھەرىكەتنىڭ ئازىيىشى قوشۇلۇپ ئىنسۇلىننىڭ ياردىمىدە مايغا ئايلىنىپ، ئادەم بارا-بارا سەمرىشكە باشلايدۇ.

  قاندىكى ماي تەركىبىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى. كېلىنكىلىق تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، كەچلىك تاماقتا دائىم گۆش ئىستېمال قىلىدىغان كىشلەرنىڭ قاندىكى ماي مىقدارى دائىم گۆشسىز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان كىشلەرگە قارىغاندا ئۈچ-تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى، قان بېسىمى يۇقىرى كىشلەر كەچلىك تاماقتا دائىم گۆش ئىستېمال قىلسا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدىكەن.

  دىيابىت كېسەللىكى. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار تاماقنى بەك تويۇپ يېسە، ئېنسۇلىننىڭ تەكرار كۆپلەپ ئاجىرىلىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ، نەتىجىدە بۇ، ئېنسۇلىن تەركىبىدىكى ھۈجەيرىلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىپ، ئاسانلا دىيابىت كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى. ئىستېمال قىلىنغان ئىسسىقلىق مىقدارى ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ كەتسە، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. ھەددىدىن ئارتۇق خولېستېرىن قان دىۋارىدا جۇغلىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۈزىرىشى بىلەن قان-تومۇرلار قېتىشىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.

  جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى. ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېسە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ئوڭايلا ياللۇغلىنىپ، ئۇخلاۋاتقاندا شۈك بولۇپ قېلىشتەك خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئۆت يولىدا تاش بولسا توسۇلۇش، سازاڭسىمان مەددە، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش قاتارلىقلار تۇپەيلىدىن ئاسانلا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قوزغىلىدۇ.

  ئۈچەي راكى. تاماقنى ۋاقتى-قەرەلىدە يېمىگەندە قىسمەن ئاقسىل ھەزىم قىلىنمىغانلىقتىن، ئارتۇقچە ئاقسىل ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيىنىڭ رولى ئاستىدا بىر خىل زەھەرلىك ماددا پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئۇخلىغان ۋاقىتتىكى ئۈچەي خىزمىتىنىڭ ئاستىلىشى قوشۇلۇپ زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تېزلىتىدۇ. سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇزۇن مەزگىل كەچلىك تاماقنى بەك ۋاقچە يېگەندە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىكەن. چۈنكى سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلغۇچى ئاساسلىق تەركىب كالتسىي بولۇپ ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ بىر قىسمىنى ئۈچەي دىۋارلىرى سۈمۈرگەندىن سىرت كۆپ قىسمى بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ . ئەگەر كەچلىك تاماق بەك ۋاقچە يېيىلسە سۈيدۈك بەدەن سىرتىغا ۋاقتىدا چىقىرىلماي سۈيدۈك سۈيدۈك يولىدا تۇرۇپ قېلىپ سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا قىلىدۇ.

  نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى. كەچلىك تاماقنى بەك تويۇپ يېگەندە ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ غىدىقلىنىشى بىلەن ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى قېچىپ ، ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (مۇتەللىپ ياقۇپ تەييارلىغان)

ئېلىنغان مەنبە؛خەلق تورى
http://uyghur.people.com.cn/156019/15138650.html

توردا
144سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
205 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىببى ساۋاتلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت .......

توردا
25سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
174 
تېما
18 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ، مول بىلىمگە ئىگە بولدۇم.

توردا
126سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
421 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
. تىبى ساۋاتىلاردىن خەۋەردار قىلىغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر تەربىيبىۋى ئەھىمىيىتى چوڭ ئىكەن . قەلەم تۇلىپارڭىز ھارمىسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-20 13:37

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.