- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-19
- تىزىملاش
- 2010-4-7
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 359سائەت
- جۇغلانما
- 3119
- نادىر تېما
- 3
- يازما
- 1247
- تېما
- 29
- توردا
- 359سائەت
- نادىر تېما
- 3
- دوست
- 3
- يازما
- 1247
- تېما
- 29
|
تەپەككۇرغا باي بولغان ھۈنەرۋەن سەنئەتكاردۇر،تەپەككۇرغا باي بولمىغان سەنئەتكار ئەكىسچە پەقەت ھۈنەرۋەندىن ئىبارەتتۇر.
سەنئەتكارلار سەنئەتنى ئىجاد قىلىدۇ،ئەمما ئۇنى ھەممىلا يەردە كۆز-كۆز قىلىپ يۈرمەيدۇ.
چولتا ھۈنەرۋەنلەر بولسا سەنئەتنى ئىجاد قىلمايدۇ،ئەكىسچە ئۇنى بارغانلا يەردە بازارغا سالىدۇ.
يالىڭاچ تەن سەنئەت دەرىجىسىگە يەتسە،ئۇ ھالدا ئۇ تولىمۇ مۇقەددەس ۋە پاك بولۇدۇ،
ئەخلاق ساختىلىققا قاراپ يۈزلەنسە،ئۇ تولىمۇ تېتىقسىز ۋە پەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.سەنئەت گۈزەللىكىنى پەقەت ئىككى خىل قىممىتى بولۇدۇ؛ئۇنىڭ بىرى،بەھىر ئېلىش قىممىتى بولۇپ،يەنە بىرى،ساقلاش قىممىتىدىن ئىبارەت.بىز ئۇنىڭ بەھىر ئېلىش قىممىتىگە نەزىرىمزنى ئاغدۇرغىنىمىزدا،كۆڭۈل قويدىغىنىمىز سەنئەتنىڭ ئۆزى بولۇدۇ.بىز ئۇنىڭ ساقلاش قىممىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا،كۆڭۈل قويىدىغىنىمىز ئۇنىڭ كىمنىڭ ئەسىرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇدۇ.
ھەر قانداق گۈزەل شەيئى سەنئەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.ئەمما،سەنئەتنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغىنى ئەكىسچە گۈزەل شەيئىنىڭ ئۆزى بولماسلىقى مۇمكىن.
نىسبەتەن ئېيتقاندا،گۈزەللىكنىڭ قوغلىشىدىغىنى بىردەملىك بولۇپ،سەنئەتنىڭ قوغلىشىدىغىنى مەڭگۈلۈكتۇر.
ئەڭ ئاجايىپ ۋە غەلىتە ئىپادىلەش ۋاستىللىرىنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنغىنى-چوڭقۇرلۇق ئەمەس،بەلكىم تېيىزلىقتۇر.ئەڭ ساددا تىللارنىڭ تىگىگە يۇشۇرۇنغىنى ئاددىيلىق ئەمەس،بەلكىم بۈيۈكلۈكتۇر.
مەنبە يېڭى قاشتېشى ژورنىلى |
|