KarwanBiz يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تاماكا چېكىش قاتىللىقمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 09:50  

تاماكا چېكىش قاتىللىقمۇ؟
تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق. بۇنى بىز بىلىمىز! يەنە تاماكىنىڭ گېپىمۇ؟!
شۇنداق دېيىشكە تامامەن ھەقلىقسىز. ئەسلىدە مېنىڭمۇ ھەممە ئادەم بىلىدىغان گەپنى خۇددى ئاچ قورساققا تاماق يېسە تويىدۇ دېگەن گەپتەك تەكرارلاپ دەۋەرگۈم يوق. ئەمما مەن بۇ ماقالەمدە سىز ئانچە كۆپ ئويلىمىغان بىر مەسلىنى دىققىتىڭىزگە سالماقچى. ئۇ بولسىمۇ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ھەممە كىشىنى، ھەتتا تېخى تۇغۇلمىغان بوۋاقلارنى ئۆلۈمگە يېقىنلاشتۇرۇشى! ئالدى بىلەن بىز ئامېرىكىدىكى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىككى يېڭى قايىل قىلارلىق ۋە كىشىنى چۆچۈتىدىغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، تاماكا چېكىش ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۆمۈرنى 10 يىل قىسقارتىۋېتىدىكەن! تاماكا چەككۈچىلەر دىققەت قىلىڭلار: يېشىڭىز قانچە ياش بولسۇن تاماكا تاشلاشنىڭ غايەت زور پايدىسى بار.

بىرىنچى دوكلاتتا، ئاپتورلار 220 مىڭ نەپەر قورامىغا يەتكەن تاماكا چەككۈچىنى تەخمىنەن 7 يىل ئەگىشىپ تەتقىق قىلغان. ئۇلار بۇ تەتقىقاتتا ھازىر تاماكا چېكىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەزەلدىن تاماكا-چەكمىگەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ 3 ھەسسە چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 30 ياش، 40 ياش ۋە 50 ياشتا تاماكا تاشلىغانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا داۋاملىق تاماكا چەككۈچىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 يىل، 9 يىل ۋە 6 يىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن.

ئىككىنچى ئىلمىي دوكلاتتا، تەتقىقاتچىلار 2.2 مىليون نەپەر ئەر ۋە ئايالنى ئەۋرىشكە قىلىش ئارقىلىق 50 ياشلىق تاماكا چەككۈچىلەر دۇچ كېلىدىغان ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەن. بۇنىڭدا ئاپتورلار تەتقىق قىلغان بىر گۇرۇپپا بولسا تۇنجى ئەۋلاد ئەرلەرگە ئوخشاش ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدا رەسمىي تاماكا چېكىشنى باشلىغان ۋە ئوتتۇرا ياش، قېرىلىق مەزگىللىرىگىچە تاشلىمىغان ئاياللار گۇرۇپپىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆپكە راكى، ئاستا خاراكتېرلىك نەپەس يولى توسۇلۇش كېسەللىكى (COPD) ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ماس گۇرۇپپىدىكى ئەرلەر بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك ئوپمۇ-ئوخشاش چىققان. بۇ نەتىجە ئاياللار ئەرلەردەك تاماكا چەكسە ئەرلەردەك ئۆلىدۇ، دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەنە بىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە شۇكى، COPD نىڭ ئەر ۋە ئايال تاماكا چەككۈچىلەر ئارىسىدىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى تىك سىزىق بويىچە ئېشىپ بارماقتا.  COPD بولسا بىر تۈركۈم ئۈزلۈكسىز يامانلىشىدىغان ئۆپكە كېسەللىكلىرى بولۇپ، نەپەسلىنىشنى قىيىنلاشتۇرىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئۆپكە شاخچە ياللۇغى ۋە ئۆپكە ھاۋا ئىششىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەمدە بۇ كېسەلنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋپ ئامىلى دەل تاماكا چېكىشتۇر.

ھەر ئىككىلى ماقالە 40 ياشتىن بۇرۇن تاماكا تاشلىغاندا تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ قىسىم كېسەل كۆرۈلۈش خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ ھەرگىز ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاشلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس بولۇپ، ئىمكانقەدەر 30 ياشتىن بۇرۇن تاماكا تاشلىسىڭىز، ئۇ ھالدا پۈتۈن 10 يىللىق تاماكا تۈپەيلى قىسقىراپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ھاياتىڭىزنى قايتۇرۋالالايسىز، دېگەن گەپ.

ئامېرىكىدا قورامىغا يەتكەنلەر (18 ياشتىن يۇقىرىلار) ئىچىدە 45 مىليون كىشى تاماكا چېكىدىغان بولۇپ، بۇ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 19% تىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. تاماكا چېكىش ئامېرىكىدا يىلدا 443 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. گەرچە تاماكا چېكىش نىسبىتى ئۆتكەن 50 يىلدا كۆپ تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاز تەربىيە كۆرگەن ۋە كىرىمى تۆۋەن كىشىلەر توپلىرىدا تاماكا چېكىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى بولماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا چېكىشكە قارشى قانۇنلار ئازراق جايلاردا تاماكا چېكىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان. كىشىنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغىنى بولسا، تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك تەننى شۈركەندۈرىدىغان سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تاماكا چېكىش نىسبىتى تۆۋەنلەشتىن توختاپ قالدى.

مانا بۇ ئامېرىكىدىكى تاماكا چېكىشكە ئائىت ئەڭ يېڭى مەلۇماتلار. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكىغا بارسىڭىز سىز تۇنجى بولۇپ بايقايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى كۆپ قىسىم شەھەر كوچىلىرىدا تاماكا قالدۇقى ئۇچراتمايسىز ۋە تاماكا چىشلەپ ماڭغان كىشىلەرنىمۇ كۆپ كۆرمەيسىز، ھېچبولمىسا جۇڭگودىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاز ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بايقايسىز. مەن ئامېرىكىغا تۇنجى ئوقۇشقا كەلگىنىمدە ھەر بىر ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئىشىكىگە ئىس-تۈتەكسىز بىنا دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆردۈم ۋە قوشنا تەجرىبىخانىدىكى جۇڭگودىن كەلگەن بىر پىراففىسورنىڭ قاتتىق قار ياغقان مەزگىللەردىمۇ بىنا سىرتىدا تاماكا شوراپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ بەكمۇ ھەيران بولغان ئىدىم. ئۇقۇشۇمچە، ئامېرىكىدا پەقەت ئالىي مەكتەپلەردىلا ئەمەس بارلىق جامائەت ئورۇنلىرىدا تاماكا چېكىش چەكلىنىدىكەن. مەيلى بىنالارنىڭ ئىچى دەمسىز، ئاممىۋى قاتناش سورۇنى دەمسىز ياكى ئۆيلەردە بولامدۇ، ئىشقىلىپ ھەممىسىدە تاماكا چېكىش چەكلىنىدىكەن. ئەڭ كۆپ بولغاندا، بىر قىسىم بىنالاردا مەخسۇس تاماكا چېكىش رايونى ياكى ئۆيى ئاجرىتىلغان بولۇپ، تاماكا چەككۈچىلەر چوقۇم شۇ بەلگىلەنگەن جايدا تاماكا چېكىشى كېرەك ئىكەن. بولمىسا قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. تاماكا چېكىشنىڭ زىيانلىرىنى رادىئو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىدا توختىماي تەكىتلەپ تۇرىدىكەن. مەن ئوقۇغان مەكتەپتە تاماكا چېكىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن شەرقىي ئاسىيالىق، ئوتتۇرا شەرقلىق ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىپ تۇرۇشى ناھايىتى ئاز كۆزگە چېلىقىدىكەن. مەن ھازىر ئىشلەۋاتقاندەك مېدىتسىنا تەتقىقات ئورۇنلىرىدا بولسا تاماكا چېكىش پۈتۈن ئىنستىتۇت دائىرىسىدە مۇتلەق چەكلەنگەن ئىكەن. دېمەك، ئەگەر سىز تاماكا چەككۈچى بولسىڭىز ياكى بۇنداق جايلاردا ئىشلەشتىن ئۈمىدىڭىزنى ئۈزۈشىڭىز ياكى تاماكا تاشلىشىڭىز كېرەك بولىدىكەن. تاماكا تاشلاتقۇزىدىغان ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان ئورۇنلار بار بولۇپ، تاماكا تاشلىماقچى بولغانلارغا ھەقسىز ياردەم قىلىدىكەن. ئامېرىكىدا يۇقىرى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەنلەر ئىچىدە تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ نىسبىتى بەكلا تۆۋەن بولۇپ، تاماكا چېكىش ئىنتايىن ناچار ئادەت سۈپىتىدە ئېغىر ئېلىنىدىغان بىر ئىشكەن. بىراۋنىڭ تاماكا چېكىش-چەكمەسلىكى ھەتتا ئۇنىڭ لايىق تېپىشىدىن تارتىپ خىزمەت تېپىشىغىچە، ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرالىشىدىن تارتىپ باشقىلار بىلەن دوست بولۇشىغىچە بولغان ھاياتتىكى ھەر بىر مۇھىم ھالقىلارغا چېتىلىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكىدا تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ جۇڭگو، ياپونىيە، تۈركىيە ۋە باشقا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئاز بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەسكەن.

مۇھىتنىڭ گېنلارغا بولغان تەسىرىنى تەتقىقات قىلىدىغان ئېپىگېنىتىكا ۋە يېتىلىش بىئولوگىيىسى تەتقىقات ساھەسى تاماكا چېكىشكە نېمە دەيدۇ؟ تاماكا چەككۈچىلەر ئۆزلىرىنىلا ئەمەس ئانا قورسىقىدىكى ھامىلىدىن تارتىپ ياشانغانلارغىچە ھەممە كىشىنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچراتماقتا دەيدۇ! تاماكا چەككۈچىلەر ئويلاپ بېقىڭلار: سىلەرنى ئۆزۈڭلارنىغۇ ئويلىماڭلار، تۇغۇلمىغان بالىلىرىڭلارنى ئويلىمامسىلەر؟ ئادەتتە قاتىل دېگىنىمىز كىشىلەرنىڭ ئەجىلى توشۇشتىن بۇرۇن جېنىغا زامىن بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. تاماكا سىزنىڭ 10 يىللىق ئۆمرىڭىزنى قىسقارتىۋىتىدىكەن. بۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە داۋاملاشتۇرۇۋېرىش ئۆزىڭىزگە قىلىنغان قاتىللىققا ياكى ئاستا-ئاستا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا كېرەمدۇ قانداق؟ سانسىزلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئانا ياكى دادا تاماكا چەككۈچى بولسا، ئۇ ھالدا بۇنداق ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان بالىلاردا نەپەس يوللىرى كېسەللىكى، زىققا كېسىلى، نېرۋا كېسەللىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. تاماكا چەككۈچى بولمىسىمۇ تاماكا چەككۈچى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغان ياكى ئىككىلەمچى ئامىللار ئارقىلىق تاماكا ئىسى بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا تاماكىنىڭ ئېغىر زىيانلىرىغا ئۇچرايدىكەن. مەسىلەن، تاماكا چېكىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نېسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 23 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، تاماكا چەكمىسىمۇ تاماكا ئىسى بىلەن ئۇچراشقانلارنىڭ بۇ خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ نورمالدىن 30% ئېشىپ كېتىدىكەن. ماقۇل، سىزنىڭ ئۆز ھاياتىڭىز بىلەنغۇ كارىڭىز بولمىسۇن، ئۇنداقتا سىزنىڭ جۆرىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلىرىڭىز، ھەتتا تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى بالىڭىز، نارسىدىڭىز بار جايدا تاماكا چېكىپ ئۇلارغىمۇ زورلاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا راستىنلا مەيلىڭىز بارمۇ؟ مەنچە تاماكا چەككۈچىلەر ھەر قانچە شەخسىيەتچى بولسىمۇ بۇ قەدەر ناچار ئادەملەردىن ئەمەس. ئاخىرىدا تاماكا چەككۈچىلەرگە خىتاب بولسۇنكى، تاماكا تاشلاش تامامەن مۇمكىن ئىش. تاماكا تاشلاشنى بۈگۈندىن باشلاپ سىز سۆيگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن قول ئۈزۈڭ.


مەنبەلەر:
21st-century hazards of smoking and benefits of cessation in the United States. Jha P, Ramasundarahettige C, Landsman V, Rostron B, Thun M, Anderson RN, McAfee T, Peto R. N Engl J Med. 2013 Jan 24;368(4):341-50.

50-year trends in smoking-related mortality in the United States. Thun MJ, Carter BD, Feskanich D, Freedman ND, Prentice R, Lopez AD, Hartge P, Gapstur SM. N Engl J Med. 2013 Jan 24;368(4):351-64.

Adult Cigarette Smoking in the United States: Current Estimate

Smoking and Tobacco Use, CDC Factsheet

http://pediatrics.aappublications.org/content/113/Supplement_3/1007.short

http://www.who.int/mediacentre/factsheets/fs310/en/index2.html

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ PDF نۇسخسىنى بىلىمدان مەخسۇس سەھىپىسىدىن چۈشۈرۋالالايسىز (http://eser.okyan.com/Bilimdan/). بىلىمدان تور ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ماقالىلەرنى رۇخسەتسىز تارقاتسىڭىز بولىدۇ. تارقاتقاندا بىلىمدان تور ژۇرنىلىدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ ۋە ماقالە ئاپتورىنى چۈشۈرۈپ قويماڭ. رەھمەت.

SAYPULLAH يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

رەھمەت ناھايتى ئەھمىيەتلىك ماقالىكەن. قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ  بىزلەرنى مۇل مەزمۇن بىلەن تەمىنلىگىنىڭىز ئۈچۈن  ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن. سىز ۋە ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ ماقالىلىرىگە بەكلا قايىل مەن.  بىزنى داۋاملىق ياخشى تىمىلار بىلەن تەمىنلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مەن بىر ئىشنى پەقەت چۈشنەلمىدىم ، خەنزۇ مىللىتىدىكىلەر تاماكىنى كۆپ چەكسىمۇ خېلى ئۇزۇن ياشايدىكەن 90ياش، 80 ياش دېگەندەك . ماۋزېدوڭمۇ تاماكىنى بەك كۆپ چەككەن ، 83 ياشتا كىتىپ قالدى. ئەتراپىمىزدا تاماكا چەكمەيدىغان بەزى كىشلەر 50-60 ياش ئۆپچۆرىسىدە كىتىپ قالدى. بۇنداق دېيشىم تاماكا چېكىڭلار دېگىنىم ئەمەس ، چۈشەنمىدىم خالاس.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 10:57 static/image/common/back.gif
مەن بىر ئىشنى پەقەت چۈشنەلمىدىم ، خەنزۇ مىللىتىدىكىلە ...

نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدىكى تىپىك تەپەككۇر چولتىلىقى بۇ ئىنكاستا ئەكىس ئېتىپتۇ. سىز ئەتراپىڭىزدىكى، ئاڭلىغان-بىلگەن نەچچە ئايرىم ئەھۋاللارغا قاراپ بىر مەسىلىگە يەكۈن چىقارسىڭىز بۇنى ئىلمىيلىق دېمەيمىز، بەلكى يەككىلىكنى ئومۇملاشتۇرۇش خاتالىقى دەيمىز.  ئىلمىي تەتقىقاتلار ئادەتتە نۇرغۇنلىغان ئەۋرىشكىلەرنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاندىن ئومۇميۈزلۈك بىر خۇلاسىگە ئېرىشىدۇ. ئېرىشكەن خۇلاسە ھەممە ئادەمگە ماس كىلىشى ناتايىن، ئەمما پەقەت شۇنداق قىلىش ئارقىلىقلا ئىشەنچلىك مەلۇماتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. يۇقىرىدىكى ماقالىدە نەچچە يۈزمىڭ، ھەتتا مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى ئەۋرىشكە قىلىپ تەكشۈرۈپ، باشقا ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ سىتاتىستىكىلىق ئانالىز قىلغاندىن كېيىن تاپقان يەكۈنلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇڭا بۇ يەكۈنلەرنى ئىشەنچلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ، ھەم سىز كۆزەتكەن بىر نەچچە ئايرىم ئەھۋاللارغا ئاساسەن خاتا دېيىشكە ئەسلا بولمايدۇ.

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 13:36  

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 11:24 static/image/common/back.gif
نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدىكى تىپىك تەپەككۇر چولتىلىقى بۇ ئ ...

بىلگە جان شىنلاڭ تورى پەن تېخنىكا قانىلىدا چوشقا قېنىدىن ئاقسىل ئايرىپ ھىموگلوبىنغۇ دەيمەن تاماكىنىڭ بۇلۇتىغا قوشىدۇ دەيدىغان بىر ماقالىنى كۆرگەنتىم .ئىزدەپ باقسام ئىنگىلىزچە مەنبەلەردىمۇ شۇنداق گەپ باركەن .سىز مۇشۇ توغرىلىق بىر مالۇمات بىلەمسىز؟بولسا مۇتەخىسسلەردىن سوراپ باقسىڭىز ،ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە خالىغان تاماكىنىڭ بۇلۇتىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ لابۇراتورىيەلىك تەكشۈرۈش قىلىپ ئېلان قىلسىڭىزكەhttp://tech.sina.com.cn/d/2009-11-18/09333602700.shtmlن .

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تاماكا چېكىدىغانلار ئۆزى بىلەنلا كەتمەي، ئەتراپتىكىلەرنىمۇ زەھەرلەيدىغان گەپكەندە.

alshah يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بەزى كىشىلەردىن تاماكىغا ئوخشاش ئىس چىقىدىغان تاماكا تاشلىتىش ئۈسكىنىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئاڭلىدىم،  بۇنداق نەرسىنى ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟ ئۈنۈمى قانداقراقتۇ؟{:92:}

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مەن تاماكا چەكمەيدىكەنمەن.لىكىن دادامنى تاماكا تاشلاشقا پەقەت كۆندۈرۈپ بولالمايدىكەنمەن،دادامنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنى ئۈمۈت قىلىپ دادامغا شۇنچە نەسىھەت قىلساممۇ تاشلىيالمىدى،كىچىكىدىن تارتىپ چەككەشكە قان -قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئوخشايدۇ..قانداق قىلسام بولار؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

دوستۇم
ئېلىكتىرونلۇق تاماكىنىڭ ماتېرىيالى،پىرىنسىپى،تاماكا تاشلىتىش رولى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز

attir يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تاماكىنى ئۇزۇن ۋاقىت چەككەن كىشىگە تاماكا تاشلىغىن دىسە ئاتا ئاناڭنى تاشلىۋەتكىن دىگەندىنمۇ ئىغىر كىلدىكەن ،
بەلكىم قىنىغا سىڭىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن ،
دادممۇ تاماكا چىكەتتى نۇرغۇن تاماكا تاشلاش دورىسى تەۋسىيە قىلساممۇ قەتتى ئۇنمىدى ،
كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا تاماكا چىكىپ ئولتۇرۇپمۇ شامالدۇرغۇچىنى نەچچە قىتىم يىڭىلاپ بولدۇق ،ئۆپكە يامان نىمىكەن جۇمۇ بەك چىداملىق .
ئەمدى شۇ دورىنى تامىقىغا سىلۋەتسە بولىدىغان چىغى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تاماكا خۇمارى ئىككى خىل بولىدۇ.
بىرى نىكوتىن مىڭە تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ كىشىگە ئالاھىدە سېزىم پەيدا قىلىدۇ.خۇمار تۇتتى دىگەنلىك مىڭىدىكى نىكوتىن مىقتارىنىڭ تۈۋەنلىگەنلىكىدىن بولىدۇ.بۇنى تاماكا چىكىپ تۇلۇقلاپ بېرىدىغان ئىش.نىكوتىن يىتىشمىگەندە قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىقىنى دەپ يۈرمىدىم.تاماكا چىكىدىغانلار بىلىدۇ.تاماكا چەكمەيدىغانلار قىزىقمايدۇ.

يەنە بىر خىلى ئادەت خۇمارى
تاماكا چىكىش جەريانىدىكى قايتا قايتا تەكرارلىنىش ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئادەت.مەسلەن قولنى ئىخىتىيارسىز ئېغىزغا ئۇزىتىش،ئېغىزىدا بىرەر نەرسە چىشلەپ تۇرۇش،تاماكا چەككەندىن كىيىن ئېغىزدا قالىدىغان ئاچچىق تەم.........قاتارلىقلار.
تاماكا تاشلاش ئۈچۈن ئاۋال مۇشۇ ئىككى خۇمارنى يىڭىش كېرەك.
بىرىنچى خىلدىكى خۇمارغا دورا بار.نىكوتىننى تاماكا ئارقىلىق ئەمەس،دورا ئارقىلىق تۇلۇقلاش.بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئادەت خۇمارىنى تاشلاش ئۈچۈن سەل ياخشى شارائىت يارىتىلىپ بېرىلىدۇ.بىر ئىككى ئاي داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن،ئاستا ئاستا دورىنىڭ مىقتارىنى ئازايتىپ ئاخىرىدا ئۈزۈل كىسىل تاشلاش مەقسەت قىلىنىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تاشلىغانلارنى خېلى كۆردۈم.

ئىلىكتىرونلۇق تاماكىلارنىڭ تۈرى ھەر خىل.بەزىلىرىدە نىكوتىن بار بەزىلىرىدە يوق.بەزىلىرىنىڭ ھەر خىل تەملىكلىرى بار.بەزىلىرىنىڭ ئىچىگە پەقەت سۇلا قۇيۇلغان دىگەندەك.مىنىڭ ئەتراپىمدا ئەڭ ئۇمۇملاشقىنى سۇلىقى بولسا كېرەك.بۇ خىل ئىلىكتىرونلۇق تاماكا ئاۋال ئادەت خۇمارىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇپ نىكوتىنغا بولغان خۇمارنى تاشلاشنى مەقسەت قىلىدۇ.بەزىلەر كارقىلىدۇ،بەزىلەر كار قىلمايدۇ دەيدۇ.يەنە بەزىلەر سالامەتلىكككە زىيىنى باردىسە بەزىلەر يوق دەيدۇ.مەنمۇ بۇنى سىناپ باققان.ماڭا كار قىلمىدى.ئەكسىنچە بۇرۇنقىدىنمۇ ئېغىر تاماكا چەكمىسەم خۇمارىم بېسىلمايدىغان بولۇپ قالدى:lol

ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز.تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق ئۇنىمۇ بىلىمىز.تاشلاش ئاسان دەيمىز،خۇددى كىمۇ بىرسى ئېيىتقاندەك ئاسانلىقىدىن كۈندە 3--40 قېتىم تاشلايمىز.تاشلاش تەس دەيمىز،كىچىلىرى قېقىلىپ قېقىلىپ يۈتۈلۈپ تۇرۇپ يەنە چىكىمىز.........ھەر كىمنىڭ ئۈزىگە باغلىق بولسا كېرەك.ئىشقىلىپ مەن تاشلايمەن دەپلا تاشلاپ بولالمىدىم.شۇڭا دورا يەپ تاشلىماقچى بولىۋاتىمەن.تاشلاشنى باشلىغاندا ئىزدىنىشقا تېما ئېچىشىم،كۈندىلىك ئالامەتلىرىمنى خاتىرلەپ قويىشىم مومكىن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziyali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 19:18  

ئەمما بىر يېرى،جۇڭگونىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا تاماكا چىكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرىنى سۆزلەش خۇددى راك بولغان ئادەمگە زۇكام بولۇپ قاپسىز دىگەنگە ئوخشاش ئىشمىكىن دەيمەن.
تاماكا چەككەنلەر بىلەن چەكمەيدىغانلارنىڭ كىسەل بولىدىغان ياكى ئۈلىدىغان ياش پەرقى بەك پەرقلىق بولۇپ كەتمەمدىكىن............

شۇنداقتىمۇ مەن يەنە تاماكا تاشلاش تەرەپدارى.
بۇ ئىنكاس ۋە ئۈستىدىكى ئىنكاس تاماكىنى ئېغىزدا قىڭغىر چىشلەپ تۇرۇپ، تاماكا ئىسىدىن ياشقا تولغان كۆزنى چىمىقلاتقاش يېزىلدى:funk:

86 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تاماكا چېكىدىغان تورداشلاردىن مۇشۇ  ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن تاماكا چېكىشتىن قول ۈزگەنلەر بارمۇ؟ دەپ سۇال كەلدى.

qahqakqi يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،مەنمۇ ئىلگىرى ئون بەش يىل تاماكا چەككەن،كىيىن يۈكسەك ئىرادە بىلەن تاشلىغىلىمۇ يەتتە-سەككىز يىل بولدى،ئەھەمدۇلىللا.......بۇنىڭدا ئاۋال تاماكا چەككۈچى يۈكسەك ئىرادىگە كىلىشى،ئاللاھتىن دۇئا ئارقىلىق تىلەپ تۇرىشى،تاماكىغا زورلايدىغان بىرنەچچە دوستنى يىغلاپ تۇرۇپ يولىغا سېپ قۇيۇشى،ۋە يېقىن كىشىىلىرىگە ۋەدە بېرىش ئارقىلىق تاماكا چېكىشكە تۇسالغۇ پەيدا قىلىشى...........قاتارلىق بىرنەچچە ئۇسۇل بىلەن ماڭسا ئاللا خالىسا چۇقۇم تاشلىيالايدۇ.....ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەستەك قىلىدۇ،پەقەت يۈكسەك ئىرادە بولمىسا بىر مەزگىلدىن كىيىن يەنە تېپىۋېلىشتەك ئىشلارمۇ بوپ قالىدۇ....ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بوپ قالسا يەنە تاماكىغا بېرىلمەي مەلۇم بىر ئۇسۇل ئارقىلىق شۇ چاغدىكى كەيپىياتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق قايتا تېپىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ،مىنىڭچە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل تاماكا تاشلاپ مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن يەنە قاتتىق خۇمار تۇتۇپ كەتسە دەرھال يۇيۇنىش(بولسا ئۇزۇنراق يۇيۇنىش ئارقىلىق كەيپىياتنى تەڭشىۋېلىش)ئاندىن نەپلە ناماز ئۇقۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن شۇ چاغدىكى كەيپىياتنى تەڭشەپ بۇ قېتىمقى خۇماردىن ئۆتۈپ كېتىش..................ئەممە داداشلارنى بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن تاماكا تاشلاتقۇزۇش بىزە تەس،يەنىلا ئاللاھتىن ئۇلارغا ھىدايەت تىلەش لازىم،ئاندىن قايتا-قايتا چۈشەندۈرۈش،ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلىش،چوڭلارنى ئوتتۇرغا سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تاشلاتقۇزۇش مۈمكىن،يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىددىيسىنى ئۆزگەرتىش ئەڭ مۇھىم،بۇ پەقەت شەخسى تەجرىبە بولغاچقا مۇنبەرداشلارنىڭ پايدىلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ،لىكىن ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ،يەنىلا ئاللاھ ھەممە تاماكا چەككۈچىلەرگە ئىمان-ئېتىقات ئاتا قىلغاي،ئامىن!!!!!!!!!!

419 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ohximas يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

dawrim يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

alshah يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 13:52 static/image/common/back.gif
بەزى كىشىلەردىن تاماكىغا ئوخشاش ئىس چىقىدىغان تاماكا  ...

ئىشەنمەڭ  بۇنداق نەرسىگە ،  ئەركىشى بولغاندىكىن تاشلايمەن دەپلا تاشلاڭ ،   تاماكا  تاشلىغاندا  ئازراق ئىچىڭىز سىقىلىدۇ   بۇ چاغدا قايناق سۇ ئىچىڭ    20قېتىم يەر بېغىرلاڭ

dawrim يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

تاماكا تاشلاش بەك تەس بىلىنىپ كىتىپتۇغۇ باللا  ،ئۇنچىۋالامۇ ئەمەس  .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

kayinat0 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 10:57 static/image/common/back.gif
مەن بىر ئىشنى پەقەت چۈشنەلمىدىم ، خەنزۇ مىللىتىدىكىلە ...

        مەن چۈشەندۈرۈپ قۇياي ، بىلگەجان دىمەكچى بولغىنى ، مۇشۇ تەتقىقاتلار بۇيىچە بولغاندا ئاشۇ تاماكا چىكىپ 80 نەچچە يىل ئۆمۈر كۆرگەنلەر ئەگەر چەكمىگەن بولسا بەلكىم 90 نەچچە يىل ئۆمۈر كۈرەر بولغىيتتى ، ئاۋۇ تاماكا چەكمەي 50 نەچچە يېشىدا كىسەل بىلەن ئۈلۈپ كەتكەنلەر تاماكا چىكىشنى ئادەت قىلغان بولسا مۇشۇ سەۋەپلىك 40 نەچچە يېشىدىلا ئۈلۈپ كەتكەن بۇلاتتى ، دەپ چۈشەندىم ...

    بۇنداق چۈشىنىشنىمۇ مۇتلەق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ .....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 19:15 static/image/common/back.gif
ئەمما بىر يېرى،جۇڭگونىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىدىن قار ...

ما زىيالىي ، دىگەن گەپلىرى خىيالى
بەت: [1] 2 3
: تاماكا چېكىش قاتىللىقمۇ؟