UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 13:02:05

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 09:08 static/image/common/back.gif
تاماكىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان ئادەم تاما چەكمىسە كاللىس ...

ماۋۇ بىر تەرەپلىمە ئىنكاس بوپتۇ ، تېرىسنىڭ رەڭگى قارىراق كەلگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى قارا تەنلىك ئەمەسقۇ ؟( نېگىر دەپ يېزىلىپ بولغانتى، بىلگە جاننىڭ گىپى يادىمغا كەپ{:147:} )

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 13:57:06

ئون يىگىرمە يىل كاناينى شەيتانغا تاشلاپ بەرسەك شەيتان بىزنى شۇنداق ئاسان قويۇپ بىرەما؟ئىتىقاتىڭىز قەتئىي بولماي تۇرۇپ ئاللاھ  سىزنى سىنىماي تاشلاتقۇزاما؟نىمىگە كۈچىسەڭ شۇنىڭدىن مول ھوسول ئالىسەن !ئاللاھ ئادىل ..بۇ بىر قانونىيەت ..قىسمەنلىكنى ھېساپقا ئالمىغاندا تاماكىنى ئىتىقاتنى توغۇرلىسا ئەڭ ئاسان تاشلىغىلى بولىدۇ .
بۈگۈن نامازنى باشلاپ تاماكىنى ئاشۇ كۈنى تاشلىغىنىچە قايتا ئاغىزغا ئالمىغان ئاغىنەمدىن بىر ئىككىسى بار يېنىمدا ..

86 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 14:47:38

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 20:55 static/image/common/back.gif
شۇ تورداشلارغا دەپ قويسىڭىز: ئۇلارنىڭ بۇ سوئالنى سورى ...

پىكرىڭىزنى قوللايمەن.
سىز دىگەندەك، تاماكا چەككۈچىلەر شۇ نەرسىنى چېكىشنىڭ  شەرەپلىك ئىش بولماستىن چوڭ ئەيىپلىك ئىش قىلىۋاتقانلىقنى ھىس قىلالىسا بۇلاتتى.  يازمىڭىزنىڭ شۇ جەھەتتىن پايدىسى بولىشى مۇمكىن.  تاماكا چېكىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ ئىشىنى ئەيىپلىك ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ  بىلمەي، ئۆزلىرىگە زىيان سېلىۋاتقاندىن سىرت، يېنىدىكى كىشىلەرنىڭ سۈمۈرىدىغان ھاۋاسنى بۇلغېۋېتىشنى ئەخلاقسىزلىق قىلىۋاتىمەن دەپمۇ بىلمەيدىكەن.

يەنە تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھاراقنىڭ زىينى تۇغۇرلۇق شۇنچە كۆپ سۆزلەندى. ئۇنىڭ زىيىنىنى مەن سۆزلىسەممۇ ھاراق ئىچكەنلەرنى خېلى چوڭ ئەيىپلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمەن.  ھەممە كىشىلەر دىگۇندەك ئۇنىڭ زىيىنى بارلىقىنى بىلىدۇ، ئېتىراپمۇ قىلىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلاردا ھاراق ئىچىش ئازلىدىمۇ يوق؟
تاماكىنىمۇ شۇ. تاماكا قېپىدا يېزىقلىق تۇرىدىكەن، تاماكا چېكىش زىيانلىق دەپ. لېكىن ئۇنى ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا چېكىپ كېلىۋاتىدۇ.
شۇڭا، مەن ئويلايمەن، زىيانلىق نەرسىنى تەرىك ئېتىشتە، ئۇنىڭ زىيىنىنى ئاڭلاپلا قېلىش دەرىجىسىدە تۇختاپ قالسا  ئۈنۈمى بەك ئاجىز بولىدىكەن.  زىياننى چەكلەشتە، سىياسەت بەلگىلىمە تۈزۈپ چەكلىگەننىڭ ئۈنۈمى چوڭ بولىشى مۇمكىن. يەنە ئېتىقادنى كۈچەيتىش ئارقىلىق زىيانلىق نەرسىنى تەرىك ئېتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش مۇمكىن.
خېلى يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ بۇ يەردە ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشنى مەنىي قىلىش يوقتى. بەڭگىلەر ئاپتۇۋۇزدا، يىغىن زاللىرىدا، شۇنىڭدەك ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىۋېرەتتى. يېقىنقى يىللاردا، ئامىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش چەكلەنگەندىن بۇيان، تۈزۈمگە ئايلانغاندىن بۇيان، تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ئازلىدى. ئاپتۇۋۇزغا چىقساقمۇ بەڭگىلەرنىڭ سېسىق تاماكا ئىسىنى پۇرىماي ماڭالايدىغان بولدۇق. يىغىن زالىدىمۇ بەڭگىلەرنىڭ زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىپ ئولتۇرىدىغان بولدۇق. تاماكا چېكىدىغانلارمۇ  ئاز-تۇلا ئۆزلىرىنى بىلىدىغان بولدى.
زىينىنى سۆزلەشكە ئۇلاپ يەنە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر  تۈزۈملەرنى چىقىرىپ چەكلىگەن بولسا تولىمۇ ياخشى ئۈنۈمى بۇلاتتى(بۇ ئارزۇ).

86 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 15:20:10

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 21:03 static/image/common/back.gif
راك كېسىلىگە ئامال بولمىغاندىكىن زۇكامنىڭ بولسىمۇ ئا ...

«تاماكا چېكىش ئۆزىىنىڭ ئەركىنلىكى»
-----
مۇشۇ بىر جۈملە گەپ تۇغىرىسىدا كۆز قارىىشمنى دەپ باقاي.
ئەتراپىمىدىكى كىشىلەردە شۇنداق بىر قاراش باركەن. كىشى باشقىلارغا زىيان سالمىسىلا ، ئۆزىگە زىيان سېلىش ئەركىنلىكى  دەيدىغان.
مەن شەرىئەت نۇقتىسىدىن دىسەم، شەرىئەتتە، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان سېلىشمۇ ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ.
جەمىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتساق، ئادەم بۇ دۇنيادا يەككە -يىگنە ياشايدىغان ئادەم ئەمەس، ئۇ چوقۇم باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا ياشايدۇ.  ھەركىمنىڭ ئۆزىگە سالغان زىيىنىمۇ ماھىيەتتە مۇشۇ جەمىيەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسىگە سالغان زىيىنى بولىدۇ.  
شۇڭا، ئىمكان بولسىلا، كىشىنىڭ ئۆزىگە سالىدىغان زىيىنىنىمۇ چەكلەش لازىم.  ئۆزىگە زىيان سالىدىغان قىلمىشىنىمۇ ئوخشاشلا ئەيىپلەش لازىم(ئۆزىگە زىيان سېلىش ئەيىپلىك دەپ ئېڭىغا سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە ، بەزىلىرىنى  نەسىھەت  بىلەن يەنە كۈچ بىلەن چەكلەش تۇغرا!) .
تاماكا چېكىش قىلمىشى  تاماكا چەككۈچىگە زىيانلىق بولغان ئىكەن، ئۇنى خۇددى قايسى تاماقنى يىسە ئەركىنلىكى دىگەنگە ئوخشاش ھېچ ئەيىپلەش يوق ھالەتتە «تاماكا چېكىش ئەركىنلىكى » دەپ ئەيىپلىمەسلىكتە نۇقسان بار.
شەرىئەتتە، كىشىلەر ئۆزىگە زىيانلىق قىلسىمۇ، جازالاشنى يولغا قويغانلىقىنى جەمىيەت نۇقتىسىدىن قارىسىمۇ بەكلا ئىلمىي دەپ تونۇيمەن. مەسىلەن، ھاراق ئىچكەن كىشىنى قامچىلاش جازاسى بىلەن جازا بېرىشى. جازالاشنىڭ مەقسىتى جازالاش ئەمەس، بەلكى زىياننىڭ ئادىدنى ئېلىش ۋە ئومۇمى جەمىيەتكە كېلىدىغان زىينىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت.

مەن دەيمەن، ھېچكىمنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيانلىق ئىش قىلىش ئەركىنلىكى يوق! (ئەركىلىكى دىگەن سۆز ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان يوق ئىشلارغا قارىتا ئېيلىشى لازىم)
زىيانلىق ئىشنى باشقىلار چەكلىمەي قۇيۇپ بەرسىلا، نىمە ئىش قىلسام ئەركىنلىكىم دىيىش خاتا!
ئۆزىگە ئەڭ چوڭ زىيان سېلىش بولسا، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش. بۇنىڭ جازاسى- دوزاق!  
جەمىيەت نۇقتىسىدىن قارىساق، ھېچكىم باشقىلار بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق يەككە يىگانە ياشىمايدۇ، ھېچ بولمىسا ئۇرۇق -تۇققانلار بىلەن ياشايدۇ. شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئەڭ چوڭ زىيان سېلىشىنىمۇ ئەڭ قاتتىق ئەيىپلەش تۇغرا!

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 15:29:58

تاماكا تاشلىغاندا ئەڭ ياخشىسى بەدەن چىنىقتۇرۇشنى تەڭ باشلىسا بولىدىكەن . مەنمۇ ئۆتكەن يىلى بىر ئاي تاشلاپ ئون كىلو سەمرىپ كەتتىم. بۇ بىرئاي جەريانىدا ئۇيقۇ ياخشىلىنىپ ئىشتەي ئىچىلىپ كەتكەنتى  ، يىشىمغا ماسلاشمىغان ھالدا قورساقمۇ سالدىم . داۋاملىق بۇنداق سەمرىپ كىتىشتىن قورقۇپ يەنە چەكتىم ، سەمرىشتىن توختۇدۇم ، لىكىن تاماكىدىن ئۆزۈمنى توختىتالمىدىم ، بۇرۇنقىدىن يامانراق چىكىدىغان بولۇپ كەتتىم .  ئەمدى يەنە تاشلاشنى پىلان قىلىۋاتىمەن ، بۇقىتىم  سەھەردە ئىشقا بارغاچ يىرىم سائەت  (5كىلومىتىر )يۈگۈرەشنى باشلىۋالدىم ،  ئوشاق مۇقامىنى قويۇپ قۇلاققا نائۇشنىك سەپ قويسام يول بىردەمدە تۈگەيدىكەن . يولدا يۈگۈرەپ يۈرسەم بەزىلەر ئىچ ئاغرىتقاندەك ، مەنسىتمەيۋاتقاندەك قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتىدۇ ، خۇددى ماشىنىغا ئولتۇرۇشقا پۇل يوق يۈگۈرەۋاتقاندەك .
تاماكىنى بىر قىتىم مۇۋاپىقىيەتلىك تاشلىيالمىغانلار ھەرگىز مەيۈسلەنمەڭلار ، قايتا قايتا تاشلىساڭلار بولىۋىرىدۇ ، چىكىشنىمۇ بىركۈندىلا ئۈگەنمىگەن ئەينى چاغدا .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 20:57:32

86 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 15:20 static/image/common/back.gif
«تاماكا چېكىش ئۆزىىنىڭ ئەركىنلىكى»
-----
مۇشۇ بىر جۈمل ...

مەن بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، تاماكا چەكسە بولىۋىرىدۇ دېمەكچى ئەمەس، بەلكى ھېچبولمىغاندا باشقىلارغا زىيان سالمىسۇن دېگەننى ئىپادىلىمەكچى ئىدىم. تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپسىز. رەھمەت.

ghazi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 21:45:03

تاماكا تاشلاشنى نىيەت قىلسىمۇ، ئىددىيەڭدە مەسىلە بار ئىكەن دىيىلىشتىن ئەنسىرەپ، تاماكا تاشلىمايۋاتقانلار مىنىڭ ئەتراپىمدا خېلى بار.

TOQQUZ9TOQQUZ يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TOQQUZ9TOQQUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 17:27  

ساغلام تەندە ساپ ئەقىل بولىدۇ ،  سالامەتلىك دېگەننى باشقىلار ۋاكالىتەن ئاسراپ بېرەلمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچى دېگەن ئەمەلىيىتى ئارقىلىقلا ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ، دېگەن ئويلىرىمغا ئەمەل قىلىپ كەلدىم . شۇڭا نورۇزنىڭ 5 - كۈنىدىن باشلاپ كۈندە ئىككى مەھەللىگە قانۇن لىكسىيەسى سۆزلىگىلى بارغان . بۈگۈنگىچە  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، تاماكا ، ھاراقنىڭ ھامىلىگە ، ئۆزىگە ۋە ئەتراپىدىكىلەرگە بولغان زىيىنى ، ئاخشىمى چالا ئۇخلاش ، قۇۋۋەتلىك تائاملارنى يەپ تويۇپ ئۇخلاش ، ئەتىگىنى ۋاقتىدا ناشتا قىلماسلىق  بالىلارنىڭ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يىيىشى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ، ھەرىكەتنى ئاز قىلىش ، كىتاب ئوقۇماسلىق ، ئاياللار ھامىلدار ۋاقتىدىكى ئۇزۇقلىنىش ۋە كەيپىياتنى تەڭشەشكەدىققەت قىلماسلىقنىڭ بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ئەقىل ، تەن ۋە ئەخلاق ساپاسىغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرلىرى، ئەيدېز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى  تەدبىرلەر قاتارلىق مۇشۇ دېھقان ئاتا - ئانىلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش زۆرۈر دەپ قارىغان ساۋاد خارەكتىرلىك مەزمۇنلارنى « مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى » نىڭ ئاخىرىغا قېتىپ ، يېتەرلىك شەرھىيلەپ ،ئەتراپتىن تېپىلىدىغان مىساللار بىلەن بايان قىلىۋالدىم .
ھەر بىر مەھەللىدىن ئاز بولغاندا 400 ، كۆپ بولغان 1000 دىن كۆپ قېرىنداشلار ئاڭلىدى . نەق بىر يېرىم سائەت سۆزلەپتىمەن . ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ، ئاڭلىغۇچىلار 6000 دىن ئاشتى . 2015 - يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئارزۇيومدىكى ئىشنى قىلىۋالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم .
ھازىر كوچىغا چىقسام بەزى ناتونۇشلار سالام قىلىپ كېتىدۇ ، قىلغان ئەجرىمدىن تېخىمۇ سۆيۈنۈپ كېتىمەن . نۇرغۇن كىشى تېلېفون نومۇرۇمنى سورىۋالدى . بۇنىڭدا بىلگەجان ، بىلىمخۇمار ئاكىنىڭ يازمىلىرىدىن كۆپ پايدىلاندىم ، ئىككىيلەنگە تەشەككۈر ئېيتىمەن ھەم ساقلىق تىلەيمەن .

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مەنمۇ ھازىر تاشلىغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى ،ئىككى يىلدا 22كىلو سەمىرىپتىمەن.بولسا  يەنە ئون كىلو سەمىرۋالسام:lol.

TOQQUZ9TOQQUZ يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TOQQUZ9TOQQUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 17:39  

ئىلگىرىمۇ ئاتا - ئانىلار يىغىنىدا تەكىتلەپ قالاتتۇق . لېكىن بۇ قېتىمدىكىدەك كەڭ دائىرىلىك ۋە چۇڭقۇر دېگىلى بولمايتى . بۇ قېتىم پۇرسەت دېگەن بەك ياخشى كەلدى .
لېكىن مەن بىلەن بىللە مېڭىۋاتقان بىر دېھقان ۋەكىل : باشقا گەپ ياخشى بولدى ، ئەمما ئا تاماكا چەكمەسلىك ، ھاراق ئىچمەسلىك دېگەن گەپنى دېمەيدىغان ئىشتى ، دەيدۇ . نېمىشقا ، دېسەم . ھازىر بۇنى چەكلەش ئەمەس ، ئەۋج ئالدۇرالمايۋاتسا . دەيدۇ . مۇقىملىقنى قوغداشتا مەسىلە ھاراق ، تاماكىدا ئەمەس ، مەن ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ قويدۇم .  بالىلىرىمىز ، قېرىنداشلىرىمىز ئەقىللىقراق ، ساغلامراق ، ئەخلاقلىقراق بولسا ، شۇ مۇقىملىق دېگەنمۇ ئوبدانراق بولىدۇ ، توغرىمۇ ، دېسەم . دېگەنلىرىغۇ راست ، دەپ باشقا گەپ قىلمىدى .

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

TOQQUZ9TOQQUZ يوللىغان ۋاقتى  2015-03-13 17:36:56 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TOQQUZ9TOQQUZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-
دېھقان ۋەكىل راست دەپتۇ، قالپاقتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

borhan730 يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

مىنىڭ 5 يىللىق تاماكا چىكىش تارىخىم بار ئىدى، بىراق ھازىر تاماكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاشلىغىلى ئۈچ ئايدىن ئېشىپتۇ. تاماكا تاشلاش نىيتى بارلارغا. ئاددىي تەۋسىيەرىم 18.8 يۇەنگە چىدىساڭلارلا دەپ بېرىمەن ،:lol

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

TOQQUZ9TOQQUZ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-13 17:22 static/image/common/back.gif
ساغلام تەندە ساپ ئەقىل بولىدۇ ،  سالامەتلىك دېگەننى با ...

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك لىكسىيە سۆزلەپسىز، ئاڭلاپ سۆيۈندۈم.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

مەن  تاماكا تاشلىغىلى 4  يىلدىن  ئاشتى

مىنىڭ  تاماكا تاشلىيالىشىمدىكى  بىر بىر   سەۋەپ   دەل   رەھمەتلىك  ئاپام  ،،:'(
ئاپام  رەھمەتلىك  تاماكا تاشلىشىمنى بەكلا  ئۇمىت قىلاتتى  ئەپسۇس  تاماكا تاشلىغىنىمنى كۇرەلمىدى :(
ئاپام قازا  قىلىپ  كىتىپ 0 6  كۇن  بۇلغان  بىر  كۇنى  تاماكا  چىكىپ  ئۇلتۇرۇپ  ئۇزۇمچە  ئۇيلاپ  قالدىم
ئاپام قازا  قىلغىلى  60 كۇن بۇپتۇ  ئەجەپ  چىداپتىمەن..  تاماكىنى  تاشلىۋىتەي !  ئاپامنىڭ  رۇھى  خۇش بۇپ  قالار   دىگەننى  ئۇيلاپ   تاشلىۋەتكەنتىم:(
بەت: 1 2 [3]
: تاماكا چېكىش قاتىللىقمۇ؟