bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:55:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 07:25  

86 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 19:45 static/image/common/back.gif
تاماكا چېكىدىغان تورداشلاردىن مۇشۇ  ماقالىنى كۆرگەندى ...

شۇ تورداشلارغا دەپ قويسىڭىز: ئۇلارنىڭ بۇ سوئالنى سورىشىغا تېخى بەك بالدۇر، بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغىلى 12 سائەت بولماي تۇرۇپ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. مەيلى بۇ ماقالە ئارقىلىق تاماكا تاشلىسۇن-تاشلىمىسۇن، تاماكا چەككۈچىلەر ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرۇپ چەكسۇن. ئۆيىدە بالىلىرى ئالدىدا، ھامىلدار ئايالى ئالدىدا تاماكا چەككۈچىلەر ئىنتايىن نومۇسسىز ۋە ئەخلاقسىز كىشلەردۇر.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:58:19

419 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 20:04 static/image/common/back.gif
تاماكىنىڭ زىيىنى ئۇنداق مۇنداق دەپ مىڭ يىل سۆزلىسەكمۇ  ...

كىشىنى قايىل قىلالمىساقمۇ سۆزلەيمىز. ئۇلارنى ئەيىپلەيمىز ۋە قامچىلايمىز. ئەڭ بولمىغاندا ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلار بار يەردە تاماكا چېكىشتىن نومۇس قىلىدىغان قىلالايمىز، پەقەت يېتەرلىك تىرىشساقلا.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:03:25

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 19:15 static/image/common/back.gif
ئەمما بىر يېرى،جۇڭگونىڭ مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالىدىن قار ...

راك كېسىلىگە ئامال بولمىغاندىكىن زۇكامنىڭ بولسىمۇ ئالدىنى ئالسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ تاماكا چېكىش ئۆزىىنىڭ ئەركىنلىكى، ئەمما باشقىلارغا زورلاپ چەكتۈرۈش ئۇنداق ئەمەس. ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلار ئالدىدا تاماكا چېكىشنى ھايۋانى قىلمىش دەپ قارايمەن. سىزغۇ ئۇنداق قىلمايسىز ھەقىچان :lol

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:12:59

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 13:31 static/image/common/back.gif
بىلگە جان شىنلاڭ تورى پەن تېخنىكا قانىلىدا چوشقا قېنى ...

دەرۋەقە بەزى تاماكىلارغا چوشقا قېنىدىن ئېلىنغان ھىموگلوبىن قوشۇلىدىكەن. 2010-يىلى ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى ئىلمىي ماقالىدە بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار بار ئىكەن: http://tobaccocontrol.bmj.com/content/20/2/169.short
ئەمما بۇنىڭ تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى ئازايتىدىغانلىقى دېيىلمەپتۇ.

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:31:54

شاڭيەن ، موخوركا دىگەنلەرنىڭ ئادەم تاشلىيالمىغىدەك خۇمار قىلدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن ، چۇكى مەنمۇ بەش يىل چەككەن . بىرلا ئىرادىگە كىلىپ تاشلايمەن دەپلا تاشلىغان ، ھىچقانداق بىر خۇمار بۇلۇپ قالغانلىق ئالامىتى كۇرۇلمىدى شۇ سەل سەپرا مىجەز بۇلۇپ قالغاندىن باشقا !
ئەمما نەشە سەل چاتاق نەرسە ئوخشايدۇ ، بايقىشىمچە نەشە چىكىدىغان ياشانغانلار خېلى كوپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن ، ئۇلاردا تاشلاش نىيتى بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ خاپلغى ياكى باشقا مەلۇم سەۋەپلەر تۇپەيلى تاشلاپ بۇلالمايدىكەن ، ياشلارنىڭ نەشە چىكىدىغانلىرنىڭ ئاخىرسى ئاساسەن ئاق تاماكىغا بېرىپ تۇتشدىكەن !
مىنىڭچە نىشىنىمۇ تاشلايمەن دىسە تاشلىغىلى بۇلدىغان ئوخشايدۇ ، مەن بىر نەچەيلەننى تۇنۇيمەن ئۇلار نەچچە ئون يىل نەشە چىكىپ باللىرى چوڭ بولغاندا تاشلىغان ! لىكىن ئۇلارنىڭ قايسى ئۇسۇل بىلەن تاشلىغىنىنى بىلمەيدىكەنمەن !
بىلگەجان ئەگەر ئىمكانىيتىڭىز بولسا مۇشۇ نىشە توغۇرلۇق ۋە ئۇنى تاشلاشنىڭ ئۇنۇملۇك دورىللىرى توغۇرلۇق بىر ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز چوقۇم كوپ دۇئالارغا ئىرىشكەن بۇلاتتىڭىز !

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:34:27

تاماكا تاشلاشتا بەلكىم پىسخىكىلىق مەسلىھەت ئېلىشمۇ بەك مۇھىممىكىن دەيمەن ،

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:50:09

BUHARA يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 21:34 static/image/common/back.gif
تاماكا تاشلاشتا بەلكىم پىسخىكىلىق مەسلىھەت ئېلىشمۇ بە ...

ما ئىنكاسىڭىز نەشىكەشنىڭ خىيالىدەك گەپ بوپتۇ ، تاماكا دىگەننى بىزە ئىرادە باغلىسىلا تاشلىغىنلى بولدىغان نەرسە، نەشىنىمۇ شۇ تاشلايمەن دەپلا ئىرادە قىلسا تاشلىغىلى بولدۇ . پىخسىك مەسلەھەتچىسى كەتمەيدۇ.

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 22:03:06

horazjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 21:50 static/image/common/back.gif
ما ئىنكاسىڭىز نەشىكەشنىڭ خىيالىدەك گەپ بوپتۇ ، تاماك ...

نەچچە ياشىا كىردىڭىز ؟

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 22:04:32

«بۇ كىتاب سىزنى تاماكا تاشلاتقۇزالايدۇ» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ باقتىم،  بۇرۇن قولىدىن بىردەممۇ تاماكا چۈشمەيدىغان، كىيىن غەلىبىلىك تاشلىغان بىر چەتئەللىك يازغان كىتابكەن. خېلى ئۆزگىچە يېزىلغان كىتابكەن، تاماكا چېكىدىغانلار بىر ئوقۇپ بېقىشىڭلارغا ئەرزىيدىكەن.
بىلگەجاننىڭ ئېيتقىنى توغرا، «تاماكا زىيانلىق...تاماكا چېكىش ناچار ئادەت...تاماكا ھارام...» دېگەندەك نەسىھەتلەر بەلكىم بىرەر كىشىنىمۇ تاماكا تاشلاتقۇزالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالغىلى بولمايدۇ. ھېچ بولمىسا شۇلار باشقىلار ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن ئەيمىنىدىغان ھالغا كەلسە، شۇنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ غەلىبە.   

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 22:24:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 22:36  

BUHARA يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 22:03 static/image/common/back.gif
نەچچە ياشىا كىردىڭىز ؟

قاراڭ ،مىنىڭ يەنە دەيدىغان گېپىم شۇ ،نېشىنى چەكمەيمەن دەپلا  تاشلىۋەتكىلى بولدىغان نەرسە ، 30 يىللىق بەڭگى بولسا بۇنىڭ سىرتىدا بۇنچىلىك ئىشلاغا دورا يەيمىز ،پىخسىك مەسلەھەتچى تەكلىپ قىلمىز دىگىتۇرساڭلا چوڭراق ئىشلا يۇز بېرىپ قالسا ئىشىڭلا چاتاقكەن .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 07:22:22

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 20:58 static/image/common/back.gif
كىشىنى قايىل قىلالمىساقمۇ سۆزلەيمىز. ئۇلارنى ئەيىپلە ...

يىڭى تاماكىغا ئۆگەنگەن،تاماكا چىكىشنى ئاقسالىقنىڭ بەلگىسى قىلىۋالغانلاردىن باشقىلاردا قايىل بولمايدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەسمىكىن دەيمەن.تاماكىنىڭ زىيىنى توغرىسىدا سۆزلىنىدىغان ۋىدىئودىكى قاپقارا، قان زىدە بولۇپ كەتكەن ئۆپكىنى كۆرگەن ھەر قانداق تاماكا چەككۈچىنىڭ تېنى شۈركىنىدۇ.40 يىل تاماكا چەككەن قوشنىسىنىڭ كىچىچە ئۇخلىماي يۈتۈلۈپ چىققىنىنى ئاڭلىغىنىدا مەنمۇ تاماكا تاشلىمىسام شۇنداق بولىمەن دەپ ئويلىمايدىغان بىرمۇ بەنگى يوق بولسا كېرەك.
تاماكىنى تاشلاش كېرەك.كونا بەنگىلەر تاشلىمىغان تەقدىردىمۇ يىڭى تاماكىغا ئۆگەنگۈچىلەر سانىنىڭ ئازىيىشىغا تۈرتكە بولالىسا بۇ خىلدىكى ماقالىلەر يەنىلا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىۋېرىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 07:51:20

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 07:22 static/image/common/back.gif
يىڭى تاماكىغا ئۆگەنگەن،تاماكا چىكىشنى ئاقسالىقنىڭ ب ...

تاماكا چەككەننى ئاقسا دەپ ھېسابلايدىغانلار ۋوللىۋودنىڭ كىنولىرىدىكى ئارتىسلارنىڭ تاماكا چەككەندىكى ئاقسا قىياپىتىگە ئاساسەن شۇنداق ئويلامدىغاندۇ؟ بۇنىڭ ئاقسا ھېسابلىغۇدەك نېمىسى بار قەتئىي چۈشەنمىدىم... چىشىنىڭ ساغرىپ كېتىشلىرىمۇ؟ ئۆپكىسىنىڭ قارىداپ كېتىشلىرىمۇ؟ نەپسىنىڭ بەدبۇي پۇراپ تۇرۇشىمۇ؟
ئوھ ئاپلا، سىزمۇ چېكىمەن دېگەنتىڭىز ھە راس؟ :lol

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 08:08:53

ما بىزنىڭ مەكتەپتىكى  كۈزەتچى  كۈندە  ئىككى قاپ چىكىمەن دەيدۇ :funk:

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 09:08:32

تاماكىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان ئادەم تاما چەكمىسە كاللىسى ئىشلىمەس بۇلۇپ قالامدىكىن دەيمەن، نىمىشقا دىسەڭلار مەيلى كىنولاردا بولسۇن ياكى ئەتراپىمىزدا بولسۇن تاماكا چىكىدىغانلار بىرەر مەسىلىگە دۈچ كەلسە ئالدى بىلەن تاما چىىكىپ ئاندىن شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئويلايدىكەن.
تاماكا چىكىدىغانلار بەك ئىچ مىجەز (مېنىڭ ئىچ مىجەز دىگىنىم كۆپ گەپ قىلمايدۇ جىمغۇر دىگەنلىك ئەمەس، ئىچى بىلەن تېشى قەتئى ئوخشىمايدىغان، نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ) كىلىدىكەن. تاماكا چىكىدىغانلارنىڭ ئىچىدە تۈز كۆڭۈل سەمىمى كىشىلەر بەك ئازكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 09:23:40

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 07:51 static/image/common/back.gif
تاماكا چەككەننى ئاقسا دەپ ھېسابلايدىغانلار ۋوللىۋود ...

ئادەمنىڭ شۇنداق بىر دەۋرى بولىدۇغۇ:lol
سىزمۇ ياش ۋاقتىڭىزدا تىلغا ئېلىشتىن خىجىل بولىدىغان ئەخمەقانە ئىشلارنى قىلغان بولىشىڭىز مومكىن:lol

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 09:27:16

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 09:23 static/image/common/back.gif
ئادەمنىڭ شۇنداق بىر دەۋرى بولىدۇغۇ
سىزمۇ ياش ۋاقتى ...

ياق، ياق، ياق.... ئۇنى دېيىشمەيلى :lol :P
لېكىن سىز مەن تېخى ياش دەۋاتقاندەك قىلىسىز يا؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 09:56:56

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 09:27 static/image/common/back.gif
ياق، ياق، ياق.... ئۇنى دېيىشمەيلى   
لېكىن سىز مەن تې ...

14-18 ياشقىچە بولغان مەزگىلنى دىمەكچى ئىدىم:lol
بىز قېرىم كەتكەندەك دەپ كىتىپتىمەن دىمىسىمۇ:lol
بىز تېخى ياش

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 10:16:12

مەن قايسىدۇر بىر ماتېرىيالدا، بەڭگىلەردە پسىخىكىلىق كەمتۈكلۈك بار بولۇشى مۇمكىن. يەنى ئۇلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاجىز، بوۋاقلىقىدا ئانا كۆكسىنى ئېمىپ تېنچلانغان كۆڭلىنى، قورامىغا يەتكەندە تاماكا شوراش ئارقىلىق تېنچلاندۇرۇش ئىستىكىدە بولىدۇ.... دېگەندەك مەزمۇنلارنى كۆرگەن ئىدىم.:shutup:

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 10:35:41

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 21:03 static/image/common/back.gif
راك كېسىلىگە ئامال بولمىغاندىكىن زۇكامنىڭ بولسىمۇ ئا ...

زىيالى تېخىچە بويتاق تۇرسا، شۇنداق قىلاي دىسىمۇ قىلالمايدۇ.:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 12:58:10

چەكمەڭلا ئىشقىلىپ {:101:}
بەت: 1 [2] 3
: تاماكا چېكىش قاتىللىقمۇ؟