شىنجاڭ تالانىت سەھنىسى پىروگىراممىسى تارقىتىلدى 1-سان
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار تورلاردا تارقىلىشقا خېلى ئۇزۇن بولغان شىنجاڭ تالانىت سەھنىسى پىروگىراممىسى 1-سانى قويۇلدىمەزمۇنلىرى خېلى سەرخىلكەن كۆرۈش ئادېرسى: ئەلنەپەس كىنوتورى
بىۋاستە كۆرۈش ئادېرسى: بۇيەردە
ئۇندىن باشقا بېكىتىمىزدە ھەركۈنى يېڭى كىنو_فىلىملەر نى كۆرەلەيسىز ... شىنجاڭ تالانىت سەھنىسىنىڭ 1- سانى ئاخىرى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ 1- سانىدا ناخشا- ئۇسسۇل سەل كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ ، ھەر ھالدا ئالىم باشچىلىقىدىكى سېھىرگەرلەرنىڭ نومۇرى تالانتت سەھنىسىگە مۇناسىپ نومۇر بولدى. ياخشى چىقىپتۇ ئاپرىن . مەمەتجان روزى سايىت سەھنىنى قىززىتىۋىتىپتىغۇ{:92:}
بىر كىتاب بىر ئالەم پىراگىراممىسىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۇرۇپ داۋام ئەتسە بولىتى شاتلىق سەيناسى، تەلەپ ۋە تەقدىم، سەنئەت ئالبۇمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەنگە خوش بولىڭە{:136:} ئۇستازلارنىڭ ئىپادىسى شۇنداق ياخشى ،لىكىن ماھىرلار ئويلىغىنىمدەك ئەمەس ،ھەرخىل تالانىتلىقلار بەلكىم كىيىنكى قىسىملىرىدا چىقىپ قارار مىكىن .
مىنىڭچە ھەر بىر كىشىدە ئۆزىگە خاس باشقىلاردا يوق كەم تالنىت بار لىكىن پەرۋىشلىمەيدۇ ياكى ئۆزىنى كۆرسەتمەيدۇ خالاس. تايىنى يوقكەنغۇ. :shutup: ئۇستازلاربەكلا ئېغىرغۇ ، كۆڭۈل ئېچش پىروگىراممسى بولغاندىكىن ،سەل ئەركىنرەك، يۇمۇرىستىكراق بولغىنى ئەۋزەل، ئىمتىھان ئېلۋاتقاندەك ئولتۇرىۋالماي ... بىر كىتاب بىر ئالەم پىروگىراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوش قوللاپ قوللايمەن. بولسا بىر ئەسلىگە كەلتۈرسە بولاتتى. كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشتە بەك پايدىسى بار ئىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GHURUR1992 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 19:35
ئىككىنچى سانى قاچان چىقار ئەمدى. مەشرىپى يوق يەردە دىگەن ناخشى بەكلا يارىدى.{:112:}
ئەمما ھەدىمىزنىڭ باھالىغۇچىلارنى ئۇستاز لاردىن ئۈگىنىپ دىگەن گىپى بەكلا بىئارام بولدۇم، ئاشۇ ھەدىمىز ئەسلى ئۇستاز بولىدىغان.
ئاندىن مۇسكۇللۇق ئۇكىمىزغا قايىل بولدۇم، چىنىقىپ باققانلار بىلىمىسە باشقىلار بىلمەيدۇ، ئۇنچىلىك مۇسكۇل چىقارماق بولۇپمۇ ئىككى يىلدىلا ئۇنچىلىك چىقارماق تەس. 出彩中国人دا ئاتا بالىنىڭ 7يىل مەشىق قىلىپ موسكۇل چىقارغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم لىكىن بۇ ئۇيغۇر يىگىتىدەك ئۇنچە موسكۇللىرى يىتىلگەنمۇ ئەمەس ،لىكىن 2يىلدا چىنىقپ مۇشۇنداق نەتىجىگە ئىرىشكەنلىكى راسلا كىشىنى قايىل قىلىدۇ.
ئۇنىڭدا دىيىشچە يىمەكلىككە شىكەر ئاز يوق بولغان يىمەكلىك ئىستىمال قىلدىكەن. دىلنار خانىم سەل شاتۇتىدەك بوپ قالدىمۇ؟ مەن نەقمەيدانغا بېرىپ كۆرگەن ،ئەمما قاتتىق ئىچىم سىقىلغىنى بەزى باھالىغۇچىلاردا قەتتئىي تىل قابىليەت يوقكەن ،كىتابنى كۆپ ئوقۇپ بىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن ،باھالىغۇچىلار ئىچىدە ئابدۇكىرەم ئابلىزدىن باشقىلىرى بەك ئۆلۈك ،جانلىق ئەمەس ،قۇلاققا ياققۇدەك تېتىمىق گىپى يوق ،بولۇپمۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىدىغانلار باھالىغۇچىلارنىڭ ئۇنۋېرسال بىلىم سەۋىيەسى تۆۋەنمۇ ئىشقىلىپ، ناخشا-ئۇسسۇلدىن باشقا ماھارەتلەرگە باھا بېرىشتە سەل قىينىلىپ قېلىۋاتىدۇ. بولسا ئىزدىنىشتىكى باللىدىن ئىككىنى باھالىغۇچى قىپ قويغان بولسا، ئالامەت باھا بېرىپ قويىتى {:92:} izchilar يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 19:34 static/image/common/back.gif
مەشرىپى يوق يەردە دىگەن ناخشى بەكلا يارىدى.
ئەمما ھ ...
راس ،ئىككى يىل دەپتى ھەيران قالدىم .مەن تىخى بەش ئالتە يىل مەشىق قىلدىمىكىن دىگەن abdrtt يوللىغان ۋاقتى 2015-3-8 17:55 static/image/common/back.gif
شاتلىق سەيناسى، تەلەپ ۋە تەقدىم، سەنئەت ئالبۇمىنى ئەس ...
ئۇغۇ شۇ دوستۇم
كىتاب ئۇقۇش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە بىر كىتاب بىر ئالەم پىراگىراممىسىنى ئەسلىگە كەلتۇرگەن بولسا ئالتۇن يۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ئىش بولاتتى دەڭلا، بىزدە قاچانمۇ« ئىجاتچىلار چۈشى» (发明梦工场) ، «ئىگىلىك ياراتقۇچى قەھرىمانلار ئۇچرىشىشى ( 创业英雄汇) دەك پىروگىراممىلار ئىشلىنىەر .
يولداشلارنىڭ ئوينىغان دولان ئۇسسۇلىنى ھەممىسى ماختاپ بىر قىلىۋەتتى .
مەنغۇ چۈشەنمىدىم ئۇ ئۇسسۇلنىڭ شۇنچىۋالا ئالقىشقا ئېرىشششىتىكى سەۋەبىنى.
تالانت دىگەننى مەن باشقىچە چۈشىنۋالدىمۇ يا؟ تالانىت دىمەك- باھالىغۇچىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرالىغان قىلىقتۇر.....
ياكى مۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ
تالانىت دىمەك-ھەممەيلەن بۇلۇتلۇق ئاسمانننىڭ تەپتىدە خاماندىكى بۇغدايدىن ئەنسىرەۋاتسا شارقىراپ ياغقان يامغۇردا لەرزان ئۇسۇلغا چۈشۈشتۇر...:shutup: