oganbala يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 23:58:02

مەن ھازىر بۇ پىروگىراممنى كۆرۈپ تۈگەتتىم، مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مۇشۇنداق بىر پىروگىراممىمنىڭ بىزدە كەم ئىكەنلىكىنى ئويلىغان. مانا روياپقا چىقىپتۇ. مەن شەخسەن رازى ئەلۋەتتە بىر قىسىم نوقسانلارمۇ يوق ئەمەس لېكىن بۇنى ھازىرچە دەستەك قىلىۋالمايلى....
يەنە بىر قىسىم دوستلىرىمىز باشقىلارنىڭ نادىر تېلېۋىزىيە پىروگىرامملىرى ھەققىدە سۆزلەپتۇ... ئۇيغۇر رادىيو- تېلېۋىزيەسى بىزگە سىڭىپ كىرگىلى(ئۇمۇيۈزلۈك) 40يىلدىن ئاشمايدۇ، سەنئەتلەشكەن، دىكتور دىكتوردەك، رىياسەتچى رىياسەتچىدەك ... پىروگىراممىلار بىزدە بارلىققا كەلگىلى تېخى ئاران 25-30 يىل ئاران بولدى... مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا دۇنيانىڭ ئالدىدا بىزنىڭ بالا ھالەتتە.. كىچىك بالىنى چوڭ ئادەمدەك بولمىدى دېسەك ئۇۋال قىلغان بولىمىز، بىزنىڭمۇ باشقىلاردەك ۋاي دېگۈدەك يېڭىلىق يارىتىشىمىز ئەمدى باشلانغۇسى...
  ئۇمۇمەن، ياخشى يۈزلىنىش، ياخشى باشلىنىش... بولدى دەپ قارىدىم...

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 11:37:07

بىزدىكى تالانىت ناخشا ئۇسۇل بولۇپ قاپتۇ.
باھالىغۇچىلاردا بېلەت جېقكەن..ھى ھى ..
ئاۋۇ سېھرىگەرنىڭ تۇنجى ئادەم يوقاتقان ماھارىتىدە ئۈستىدىن چۈشكەن نەيزىلەر يوقاپ كەتتى. ئىچىگە كىرمىسە قىزغا قانداق سانچىلىدۇ،ھەتتا ئاخىرلاشقاندىمۇ ئۇ نەيزىلەر كۆرۈنمىدى..
ئاخىردىكى قىزىلسۇلۇق قىز بالا سەھنىدىن چۈشمەي ئۇسۇل ئوينىسا بولغۇدەك. تالانتى باركەن. ھەممە مىللەتلىرىمىزگە يارىغۇدەك..

JehangiR يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 11:37:08

turbid يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 18:39 static/image/common/back.gif
ھەجەپ زىرىكتىم بۇ سەھنىلەردىن

زىرىكسىڭىز كۆرمەڭ.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 11:40:09

umidwar9543 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 11:09 static/image/common/back.gif
ئەيسا ئاكاممۇ بەكلا جىم ئولتۇرىۋالدى دىسە،،،،سادىغاڭ  ...

ئەيساكامغا قارىسام مۇسكۇلچىدىن  باشقىسى يارىمىغان چىراي..
بەك تىللىۋېتەي دېسە ئەسلى...
مۇشۇنچىلىك ناخشا ئۇسۇللىرىڭمۇ تالانىتمۇ دەپ...

turbid يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 12:31:04

alnapas يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 12:38:33

ھاھاھا  تالانىت نىمۇ زادى :lol:lol

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 15:17:55

تالانت سەھنىسى بولغاندىكىن، باھالىغۇچىلارغا مۇندا بىرە تال ئالىم، بىرە تال پىروففىسور، بىرە تال ئەدىب تەكلىپ قىلغان بولسا ھە، ئاندىن تالانتى بارلا چىقا بولغىيتى بۇ سەھنىگە، باھالىغۇچىلار قاندا بولسا، سەھنىگىمۇ شۇنداقلار چىقىدۇ دە.  مۇنداق ئىلمى ئاساسىي بار، ھىكمەتلىك، مەزمۇنلۇق، قايىل قىلارلىق، پايدىلىق سۆھبەتلەر بولۇپ تۇرسا  دەپ قالدىمغۇ ئۆزەمچە.
باھالىغۇچىلىرىمىز ھاياجانلانغىنىدىن تاس قالدىكەن ئاخىرلاشماي تۇرۇپ بىلەتلىرىنى تاشلىۋەتكىلى.
ئىككى خالتا ئۇننى يالغۇز كۆتۈرەلەيسەنغۇ ئۇكام ھە؟
-ئىككى يۈز كىلونى دەس كۆتۈرىمەنغۇ.  
كەسىپنى چۈشەنمىسە مۇشۇنداق دىئالوگلار بوپ قالىدۇ. ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ دىگىنى بۇرۇنقى چوڭ بۆز خالتا بولغىيمىتى 100كىلولۇق، ياكى ھازىرقى 20كىلولۇق خالتا بولغىيمىتى.{:87:}{:87:}

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2015-3-14 20:50:46

مەمەتجان بىلەن ئاۋۇ ئىككى خوتۇن قىستۇرلىۋىلىپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى .

Ultash يوللانغان ۋاقتى 2015-3-16 01:05:49

توۋا....... ئىۋۇ دىلنار  قاتارلىق ئارتىسلارنىڭ  بۇ سەھنىگە  باھالىغۇچى بولۇپ قالغىنى  پەقەت ماس كەلـمەپتۇ . {:136:}{:136:}{:136:}
بەت: 1 2 [3]
: شىنجاڭ تالانىت سەھنىسى پىروگىراممىسى تارقىتىلدى 1-سان