abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 10:29:06

ozyurt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-8 21:54 static/image/common/back.gif
دىلنار خانىم سەل شاتۇتىدەك بوپ قالدىمۇ؟

بەدەن ھەركىتىڭىز ناھايىتى پاكىزە چىقتى، بولۇپمۇ بېلىڭىزنىڭ تۆۋەن قىسمى...;P

SAYPULLAH يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 10:39:19

باھلىغۇچىلار كىتابنى كۆپ ئوقوسا بولغۇدەك، بەكلا جانسىز.

roh يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 10:43:11

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 10:29 static/image/common/back.gif
بەدەن ھەركىتىڭىز ناھايىتى پاكىزە چىقتى، بولۇپمۇ بېلى ...

ئوڭشۇلۇپ كىتەرمىز...

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 10:56:00

ئابدۇكىرەم ئابلىزدىن باشقلار ھاڭۋاقتىدەك بىلىندى ماڭا

umidwar9543 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 11:09:23

ئەيسا ئاكاممۇ بەكلا جىم ئولتۇرىۋالدى دىسە،،،،سادىغاڭ كىتەي ،سۆزلەپ قويۇڭ ئازراق:):):):):):)

tirixqan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 11:47:32

باشلىنىشتا موشۇنداق بولۇدۇ دە،  نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئالداىدا گەپ قىلماق ئاسان ئەمەس، ئازراق خاتا گەپ قىلىپ سالسا چاتاق، ياخشىلىنىپ كىتەر سەۋرە قىلايلى،

servi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 11:53:07

پەقەت تايىنى يوق بىلىندى ماڭا، يەنە شۇ ناخشا ئۇسسۇل، ناۋادىن، يىپەك يولى ساداسىدىن نېمە پەرقى بۇنىڭ، ئىشقىلىپ مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىم بۇ پىروگرامما زارىقىپ كۈتكەن تالانىت سەھنىسىگە ئوخشىمايلا قالدى

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 12:10:58

بۇ دىگەن بىر باشلىنىش، سىلەر چەتنىڭ تالانت سەھنىسىنى بەك كۆرۋىلىپ بەك چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتۈپ كەتكەن ئوخشايسىلەر،   
كىم بىلىدۇ كىيىن ئويلىمىغان تالانت ئىگىلىرى بايقىلىشى مۇمكىن،  ئىشقىلىپ بۇنداق پىروگىرامىلارنىڭ بولغىنى ياخشى،  

شىرىن چۇش بەك ياخشى پىروگىرامما بۇلۇپتۇ،  مەن بەك ياقتۇردۇم

servi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 14:02:37

شىرىن چۈش پىروگراممىسى ناھايتىمۇ ياخشى ئىشلىنىپتۇ:P

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 14:42:16

فىلىم تۇلا قېتىۋېلىپ ئىچىمنى سىقتى..

مەمەتجان روزى سايىت مەيداننى خېلى قىززىتىپتىغۇ؟

قارىسام خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ كۆڭلىگە بۇ پىراگىرامما ياقمىغان چىراي،قېنى سەۋىر قىلىپ باقمايمىزمۇ؟كىيىنچە ياخشىلىنىپ كىتەمدۇ تېخى،بەلكىم خېلى تالانلىق كىشىلەرنىمۇ بۇ پىراگىراممىدا كۆرۈشىمىز مۇمكىن،،.

ئۇيغۇردا تالانتلىق كىشىلەر ناھايتى كۆپ...پەقەت ئۇلارنى بىز بايقاپ بولالمىدۇق..مۇشۇ سەھنە شۇنداق تالانتلارغا ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان بىر مەيدان بولالىشىغا تىلەكداشمىز.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 16:52:29

ئىلىم پەن ھەۋەسكارلىرىنى، يېڭىلىق-كەشپىيات ياراتقۇچىلارنىمۇ مۇشۇنداق سەھنىلەردە كۆرۈپ كەتسەك، ئۇلار سەھنىلەرگە چىقىپ بىزگە ‹‹ماھارەت›› كۆرسىتىپ تەجىرىبە ئىشلەپ يېڭىلىق-كەشپىياتلىرىنى نامايەن قىلىپ كەتسە. ئۇستاز پروففىسورلار باھالىرىنى بىرىپ سەھنە ۋە ئىكران ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلەرنى ھاياجانلاندۇرىۋەتسە، ئۇماق پەرزەنتلىرىمىز ئىلھاملىنىپ مەكتەپنى، كىتابنى، ئىلىم-پەننى سۆيۈپ تىرىشىپ كەتسە؛
تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەزىمەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇشۇنداق پروگراممىلار ئىشلەنسە، بوكىس، پۇتبول، باسكىتبول، ۋالىبول، ۋېلسىپىت، سۇ ئۈزۈش، يۈگۈرەش دېگەندەكلەرنى كۆرۈپ بىزمۇ ھاياجانلىنىپ ئەتتىگەن كەچلىرى مىرىدا، گىئانىت ماركىلىق مۇسابىقە ۋېلسىپىتلىرىنى مىنىپ ساغلاملىقىمىزنى ياخشىلىغاندىن سىرت موھىت ئاسراش، ئىنىرگىيە تىجەشكە بىر كىشىلىپ ھەسسىمىزنى قوشۇپ ساغلام پۇقرا بولۇپ كەتسەك دېگەندەك شىرىن خياللارنى سۈرۈپ كەتتىم. {:87:}

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 17:04:44

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 10:29 static/image/common/back.gif
بەدەن ھەركىتىڭىز ناھايىتى پاكىزە چىقتى، بولۇپمۇ بېلى ...

يامان يېرىنى تۇتىۋاپسىزدە!
ھاھا

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 18:03:28

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-9 16:52 static/image/common/back.gif
ئىلىم پەن ھەۋەسكارلىرىنى، يېڭىلىق-كەشپىيات ياراتقۇچى ...

سىلنىڭ بۇ خام خىياللىرىنى تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەگكەندە ئاندىن سۈرسىلىمۇ  سەل بالدۇرلۇق قىلىپ قالامىكىن :Q

boran120 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:31:13

    دىلنار خانىم بۇ سەھنىگە زايا كىتىپتۇ. بولسا ئۆزىگە يارىشىدىغان ،ئۆزىگە ماس كىلىدىغان، ناخشا، ئۇسۇلنىڭ قەدىرىنى بىلدىغان يەرگە بارسا بولۇپتىكەن.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:40:47

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:02:48

قۇرلتايغا پالاۋىتىڭلا

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:05:17

مىنىڭچە بۇ پروگرامما خىلى يامان ئەمەس بوپتۇ ،ئەمدى تالانىت ئىگىسى دەپ قانداق ئادەملەر چىقسا بولاتتى ؟؟

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:36:37

birzat ئەپەندى  ناھايىتى ياخشى ئېنكاس يىزىپسز بەك خۇرسەن بولدۇم  ،قەلىمىڭز ھارىمغاي ...

BUHARA يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:42:40

مىنىڭچىمۇ تالانت سەھنىسى بولغاندىكىن باھلىغۇچىلققا ئارتىسنىلا چىقىرىپ قويماي باشقا ساھىدىكىمۇ تالانتى بار داڭلىق كىشلەردىن بولسا بۇلاركەن !
پىروگىراممىنىڭ يولغا قۇيۇلشى ياخشى بوپتۇ ئەمما مەزمۇنى سەنئەتكىلا باغلىنىپ قالدىغان چىراي

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 23:58:02

مەن ھازىر بۇ پىروگىراممنى كۆرۈپ تۈگەتتىم، مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مۇشۇنداق بىر پىروگىراممىمنىڭ بىزدە كەم ئىكەنلىكىنى ئويلىغان. مانا روياپقا چىقىپتۇ. مەن شەخسەن رازى ئەلۋەتتە بىر قىسىم نوقسانلارمۇ يوق ئەمەس لېكىن بۇنى ھازىرچە دەستەك قىلىۋالمايلى....
يەنە بىر قىسىم دوستلىرىمىز باشقىلارنىڭ نادىر تېلېۋىزىيە پىروگىرامملىرى ھەققىدە سۆزلەپتۇ... ئۇيغۇر رادىيو- تېلېۋىزيەسى بىزگە سىڭىپ كىرگىلى(ئۇمۇيۈزلۈك) 40يىلدىن ئاشمايدۇ، سەنئەتلەشكەن، دىكتور دىكتوردەك، رىياسەتچى رىياسەتچىدەك ... پىروگىراممىلار بىزدە بارلىققا كەلگىلى تېخى ئاران 25-30 يىل ئاران بولدى... مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا دۇنيانىڭ ئالدىدا بىزنىڭ بالا ھالەتتە.. كىچىك بالىنى چوڭ ئادەمدەك بولمىدى دېسەك ئۇۋال قىلغان بولىمىز، بىزنىڭمۇ باشقىلاردەك ۋاي دېگۈدەك يېڭىلىق يارىتىشىمىز ئەمدى باشلانغۇسى...
  ئۇمۇمەن، ياخشى يۈزلىنىش، ياخشى باشلىنىش... بولدى دەپ قارىدىم...
بەت: 1 [2] 3
: شىنجاڭ تالانىت سەھنىسى پىروگىراممىسى تارقىتىلدى 1-سان