Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 13:46:14

جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى ۋەيران بولۇش دولقۇنى باشلاندى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار نۇر تورىدا بۇ خەۋەرنى كورۇپ كوڭلۇم بىئارام بولۇپ قالدى چۇنكى دولىتىمىزنىڭ ياساش كەسپى ۋەيران بولدى دىگەنلىك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئىشسىز قالىدىغانلىقىدىن ۋە نۇرغۇن ئىكىسپورىت قىلىنماي قالغان ماللارنىڭ توكمە قىلىپ سىتىلىپ مال باھاسىنىڭ بولۇپمۇ كىيىم -كىچەك ، چەرچىن ، ئائىلە سايمانلىرى ئىلىكتىرون ساھاسىدىكى ماللارنىڭ باھاسىدا تەڭپۇڭسىزلىق يۇز بىرىپ بىزدەك يەككە ۋە توپ مال تىجارەتلەرنىڭ ئامبار قالدۇقىنى دەرھال بىر تەرەپ قىلمىساق بىزنى زور بىر زىياننىڭ كۇتۇپ تۇرۋاتقانلىقى مىنى بىئارام قىلىپ سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسەتتە بۇ خەۋەرنى ئىزدىنىشقا ئىلىپ كەلدىم ، بۇنىڭ تەسىرىنىڭ بىز شىنجاڭلىق يەككە ۋە توپ تىجارتى قىلىدىغان سودىگەرلەرگە قانداق بىسىم ۋە زىيانلارنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقى ئۇستىدە ئالدىن پەرەز قىلىپ ھۇشيار ھالەتتە پىكىر يۇرگۇزۇپ قانداق قىلغاندا زىياننى تىزگىنلەپ بۇ بىسىمدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ پىكىرلىشىپ باقساق !

كىشلەرنى پەخىرلەندۈرىدىغان« Made in china» ئىلگىرى جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى ئورۇنغا ئاپاردى، «جۇڭگودا ياسالغان» ئىلگىرى بىر مەزگىل جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ماتورى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرا-تۆۋەن سەپلىمىلىك ياساش كەسپىگە كۈچەپ، جۇڭگونىڭ تەننەرخ ئەۋزەللىكى ئورنىنى تارتىۋالدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسلىدە جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان چەتئەل مەبلىغىدىكى يۇقىرى سەپلىمىلىك ياساش كەسىپلىرى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە قايىتىپ، مەبلەغ سېلىش ئەۋزەللىكى يوقىلىۋاتىدۇ، «ئالدى كەينىدىن قىسىش زەربىسى» نۆۋەتتىكى جۇڭگو ياساش كەسپىنىڭ ئىلاجىسىز ھالىتىگە ئايلاندى. بۇنىڭغا قارىتا، ئىچكى ساھەدىكى زاتلار ھەتتا «جۇڭگو ياساش كەسپى 2008-يىلى بەرداشلىق بېرەلىدى، ئەمما 2015 بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.


جۇڭگو ياساش كەسپىدە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ پەيدا بولىشى


چاغان ھارپىسى، داڭلىق سائەت كارخانىسى Citizen سىتىزېن جۇڭگودىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ گۇاڭجۇدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ھەم نەچچە مىڭلىغان خىزمەتچىنىڭ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلدى، چەكلىك مۆھلەتتە زاۋۇتتىن ئايرىلىدۇ. بۇ شىركەت باش شىتابنىڭ «قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات»نىڭ يەرشارى سىتراتىگىيەسق تارايتىپ تەڭشەش ئېھتىياجى ئىكەنلىكى، « تارقىتىۋېتىش» ھەركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەستىق جاۋابىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.


ئوخشاشلا 2015-يىلى 2-ئايدا، مىكروسوفىت چاغاندىن ئىلگىرى نوكىيا دۇڭگۈەن زاۋۇتىنى تاقىۋېتىشنى پىلانلىغان، بۇ زاۋۇت يېقىنقى مەزگىلدە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ۋېيتنامدىكى زاۋۇتقا يۆتكەشنى تېزلەشتۈرگەن.  ئوخشاش ۋاقىتتا، بېيجىڭدىكى مىكروسوفىت نوكىيا زاۋۇتىمۇ ماس قەدەمدە توختىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا،نوكىيانىڭ دوڭگۈەن زاۋۇتى ۋە بېيجىڭ زاۋۇتىدا جەمئىي 9000 خادىم باركەن.
ئەمىلىيەتتە، ياساش كەسپىنىڭ ۋەيران بولۇش دولقۇنى بۇرۇنلا باشلانغان. ئىگەللىنىشىچە، 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، داڭلىق يانفون زاپچاسلىرى ۋاكالەتچى زاۋۇتى سۇجۇ لىيەنجىيەن پەن- تېخنىكىسى ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئارقىدىن لىيەنجىيەننىڭ قېرىنداش شىركىتى، دۇڭگۈەندىكى ۋەنشىدا شىركىتى ۋە لىيەنشېڭ شىركىتى ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولغان، ئۈچ شىركەتنىڭ خادىمى جەمئىي 10 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇندىن سىرت، ئوخشاش مەزگىلدە دېگۈدەك، سۇجۇدىكى نوكىيا يانفون زاپچاس تەمىنلەش شىركىتى خوڭخۈي پەن-تېخنىكىسىمۇ (闳晖科技) ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1-ئايدا، دۇڭگۈەندىكى يانفون زاپسىچى ياساش شىركىتى (奥思睿德世浦) ئوسرۈيدې شىركىتىنىڭ خوجايىنى 135 مىلىيون يۈەن قەرزنى قايتۇرماي قېچىپ كېتىپ، 400 نەپەر خىزمەتچى ئىشسىز قالغان. سۈپەتسىز يانفون ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۇڭگۈەندىكى جاۋشىن ئالاقە شىركىتى  (兆信通讯) مەبلەغ ئۈزۈلۈپ قېلىش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان، 1000 دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى ئىشسىز قالغان، باش دېرىكتور ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.

كەسپىي زاتلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، چاغاندىن ئىلگىرى دۇڭگۈەندە كەمىدە يۈزدەك چوڭ تىپتىكى زاۋۇت ۋەيران بولغان ياكى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان. بۇندىن سىرت، ياساش كەسپى پايتەختى دەپ تەرىپلىنىدىغان، كۆزئەينەك، ئاياق، چاقماق قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان دۇنياغا داڭلىق ۋېنجۇ نۆۋەتتە ياساش كەسپى كاۋاكلىشىشنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ، ئاياق، چاقماق قاتارلىق پەخىرلىنىدىغان كەسىپلەر ھازىر بارغانسىرى زاۋاللىقا يۈزلىنىۋاتىدۇ.


نۆۋەتتە پاناسونىك، دايكىن، شارىپ، TDKقاتارلىق ياپونىيە شىركەتلىرى بىر قەدەم ئىلگىرلەپ ياساش بازىسىنى ياپونىيەگە كۆچۈرۋاتىدۇ. UNIQLO، نايىك، فۇشىكاڭ، كلارىئون، سامسۇڭ قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق كارخانىلارمۇ بەس-بەستە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ۋە ھىندىستاندا يېڭى زاۋۇت ئېچىپ، جۇڭگودىن چېكىنىپ چىقىش قەدىمىنى تېزلەشتۈرىۋاتىدۇ.
ياساش كەسپىنىڭ ھېرىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچىنى ئاگاھلاندۇرۇش رايونىغا چۈشۈردى




سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ بۇ يىل 1-ئايدىكى ياساش كەسپى كۆرسەتكۈچى PMI 49.7 بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 12-ئايدىكى 49.6 گە سېلىشتۇرغاندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالدى. 1-ئايغىچە بولغان ئۈچ ئايلىق ئوتتۇرچە قىممەت 49.8 بولدى، 2014-يىلى 10-ئايغىچە بولغان ئۈچ ئايلىق ئوتتۇرچە قىممەت 50.6  ۋە 2014-يىلى 1-ئايغىچە بولغان ئۈچ ئايلىق ئوتتۇچە قىممەت 50.3 كە سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىگەن.


بۇندىن سىرت، تاموژنا باش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 1-ئايدىكى ئېكىسپورت ئومۇمى مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.8% ئازلاپ، ئېكىسپورت ۋە ئېمپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولغان. 1-ئايدىكى ئېمپورت ئومۇمى قىممىتى 2 تىرىلىيون 90 مىلىيارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.8 % ئازلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكىسپورت قىممىتى 1 تىرىلىيون 230 مىلىيارد يۈەن بولۇپ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.2% ئازلىغان. ئېمپورت 860 مىلىيارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 19.7% ئازلىغان. سودا تەتۈر پەرقى 366 مىلىيارد 900 مىلىيون يۈەن بولۇپ، 87.5%  چوڭايغان. ئېمپورت ۋە ئېكىسپورت قوش تۆۋەنلىگەن ھەم ئېمپورتنىڭ چۈشۈش نىسبىتى تېخىمۇ چوڭ بولغان، خەلقئارا زاكاس تالون ئازايدى دەپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ، پەقەت، جۇڭگو ئىقتىسادى پەخەس بولىدىغان مەزگىلگە كىردى دېيىشكە بولىدۇ. ياساش كەسپى ۋەيران بولۇش دولقۇنى بىلەن ياساش كەسپىي كۆرسەتكۈچى تۆۋەن بولغانلىقى بۇنىڭ دەلىلى.

مەنبە نۇر تورى : http://www.nur.cn/news/2015/02/210735.shtml



678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 14:58:22

دەششەت شۇم خەۋەركىنابۇ.
ئەمىلىيەتتە، ياساش كەسپى، دۆلىتىمىز خەلقارا بازا، سودا تەشكىلاتىغا قاتناشقاندىن كىيىن، بىرمەھەل گۇللەنگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن، ياۋروپا پۇل كىرزىسىدا ئازىراق زەربىگە ئۇچۇرغان. ئەمدى ياساش كەسپى يەنە ۋايسىدى دەۋاتىدۇ. بەلكىم بۇخەۋەر، ئىشەنچلىك بولسا، بايرامدىن كىيىنكى بازارغا ،بۇلۇپمۇ پاي بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇرۇنلاردىمۇ ياساش كەسپى ئۇ بولدى ،بۇ بولدى دىگەن خەۋەرلەر بارتى. يامان چاغدا چىقتا بۇ گەپ.
نىمىشقا دۆلىتىمىزدە ياساش كەسپى گۇللەنگەن دىسەك، بىرىنجىدىن دۆلىتىمىز قول ھۇنەرۋەنگە ئۇستا ھەم نەپىس.ئىككىنجىدىن تەنەرىق ئەرزان چۇشىدۇ. ئىشچى ئەزان. خام ماتىريال ئەزان. ئۇچۇنجىدىن دۆلىتىمىز سىياسىي ۋەزىيىتى ناھايتى مۇقۇم. داۋالغۇش يوق، ھۆكىمەتنىڭ دىگىنى يىساپ.تۆتىنجىدىن ،دۆلىتىمىزدە غايەت زور ئىچكىي ئىھتىياج، مۇكەممەل بىر شەخسىي بازا بار. بەلكى مۇشۇ ئىھتىياجى نۇرغۇن تۇرلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.
ئەمدى ياساش كەسپى قاچقانلىقىنىڭ سەۋەبى نىمىدۇر،زادى.

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:05:26

يامان بوپتۇ! بۇنىڭسىزمۇ دۆلەتكە،جەمىيەتكە بولغان ئىشسىزلىق بېسىمىنى خېلى بارئىدى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:09:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 15:11  

بۇ ھامان يۈز بېرىدىغان ئىش، بەك ئەنسىرىگىدەك ئىشمۇ ئەمەس،
ھازىر قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق خەلقئارا رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىشنى تەكىتلەپ مۇشۇ ئىش توغرىسىدا كۆپ سىياسەتلەر يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ.
بۇرۇن قولغا تايىنىپ  قوساق تويغۇزغان بولساق، ئەمدى كاللىغا تايىنىپ پۇل تاپىدىغان يەرگە كەلدى،
دۆلىتىمىز 3- كەسپ ( مۇلازىمەت، پۇل-مۇئامىلە، ئۇچۇر، سۇغۇرتا...) نىڭ تېز تەرەققى قىلىشى بۇ زاۋۇتلاردىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئەرزان ئەمگەك كۈچى يوق بولۇش ، ھەممە كاللا بىلەن رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش باسقۇچىغا ئۆتۈۋاتىدۇ.
بۇ ياخشى يۈزلىنىش .
دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇرى پەن-تېخنىكا ، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق كەسپلىرىنىڭ سىرىتتىن مەبلەغ قۇبۇل قىلىشى تىزلىنىۋاتىدۇ.
بۇرۇن 30 ئادەم پايپاق توقۇپ 10 كوي كىرىم قىلغان بولسا، ھازىر 1-2 ئادەم ئىلغار مەھسۇلاتلار بىلەن 30-40 كوي تېپىۋاتىدۇ.
شۇڭا، بەك ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، كەلگۈسىدە  قۇرۇلمىنى تۈزەش ئىسلاھاتى  تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشقۇسى .

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:13:12

ئارتۇقچە ئەنسىرەش   ھاجەتسىز....

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 15:52:56

مال باھاسىدا ئۆسۆۋىلىش كۆرۆلەرمۇ؟

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:10:27

ياساش كەسپىنىڭ ۋەيران بولىشى ھەممىنىڭ ۋەيران بولىشىدىن دىرەك بەمىسىمۇ بىراق بۇ يەنىلا ياخشى خەۋەر ئەمەس.
جۇڭگۇنىڭ ئەمگەك كۈچى تەننەرخى ئاشتى ،ياساش كەسپى ھەقىقەتەن زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ ،بىراق  جۇڭگۇنىڭ  زور مىقداردا تاشقى پىرۋۇت زاپىسى بار ،يەنى ئامىركىدىن ئالىدىغان نۇرغۇن پۇلى بار ، بۇ پۇللار بىلەن جۇڭگۇ يەنە بىر مەزگىل قىيىنچىلىق دەۋىردىن ئۆتەلەيدۇ .بۇ پۇللارنى تۆلەش ئامىركا ئۈچۈن ھىچ گەپ ئەمەس ،ھەممە نەرسە ماشىنلاشقان ئامىركىدا ئامىركا پەقەت ماشىنغا كۆپىرەك بىنزىن قاچىلاپ قويسىلا كۇپايە .
بىراق تاشقى پىرۋوت زاپىسىغا تاينىپمۇ جۇڭگۇ بەك ئۇزۇن قىيىنچىلىقتى ئۆتەممەيدۇ .يەنىلا تىخىنكا ،تىخىنكا بوسىمۇ تىخىنكىنىڭ بازارلىشىشى ياخشى ئەمەس بولغان جۇڭگۇدا ئاخىردا ئىشلا يەنىلا سىياسى تۈزۈلمىگە تاقىشىدۇ.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:12:46

ھازىر تىخى بىز ئالاقىزادە بولىدىغان ۋاقىت ئەمەس ،بىز ئقتىسادتىن ئالاقىزادە بولىدىغان ۋاقىت 2018ياكى 2019يىلى بولىشى مومكىن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:29:45

بۇنى چەت ئەلدە ياشاۋاتقانلارمۇ ئوبدانلار ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 7-8 يىللار ئىلگىرى Zara, H&M, Banana Republic, Mango دېگەندەك ئەرزان باھالىق مودا دۇكانلاردا 100% دېگۈدەك كىيىملەر جوڭگودا تىكىلگەن كىيىملەر ئىدى. ھازىر 60-70% گە چۈشۈپ قالدىمىكىن، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنرەك. باڭلادىش، ھىندىستان، تايلاند، لىبنان، برازىلىيە، يامايكا....دېگەندەك دۆلەتلەردە ياسالغان بۇيۇملار ياكى تىكىلگەن كىيىملەر بازاردا خېلىلا جىقلاپ قالدى.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:31:00

bilig2010 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 16:10 static/image/common/back.gif
ياساش كەسپىنىڭ ۋەيران بولىشى ھەممىنىڭ ۋەيران بولىشىدى ...

پىكىرڭىزگە قۇشىلىمەن.

جۇڭگۇدا تخنىكا قەھەتچىلىكى يامان نەرسە، نۇرغۇن قان تەربەدىلىگە ھۇنەر سىتىۋالىدىغان گەپ. روسلارنىڭ كىرزىسى نىفىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى. ياۋرۇپانىڭ كىرزىسى ئالتۇن بىلەن خۇلاسىلاندى. ياۋرۇپا يىڭى تىخنىكىسىغا خىردار بولمىغاچ كىرزىس بولدى،دەپ چۇشەنسەكمۇ بولىدۇ. بىز ئاش ئىھتىياج دۆلىتى. مۇشۇنىڭدىن بىلەك ساھا دۆلىتىمىز ئىختىسادىغا خىرىس ئىلىپ كىلەلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ تىخنىكا قىممەتلىكى تىخنىكا قەھەتچىلىكى ئىچكىي جەھەتتە ئىختىساد تەرەققىياتىغا پاسىپ تەسىر ئىلىپ كىلىدۇ.بەلكىم ياساش كەسپىنىڭ سولىشىشى مۇشۇ تىخنىكا دىگەن گەپ بىلەن مۇناسىۋىتى كۆپرەك بولسا كىرەك.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:39:04

ياسىمىچىلىق، توقۇمۇچىلىق ماشىنىلىرىنى جۇڭگۇ ئۆز ئالدىغا ياساپ ئىشقا كىرىشتۈرەلمەمدۇ؟

kanje يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:44:57

شۇڭا ھۆكۇمەتمۇ ئادەم كۆپ كىتىدىغان ياساش كەسپىنى غەربىي شىمال ،غەربىي جەنۇپ قاتارلىق جايلارغا يۆتكەۋاتدۇ ،قەشقەر بىكادىن بىكا ئالاھىدە رايون بولمىدى

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:48:17

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 16:39 static/image/common/back.gif
ياسىمىچىلىق، توقۇمۇچىلىق ماشىنىلىرىنى جۇڭگۇ ئۆز ئالد ...

ئۇمۇ ئۇنداق ئاددىي گەپ ئەمەس، مەسلەن ؛چەتنىڭ كىيىملىرىنى ئون يۇسىمۇ سۇپەتتىن چۇشمەيدۇ، پاقىراق چىستەك. بىراق بىزنىڭ ئىگىنلىنى يۇغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە جىڭ مال بازا ئويناپ بولغىچە، جاسى ئەرزان بولغاچ بازىرى ئىتتىك. جاسى بولمىسا تىخى ئىھتىياج نى تەڭشەپ بولغىلى بولمىغان.
بىر يىپ ئاقارتىدىغان ئاقارتقۇچنى شۇنچە پۇل قىس دەۋرىدە بىر ئۇگۇچىنى بەشيۇز يۇئەن ئالغىننى كۆرگەن،،،،،،،،،مەن.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:03:31

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-02-23 15:09:43 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-23 1
يېڭىلىق يارىتىش دىگەن مۇشۇ سۆزىڭىزنى تۇتىۋالاي، قانداق موھىتتا يېڭىلىق يارىتىدۇ؟ بۇ سىياسى مەسلە. شوئار تولاپ بىر خىل كاللا بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدىن بۇرۇن گېرمانىيە، ياپۇنيە ئەمەلگە ئاشۇرغان. لىكىن ئاقىۋەتتە ئىچكى زىدىيەت سىرتقا تېڭىش بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇڭا مەڭگۈ دۇنيادا زومىگەرلىك قىلمايمىز دەپ ۋەدە بېرىدۇ، لىكىن غەرىپ جاھانگىرلىرى ئىشەنمەي قورشاۋغە ئېلىپ يۈرۈيدۇ.
بۇنىڭمۇ دورىسى بار، ئادەمگە سەجىدە قىلسىلا بولىدۇ…

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:11:33

بۇئىشلارنىڭ دىيارىمىزدىكى يىڭىدىن قۇرلىۋاتقان زاۋۇت-كارخانىلارغا قانداق تەسىربولار ؟

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:30:44

memetawaq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 17:11 static/image/common/back.gif
بۇئىشلارنىڭ دىيارىمىزدىكى يىڭىدىن قۇرلىۋاتقان زاۋۇت- ...

دىيارىمىزدىكى ھەر قانداق توپ مال بازارلىرىغا ۋە بۇ يەردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەپ چىقىرلىۋاتقان بەزى مەھسۇلارلاغىمۇ بەلگىلىك زىيان ئىلىپ كىلىدۇ ياكى پايدىدىن مەھرۇم قالدۇردۇ ، چۇنكى ياساش كەسپى خىرىسقا دۇچ كەلدى دىگەن ئامبار قالدۇقى ماللارنىڭ توكمە قىلىپ سىتىلىش مومكىنچىلكى يۇقىرى دىگەن گەپ ، ئىچىكىر ئولكىدىكى ئۇ ماللار توكمە قىلىپ سىتىلسا ئەسلىدىكى باھاسىدىن نەچچە ھەسسە توۋەن باھادا سىتىلدى دىگەن گەپ بۇ خىل ئەرزان ماللار ، بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى ھەرقانداق تىجارەت ۋە كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۇچىنى ئاجىزلاشتۇرۋىتىدۇ ، چۇنكى سۇ توۋەنگە قاراپ ئاقىدۇ ، خىرىدارلارمۇ ئەرزان سۇپىتى ياخشى ماللارغا ياتىدۇ .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:36:50

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 15:52 static/image/common/back.gif
مال باھاسىدا ئۆسۆۋىلىش كۆرۆلەرمۇ؟

ئايرىم چەتئەل كارخانىلېرى چىقارغان ماللاردا ئۈسۈش بولسىمۇ كۈپىچىسىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كىتىشى مومكىن.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:42:05

kanje يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 16:44 static/image/common/back.gif
شۇڭا ھۆكۇمەتمۇ ئادەم كۆپ كىتىدىغان ياساش كەسپىنى غەرب ...

ناھايىتى توغرا جەنۇبى شىنجاڭدا ئەمگەك كۇچلىرى ئىچكىر ئولكىنىڭكىدەك ئۇنداق كوپ ئەمەس ، لىكىن بۇ «ئالاھىدە رايۇن» ئىچكىر ئولكىدىكى كوپلىگەن «ئەمگەك كۇچلىرى» ۋە «ئىختىساس ئىگىلىرىنى » جەلىپ قىلىپ ئەمگەك كۇچى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرى
يىتىشمەسلىك ئەھۋالىنى ئوڭشىشى مومكىن ۋە دولىتىمىزمۇ ئىچكىر ئولكىلەردىكى «ئەمگەك كۇچلىرى ۋە ئىختىساس ئىگىلىرىنى » جەنۇبى شىنجاڭغا «ياردەم » بىرىشكە چاقىرىق قىلىپ بۇ خىل «ئەمگەك كۇچلىرى » يىتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى مومكىن .   

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:43:50

ئەسلىدىنلا دىيارىمىزدىكى زاۋۇتلار باھا جەھەتتە ئىچكىردىكى زاۋۇتلارغا قارىغاندا پاسسىپ ھالەتتىدى . قارىغاندا بۇ ئىش خېلىلا خىرىس ئېلىپ كەلگۈدەك . ئەمدىلا بىخ چىقىرۋاتقان كارخانىچىلىرىمىز بۇ كىرزىستىن قانداق قىلسا سالامەت ئۆتۈپ كىتەلەر ؟:(

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:55:21

memetawaq يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 17:43 static/image/common/back.gif
ئەسلىدىنلا دىيارىمىزدىكى زاۋۇتلار باھا جەھەتتە ئىچكى ...

ھۇشيارلىقنى ئوستۇرۇپ ئامبار قالدۇقىنى تىزگىنلەپ يىڭى كارخانىلار بازار يولنىشىنى توغرا مولچەرلەپ ئىش ئىلىپ بارسا مىنىڭچە بۇ قىيىنچىلىقتىنمۇ ئوتۇپ كىتىدۇ ، لىكىن توپ مال سودىگەرلىرى ئوتكەن يىلىدىن باشلاپ ئىڭىرغىلى تۇرغان ئىدى بۇ يىل قانداق بوپ كىتە !
بەت: [1] 2 3
: جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى ۋەيران بولۇش دولقۇنى باشلاندى