678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 11:01:24

دۆلىتىمىزنىڭ ئختىسادى ، چەتنىڭ ياۋرۇ پانىڭ ئامىركىنىڭ ئختىسادىدىن پەرىقلىنىدۇ. ياكى خۇيى ئوخشىمايدۇ. چۇنكى بۇيەردىكى مەدىنىيەت باشقا، كۆزقاراش باشقا.
مەسلەن ؛دۆلىتىمىزدە غايەت زور ئىھتىياج بار.خەلقارادا، نىفىت باھاسى چۇشۇپ كەتسە، دۆلىتىمىزدە نىفىت قىززىيدۇ، نىفىت شىركەتلىرى پايدىغا يۇزلىنىدۇ.تەتۇر.
يەنە، خەلقارادا ئالتۇن چۇشۇپ كەتسە، رەڭلىك مىتاللار ئەزان بولدى دىگەنلىك، ئىلكتورونلۇق ئەسۋاپلار رەڭلىك مىتال ئىشلىتىدىغان ساھالار ، ئەرزان مىتالنى ئىلىپ بىزگە قىممەت سىتىپ ، پايدا ئالىدۇ. بەلكىم ياساش كەسپىنىڭ سورۇقچىلىقى، ئۆتكەندەئالتۇننىڭ ئۆسەپ كىتىشى بىلەن مەلۇم ئالاقىسى بولسا كىرەك.
ناۋادا دوللار چۇشۇپ كەتسە، دۆلىتىمىزدە پۇلات تۇمۇر قىزىيدۇ.
ئاش چۇشۇپ كەتسە، ناندا داپ چالىمىز.
يەنى ، تەتۇر. خەلقاردا ئالتۇن ئۆسسە، بىزدە مەدىنىيەت ئويۇن تاماششا ئھتىياج قىزىيدۇ. دوللار ئۆسسە، ئىنىرگىيە نىفىت قىزىيدۇ. نىفىت ئۆسسە، پۇل ، ئاش ئۆسسە ئالتۇن كانچىلىق تەبىي بايلىقلار قىزىيدۇ.
باشقىلاردا، ئاۋال ماكان زامان ئىنسان دىن دەپ تەرتىپ بۇيىچە كەلسە، بىزدە مەدىنىيەت ئىنسان زامان ماكان  ماۋۇ تەرتىپ بۇيىچە گەۋدىلىنىدۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 14:08:42

ياخشى مۇلاھىزىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەي.

faruk886 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 15:51:59

جېنى با ئىنكاستىن   بىر چۈشۈپتىكەن   تۈنۈگۈن   ،ئىسلاھات دولقۇنىغاۈ ئۇچۇرغان چېغى

faruk886 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 15:55:16

يۈزمىڭ  خانىلىق  بۇرادەر  يامان ئەمەس مۇلاھىزە   قىلىۋاتىدۇ   ، شى چۇڭام قىزىل راۋاقتىكى چۈشنى كۈرەۋاتامدىكىن   

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 10:00:48

بىر سەۋدا چىققان بولسىدى، مۇشۇ يىڭىلىققا ئىجادىيەتكە ھىرىس گۇيلارنى يىغىپ، مەخسۇس تەجىربە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا، پاتنىتنى شۇ سەۋدا شىركىتى تەلەپ قىلسا، مەبلەغنىمۇ چىقىرىپ. ئىچكىردىكى شىركەتلەر گە يىڭى مەسھۇلات لازىم بولسا، شىركەتنى ئىستىسە، خىلى ئىستىقباللىق بۇلاتتى.
نىمىشقا دىگەندە، ئىجادىيەت دىگەن بۇ تىما ،ھىچ نىمىگە ئۇسمەيدۇ. دىنغىمۇ ئۇسمەيدۇ.ئۇنىڭ ئۇستىگە تارىختىن بۇيان ، يىڭى تىخنىكا ،يىڭى مەدىنىيەت غەرىپتىن شەرىققە ئاققان. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇيغۇرلاردا تۆت خىل مىجاز ئەكىس ئەتكەندەك، پەلسەپە بۇيىچە، بىزدىكى تۆتتىن بىر ئادەم ئىجادىيەتتە يەھۇدىيلاردىن قىلىشمايدۇ.بەلكى بىسىپ چۇشىدۇ.
باشقا قەۋىملەردە ئۇنداق ئەمەس بىر خىل تىپ روشەن گەۋدىلىنىدۇ. يەنى يولداشلارنىڭ مىجازى كۆپۇنچىسى قان مىجاز بولغىنىدەك.

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 11:57:27

تەھلىلچىلەر: تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ھەم جۇڭگونىڭ ئېھتىياجى تۆۋەنلەشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، پۈتۈن دۇنيادا سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ، پۈتۈن دۇنيادىكى سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىرى بارغانسېرى كاساتلىشىشى مۇمكىن، دېدى.

    جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئېھتىياج ئەڭ تېز ئېشىۋاتقان سۈت مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئىچكى ئېھتىياج سەل ئۆرلەش سەۋەبىدىن، سۈت پاراشوكى كۆپ ئىمپورت قىلىنىپ، ئامبار زاپىسى ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ.

    NZX Agri شىركىتىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى تەھلىلچىسى سۇسان گىرىسبى: سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرى يەنە ئالتە ئايدىن كېيىن ياخشىلىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە جۇڭگونىڭ سۈت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يازدا پەسىل خاراكتېرلىك ئېشىشى مۇمكىن. مېنىڭچە سۈت مەھسۇلاتى ئانچە كۆپ ئاشمايدۇ. چۈنكى باھا تۆۋەن بولغاچقا، سۈت مەھسۇلاتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولالمايدۇ. لېكىن تەمىنلەش مىقدارى كۆپ بولغاچقا، سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى يىل ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

    جۇڭگو سۈت كالىلىرى فېرمىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش بىلەن بىللە، سۈت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ سۈتكە بولغان ئېھتىياجى ئازايغاچقا، كىچىك كۆلەمدىكى سۈت كالىلىرى فېرمىلىرى سۈتنى تۆكمە قىلىپ سېتىپلا قالماي، بەزىلىرى ھەتتا كالىلىرىنىمۇ سېتىۋاتىدۇ.

    روسىيە قوللانغان يېمەكلىك ئىمبارگوسى ھەرىكىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ چوڭ پىشلاق ئېكسپورتىنى ئۈزۈۋەتكەچكە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈت باھاسى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى.

    سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ئۆتكەن 12 ئايدا تېز تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، بەزىلەر قەرەللىك مال بازارلىرىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ بازاردىكى داۋالغۇشقا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىۋاتىدۇ.

بەت: 1 2 [3]
: جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى ۋەيران بولۇش دولقۇنى باشلاندى