obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:56:49

پۇلنى چىڭ ساقلىسا سالامەت ئۆتۈپ كىتە

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:06:44

obulqasim يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 17:56 static/image/common/back.gif
پۇلنى چىڭ ساقلىسا سالامەت ئۆتۈپ كىتە

پۇلنىڭ ھەممىسى ياكى يىرىمى مالدا بولسىچۇ ، بولۇپمۇ توپ مال تىجارەتچىلىرى ۋە كارخانىلاردا كوپىنچە ئىشىنچە مال بولىدۇ .

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:17:23

سەل ئەرزانراق بولسىمۇ قولدىن چىقىرۋەتكەن ئەۋزەل

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:52:04

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-23 15:09 static/image/common/back.gif
بۇ ھامان يۈز بېرىدىغان ئىش، بەك ئەنسىرىگىدەك ئىشمۇ ئەم ...

يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان، فۇجيەن ئەرلەر كىيىم-كېچىكى كارخانىسى نوچى (诺奇) نىڭ غوجايىنى دىڭ خۇينىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقتىن شىركەت گۇمران بولۇپ، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىغا قاراپ كەلگەن سوغۇق ئېقىمنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتتى. كەسىپ ئىچىدىكى كىشىلەر ئومۇمەن مۇنداق دەپ قارىدى، ئەرلەر كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى تەنتەربىيە، راھەت كىيىملەر ماركىسىغا ئۇلاپلا ئىشنى قايتىدىن باشلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ، پۈتكۈل كىيىم-كېچەك ساھەسى بىر نۆۋەتلىك زور دەرىجىدىكى تەڭشەشنى كۈتىۋالىدۇ.

غوجايىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغاندىن كېيىن شىركەت گۇمران بولامدۇ؟ جۇڭگو كىيىم-كېچەك جەمئىيىتى كەسپىي بۆلۈمنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ كارخانىلاردىن چاتاق چىقىشىنىڭ سەۋەبى مەبلەغنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدىن بولۇپ، مەھسۇلات مەسىلىسى ئەمەس. كىيىم-كېچەك ماركىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ھە دېگەندىلا يۈزلىگەن سېتىش يولىرىغا ئىگە بولغانلىقىدا، ئەگەر  ئەتە بىرەسى 2 مىليارد ئېلىپ نوچى بىلەن توختام تۈزسە، ماركا گۇمران بولماسلىقى مۇمكىن. غوجايىننىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ، بىر پۈتۈن كىيىم-كېچەك كەسپىگە بولغان تەسىرى ئۇنچە چوڭ ئەمەس».

داڭلىق كىيىم-كېچەك كەسپى مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسى، جۇڭيەن خەلقئارا تاراتقۇ ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى لى مېي «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى» گە بىلدۈرۈپ: «تەنھەرىكەت ماركىسى پۈتكۈل كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى مەركەزلىشىشى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر بۆلەك، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئاساسەن بازارنىڭ %50 تىن يۇقىرى ئۈلۈشىنى ئىگىلەيدۇ. 2008-يىلى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئالدى كەينىدە كۈچىنىڭ بارىچە كېڭەيدى، نۆۋەتتە نەچچە نۆۋەتلىك قايتىدىن باشلاشنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، بىر تۈركۈمنى شاللاپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ئەرلەر كىيىم-كېچەك  بازىرى بولسا يېڭى بىر نۆۋەتلىك قايتىدىن تەڭشەشنى باشلىدى» دېدى.

ئەرلەر كىيىم-كېچىكىنىڭ ئىستېمالى كاساتلاشتى: ئاساسلىق سەۋەبى «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە»

ئەرلەر كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئىپادىسى ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس. جيۇمۇ ۋاڭ (九牧王) نىڭ  ئالدىنقى يېرىم يىللىق كىرىمى ئۆتكەن يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %16.56 چۈشكەن، ساپ پايدىسى ئۆتكەن يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.8 تۆۋەنلىگەن. جۇڭگو لىلاڭ (利郎) نىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى تىجارەت سوممىسى ئۆتكەن يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 چۈشكەن، ساپ پايدىسى %2.4 ئۆرلىگەن. شەندۇڭنىڭ داڭلىق ماركىسى شىنۇنىڭ كەسپىي نەتىجىسىدە زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بولۇپ، كىرىمى %24.75، ساپ پايدىسى %135.26 تۆۋنلىگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرلەر كىيىم-كېچەك ماركىلىرىدا «دۇكان تاقاش دولقۇنى» ئەۋج ئېلىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جيۇمۇ ۋاڭ دۇكاندىن 73 نى جۇڭگو لىلاڭ 140 نى تاقىدى. مۇخبىر ماقالىنى تاپشۇرغۇچە بولغان ئارىلىقتا تېخى دوكىلات ئېلان  قىلمىغان «يەتتە بۆرە» ئۆتكەن يىلى 505 دۇكاننى تاقىغان ئىدى.

شەرق ئاكسىيەسى تەتقىقات دوكلاتىدا، ئەرلەر كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەڭشىلىشىنىڭ پۈتكۈل ساھەنى چېكىندۈردىغانلىقىنى كۆرسىتىلدى.   

ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان جۇڭگو كىيىم-كېچەك جەمئىيىتى كەسپىي بۆلۈمىدىكى بىر مەسئۇل خادىمىنىڭ «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى» گە ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەرلەر كىيىم-كېچەك كارخانىسى نەتىجىسىنىڭ ئومۇميۈلۈك تۆۋەنلىشى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان. 2009-يىلى، مەركەزنىڭ 4 تىرىليون مەبلەغ سېلىش پىلانى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، ھەرقايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۆز يېرىدىكى كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنى تېپىپ، كۆپ خىل ئېتىبارلىرى بولغان كارخانىنى ئىلھاملاندۇرۇش قەرزىنى تارقاتتى. كىيىم-كېچەك كارخانىلىرىنىڭ قولىغا يەتكەن بۇ بىر قىسىم مەبلەغ، كىيم-كېچەك كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە يوللىرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلمىدى. 2008-، 2009-يىلى نۇرغۇنلىغان كارخانىلار كىيىم-كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىش كۈچىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ھېس قىلىپ، مەبلىغىنى ئۆي-زېمىن كەسپى ۋە باشقا ساھەلەرگە يۆتكىدى.

«چېگرا ھالقىش» كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەت

«يېقىندىن بۇيانقى كىيىم-كېچەك ساھەسىدە خۇش خەۋەر يوق، كۈندىلا يامان خەۋەر بار» دېدى لى مېي «جۇڭگو ئىقتىساد ھەپتىلىكى» مۇخبىرىغا، مەلۇم بىر ماركىنىڭ بەيگىگە چۈشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىساقلا، ساھەدىكى كىشىلەر ئۆزىمىزنى تۇتالماستىن، بۇ ماركا ئىككى يىلدىن كېيىن ۋەيران بولۇپ كېتەرمۇ، دەپ ئويلاپ قالىمىز.

ئالدىدا تىلغا ئېلىنغان جۇڭگو كىيىم-كېچەك جەمئىيىتى كەسپىي بۆلۈمىدىكى مەسئۇل خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىيىم-كېچەك كارخانىلىرى چوڭقۇر تەڭشەش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋېتىپتۇ، بىراق ئەڭ ناچار مەزگىلگە تېخى كەلمەپتۇ. نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى كەسىپ ھالقىش ئىكەن. ئەگەر پەقەت ئاساسلىق كەسىپنى قىلىپ، ياخشى سۈپەتلىك سېتىشنى ساقلىيالىسا، پايدىسى ئازىيىپ كەتكەن ياكى پايدا بولمىغان تەقدىردىمۇ نەچچە يىلغىچە مەسىلە كۆرۈلمەيدىكەن.

http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/0827/734-33.html

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:39:56

رايۇنىمىز ئىختىسادى كۆپۇنچە، كانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. يەنى غەربىي رايۇننى ئىچىش ئىستىراتىگىيسىنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسمى تەبىي بايلىقلارنى ئىچىش. باشقا يىپەك يولى تاشقىي سودا، يىزا ئىگىلىكى، يىمەك ئىچمەك كەسىپلىرى قۇشۇمچە رول ئۆتەيدۇ. يەنى غەربىي رايۇن ئىچىلسا، ياكى دۆلەت ئىختىسادى غەربىي رايۇننى ئىچىشقا ئىھتىياجلىق بولسا، بۇغداينىڭ بانىسىدا قارمۇق سۇ ئىچتى دىگەندەك بىزگىمۇ يۇلۇنۇش ياخشى بولىدۇ. لىكىنزە ئوتتۇزيىل قانغۇدەك قازدۇق. ئەمدى زامان بۇنداق بۇلىۋەرمەيدۇ. دۆلىتىمىز ماكاندىن پايدىلىنىشتىن ھالقىپ ، زاماندىن پايدىلىنىش سۇپىتىگە ئىگە بولماقتا، يەنى خەلقارادا نىفىت چۇشىۋىدى، شۇنىڭغا ماس نىفىت ساھالىرىمۇ خىلى قىززىق بولماقتا. دىمەكچى بۇندىن كىيىن تەبىي بايلىقلارنى قىزىشقا بەك كۇچىمەسلىكى مۇمكىن. بۇنىڭمۇ تەسىرى بار.
ئۇيغۇرلارنىڭ ماللىرىنى كۆپۇنچە ئۇيغۇرلار ئالىدۇ.ھازىرلەتتىن سەنىلەردە سەنئەت ساھالىرىدا ئۇيغۇرلار خىلى تۇنىلىۋاتىدۇ. بىراق، ئىشلىگەن مەسھۇلاتلار ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىۋاتىدۇ. شۇ ماتاڭ بىلەن كاۋاپ باشقا يۇتلاردا ئازىراق بازىرى بار. شۇلارغا ياقىدىغان شۇلاردىن ئۇستۇن تىخنىكىسى بار بىرەر ساھانىڭ تىخى بۇدى يوق.
قەدىمدە، پەرغانىنىڭ ئاتلىرى خىلى بازالىق بۇلاپتىكەن، ئاندىن ماتىدىل ھاياتمۇقەدىمدە بازالىق بولغانلىقىنىڭ گىپى بار.ئۇندىن باشقا بولدى خۇيچە ياسانماق دەپ، ناخشا ئۇسۇل بەزمە كەشلىك ماۋۇ ساھالارمۇ خىلى بۇلاپ قۇياپتىكەن.
ئىشقىلىپ ئىچكىرنىڭ كۆڭلىگە ياققىدەك بىرەر مەسھۇلات بولمىسا، نان يىمەك تەس بۇلامىكى دەيمەن.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:04:27

ئاددىيسى ئەمىلىي تۇرمىشىمىزدىمۇ ئىككەيلەن بىريەرگە كەلسەك، سورۇندىكى قىلىقىمىز، تامبىلىمىز ئۇستىدە پەش ياسايمىز. شۇلارمۇ ھا خوتەنگە باردىم دىسە، يۇرۇدداشلار يۇسا خاۋ چىدا ، قانداق ئىسىل يىمەكلىك باركەن دىيىشىدۇ. كاۋياڭرۇ يىدىم دىسە، شالى ئاقا ، تۇنجى تۇنۇر كاۋىپى يىگەن يۇرۇدداشنىڭ كۇزىدىن ياش چىقمايدىغىنى يوق. شىنجاڭ دىسە، بارالمىغانلىرى ئىشىكالىسىدىن بىر ئىككى زىخ يىسە باغاندەك بۇلىدۇ. باغانلىرى يىسە ئازىراق تەسكىن قىلىدۇ. مىنىڭچە دورا ساھاسى بىلەن يىمەك ئىچمەك ساھاسى بۇ تۇردە ئاۋانگارت بۇلالايدۇ.
يەنە قۇلاق ناھايتى مۇھىم نەرسە، قۇتادغۇ بىلىگىنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىدەك، مۇشۇنداق ساھالار مۇ يامان ئەمەستەك.

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:40:03

بۇ قىتىمقى بوران بوش بوران ئەمەس .
  جۇرۇڭجى خىيانەتچىلىككە قارشى قوپقاندا ئاخىرىنى چىقىرالمىدى ، نىمىشقا دىگەندە بۇنىڭ بەدىلى بەك چوڭ بولۇپ كىتەتتى ،  بۇ قىتىم شۇ چوڭ بەدەلدىنمۇ قورقىماي خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مەسلە بىرەر باشلىقنىڭ ئىچى پۇشۇپ ئەمەس ، ماۋۇ چوڭ ئىقتىسادى كىرىزىستىن ساق سالامەت ئۆتۈش ئۈچۈن ئاجىزلىقنى ياپماقچى . پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى سىستىما يىڭىلاش ئالدىدا .

nur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 21:55:42

بۇ قىتىمقى ئېقتىسادى،سىياسىي كىرزىسنى ھەل قىلىشتە دۆلىتىمىز بەدەل تۆلىگەندىمۇ بەك تۆلەيدۇ.چۈنكى ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىشتىن كېينكى چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان پارىخورلۇق،سىياسى گورۇھ كۆرەشلىرىنىڭ ئېقتىسادىي ئىسلاھات-تەرتىپكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۆلچەرلەش قىيىن.ئۇزاقىي يىللاردىن بۇيان ئېقتىسادى تەرتىپ سىياسى تەرتىپ بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ،قاتماللىشىپ قىلىۋاتقان ئېقتسىادىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاشنىڭ يەنە بىر تەرپى ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ(دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار) ئاتا-بالا بولۇپ ئىغىز بۇرۇن يالىشىپ،نورمال ئېقتىسادىي تەرتىپنى بۇزۇپ ،پۇقراۋى كارخانىلارنى مەبلەغ قاتالىق كۆپ خىل تەرەپلەردە زىيانغا ئۇچرىتىپ كىلىۋاتىدۇ.
ھۆكۈمەت بۇ قىتىم پۇل تاپقان بايلارغا كۆز قىزارتىپ ، كىچىسى ئۇخلىيالمايدىغان،پارا بەرمىسە تەستىق بەرمەيدىغان،سودا تەرتىۋىنىڭ نورماللىقىغا سىياسى سايە چۈشۈرۈپ قالايمىقان قىلىدىغان چوڭ كىچىك يولۋاس چىۋىنلارنى يوقىتىش بىلەن پارىخورلارنىڭ سىياسىي نام بىلەن سودىغان ئارلىشىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىسا،قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش،پۇلى بارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولۇش،ئاچىسىنىڭ ئىرى باشلىق بولسىمۇ نورمال تەرتىپتە ئىش بىجىرەلەيدىغان بولۇشتەك تۈمۈر سىياسەتنى نورمال ئىجرا قىلالىسا،بىيجىڭدا تۈزگەن قانۇن قەشقەرنىڭ يىزىسىدىمۇ ئوخشاش ئىجرا بولسا، جۇڭگو ئېقتىسادىدا ئۈمىد بار بولىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 11:08:42

شىنجاڭنىڭ ئۈچ ئەڭگۈشتەرى بولغان ساياھەتچىلىك ، مىۋە -چىۋە ، يىمەك -ئىچمەك ساھەسىمۇ بۇ بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ ؟

YanfunCc يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 11:24:56

ئاللاھ ھەممىنى ئاسان قىلىدۇ.غەم يىيىشنىڭ ئورنىغا نان يەپ ئولتۇرۇپ تۇرايلى !

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 12:11:36

ھازىر شى رەئىسنىڭ بۇنىڭ  بىلەن  كارى  يوق ،پارىخورلارنى تۇتۇش بىلەن  ئالدىراش، ھازىرقى 1-  ئىش پارىخورلارنى جايلاش .ھەرخىل تۈزۈلمىلەرنىڭ يۈزىگە  سىيىۋاتقانلار   شۇ  پارىخورلار   ئەمەسمۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 15:22:11

شىنجاڭنىڭ زادى قايسى مەھسۇلاتى ئىچكىرىدىكىلەرگە باك يارايدىغاندۇ؟

Adilkozeynek يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 16:29:09

@ئودۇن: شىنجاڭنىڭ كۆمۈرى، نىفىتى، تەبىئى گازى، ئالتۇنى، ....

izqel يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 16:48:07

شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا -ئىگىلىكى،چارۋىچىلىق يىمەك ئىچمەك ۋە كانچىلىق مەھسۇلاتى،ئۇندىن قالسا ئىچكىرنى جەلىپ قىلىدىغان يەنە بىر تىما شىنجاڭنىڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چىگىرداش ئىكەنلىكى ئىچكىرى كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپاغا كېڭىيىشنى ئويلىشىشىدىمۇ بىر قىززىق نۇقتا.شۇنىڭدەك ھازىرقى مۇقىملىق مەسىلىسىمۇ بىر قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى.بىراق ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى بار.ئەبىدى ئەمىنلىك بىلەن گۈللەنگەن شىنجاڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىندىغانلار كۆپ.مەنچە مەيلى دىڭىز بويىدىكى ياساش كارخانىللىرى ۋەيران بولسىمۇ بىراق شىنجاڭدەك بىر مىلىيون ئالتىيۈزمىڭ كۇۋادىرات كىلۇمىتېرلىق كەڭ زىمىندا قۇرۇلۋاتقان شېركەت كارخانىلارمۇ ئاز ئەمەس.ئىچكىرىنىڭ كۆپلىگەن خەنزۇ پۇخرالىرى شىنجاڭنى چۈشىنىپ باققان.يىمەك ئىچمەككە ھەيران قالغان.

يىراقنى ئويلىغاندا يىمەك ئىچمەك ساھەسىنىڭ بازىرى بار.گۆش،سەي كۆكتات..قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھامان بازىرى بار.يېرىڭىز بولسا كۆتاتچىلىق ،چارۋىچىلىق كەسىپىمۇ بازارلىق كەسىپ.ئىچكىرىنىڭ نىمىسى بار دىگەندە غايەت چوڭ نوپۇسى بار ھەمدە تېخنىكا ياساش كارخانىلىرى بار.يەنى تېخنىكا ئۇلاردا بار.ئۇلارنىڭ ۋەيران بولسا......ئىشقىلىپ بىز تەرەپنىڭ ئۇنچە چوڭ زەربىگە ئۇچىراش ئىھتىماللىقىمىز ئاز.ئىشسىزلىق بىسىمى ئارتىپ كىتىشى ناياتىن.ئەمما ئىش ھەققى تۆۋەنلەش كۆرىلىشى مۇمكىن.يۇقىرى ئىستىمالنىڭ تۆۋەنلىگىنىگە ئۈچ تۆت يىل بولۇپ قالدى.ھەممە ئەدەم ئۆز تۇرمۇشىغا لايىق نەرسىلەر بىلەن كۇپايە.

kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 17:42:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kanat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-24 17:47  

خەۋەرنى كۆرۈپ ئۇنچىۋالا قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، نىمىلا دېگەن بىلەن  خەۋەر ئەمەسمۇ، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىمۇ ئارلىشىپ ۋەھىمە پەيدا قىلىپ قويىدىغان ئىشلار بار. كۆز قاراش دىگەن توغرىمۇ، خاتامۇ بۇلىدۇ.
ۋېنجو ۋە  باشقا بەزى شەھەرلەردە ياساش سانائىتىنىڭ ۋەيرانچىلىقى كۆپ بولغان بىلەن، ياساش سانائىتىدە ئىلگىرلەۋاتقان شىركەتلەرمۇ خېلى بار. ياساش سانائىتىدىكى ۋەيران بۇلۇش دولقۇنى ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زىيادە ئېشىپ قېلىپ سېتىپ بۇلالماسلىق، خام ماددا ۋە ئىشچىلىك تەننەرخنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى، تېخنىكا يېڭىلىقىنىڭ خەلىقئارا بازارغا ماسلىشالماسلىقى دېگەندەك بىر مۇنچە سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرۋېتىپتۇ.
يىللاردىن بېرى بەزى ئىقتىسادى ئانالىزچىلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاخىرقى نوقتىغا كەلگەنلىكىنى، ۋەيران بۇلۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلدى. ئەمما جۇڭگو ھۆكىمىتى ھەر قېتىم كىشىلەر ئويلاپ باقمىغان ئامال چارىلەرنى قوللىنىپ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگودىكى ئاساسلىق غول سانائەتلەر ھۈكۈمەتكە قارايدۇ ، ھۆكىمەتنىڭ  پۇل مۇئامىلە سىستىمىسىغا بولغان كونتروللۇق  كۈچلۈك،  ماكرولۇق تەڭشەش ئېلىپ بېرىشتا ھۆكۈمەت فونكىسىيسىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ. بەزى رىقابەت ئىقتىدارى يوق، ھاياتى كۈچى ئاجىز، باشقۇرىسىدا مەسىلىسى بار كارخانىلارنىڭ ۋەيران بۇلىشى بەلكى بازارنى ساپلاشتۇرىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما پۈتۈن بازارنىڭ ۋەيران بۇلىشى ئاسانلىقچە مۇمكىن ئەمەس، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بۇنداق ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلاردا ھۆكىمەت ھەر ۋاقىت يېڭىپ كېلىۋاتىدۇ.
جۇڭگو  2008 ىنچى يىللىق پۇل مۇئامىلە كىرزىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلاغا يۇلۇققان. بۇ يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بۇلۇشتىن دۇنيانىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بۇلۇشقا يۈزلىنىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بەزى تېخنىكىدا قالاق شىركەتلەرنى شاللاپ، ياساش سانائىتىدە  تېخنىكىنى ئىلغارلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، باشقا دۆلەتلەردە تېخىمۇ يېڭى بازارلارنى كۆپلەپ ئېچىش دېگەندەك چارىلارنى قوللىنش تەكىتلىنىۋاتىدۇ. بۇ بىر يىلدىن بۇيان لى كېچىياڭ بىر قاانچە دۆلەتلەردىن ناھايتى يۇقىرى سوممىلىق توختام ۋە زاكاسلارنى قولغا كەلتۈردى، يەنە قىلىۋاتىدۇ..
جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەرياندىكى خەلىقئارا بازارغا يۈزلىنىش دولقۇنىدا، مالىيە ئەھۋالى ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە مەسىلە بار كارخانىلارنىڭ شاللىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. رايۇنىمىزدىكى كارخانىلارمۇ ئىلمى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئىچكى جەھەتتىن كارخانىلارنى سېستىملاشتۇرىشى ۋە تېخنىكىدا ئىلغارلاشتۇرىشى، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشتا ئۈزلىكسىز  يېڭىلىق يارىتالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك.  

toghrulbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-2-24 22:37:41

ئۈندىداردا « قورقۇنۇچلۇق ئامرىكا » دەپ بىر يازمىنى بىر يىل ئالدىدا ئوقۇغان ئىدىم.  ئۇ يازما نەچچە يىل بۇرۇن يېزىلىپتىكەن.مۇشۇ ئەھۋاللارنىڭ نەق ئۆزى شۇ ..  ئۇ يازمىنى قايتا ئىزدەپ تاپسام بولغۇدەك.

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 00:50:55

جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى ئىشلىتەلەيدىغان كوزۇر باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن كۆپ ، نىنىلا دىگەن بىلەن جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈمدە بۇ . لىكىن بەدەل تۆلەيدىغان گەپ ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلىقنىڭ كۆڭلىنى مايىل قىلىپ تۇرۇپ مۇقۇم مۇھىت بەرپا قىلمىسا يانغىندىن ئۇچقۇن چىقىپ كىتىپ قىلىشى مۇمكىن . مىنىڭچە مۇشۇ يىرى سەل قول تۇتۇپ قالىدۇ ، جۇڭگۇ خەلىقىمۇ سەل ئالاھىدە ، پۇلغا بەك ئامراق ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە زىيان بولۇپ قالسا قىنى قىززىپ كىتىدۇ.  مەنمۇ ھۆكىمەتنىڭ بۇ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ،شۇ قانداق ئۆتۈشىگە قىزىقىپ قالدىم
  
   

Economists يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 02:05:40

زاۋۇت بولۇشتىن مەبلەغ سالغۇچى بولۇش ، تىخنىكىغا تايىنىش ، يىڭى بازار ئىچىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئامالنىڭ ھىچقايسىسى جۇڭگۇنىڭ شەخسىي ئىرادىسىگە باقماسلىقى مۇمكىن .
  مەبلەغ سالغۇچى بولۇشقا قارىساق ، جۇڭگۇنىڭ ئامرىكىدىكى پۇلى قەرزگە پايلىماسلىقى مۇمكىن ،  شەخسلەرنىڭ  مەبلەغ سالغۇچى بولىشىغا كەلسەك ، بۇ بەك مۇرەككەپ بىر مەسلە ئىكەن ، ئاددىسى جۇڭگۇدا پۇل تىپىپ كۆنۈپ قالغانلارنىڭ چەتئەلدە پۇل تىپىشى تەس . غەربتىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەچچە ئەۋلاد مەبلەغچىلىك تەجىرىبىسى بار ، ئۇلار بىلەن رىقابەتتە تۇرۇش ئاسان ئەمەس . بەلكىم ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇپ چوڭ بومىشى مۇمكىن . بەك چوڭ ئۈمىد كۈتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ .
تىخنىكىغا تايىنىش بىر چۈش ، جۇڭگۇدا ياسالغان دىگەن گەپنىڭ كۇرسى بىرمىدا ياسالغان دىگەندىنمۇ تۆۋەنمىكى دەيمەن بۇ يەردىكى كىشىلەرنى كۆز قارشىغا قاراپ .
بازار ئىچىشقا كەلسەك ، يىپەك يولى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىچىش مۇمكىن ، باشقا يەرلەرنى ئاللىقاچان ئىچىپ بولدى ، بولمىسا بەك نامرات يەرلەر قالدى ، بەلكىم ئامرىكىدەك ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئاندىن ئاچسا قانداقكى .
  ھازىرچە ئاقىدىغان ئامال مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، ئىشسىزلىق بىسىمىنى يەڭگىللىتىش ، دىمىسىمۇ تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ مۇلازىمەت كەسىپىنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى يۇقىرى . يەنە بىرسى ئىچكى ئىھتىياج بىلەن تەمىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش ، قىلىپلاشتۇرۇش ، دىمەكچى ، سەل ناتۇرال ئىگىلىك دەۋرىگە قايتىپ ، سىرتقى ئىقتىسادى كىرزىسنىڭ دۆلەت ئىچىگە بولغان بولغان تەسىرىنى ئازايتىش . بولمىسا ئامرىكىنىڭ ئىچى پۇشسا روسىيەگە قىلغىنىنى جۇڭگۇغا قىلىپ قويىدۇ .
مەن بەلكىم ئۈمدسىز گەپ قىلغاندىمەن، لىكىن قورقۇپ كەتكۈدەك ئىش يوق ،  جۇڭگۇدەك ئالاھىدە تۈزۈلمىدىكى دۆلەت ھۆكىمىتىنىڭ قىلالايدىغىنىنى باشقىلار تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايدۇ ، نىمە بولساق بىرمىليارد تۆت يۈز مىليون خەلىق بىلەن بىللە كۆرىمىز .

kanat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 03:18:02

Economists يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 02:05 static/image/common/back.gif
زاۋۇت بولۇشتىن مەبلەغ سالغۇچى بولۇش ، تىخنىكىغا تايىن ...

دۆلەت سودا  مىنىستىرلىكىنىڭ2014  ىنچى يىل 9 ىنچى ئايدا ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا پەقەت 8 ىنچى ئايدىلا سىرتقا قارىتا يېڭىدىن مەبلەغ سالغان  شىركەتلەر سانى  1952سى ئارتقان  ، 8 ىنچى ئايدىكى جۇڭگونىڭ سىرتقا  بىۋاستە سالغان مەبلىغى سىرتتىن قۇبۇل قىلغان مەبلەغدىن  5 مىليارد 420 مىليون دوللار كۆپ بولغان.  جۇڭگو 2012ىنچى ۋە  2013 يىللىرىدا دۇنيا بۇيىچە 3ىنچى چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت بولغان، كىيىنكى يىللاردا بىر ئاز ئارقىدا قالغان.  ئۆتكەن يىلى 9 ىنچى ئايدا جۇڭگو " چىگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى" غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ،  كارخانىلارنىڭ چىگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق ياراتقان، قوللاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان.  ھازىرمۇ جۇڭگونىڭ سىرتقا  سالغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سىرتتىن كىرگەن مەبلەغنىڭ ئېشىشى سۈرئىتىدىن تېز.  ئەمما بەزى يىتەرسىزلىكلەر بار:
بىرى، دۆلەت ئىچى كارخانىلارنىڭ چەتئەل بازىرىغا كىرىشى، مەبلەغ، تېخنىكا  ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى يىتەرسىزلىكلەر، بۇ مەسىلە بۇرۇندىن بار ئىدى. دىققەت قىلسىڭىز ھۆكىمەت كۈچى ئاجىز بولغان دۆلەت ئىچى كارخانىلىرغا مەبلەغ ۋە باشقا جەھەتتىن زور مىقتاردا   ياردەم بېرىش يۇلى بىلەن دۆلەت سىرتىدىكى داڭلىق ماركىلىق كارخانىلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى كارخانىلارنى خەلىقئارا بازارغا يۈزلەندۈرگەن، تېخىمۇ كۆپ بازار ئاچقان، تېخنىكا ئۈگەنگەن، باشقۇرۇشنى ئۈگەنگەن، مەسىلەن ، جىلى نىڭ Volvo سېتىۋېلىشى،  联想  نىڭ IBM نى سېتىۋېلىشى، TCL نىڭ گىرمانىيە شىركەتلىرىنى سېتىۋېلىشى، خۇاۋېي نىڭ VODAFON بىلەن ھەمكارلىشىپ 140 نەچچە دۆلەتكە كىرىشى دېگەندەك، مىسال ئىنتايىن نۇرغۇن, بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھۆكىمەتنىڭ ناھايتى چوڭ ياردىمى بار. بۇ ئىستراتىگىيەنى  ھېلىھەم داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. جۇڭگو بۇنى يەنە داۋام قىلماقچى، كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە بۇنچىلىك قىلمايدۇ.
يەنە بىر يىتەرسىزلىك بولسا تۇشۇش، قاتناش مەسلىسى. مۇساپە جەھەتتىن جۇڭگو ماللىرى ياۋرۇپا ۋە ئامرېكىغا بېرىش ئۈچۈن پاراخۇتتا ئەڭ ئاز 40 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ، بەزى ئاسان بۇزۇلىدىغان ماللارنى بۇ سەۋەپتىن توشۇش تەس، ۋاقىتمۇ ئۇزۇن.  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن ئۆتكەن تۆمۈر يولنى تاكى ۋېنگىريەنىڭ بۇداپىشتقىچە تۇتاشتۇرۇش پلانلىنىۋاتىدۇ.بۇنداق بولسا  ئىككى ھەپتىگە قالماي  جۇڭگونىڭ ماللىرى ياۋرۇپالىقلارنىڭ قۇلىغا تىگىدۇ.
بازار ئېچىشنى تەبئى بايلىقلارنى ئېچىش بىلەن ئارلاشتۇرۋالماسلىق كېرەك.  ئوتتۇرا ئاسىيادە ھېچقانچە چوڭ بازار يوق، جۇڭگونىڭ كۆزلەۋاتقىنى ياۋرۇپا، ئامېرىكا، ھىندىستان دىگەندەك چوڭ بازارلار... شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئىستىمال بازىرى..تېخنىكا يېڭىلاش جەھەتتە  كۈچەۋاتقان تەدبىرلەرمۇ كۆپ. ..

TaQa يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 05:11:15

toghrulbeg يوللىغان ۋاقتى  2015-2-24 22:37 static/image/common/back.gif
ئۈندىداردا « قورقۇنۇچلۇق ئامرىكا » دەپ بىر يازمىنى بىر ...

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=43856&extra=&highlight=%D8%A6%D8%A7%D9%85%DB%90%D8%B1%D9%89%D9%83%D8%A7&page=1 مەن ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قوياي.
تەرجىمان تۇماقجان.
بەت: 1 [2] 3
: جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى ۋەيران بولۇش دولقۇنى باشلاندى