memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 00:36:34

بوۋاقلىرىمىزنى ئىلمى ئۇزۇقلاندۇرمامدۇق


   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
   بالام بەش ئايلىقتىن ئازراق ئاشتى . ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا ئابدۇسەمەت مامۇتتەك پەرزەنتىمنى ئالاھىدە ياخشى تەربىيلەشتەك ئۇلۇغۋار پىلانىمنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان بولساممۇ ، بالام تۇغۇلۇپ يېرىم ياشقا كىرەي دىسىمۇ تۈزۈك بىر تەربىيە قىلالمىغىنىمدىن سەل-پەل ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئۇشبۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
   ئەسلى گەپكە كەلسەم ، بوۋاق بالىغا ئەڭ چوڭ قىلىپ بېرەلەيدىغان تەربىيەرىمىز ، ئۇنى پاكىزە بېقىش بىلەن بىرگە ئىلمى ئۇزۇقلاندۇرۇپ بالىنىڭ ساغلام ، ئەقلى قابىلىيتىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە سەۋەبكار بولىشىمىز بولسا كىرەك . بۇ پەقەت ئۆزەمچە ھېس قىلغانلىرىم خاتا بولسا ياكى تۇلۇقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك نۇقتىلار بولسا قېنى بايان قىلغايسىلە ؟
  بوۋاقنى پاكىزە بېقىش ئانىنىڭ قانچىلىك پاكىزە ، مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچ بۇ ھەقتە ئارتۇق باش قاتۇرۇپ كەتمىدۇق .  ئەمما  بىزلەرمۇ كىچىكلىكىمىزدە ئىلمى پەرۋىشلەنمىگەنلىكىمىز ھەم باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بوۋاقنى قانداق ئۇزۇنلاندۇرساق مۇۋاپىق بولار دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئاز-تولا ئىككىلىنىشلەر پەيدا بولدى . چوڭلارنىڭ رايى بويىچە ئانىسى ئىمىتسە ، ئەتتىگەن - كەچتە بۇلماق ئىتىپ يىگۈزسە ، تاماق ۋاقتىدا تاماق يىگەچ ئۇنىڭغىما قوشۇپ بىللە چايناپ بەسە ... بولدى ئارتۇق كاللا قاتۇرۇش كەتمەيدىغان ئاددى بىر ئىش  . بىزمۇغۇ كىچىكلىكىمىزدە شۇنداق ئۇزۇقلىنىپ  ئىككى - ئۈچ قاچا لەغمەننى كۆدۈم دىمەي يەۋىتەلىگۈدەك ساغلام چوڭ بولدۇق مانا . لېكىن بوۋاقنى بۇنداق ئۇزۇقلاندۇرۇشنىڭ بىر يەرلىرى تازا ئىلمى ئەمەستەك ؟
    شۇڭا «نۆل ياشتىن بىر ياشقىچە بولغان بوۋاقنى قانداق ئۇزۇقلاندۇرساق مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ » دىگەن مەسىلە ئۈستىدە تورداشلارنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى ، پىكرىي بايانلىرىنى ئاڭلاپ باقساق ...

safiya816 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 09:21:23

تۇخۇمغا شىكەر سېلىپ تازا قوچۇپ،ئازراق سۇ قوشۇپ،  جىمبىلگە قويۇپ دۈملەپ پىشۇرۇپ بەرسىڭىزمۇ ياخشى بولىدۇ. مەن قىزىم 1 ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرى، گۈرۈچ، گۆش، ھەر خىل كۆكتاتلارنى سېلىپ شوۋىگۈرۈچ قىلىپ، 料理机 (ئۇيغۇرچىسى نىمىكىن بىلمەيدىكەنمەن:funk:) غا سېلىپ ئىزىپ، بۇلماقتەك قىلىپ بەرگەن، قىزىممۇ شۇنداق ياقتۇرۇپ يىگەن.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 14:03:32

ئابدۇسەمەت مەمەت دىگەن كىم ئەمدى؟

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 14:03:38

ئابدۇسەمەت مەمەت دىگەن كىم ئەمدى؟

choice يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 14:10:08

بۇ يەردە ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش دىگەن سۆزنى تىلغا ئاپسىز، مەن ئىككى بالامنى چوڭ قىلىش داۋامىدا ھىس قىلغانلىرىمنى دەپ باقاي، تۇنجى بالامنى ئىلمىي باقىمەن دەپ سائىتىگە قاراپ تۇرۇپ تاماق ئۇسسۇزلۇق سۈت مىۋە سۈيى بېرەتتىم، ماگزىندىكى ئەڭ قىممەت پىچىنە پىرەنىكنى، ئەڭ قىممەت سۈت پاراشۇكىنى ، ئەڭ سۈپەتلىك دەپ قارىغان گۈرۈچ تالقانلىرنى ئېلىپ يىگۈزەتتىم، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەينەك شىشىگە قاچىلانغان كالىتسىي بەردىم، بالا ناھايىتى تېز ئۆسۈپ ئىزدىل ئوزۇق ۋە كالىتسىي يېتىشمەيتتى، كىچىككىنە ئاغزىپ قىززىپ قالسا جىددىلىشىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئۇكۇل ئۇردۇرغان باھانە بىلەن بالا مەكتەپ يېشىغا توشقىچە ئايدا ئاز دىگەندە بىر قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ ، ئاسما ئۇرمىغىچە ساقايماس بولدى، ھەرۋاقىت جىددىلىك ئىچىدە تۇرغاچقا ئۆزۈممى ھېرىپ چارچاپ ھالىمدىن كېتىپ قالغان ئىدىم،
ئىككىنچى بالىنى دەسلەپكى 4 ئايدا ئانا سۈتى مىۋە سۈيى سوۋۇتىلغان قايناقسۇ بىلەنلا باقتىم، مېنىڭ تەۋسىيەم ئەگەر ئانا سۈتى يېتەرلىك بولسا بالىنى دەسلەپكى 4 ئايدا ئانا سۈتى بىلەن بېقىش، ئانىنى ئوبدان ئوزۇقلاندۇرۇپ بالىنىڭ مىزاجىنى ئانىنىڭ يىمەكلىكى بىلەن تەڭشەش كېرەككەن، كېيىنچە ھەر  كۈنى يېرىم تۇخۇمغا سۈت ۋە ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ھوردا دۈملەپ پىشۇرۇپ يىگۈزدىم، ئۆزۈم يىگەن تاماقلارنىمڭ بىرەر چىشلەمدىن چايناپ تېتىتىپ قويدۇم،چوڭلارنىڭ ئېيتىشىچە مۇشۇنداق قىلسا كېيىن بالا تاماق تاللىمايدىغان بولىدىكەن، ئۇستىخانلىق قوي گۆشىنى كۈندە بىرەر پارچىسىن سۇغا سېلىپ شورپا قىلىپ شورپىسىغا ئۆيدە بار كۆكتاتنىڭ ھەممىسىنى سالدىم، قايناپ تازا تەمى چىققاندا ئۇستىخان ۋە كۆكتاتلارنى سۈزگۈچتە سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ شورپىسىغا خېمىرنى قەغەزدەك نېپىز يېيىپ يىرتىپ سېلىپ سۇيۇقئاش قىلىپ بەردىم، 1 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن بالىغا سەۋزە ، لوبۇ ، يىسۋىلەك، پالەك، كۈدە  قاتارلىق ھەرخىل كۆكتاتلار بىلەن مايلىقراق گوشتە قىيما قىلىپ جىلتىسىنى نېپىز يېيىپ ئۇزاقراق پىشۇرۇپ تۈگۈرە تۈگۈپ بەرسىڭزىمۇ بولىدۇ، مۈمكىن بولسا مىۋىلەرنى قوشۇقتىمۇ ئېزىپ سۈيىنى چىقارغىلى بولىدۇ، ھەرقايسى پەسىلدە بازاردا تۆكمە بولىدىغان مىۋىلەرنىڭ سۈيىنى ئېزىپ ئىچۇرۇپ بېرىڭ.سەۋزە چامغۇر  گۆش ۋە گۈرۈچنى ياكى لوبۇ گۈرۈچنى 2 كۈندە بىرەر  قېتىم ئۇزۇنراق قاينىتىپ شوۋۇگۇرۇچ قىپ يىگۈزسىڭىزمۇ سىڭىشلىك بولىدۇ، چايناپ يىگۈزۈش كەتمەيدۇ، بازاردىن بۇلماق ئالغاندىن كۆرە ئۆيدىكى ئۇننى جىمبىل ئۈستىگە داكا قويۇپ نېپىزراق يېيىيىتىپ ئاز دىگەندە بوش ئوتتا 2 سائەت دۇملەپ پىشىرۇپ ئېلىۋېلىپ، سۈت تۇز ئازراق قويمېيى سېلىپ بۇلماق قىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، مەن باللىرىمغا بۇلماقنى مۇشۇنداق قىلىپ تەييارلاپ بېرەتتىم، ئۇسسۇزلۇق سۈيىگە ئادەتتە شىكەر سالماي سوۋۇتىلغان قايناقسۇ ئىچكۈزۈپ بېرىڭ.يېشىغا توشقاندىن كېيىن تەبىي سۈتنى قاينىتىپ ناننى سۈتكە چىلاپ بادام ياڭ مېغىزلىرىنى ئېزىپ نان بىلەن قوشۇپ يىگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ. بالا ئولتۇرۇپ قولىدا نەرسە تۇتقىدەك بولغاندىن باشلاپ بالىنى يېنىڭزدا ئولتۇرغۇپ تامىقىنى چېچىۋەتىسمۇ ئۆزىگە يىگىلى قويۇپ بېرىڭ، مۆلچەرلىگەن تاماق مىقدارىغا يەتمىگەندە ئاندىن كەينىدىن يىگۈزۈپ قويساڭلارمۇ بولىدۇ، بالىنڭ كەمتۈك تىلىدا ئەمەس پۈتۈن تولۇق تىلدا پاراڭلىشىڭ، مەسلەن تېلفۇنى ۋەي ۋەينى ئالە دىمەي تېلفۇننى ئال دەپ ئۆگۈتۈڭ، شۇنداق بولسا بالىنىڭ تىلى تولۇق چىقىدۇ. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئېسىمگە كەلدى، يەنە ئېسىمگە كەلسە تولۇقلاپ قويىمەن. ئىمكانقدەر ئۆي تامىقى تەبىي يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرساڭلار مېنىڭچە ئەڭ ئىلمىي بولىدۇ

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 15:11:02

يۇقىرىدىكى قاراشلارنىڭ بەزىلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىمنى ئېيتىش بىلەن بىرگە بلوگىمنى تەۋسىيە قىلىپ قوياي:
www.aybalam.com

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 16:22:38

بالا ئانا سۇتىگە قانمىسا بىكاركەن،
مىنىمۇ چوڭ ئانام بىقىپ چوڭ قىلغاچقا كىچىكىمدىن تىنىم ئاجىز دوختۇردىن كىلەلمەيتىم ،ھەرقانچە نوچى ئوزۇقلۇق بەرگەن بىلەنمۇ ئانا سۇتى ئورنىنى باسالمايدىكەن،.شۇڭا ئاۋال شۇنىڭغا كۇچىگەن ياخشى،

بالىنىڭ ئانىسىغا بولغان مىھىر مۇھەببىتىمۇ سۇس بولۇپ قالىدىكەن.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 21:25:36

ئابدۇسمەمەت مامۇت بالىلار دوختۇرىما ؟ئۆيى ياكى دوختۇرخانىسى قەيەردە ؟:(

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 23:05:04

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-1-28 15:11 static/image/common/back.gif
يۇقىرىدىكى قاراشلارنىڭ بەزىلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقى ...

قوشۇلمايدىغان تەرەپلىرىڭىزنى تەپسىلى دەپ بەرمەمسىز ؟
  بىلوگىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم ھەم ساقلىۋالدىم ... قىلىۋاتقان ئەمگىكىڭىزدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم

bugle يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 01:34:09

mastura 发表于 2015-1-28 15:11:02 static/image/common/back.gif
يۇقىرىدىكى قاراشلارنىڭ بەزىلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىمنى ئېيتىش بىلەن بىرگە بلوگىمنى تەۋسىيە قىلىپ قوي

بوش ئەمەسكەنسىز .ئايبالام تورىدىن خېلى ياخشى مەنپئەتلەنگەن مەن

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 12:10:40

ئۇزۇن ئىنكاستىن بىرنى يازسام ئۆچۈپ كەتتى. ئەمدى يېزىش خوشياقمايۋاتىدۇ.
قىسقىلا يازاي:  
ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش دېگەن نېمە؟
بالىنىڭ بۆرىكى ئىنتايىن ئاجىز، شۇڭا پەقەتلا ئوزۇقلۇقى مول بولغان، بالا ئاسان ھەزىم قىلالايدىغان نەرسىلەرنى بېرىمىز، قالايمىقان نەرسىلەرنى بەرگەندە  جىگەر ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىدۇ، (ئەخلەتلەرنى تازىلاپ) بەلكىم بالىڭىز پاقلاندەك سېمىز، تېمەن كۆرۈنۈپ كېتەر. لېكىن بۇنىڭ تەسىرىنى ياش ئارتقانچە ھېس قىلىپ بارىسىز.
بىر ياشتىن تۆۋەن بالىغا شېكەر، تەييار قاپلىق پىرەنىك، بۇلماق، پۈتۈن تۇخۇم، ھەسەل، كالتىسىي ئىچىملىكى، تەييار مېۋە سۈيى، سۈت، شورپا بېرىشنىڭ ھەممىسى ئانچە ئىلمىي بولمىغان بېقىش ئۇسۇللىرىدۇر.
تەپسىلىسىنى ئالدىرىماي يازاي.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:01:09

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-01-29 12:10:40 static/image/common/back.gif
ئۇزۇن ئىنكاستىن بىرنى يازسام ئۆچۈپ كەتتى. ئەمدى يېزىش
بوۋاقلاردىكى سېرىقلىقنى ئالىدۇ دەپ شېكەر سۈيى بېرىشىمىز كېرەككقۇ دەيمەن؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:05:10

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-01-29 12:10:40 static/image/common/back.gif
ئۇزۇن ئىنكاستىن بىرنى يازسام ئۆچۈپ كەتتى. ئەمدى يېزىش
ئاپلا چاتاق بوپتۇ، بالامغا سىز بېرىشكە بولمايدۇ دېگەن نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى بېرىپتۇق، چوڭلار ئۇنىمايدىكەن ئەمەسمۇ، بىر ئىش بولدى زادى… بولسا تەپسىلىيرەك توختالسىڭىز بوپتىكەن.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:07:25

0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-01-29 13:01:09 static/image/common/back.gif

بوۋاقلاردىكى سېرىقلىقنى ئالىدۇ دەپ شېكەر سۈيى بېرىشى
بىزمۇ بالىغا چۈچۈكنى تۈگىتىدىكەن دەپ يانتاق شېكىرى، ھەسەل دېگەنلەرنى بەرگەن ئىدۇق…

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:08:23

0996 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 13:01 static/image/common/back.gif
بوۋاقلاردىكى سېرىقلىقنى ئالىدۇ دەپ شېكەر سۈيى بېرىشى ...

سېرىقلىق دېگەن قانداق گەپ؟ كەچۈرۈڭ، سەل تەپسىلىي دەپ بەرسىڭىز.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:24:22

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-01-29 13:08:23 static/image/common/back.gif


سېرىقلىق دېگەن قانداق گەپ؟ كەچۈرۈڭ، سەل تەپسىلىي دەپ
ئالدىراش بوپ قالدىم ھەم دوختۇرمۇ ئەمەسمەن.
لىكىن 黄疸دەپ ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:42:57

بىلدىم، رەھمەت. بۇ ئىنگلىزچە Jaundice  دەپ ئاتىلىدىغان، بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان، چوڭلاردىمۇ ئانچە مۇنچە كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋالكەن.
بۇ قاندىكى بىلىرۇبىننىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق ئەھۋال. مېنىڭ بىلىشىمدە بۇ ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس، ھەم ھېچقانداق داۋالاش ياكى دورا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. بەك ئېغىرلاپ كەتكەن ئەھۋالدا دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. چوڭلاردىكى Jaundice نى قانداق داۋالايدۇ بىلمەيمەن، ئەمما يېڭى بوۋاقلارغا دورا ئىشلىتىپ داۋالىغاندا چوڭ مېڭىگە زەخىم يەتكۈزىدۇ دەپ كۆرگىنىمدىن يادىمدا.
ئەمدى شېكەر سۈيى پايدا قىلامدۇ، دېگەنگە كەلسەك، بۇنىڭ قانداق ئىلمىي ئاساسىي بارلىقىنى بىلىپ بولالمىدىم.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 13:43:00

بىلدىم، رەھمەت. بۇ ئىنگلىزچە Jaundice  دەپ ئاتىلىدىغان، بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان، چوڭلاردىمۇ ئانچە مۇنچە كۆرۈلىدىغان بىر ئەھۋالكەن.
بۇ قاندىكى بىلىرۇبىننىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق ئەھۋال. مېنىڭ بىلىشىمدە بۇ ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس، ھەم ھېچقانداق داۋالاش ياكى دورا بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. بەك ئېغىرلاپ كەتكەن ئەھۋالدا دوختۇردىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. چوڭلاردىكى Jaundice نى قانداق داۋالايدۇ بىلمەيمەن، ئەمما يېڭى بوۋاقلارغا دورا ئىشلىتىپ داۋالىغاندا چوڭ مېڭىگە زەخىم يەتكۈزىدۇ دەپ كۆرگىنىمدىن يادىمدا.
ئەمدى شېكەر سۈيى پايدا قىلامدۇ، دېگەنگە كەلسەك، بۇنىڭ قانداق ئىلمىي ئاساسىي بارلىقىنى بىلىپ بولالمىدىم.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 14:23:02

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 13:43 static/image/common/back.gif
بىلدىم، رەھمەت. بۇ ئىنگلىزچە Jaundice  دەپ ئاتىلىدىغان، بو ...

باللىرىم تۇغۇلغاندا دوختۇر گولگۈزا ياكى شېكەر سۈيىنى ئۇسسۇزلىقىغا بېرىڭلار دىگەن، سېرىقلىقنى ئالىدۇ ۋە بالىنىڭ يۈزىنى سۈزۈك قىلىدۇ دەپ. ھازىر يەنە ئىزدىنىپ باقسام سېرىقلىقنىڭ چىقىشىدىكى سەۋەپ جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بۇلىشىدىن ئۆتمۇ بىرنىمە سۇيۇقلىقىنىڭ ئارتىپ كىتىشىدىن ئىكەن. قورساق بەك ئاچ قالغاندا تاتلىق نەرسىلەرنى يىسەك جىگەرنى قوغدايدۇ دەپ قويىمىز ئادەتتە.
لىكىن يەنە تۆۋەندىكىدەك ماقالا ئۇچاپ قالدى يەنە ئىلمىلىكىگە گۇمان سېلىپ:
千万别给新生儿喂葡萄糖水

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 14:32:24

مېنىڭچە ئۇ دوختۇر ئانىسىدىن ئاڭلىۋالغىنى بويىچە دەپتۇ. شېكەرنى بالىلاردىن قانچە يىراق تۇتالىساق شۇنچە ياخشى.
بەت: [1] 2 3
: بوۋاقلىرىمىزنى ئىلمى ئۇزۇقلاندۇرمامدۇق