ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 15:18:57

بالىسى بارلار بىلىدۇ جۇما بالا بېقىشنىڭ قانداقلىقىنى:shutup:
بالامنى 16ئايلىق قىلغۇچە خېلى ئىشلىنى كۆردۈم، زىيادە تويغۇزۋېتىشنى ياقتۇرمايمەن.

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:20:17

بالامغا سۇ ئىچۈرسەك ئاساسەن قەنت سېلىۋېتىپ ئىچۈرەتتۇق . قەنتنىڭ تەمى بوش بوپقالسىمۇ ئوبدان ئىچكىلى ئۇنىمايدۇ ... قارىغاندا خاتا كەندە ؟نىمىشقا خاتادۇ بالىغا شىكەر سۈيى ئىچۈرۈش ؟سەۋەبىنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ ؟

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:20:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   memetawaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-29 18:26

ئانام بالىلار كالتىسى ئىچىملىكى بىلەن بېلىق مېيى ئەكەپتىكەن . مۇشۇنىڭدىن بىرىڭلا،بالىدا كالتىسى كەمكەن دەپ ... بېشىنى تولا چايقايدىغان بوپقالغان . شۇلارنى بەرگەندىن كىيىن بۇرۇنقىدەك تولا چايقىمايدىغان بولدى .

ttt يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 19:21:39

قىزىم 15 كۈنلۈك بولغان.دوختۇركۈندە ئۈزۈلدۈرمەي ۋىتامىن ئا د ‹维生素ad› بەر دەيدۇ. بېرەيمۇ بەمەيمۇ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 19:39:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-1-29 19:45

ئەمەلىيەتتە نورمالدا بوۋاقنىڭ يېمەكلىكىدە بوۋاققا يېتەرلىك بولغان كالتىسىي بولىدۇ، ئانا سۈتىنى ئېمىۋاتقان بوۋاقلار ئادەتتە ئانىدا بەك ئېغىر كەلتىسىي كەملىك بولمىسىلا ئانا سۈتىدىن يېتەرلىك كالتىسىيغا ئېرىشىدۇ، ئېمىتىش سەۋەبلىك ئانىلارنىڭ بەدىنىدە كالتىسىي كەملەپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن بوۋاقلار نورمالدا يېتەرلىك كالتىسىيغا ئېرىشەلەيدۇ.
لېكىن بالىغا يېتىشمەيدىغىنى ۋىتامىن د. ۋىتامىن د يېتەرلىك بولمىسا كالتىسىي بەدەنگە سۈمۈرۈلمەي ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇنى سىرتتىن ۋىتامىن د تولۇقلاش ياكى ئاپتاپقا سېلىش بىلەن تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئىككىلىسى تەڭ ئېلىپ بېرىلسا كالتىسىينىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
دېمەكچى، دوختۇرنىڭ دېگىنى مېنىڭ بىلىشىمچە ناھايىتى توغرا.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 20:01:35

شېكەرگە كەلسەك، بالىڭىزنىڭ شېكەر سۈيىنى ياخشى كۆرۈشى ئىنتايىن نورمال ھادىسە، چۈنكى شېكەر ۋە ماي تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئىستېمال قىلىنغاندا چوڭ مېڭە ئاسانلا غىدىقلىنىدۇ ۋە ئادەم ئۆزىنى خوشال ھېس قىلىدۇ، يەنى بىز دەۋاتقان «تەملىك» بىلىنىدۇ. ئەسلى بېشىدىن باشلاپ بەرمىسىڭىز ياخشى بولاتتى.
شېكەر:
1. كالورىيىسى يۇقىرى، ئاسان سەمرىتىۋېتىدۇ. بوۋاقلارنىڭ سەمرىپ كېتىشىنىڭ كېيىنكى ھاياتىغا قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
2. قاندىكى شېكەرنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. بالىلارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش بەك ئاجىز، ئۇنداق بوزەك قىلمايلى.
3. ......بەك جىق. بىلگەجان كىرگەندە سۆزلەپ بەرسۇن.
ئۇن ۋە گۈرۈچتە، مېۋىلەردە....تەبىئىي ھالەتتىكى شېكەر بار. ئۇلار كۆپ ياخشى، لېكىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن شېكەر، يەنى ئاق شېكەر، قەنت ۋە ناۋاتنى بوۋاقلارغا، بولۇپمۇ ئالتە ئايدىن تۆۋەن بوۋاقلارغا يېقىن يولاتماسلىق كېرەكتى.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 22:07:00

ۋۇييۇ ما تېما ياخشىكەن...   ساقلىۋالغىنىم بولۇپ قالسۇن...

safiya816 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 09:09:53

mastura يوللىغان ۋاقتى2015-1-29 20:01 static/image/common/back.gif
شېكەرگە كەلسەك، بالىڭىزنىڭ شېكەر سۈيىنى ياخشى كۆرۈشى...

بالام تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپلا ئاچىلىرىم قايناق سۇغا قەنت سېلىپ بەرگەنىدى، ئەسلى خاتاكەندە، ھازىرغۇ قىزىمنىڭ تاتلىق نەرسىلەر بىلەن پەقەتلا خوشى يوق، خېلى نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم كۆپ رەھمەت! يەنە بىر گەپنى سورىۋالسام، قىزىم بىر يېرىم ياشقا كىردى، تۇخۇم يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە كۈندە بىر تۇخۇم يەيدۇ، لىكىن ئەتراپىمدىكىلەر قىز بالا تۇخۇمنى جىق يىسە بولمايدۇ، ئۇنداق كۆپ بەرمە دەيدۇ، بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمۇ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 12:41:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-5 14:57

@bilgejan شېكەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. رەھمەت.
@safiya816، تۇخۇم ھەققىدە ھەرخىل قاراشلارنى كۆردۈم. تەپسىلىي سۆزلەشكە ۋاقتىم يەتمەيدىغاندەك تۇرىدۇ. مەن ھازىرچە توغرا تاپقان قاراش، بىر ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تۇخۇمنىڭ ئېقىنى بەرمەسلىك، سېرىقىنىلا ئاز مىقداردا بېرىش؛ بىر ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا تۇخۇمنىڭ سېرىقى ۋە ئېقىنى ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش، لېكىن بەكمۇ كۆپ بەرمەسلىك، تۇخۇمنىڭ ئېقى ساپ ئاقسىل، سېرىقىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ موللىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقىدىكى ۋىتامىن د بالىلارغا ناھايىتى پايدىلىق.
لېكىن مەن تۇخۇم سېرىقىنى بەكمۇ كۆپ بەرمەسلىك،كۆپ بولغاندىمۇ ھەپتىدە تۆت قېتىم بېرىش تەرەپدارى.
تۇخۇم مەسىلىسىدە مەن ھەرخىل قاراشلارنى كۆرۈپ، قايسىسىنىڭ توغرىلىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالمىغاچ (قارىسام ھەممىسىنىڭ ئاساسى باردەك تۇرىدۇ) بەك تەپسىلىي بايان قىلمىدىم.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:06:45

شىكەر سىلىپ تاماق يىدۇرۇپ كۆنۇپ قالسا چوڭ بولسىمۇ تاشلىمايدىكەن .،
مىنىڭ نەۋرە سىڭلىممۇ شىكەر سىلىپ تاماق نان بىرەتتى ھازىرغىچە شۇ شىكەردىن ئايرىلالمايدۇ،.
مەن كىچىكىمدىن شىكەر يەپ كۆنمىگەن تاتلىق نەرسىلەرنى قەتتى يىيەلمەيمەن .
بۇنداق ئادەم مىۋە چىۋىلەرگە قەتتى رايى يوق بوپ قالدىكەن .

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:09:23

mastura يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 12:41 static/image/common/back.gif
@bilgejan شېكەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. رەھمەت.
@ ...

ئىشقىلىپ تۇخۇم سىرىقىنى قىزلارغا بەك كۆپ بىرىشكە بولمايدۇ. بالدۇر يىتىلىپ قالىدۇ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:14:41

mastura يوللىغان ۋاقتى2015-1-29 20:01 static/image/common/back.gif
شېكەرگە كەلسەك، بالىڭىزنىڭ شېكەر سۈيىنى ياخشى كۆرۈشى...

مېنىڭ ئوغلۇم تاتلىقنى بەك يەيدۇ. ئىدارىدە بىرەرسى ئىككى تال كەمپىت بەرسە بىرسىنى تولۇق يەپ بولالماي ئۆيگە ئېلىپ كىلىمەن .كانىيىم خىرىلداپ قالىدۇ. لېكىن بالامنىڭ يىگەن كەمپىتىنىڭ قەغىزىنى ساناپ تۈگىتەلمەيمەن. ياخشاراق كەمپىت بولسا 30، 40نى يەۋىتىدۇ.بويى زىيادە ئېگىز بولغاچقا بەدىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇم. 15ياشقا كىرمەي تۇرۇپ 185بولۇپ قالدى. يەنە 10سانتىمىتىر ئۆسكۈسى بار ئىكەن.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:16:35

ttt يوللىغان ۋاقتى2015-1-29 19:21 static/image/common/back.gif
قىزىم 15 كۈنلۈك بولغان.دوختۇركۈندە ئۈزۈلدۈرمەي ۋىتامى ...

ھىچنىمە بەرمەي ئۆزىڭىز ياخشى ئوزۇقلىنىپ ئىمىتىڭە بىرەر ياشقىچە.15 كۈنلۈك بوۋاقتا ھەممە نەرسە تولۇق ئەمەس.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:18:17

ئۇن، گۈرۈچتىكى شېكەر كىراخمال، قەنت پولىساخارىدقا تەۋە، ناۋاتتىكى شېكەر ساخوروزا دېساخارىدقا تەۋە، قاندىكى شېكەر گىليۇكوزا، مونو ساخارىدقا تەۋە. ئومۇمىي نامى شېكەر، ياكى ساخارىدلار.
پولىساخارىدلار بىلەن دېساخارىدلار ئادەم بەدىنىگە ئىستىمال قىلىنغاندا ماس ئېنزىملارنىڭ تەسىرىدە ھىدرولىزلىنىپ ئاخىرىدا گىليۇكوزىغا ياكىئاز مىقداردا فىروكتوزىغا ئايلىنىپ قانغا سۈمۈرۈلۈپ ، نەپەسلىنىشتە قوبۇل قىلىنغان ئوكسىگېندا كۆيۈپ بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇن، گۈرۈچلەردىكى كىراخمال گىليۇكوزىغا ئايلىنىدۇ. قەنت، ناۋاتلاردىكى ساخاروزا گىليۇكوزا بىلەن فىروكتوزىغا ئايلىنىدۇ.
قەنت، ناۋاتنى جىق يېسە ياخشى بولماسلىقتىكى سەۋەبنى، قەنتتىكى ساخاروزىنىڭ كالورىيەسى بەك يۇقىرى بولغانلىقىتىن، ھەم ساپلىقى يۇقىرى بولغانلىقتىن بىرسى ئاسان تويۇپ قېلىش سېزىمى بولىدۇ شۇنىڭ بىلەن باشقا ئوزۇقلۇقلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاز بولۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ.
پەقەت شىكەرنىلا ئىستىمال قىلىشقا كۆنۈپ قالغاندا بالىڭىزدا ئاقسىل، ۋىتامىن قاتارلىقلار كەم بولۇپ قالىدۇ دېگەن گەپكەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:27:53

مەسئۇلىيەتسىز ئىنكاس يازمايلى. بىر يەردىن ئاڭلىۋالغان گەپ بولسىلا توغرا بولمايدۇ.
بالدۇر يېتىلىپ قېلىش قىزلارغىلا ئەمەس، قىز-ئوغۇل ئىككىلىسىگە ئورتاق. لېكىن مۇشۇ مەسىلىدە تالاش-تارتىش باركەن، شۇڭا ئالدىنقى ئىنكاسىمدا تىلغا ئالمىدىم.
ئەمدى ۋىتامىن د بەرمەڭ دېگەن گەپكە قارشى تۇرىدىغان ئاساسىڭىز ئاڭلايلى، بار بولسا.
نورمال ئىنساننىڭ بەدىنى كەمپۈتكە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. بالىڭىز ئەمدى 15 ياشقا كىرىپتۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى بىر ئۆمۈرگە لازىم ھەقىچان، بەك ئىشلىتىپ قىيناپ كەتمەڭ.

ئەمدى نىياز دىخاننىڭ گېپىگە كەلسەك، شېكەر يېمەسلىكتىن مەقسەت پەقەتلا قورساق بالدۇر تويۇپ قالىدۇ، دېگەن قاراش تولۇق ھېسابلانمايدۇ، دەپ بىلىمەن. يۇقىرىدا سىز تىلغا ئالغان مەزمۇنلارنى تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقنىڭ بىئولوگىيە دەرسلىكىدە ئۆگەنگىنىم يادىمدا. لېكىن ھازىرقى ئوزۇقلۇق ماتېرىياللىرىدا ھېچقانداق تىلغا ئالماپتۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:38:50

شىنجاڭدىكى مەكتەپلەردە تولۇقسىز 1-يىللىقتا بوتانىكا، 2-يىللىقتا فىزىلوگىيە دېگەندەك دەرسلەرنى ئۆتەتتى. مەن دېگەن مەزمۇنلارنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بىيولوگىيە دەرسلىكىدە ئۆتىدىغان.
سىز تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ دەرسلىكىدىكى مەزمۇنلار بىزنىڭكى بىلەن بەك چوڭ پەرقلىنىدىكەن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:42:11

mastura يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 12:41 static/image/common/back.gif
@bilgejan شېكەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن. رەھمەت.
@ ...

شېكەر ھەققىدە سۆزلىسەك گەپ بەك تولا. بالىغا شېكەر بېرىش توغرىسىدا بولسا، بۇ ياخشى ئىش ئەمەس. ئىشقىلىپ، ھەر قانداق ئادەم كۆپ مىقداردا شېكەر ئىستىمال قىلسا ياخشى ئەمەس. شېكەر ھازىر مايدىنمۇ بەكرەك زىيانلىق دەيدىغان قاراش بار، يەنى بارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىچىدە شېكەر ئەڭ ناچىرى چۈنكى شېكەر كۆپ پارچىلانمايلا ئۇدۇل ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىدىغان ATP غا ئۆزگىرىدۇ ھەم بەدەندە ئېھتىياج بولمىسا مايغا ئايلىنىپ جىگەرنى ماي قاپلايدۇ، دىئابىت كېسىلى، سېمىزلىك كېسىلى، راك كېسىلى قاتارلىقلار بىلەن يۇقىرى مىقداردا شېكەر ئىستىمال قىلىشىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى بار. كىچىك بالىلار شېكەرنى كۆپ ئىستىمال قىلسا قاندا شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ ۋە بۇ شېكەرنى بەدەندىكى باشقا ئەزالارغا سۈمۈرۈتكۈزۈپ قاندىكى شېكەرنى ئازايتىش ئۈچۈن ئاشقازان ئاستى بېزى قاتتىق ئىشلەپ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشىغا توغرا كىلىدۇ. ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئاشقازان ئاستى بېزىدا بىنورماللىق كۆرۈلىدۇ ۋە ئنسۇلىنغا قارشىلىق كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئىنسۇلىنغا قارشىلىق سانسىزلىغان كېسەللەرنىڭ باشلىنىشى دېگەنلىك. قىسقىسى، ئىمكانقدەر شېكەرنى ئازراق ئىستىمال قىلغان ياخشى. كىچىك بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە چەكلەشنىڭمۇ زۆرۈرىيتى يوق، ئەمما كۆپ بېرىشكە بولمايدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ مېڭىسى ھېلىھەم يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بولىدۇ، ھەمدە مېڭە باشقا ئەزالارغا ئوخشىمايدىغان يېرى ئاساسەن ماي ۋە ئاقسىلنى پارچىلاپ ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرالمايدۇ، شۇڭا بىۋاستە قەنىتلەردىن ئېنىرگىيە ئىشلەشكە ئىېھتىياجلىق بولىدۇ، مۇشۇ سەۋەب بالىلار مەلۇم مىقداردا قەنىتلەرنى ئىستىمال قىلسا كۆپ زېيىنى يوق. ئەگەر سوئالنىڭ مەقسىتى باشقا بولۇپ، تاغدىن دېسە باغدىن سۆزلىگەن بولسام ئالدىن ئۆزرىلەر. شېكەر توغرىسىدا پۈتۈن كىتاب يېزىش مۇمكىن بولغاچقا قايسىسىنى سۆزلەشنى بىلەلمەي ئاددىيلىرىنى دەپ قويدۇم.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:53:24

2000-يىلدىن بۇيانقى ئوزۇقلۇقشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى 1960-2000 يىللارغىچە ھۆكۈم سۈرگەن قاراشلارنى ئاساسەن ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. ھازىرقى يېڭى قاراش بويىچە ئوزۇقلۇقشۇناسلار ھەرقانداق شەكىلدىكى قەنت (كاربون سۇ بىرىكمىسى) نى قارشى ئېلىپ كەتمەيدۇ. ساپ شېكەرنى يېمەسلىكنى، باشقا قەنت تۈرىدىكىلەرنى--ئۇن، گۈرۈچ دېگەندەكلەرنى ئازراق يېيىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
يەنە كېلىپ بەدەنگە ئېنىرگىيە بېرىدىغىنى قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرلا ئەمەس، ئاقسىل، مايلارمۇ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.
داۋاملىق سالامەتلىك توغرىسىدا گەپ بولسىلا بىر بولسا ئۆزىمىزنىڭ بالىمىزنى قانداق باققانلىقىمىزنى، بىر بولسا كونىلارنىڭ قانداق قىلغانلىقىنى سۆزلەيدىكەنمىز. بىرىنچىدىن، بالىمىزنىڭ ھازىر ساغلام كۆرۈنگىنى بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، كونىلار ياشىغان ۋاقىتقا بىزنىڭ ۋاقىتلىرىمىز ئوخشىمايدۇ.
مەسىلەن، ئانىنىڭ سۈتىدە بىردىنبىر كەمچىل نەرسىنىڭ ۋىتامىن د ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان، لېكىن بۇرۇنلاردا نېمىشقا ۋىتامىن د تولۇقلىمىسىمۇ بالىلار ساغلام چوڭ بولاتتى؟ ئۇ چاغ بىلەن بۇ چاغنىڭ نۇرغۇن نەرسىلىرىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغلاردا بالىلار بىنا ئۆينىڭ ئىچىدە چوڭ بولمايتتى، كۈن نۇرىنى كۆرۈپ تۇراتتى.
ئۇ چاغلاردا يەردىن چىققان نەرسىلەر ھازىرقىغا ئوخشىمايتتى. ئەقەللىسى ئالمىنى مىسالغا ئالساق، 1960-يىلىدىن بۇيان، كۈندە بىر ئالما يېسەڭ دوختۇردىن يىراق تۇرىسەن، دەيدىغان قاراش بازار تېپىقلىق، لېكىن 1960-يىلىدىكى بىر ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ھازىرقى بىر ئالمىنىڭ 13 ھەسسىگە تەڭكەن.
بەدەننىڭ تۈزۈلۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ، بىر مەسىلىنىڭ سەۋەبى بىرلا ئىش بولۇشى ناتايىن. مەسىلەن، بىر ئانىسىنى ئەممەي چوڭ بولغان بالا ئاغرىقچان بولسا، پۈتۈن سەۋەبنىڭ ئەممىگەنلىكتىن بولۇشىمۇ ناتايىن. بىر ئادەم ھەممە ئادەم زىيان قىلىدۇ، دېگەن نەرسىنى يەپ ھېچنېمە بولمىغان بولسا، ئۇ نەرسىنىڭ زىيان قىلمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەدىنىنىڭ شۇ زىيانلىق ماددىلارنى تازىلاش ئىقتىدارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ياخشى بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن.
خۇلاسە كالام، ساغلاملىق دېگەندەك مەسىلىلەردە ئىزدەنمىسە سۆزلىمەسلىك كېرەك، بىرلا ئادەمنىڭ گېپىگىمۇ قاراپ قالماسلىق كېرەك.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:58:11

ھازىرقى يېڭى قاراش بويىچە ئوزۇقلۇقشۇناسلار ھەرقانداق شەكىلدىكى قەنت (كاربون سۇ بىرىكمىسى) نى قارشى ئېلىپ كەتمەيدۇ. ساپ شېكەرنى يېمەسلىكنى، باشقا قەنت تۈرىدىكىلەرنى--ئۇن، گۈرۈچ دېگەندەكلەرنى ئازراق يېيىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
بىر-بىرىگە زىتلا گەپلەركەنغۇ بۇ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 13:58:59

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 13:42 static/image/common/back.gif
شېكەر ھەققىدە سۆزلىسەك گەپ بەك تولا. بالىغا شېكەر بېر ...

بەك ياخشى سۆزلەپ بېرىپسىز، رەھمەت. مەن راستىنلا بوۋاقلارنىڭ مېڭىسى مايدىن ئېنىرگىيە ئىشلەپچىقىرالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن. مەن ئىزچىل بوۋاقنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئەلا سۈپەتلىك مايغا ئېھتىياجلىق دەپ بىلىپ كەپتىمەن، ۋە شۇ سەۋەب بالىلىرىمغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئاۋوكادو قاتارلىقلارنى بەرگەن ئىدىم. شېكەر توغرىسىدا بەك تولا ماتېرىيال كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن بولسام كېرەك، ئىزچىل بالىلىرىمنى ئامال بار يېقىن كەلتۈرمەسلىككە تىرىشىپ كەلگەن ئىدىم. بۇمۇ يېڭى بىلىم بولدى، رەھمەت.
بەت: 1 [2] 3
: بوۋاقلىرىمىزنى ئىلمى ئۇزۇقلاندۇرمامدۇق