mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:21:35

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 13:58 static/image/common/back.gif
ھازىرقى يېڭى قاراش بويىچە ئوزۇقلۇقشۇناسلار ھەرقانداق...

ئەگەر مېنىڭ گېپىم بىلەن بىلگەجاننىڭ گېپىنى بىر-بىرىگە قارشى دېگەن بولسىڭىز، مەن بەك «قارىمۇ-قارشى» چۈشىنىپ كەتمىدىم.
ئەمدى ئۆزەمنىڭ گېپىمنى باش-ئاخىرى قارىمۇ-قارشىدەك ھېس قىلغان بولسىڭىز، بىلمىدىم نەرى قارشى بىلىنىپ قالغانكىن سىزگە.
كاربون-سۇ بىرىكمىسى دېگەننى خەنزۇچىسى بويىچە دەپ قويدۇم، ئۇيغۇرچە مېنىڭ يادىمدا قېلىشىچە «قەنتلەر» دەپلا ئاتايتتۇق. لېكىن بۇ يەردە ئۇنداق ئاتىسام خاتا چۈشىنىش كېلىپ چىقىدىكەن. ئۈچ خىل ماكرو ئوزۇقلۇق ماددىنى «قەنتلەر، ياغلار ۋە ئاقسىل» دەپ ئوقۇغىنىم يادىمدا.
«قەنتلەر» ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىچىدە نورمالدا ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ، بىزنىڭ يېمەكلىك ئادىتىمىزدە يېگەن تامىقىمىزنىڭ مىقدارىنىڭ 90% قەنت، دېسەم خاتالاشماسلىقىم مۇمكىن. ھازىر 50% ئىچىدە كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. بۇغداي قوناقتىغۇ يېمەكلىك تالاسى ۋە ھەرخىل ۋىتامىنلار، ئاقسىللار ۋە ماي بار، لېكىن ئاق شېكەردە قەنتتىن بۆلەك ھېچنېمە يوق. شۇڭلاشقا ئىككى خىل شېكەرنىڭ بىرىنى يېمەسلىك، بىرىنى ئاز يېيىش، دېدىم، گېپىمنىڭ قارشى يېرىنى بايقاپ بولالماي قالدىم. كۆرسىتىپ بەرگەيسىز.رەھمەت.

putaki يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:25:43

مىنىڭ بىر قوشنام بار، ئايالىنىڭ بالا تۇغۇشتىن باشقا ئىشى يوق . 3-4ياشلىق بالىلىرىدىن تۆت بەشى بار،قاچانلا قارىسام ئۆينىڭ ئالدىدا قۇڭىدا ئىشتان يوق،ھەر بىرىنىڭ قۇلىدا بىردىن نانئويناپ يۈرىدۇ .ھەتتا 11-12-ئايلاردىمۇ شۇنداق .لېكىن بۇ بالىلارنىڭ تېنى بەك ساغلام،مەزمۇت. زۇكام بوپ قالغىنىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن .
بالىغا كۈيىنىشنى بەك چېكىدىن ئاشۇرۋەتتۇقمۇ قانداق ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 14:40:22

attir يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 13:06 static/image/common/back.gif
شىكەر سىلىپ تاماق يىدۇرۇپ كۆنۇپ قالسا چوڭ بولسىمۇ تاشل ...

سىزنىڭ تاتلىققا ئامراق ئەمەسلىكىڭىز بەدىنىڭىزنىڭ ساغلاملىقىدىن دەپ چۈشەندىم. نورمالدا بەدەنگە ئەخلەت-توكسىن قانچە جىقلاپ كەتكەنچە ئادەم شۇنچە تاتلىقنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىلىدىكەن.ھازىر بەدەندىن ئەخلەت تازىلاش بەك مودا بولۇپ كېتىپتۇ، detox diet لەرمۇ بازارلىق بولۇپ. شۇنى سىناپ باققانلارنىڭ تەجرىبىسىنى ئوقۇپ كۆرگەنتىم، دەسلەپكى 2-3 كۈندە بېشى ئاغرىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، تاتلىق يېمەكلىكنى بەكلا يېگۈسى كېلىشدېگەندەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدىكەن، بۇ بەدەننىڭ زور مىقداردا زەھەرنى تازىلىغانلىقىدىن دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. تەخمىنەن 10 كۈنلەر بولغاندا بەدەن ئاساسەن پاكىزلىنىپ، كۆزلىرى نۇرلۇق، تېرىسى پارقىراق، تىرناقلىرىمۇ پارقىراق بولۇپ، تىرناقنىڭ ئاستىدىكى ھىلال ئاي قايتا كۆرۈنىدۇ، بەدەن ئانداق ساغلام، مۇنداق يىنىك بولۇپ كېتىدۇ....دەپ سۈپەتلەيدىكەن. ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى تاتلىققا نىسبەتەن ئاساسەن ياقتۇرماسلىق ھالىتىدە بولىدۇ، دەپتىكەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:10:55

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 13:42 static/image/common/back.gif
شېكەر ھەققىدە سۆزلىسەك گەپ بەك تولا. بالىغا شېكەر بېر ...

راستىنى ئېيتسام يەنە بىراز كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم، ۋاقتىڭىزنى ئالغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن.
سىز يۇقىرىدا دەۋاتقان «قەنت» carbohydrate مۇ ياكى ئاق شېكەرمۇ؟
يۇقىرىدىكى تالاش-تارتىشلار ئاساسلىقى ئاق شېكەر ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ، شۇڭا قايتىلاپ سورىشىم. ياكى ئاق شېكەر ئەڭ ئاددىي ھالەتتىكى قەنت بولغانلىقى ئۈچۈن (simplist carbohydrate ) ،شۇنداقلا ئۇنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى ئەڭ ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن بوۋاقلارغا ئاق شېكەر بېرىش ياخشىراق دەپ ئويلىدىڭىزمۇ؟

memetawaq يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:27:42

مەن تېخى تاتلىق نەرسىگە ئامراق بالا ئەقىللىق بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم .

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 15:56:45

مەسئۇلىيەتسىز ئىنكاس يازمايلى. بىر يەردىن ئاڭلىۋالغان گەپ بولسىلا توغرا بولمايدۇ.
بالدۇر يېتىلىپ قېلىش قىزلارغىلا ئەمەس، قىز-ئوغۇل ئىككىلىسىگە ئورتاق. لېكىن مۇشۇ مەسىلىدە تالاش-تارتىش باركەن، شۇڭا ئالدىنقى ئىنكاسىمدا تىلغا ئالمىدىم.
ئەمدى ۋىتامىن د بەرمەڭ دېگەن گەپكە قارشى تۇرىدىغان ئاساسىڭىز ئاڭلايلى، بار بولسا.
نورمال ئىنساننىڭ بەدىنى كەمپۈتكە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. بالىڭىز ئەمدى 15 ياشقا كىرىپتۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى بىر ئۆمۈرگە لازىم ھەقىچان، بەك ئىشلىتىپ قىيناپ
ھىچكىم مەسئۇليەتسىز ئىنكاس يىزىشقا پىتىنالمايدۇ بولۇپمۇ بۇ ئىزدىنىشتا. بىزمۇ 40، 50ياشاپباققان، كېسەل بولۇپ باققان، بالا چوڭ قىلىپ باققان. بىئولۇگىيەنى ئامرىكىغا چىقىپ ئوقىمىغان بولساقمۇ شىنجاڭدا ئوقۇپ باققان، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا ئۇيغۇر تىبابىتى دورىسى پايدا قىلىپ ئۇيغۇر تىباىتىنى تەتقىق قىلىپ باققان. شۇنىڭغا ئاساسەن ئىنكاس يىزىپ قويدۇق.
كىتاپقا يازغاننىڭ ھەممىسىگە ئېسىلىۋالغىلى بولمايدۇ. بالا بىقىش مەسىلىسىدە نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەلۇم ئايالنىڭ يازغىنى بەك توغرا. بىرىنچى بالىسىنى ئىلمى ئوزۇقلاندۇرۇپ باقىمەن دەپ دوختۇرخانىدىن كېلەلمەپتۇ. ئىككىنچى بالىسىنى خالىغانچە بىقىپتىكەن شۇنداق ساغلام ئۆسۈپتۇ. نۇرغۇن ئىشلار مانا مۇشۇنداق بولىۋاتىدۇ.
بىزدەك 70-يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ بويى ساپلا پاكار. چۈنكى ئۇ مەزگىللەردە ئانىلار يېڭىلا ئاچارچىلىق يىللىرىنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن،شىكەر قاتارلىق نەرسىلەر ساپلا بىلەت ئارقىلىق پىلانلىق تەمىنلىنەتتىكەن.شۇڭا ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك سەۋەپلىك بىزنىڭ يىشىمىزدىكى ئادەملەر ساپلا ئوتتۇرا بوي.
داۋامى بار.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:07:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-5 16:17

كەچۈرۈڭ، داۋامى چىققۇچە قوشۇق سېلىپ قالدىم، بىرىنچى ئىنكاستىكى خانىمنىڭ بىرىنچى بالامنى ئىلمىي باقاي دەپ مۇنداق قىلدىم، دېگەنلىرىنىڭ ھېچقايسىسى (ئەگەر مېۋە سۈيى ئۆيدە چىقارغان ساپ مېۋە سۈيى بولسا قارىشىم باشقىچە) ئىلمىي بېقىشقا كىرمەيدۇ، ئەكسىچە بىز يۇقىرىدا دەۋاتقان خاتا بېقىشلارغا كىرىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرىدىكى ئىنكاسلىرىمدا بىرەر قۇر تىلغا ئېلىپ بولدۇم.
ئەكسىچە ئىككىنچى بالىسىدىكى خالىغانچە باققان ئۇسۇلىنىڭ كۆپىنچىسى(ھەممىسى ئەمەس) دەل بىز ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن ساغلام بېقىشقا ئوخشاشكەن، ئۆزىڭىز قايتا قاراپ بېقىڭ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:22:17

ئەمدى ئاۋۇ يىڭى تۇغۇلغان بالىغا قالايمىقان نەرسە بەرمەسلىكنىمۇ ئوزۇقلۇق ئىلمىدە كۆپ تەشۋىق قىلىدۇ. مېنىڭ بالام ئەللەي چېغىدىمۇ ئاپام ئاتىكاچىلىق قىلىپ گۈرۈچ تالىقىنىنى قۇشۇپ بەرسەڭ ئۆزەڭگە ئارام بولىدۇ دەپ ، بالامنىڭ ئىچى سۈرۈپ تاش قالغان كېتىپ قالغىلى. ھازىر ئويلىسام بالامنىڭ تېرىسى زىيادە ئاق بولغاچقا سوغۇقچان ئىكەن ، ئۇنىڭغا گۈرۈچ تالقىنى ماس كەلمەيدىكەن. مۇشۇ ئەقلىم شۇ چاغدا بولغان بولسا، بالامنى بىر ياشقا كەلگۈچە ئىمىتىپ قويغانلا بولسام نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى دەپ پۇشايمان قىلىمەن. ئىمگەن ئانا سۈتىنىمۇ گۈرۈچ تالقىنى بىللە ئىقىتىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ.
ئەمدى بالامنىڭ كەمپۈت يىيىشىگە كەلسەك بويى زىيادە ئىگىز، مەن 159دا توختاپ قالغىنى 30يىل بولدى. لېكىن بالام يىلىغا 10، 20سانتا ئۆسۈۋاتىدۇ. ئىگىز ئادەم ئورۇق بولىدىكەن. ئىشتىيىمۇ ئانچە ياخشى بولمايدىكەن. كەمپىت بولسىمۇ يىسۇن دەپ قويۇپ بەردىم.بەلكىم بىر كۈنلەردە پەقەت يىمەس بولۇپ قالار.
ئاندىن ئاۋۇ قىزلارنىڭ تۇخۇمنى جىق يىيىشىنى چەكلەشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بىزنىڭ شىمال تەرەپتە قىزلار كېيىنرەك يىتىلىدۇ. تەڭ ياشتىكىلەردىن بىر ئىككى يىل بالدۇر يىتىلىپ كىتىش شۇ قىزغا نىسبەتەن زور بىسىم ئېلىپ كېلىدۇ، چوڭلاردا كەمبەغەلنىڭ قىزى ئاسان ياتلىق بولىدۇ دىگەن گەپ بار ئىكەن. نىمىشقا كەمبەغەل ئائىلىنىڭ قىزى ئورۇق، زىلۋا نازۇك ، چىرايلىق كىلىدۇ. شۇڭا قىزلارنى مۇنداقراق باقسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن. بالامنى كۇرسقا ئاپىرىش جەريانىدا بىر ياش چوكان «ئوغلىڭىز قىزىمنى بەك سىمىزكەنسەن » دەپتۇ دەپ دەرت ئىيتىپ كەلگەن. بالامنى تىللاپ تۇيغۇزۋەتكەندىن كېيىن ئۇ چوكان ئۆزى شۇنداق زىلۋا چىرايلىق تۇرۇپ قىزى نىمە دىگەن يوغان ئۇستىخاندۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم.............
بىزنىڭ ئەر-ئايال ئىككىلىسى خەنزۇچە ئوقۇغان بىر خوشنىمىز بولىدىغان. ئايلى بىر يىللىرى باشلىق بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرمايدىغان بولۇپ كەتكەن. ئېرى ئىككى قىزىنى بىر قوللۇق باقاتتى.ئۇلارغا تاماق بىرەتتى. ئۆزى يۇيۇندۇراتتى.........
بىر يىللىرى قارىسام چوڭ قىزى پاكار دىقماقلا چوڭ بولۇپتۇ. تولۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىلا ئۇ قىز رەڭ تۈزەپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن پات-پاتلاقىيا-چىيا چىقىدىغان بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇقساق ئۇ قىزى كىچە- كىچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان بولۇۋاپتۇدەك. شۇ چاغدا خوشنىلار بۇ قىزلارنى دادىسى بىقىپ مۇشۇنداق بالدۇر يىتىلىپ كەتتى دىيىشكەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:29:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mastura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-5 16:39

سىز يۇقارقىدەك گەپ قىلىۋاتسىڭىز مەن يەنە كىتابتا ئانداق، كىتابتا مانداق دەپ ئۆزەمنىڭ گېپىمنى يورغىلىتىمەن، دېسەم ھۆرمەتسىزلىك بولغۇدەك. سىلەر بىزدىن چوڭ، تۇرمۇش تەجرىبەڭلار مول، سىلەرنى ئەلۋەتتە ھۆرمەت قىلىمىز.

لېكىن كىتابتا دېيىلگەننىڭ ھەممىسىمۇ توغرا ئەمەس، دەپمۇ تۇرۇۋالماڭ، بۇ گەپ بەلكىم بەزى پەنلەرگە توغرا كېلەر، لېكىن نۇرغۇنلىغان تەجرىبە ۋە ئىنچىكە تەجرىبىلەردىن ئۆتۈپ يېزىلىدىغان كىتابقىمۇ مۇنداق دېسەك توغرا بولماس.
ئەمدى مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئىنكاس يازمايلى، دېگەن گېپىم، ۋىتامىن د نى بەرمەڭ، دېگەن ئىنكاسىڭىزغا قارىتىلغان. ئۇيغۇر تىبابىتىنى ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگۈنۈپ كېسىلىڭىزگە شىپا تېپىپسىز، مۇبارەك بولسۇن! لېكىن ئۇيغۇر تىبابىتىدا ۋىتامىن، ئاقسىل، قەنت دېگەن سۆزلەرنى تىلغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈنلا ۋىتامىن د تولۇقلىمىسىمۇ بولىدۇ، دېسىڭىز بولماس؟
مەنچە مۇمكىن بولسا، ئوزۇقلۇقشۇناسلىقنىمۇ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىمۇ تەڭ ئۆگەنگىلى بولسا، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگىلى بولسا ئەڭ ياخشىسى شۇ ئىدى.
(ئىنكاس يېزىپ بولۇپ قارىسام ئاخىرقى ئىنكاسىڭىز باركەن، شۇڭا يەنە ئىككى قۇر قوشۇپ قويدۇم)
بالىغا ئۇنى بۇنى بېرىشتىن كۆرە، مۇمكىن بولسا بىر ياشقىچە ھېچنېمە بەرمەي ئېمىتەلىسە ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ئېسىل ئىش بولمايتتى. لېكىن ئۇنداق قىلىش تەس بولغاچقا، يەنە نېمە بەرسە بولار، دەپ يۇقارقى گەپلەر چىقىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر ئانا سۈتى بىلەن باقماڭ دەپتۇ، دېگەننى ھېس قىلىپ قالغان بولسىڭىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز دېگەننىلا دېيەلەيدىكەنمەن.
بالدۇر يېتىلىپ قېلىشقا كەلسەك، ئۇ تۇخۇمنىڭلا ئىشى ئەمەس. ئۇنىڭدا ھەر تۈرلۈك ئامىللار بولىدۇ. تۇخۇم ھەققىدە تەتقىقاتلار بەك جىق. بۇ ھەقتە مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.
بەلكىم سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىگە قويغان تەلىپىڭىز بىلەن مېنىڭ قويغان تەلىپىم ئوخشىمايدىغاندۇ. مەنچە بولسا بالىڭىز كەمپۈتنى تاشلىسا ئىشتىھاسى ئېچىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. دېئابېت دېگەندەك كېسەللەرنى دېمىگەندىمۇ، مەن ئەڭ ئەقەللىسى بالىلىرىمنىڭ چىشلىرىنىڭ ساغلام بولۇشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن. شۇڭا كەمپۈت بەرمەيمەن.
مېنىڭ بۇ تېمىدىكى گېپىم تۈگىدى.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:33:06

سىزنىڭ كاللىڭىزغا ئاشقازان ئاستى بېزى دىگەندەك نەرسىلەر بەك كىرىۋااپتۇ. ئىدارىدە خىزمەت بىسىمىنى يەڭگىللىتىمىز دەپ تولا بىر گە تاماق يەيمىز. ئىشقىلىپ يىل ئاخىرىدائىلغار بولغانلار، مەنسىپى ئۆسكەنلەر، قىممەت باھالىق ماشىنا ئالغانلار چاقىرىپ تۇرىدۇ تاماققا. قايسى كۈنى نەچچە مىڭ كويلۇق تاماق جوزىسىدا ئولتۇرۇپ بىر ئىشقا كۆزۈپ چۈشۈپ قالغانتى ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم. بىزنىڭ خەنزۇ باشلىقىمىز سىمىز قورسىقىنى ئىچىپلا ئىنسىلۇننى گۇممىدەئۇردىدە ھاراق دىگەندە تۇڭغا چۈشكەندەك ئىچىپ كەتتى. قوي گۆشى يىگىنىنى كۆرۈپ بىز خەق ھىچقانچە گۆش يىمەيمىزكەن دەپ قالدىم. بۇ ئادەمگىمۇ دىئابىت بولغىنىغا 15يىلدىن ئاشتى. دىئابىت، قان بىسىم دىگەندەكلەرنى كېسەل ھىساپلىمايدىكەن بۇلار ھازىر. ئەلۋەتتە باشلىقلار ئولتۇرۇشقا بىزدىن جىق بارىدۇ.شۇڭا دىئابىت بولغانلار ئۇنداق يىمەسلىك بۇنداق پەرھىز تۇتۇش دىگەنلەر قۇرۇق گەپلەركەن دەپ قالدىم.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 16:42:06

يۇقارقى گەپلىرىڭىزگە قارىغاندا «ئىلمىي» دېگەن تېمىدا پاراڭلىشىش ئارتۇقچىكەن. خوشال ئۆتكەيسىز.{:146:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-5 22:34:28

mastura يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 16:42 static/image/common/back.gif
يۇقارقى گەپلىرىڭىزگە قارىغاندا «ئىلمىي» دېگەن تېمىدا...

ئاخىرى ھېس قىپسىز سىزمۇ....
سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىز بىلەن مېنىڭ دېگەنلىرىم ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق زىتلىق مەۋجۇت ئەمەس. مەن شېكەر دېگەندە قەنىتلەر=ساخارىدلار=كاربون-ھىدرىد بىرىكمىلىرى=كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، ھەممىسى بىرگەپ، شۇنى كۆزدە تۇتتۇم. تاماق يېگەندىن كېيىن ئاساسەن گلۇكوزا ۋە بىر قانچە ئەڭ ئاددىي ساخارىدلاردىن باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاسقازان ۋە كىچىك ئۈچەيدە پارچىلىنىپ كىچىك مولىكۇلالىق ئوزۇقلۇقلارغا پارچىلىنىدۇ ۋە ئاخىرىدا كىچىك ئۈچەيدىن قانغا سۈمۈرۈلۈپ بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا يېتىپ بارىدۇ. باشقا ئەزالارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، مېڭە ئاساسلىقى ساخارىدلار پارچىلانغاندىكى مەھسۇلات گلۇكوزىنى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدۇ، پەقەت قورساق ئاچ قالغان ۋاقىتلاردا مايلار پارچىلانغاندىكى مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى بولغان بىتا-ھىدروكسى بىيۇتىرات كىسلاتاسى قاتارلىق كىتون تەنچىلىرى دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى ئىككى خىل مايدىن پارچىلانغان ماددىنىلا پارچىلاپ ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. گلۇكوزا بىز دەۋاتقان ئاق شېكەردىن ئەمەس، باشقا ساخارىدلاردىن كەلسىمۇ بولىۋىرىدۇ.
I will invite you to the club soon and will never have to deal with non-sense anymore, sis.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 05:48:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-27 11:57

mastura يوللىغان ۋاقتى2015-2-5 20:21 static/image/common/back.gif
ئەگەر مېنىڭ گېپىم بىلەن بىلگەجاننىڭ گېپىنى بىر-بىرىگ ...

«قەنتلەر» ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىچىدە نورمالدا ئەڭ كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ، بىزنىڭ يېمەكلىك ئادىتىمىزدە يېگەن تامىقىمىزنىڭ مىقدارىنىڭ 90% قەنت، دېسەم خاتالاشماسلىقىم مۇمكىن. ھازىر 50% ئىچىدە كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ.
-----

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇتەخەسىسلەرنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە ئاساسەن تەھلىل ئېلىپ بېرىپ دوكىلات بېرىشىچە، تەخمىنەن 54 پىرسەنتى دان (ئاساسلىقى بۇغداي) ۋە ياڭيۇ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر ئىكەن (نورمال ئېھتىياجدىن بىر ھەسسىدىنمۇ ئارتۇقراق). 14 پىرسەنت ئەتراپىدىكىسى گۆش تۈرىدىكى ئوزۇقلار ئىكەن. 10 پىرسەنت ئەتراپىدىكىسى كۆكتات تۈرىدىكىلەر، 9.5 پىرسەنت ئەتراپىدا سۈت تۈرىدىكىلەر، ئۇنىڭ قالغىنى تۇخۇم، مېۋە- چېۋە ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكىلەر ئىكەن.
دان تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ تەركىبىدە 70 پىرسەنتتىن يۇقىرى كراخمال بار بولۇپ، كراخمال قەنت تۈرىگە تەۋە.
شۇنداقتا، يېگەن تامىقىمىزدىكى قەنت مىقدارى 90 پىرسەنت بولۇپمۇ كەتمەيدىكەن، ئەمما كۈندىلىك ئوزۇقىمىز ئارقىلىق قوبۇل قىلىۋاتقان قەنت مىقدارى ئاللىبۇرۇن ئېھتىياجدىن ئارتۇق. چۈنكى مېۋە- چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىمۇ قەنت بولىدۇ. «دېئابىت» دەپ قويسا باشقىچە ھېس قىلمىغان بىلەن، «شېكەر سىيىش كېسىلى» دېگەندە بەدەندىكى قەنت مىقدارىنىڭ زىيادە بولۇشى سالامەتلىكىمىزگە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.
بالىلىرىمىزنى ساغلام چوڭ بولسۇن دېسەك تاتلىققا بولغان ئامراقلىقىنى چەكلىمىكىمىز بەك زۆرۈر. چۈنكى تاتلىقلار ساختا تويۇشنى پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالا ئاچلىقنى ھېس قىلماي، تاماقنى ياخشى يېمەيدۇ، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى، چىش قۇرۇتلاشمۇ چوڭ بىر مەسىلە. تامىقىمۇ ياخشى، تاتلىقنىمۇ ئايىماي يەيدىغان بالىنىڭ خام سېمىزلىككە دۇچار بولۇش نىسبىتىمۇ بەك يۇقىرى. بۇ كەلگۈسىدىكى يۈرەك قان- تومۇر كېسەللىكىلىرىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.   
ھازىر خانىم- قىزلاردا تاتلىق- تۈرۈم پىشۇرۇش خېلى ئەۋج ئالدى. تورت ياساشنى ئۆگىتىدىغان سالونلارمۇ بار ئىكەن، لېكىن دەل شۇ ئىشقا بەكرەك مەشغۇل بولۇۋاتقانلاردا ئىممۇنت كۈچى تۆۋەنلەش سەۋەبلىك كۆرۈلىۋاتقان ساقسىزلىق مەسىلىلىرىمۇ ئاز ئەمەس. «چىرايلىق كۆرۈنگەن تورت ۋە پىشۇرۇقلاردا شېكەر مىقدارىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ئەستىن پەقەت چىقارماڭ، نورمال ئاش- تاماقنى قويۇپ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قورسىقىنى پىشۇرغان تاتلىقلىرىڭىز بىلەنلا تويغۇزماڭ» دېگەن تەۋسىيەنى بېرىمەن.
بەت: 1 2 [3]
: بوۋاقلىرىمىزنى ئىلمى ئۇزۇقلاندۇرمامدۇق