kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 14:18:29

[خەتلىك فىلىم] PK



فىلىم نامى: PK
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2014-يىلى
دۆلىتى: ھىندىستان
تۈرى: كومېدىيەلىك / مۇھەببەت
تىلى: ھىندىچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.7
رازمىرى: 720*1280
چوڭلىقى: 2.69GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:32:18
رېژىسسور: Rajkumar Hirani
باش روللاردا: Aamir Khan, Anushka Sharma, Sanjay Dutt

فىلىم ھەققىدە:
ئىنسانلارنى تەتقىق قىلىش مەقسىتىدە يەرشارىغا كەلگەن بىر تاشقى پىلانېتتا ئادىمىنىڭ، ئۇچار كېمىنى يىراقتىن كونترول قىلىدىغان تىزگىنىكى بىرەيلەن تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلىدۇ، بۇ  تىزگىنەك بولمىسا ئۇ ئۆز پىلانېتىغا قايتىپ كېتەلمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدا تىزگىنىكىنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ، ئۇ بۇ جەرياندا ئىنسانلار ئارىسىدىكى خۇشاللىقلارنى ۋە  غەم قايغۇلارنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ شۇنداقلا "دەرىجىدىن تاشقىرى ئىقتىدارى" بار دىنىدارلارنىڭ ساختىلىقلىرىنى ئېچىپ تاشلايدۇ.
بۇ فىلىم «ئۈچ ئەخمەق (Idiots 3)» فىلىمنى ئىشلىگەن رېژىسور راجكۇمار ھىرانى(Rajkumar Hirani) بىلەن ھىندىستان كىنو چولپىنى ئامىرخان(Aamir Khan) نىڭ يەنە بىر قېتىم  ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمى بولۇپ، فىلىمدە ھىندىستاندىكى "كۆپ ئىلاھچىلىق" تەنقىد قىلىنغان بولغاچقا، بىر قىسىم ھىندىستان رەھبەرلىرى فىلىمنى چەكلەشكە چاقىرىق قىلغان، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ فىلىمنىڭ ئىككى ھەپتىلىك بېلەت كىرىمى 4 مىليارد 820 مىليون رۇپىيە (تەخمىنەن 78.1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) غا يېتىپ، بوللىۋوددىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ھىندىستان تارىختىكى ئەڭ تالاش-تارتىشتا قالغان فىلىم بولۇپ قالغان.

كەسمە رەسىملەر:












بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:20:55

بۇ كىنۇنى بايام تىخى خەنزۇچە خەتلىكىنى كۆرۇپ تۈگەتكەن ئىدىم ، ياخشى ئىشلەنگەن كىنۇ ئىكەن،  ماڭا يارغان يەرلىرى باشتا ئىيتىدىغان 4قەدەم دىگەن ناخشىسى بولدى،  
لىكىن 3ئەخمەقنى كۆرگەندەك ھاياجانغا سالالمىدى،  چۇنكى كىنۇدا ئەكىس ئەتكەن ئىدىيە بەك چوڭقۇردەك ھىس قىلدىم، مىنىڭ ئاددى كاللامغا سەل ئىغىر كىلىپ قالغاندەك،

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:22:40

كۆۋرۇك توربىتىدە مەن ئامراق خىلى كۆپ كىنۇلارنى چۇشۇرۋالغىنىمدىن بەك خوش،  ئەڭ بەلەن يىرى ھەقىسىز،   لىكىن ئاۋۇ ئىلانلار بەك سىرىق بۇلۇپ كەتتىمۇ قانداق،   :lol:lol

hudeyfe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:30:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hudeyfe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 16:33  

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  kowruk_cn  
بىكىتىلاردىكى شەھۋانىي تۈس ئالغان  ئېلانلارنى يوقاتقىلى بولامدۇ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:34:05

ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىىنغاندىكىن لايىق ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇلغان بولسا ياخشى بولاتتى ،
فىلىمنىڭ ئەسلى ئىسمى pkلىكىن خەنزۇلار تەرجىمە قىلىپ 衣不蔽体،外星醉汉PK،地球神 PKدىگەن ئىسىملارنى ئىشلىتىپتۇ .
pk دىسە فىلىمنى بىلمىگەنلەر دەماللىققا چۇشىنەلمەيدۇ.

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:35:29

بەيدۇدىنadsafeدەپ ئىزدەپ كومغا  قاچىلىۋەتسەڭلا پاكپاكىز  بولاپ  كىتىدۇ  راھىپلارنىڭ  بىشىدەك{:92:}

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:37:53

بۇ فىلىمنى بىز خاتىرجەم كۆرگەن بىلەن ھازىر ھىندىستاندا نۇرغۇنلىغان توقۇنۇش جىدەل ماجرالار،پۇتۇن كىنوخانىلاردا قويۇشنى توختىتىپ توختاتمىغان كىنوخانا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپتۇ،
ئاساسلىقى ئادەم  بۇيۇم تەڭرى ئوچۇق ھالدا قامچىلىنپتۇ.

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:40:16

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 16:34 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىىنغاندىكىن لايىق ئۇيغۇرچە ئىسىم  ...

مىنىڭچە ھەممە ئادەمنىڭ ئويلايدىغىنى ئوخشاش بولمايدۇ،  مىنى دەل مۇشۇ كىنۇنىڭ قىسقا، ئىخچام، ئۆزگىچە بولغان ئىسىمى قىززىقتۇرۇپ كۆرشۇمگە سەۋەپچى بولىدى،   

eilixat421 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:59:36

ياخشى ئىشلەنگەن يۇقۇرى نۇمۇرلۇق، ئۆزگىچە ھەم كومدىيەلىك كىنو كۆرمەن دىسەڭلار 初恋50次ماۋۇ كىنۇنى كۆرۇپ قۇيۇڭلار،

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:26:46

15 كۈننىڭ ئالدىدا يوللاپتىكەنسىلەرغۇ، شۇ ۋاقىتتا كوروپ بولغان ئىدىم.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:29:50

كۆۋرۈك بۇرادەر، سىلەر ئەنگىلىيە تېلۋېزىيە تىياتىرى «قارا ئەينەك»(Black Mirror) نى تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىپ باقتىڭلارمۇ؟
بۇ تىياتىرنى بۇرۇن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، نەچچە كۈن ئالدىدا «قارا ئەينەك، روجىستىۋالىق ئالاھىدە قىسىمى» دىگەن خەنچە تەرجىمىنى چۈشۈرۈپ كۆرگەن ئىدىم. كۆرۈپ بولۇپ بەيدۇلاپ باقسام، ئەسلىدە تېلۋېزىيە تىياتىرى ئىكەن. ھازىرغىچە ئىككى بۆلۈم ئىشلىنىپتۇ، ھەر بىر بۆلۈمى 3 قىسىم ئىكەن. تىلۋېزىيە تىياتىرى بولسىمۇ، سۈپىتى خېلى كېنولاردىن قىلىشمىغۇدەك ياخشى چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر قىسىمى مۇستەقىل ھىكايە، ئايرىم ئارتىس بولغاچقا، تىياتىردەكمۇ تۇيۇلمايدىكەن ئادەمگە.

ئەتتىر خانقىز بەلكىم كۆرۈپ بولدىغۇ دەيمەن. كۆرۈپ بولغانلار بىرەر تېما يازساڭلار، شۇ تېمىدا بىر تەسىرات يېزىشقان بولساق ياخشى بولاتتى. مۇشۇ بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئادەمنى ئويغا سالالايدىغان فىلىملەر قاتارىغا مۇشۇ تىياتىرنى تىزىپ قويدۇم ئۆز كۆڭلۈمدە.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:39:25

كۆۋرۈك تور بېتىنىڭ مىننەتسىز ئەمگىكىگە تەشەككۈر. رەھمەت سىلەرگە.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:47:57

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:29 static/image/common/back.gif
كۆۋرۈك بۇرادەر، سىلەر ئەنگىلىيە تېلۋېزىيە تىياتىرى «ق ...

قىسىملىق فىلىم كۆرمىگەچكىمۇ بۇ فىلىمگە ئىتىبار قىلماپتىمەن،
سىز تەۋسىيەرىڭىز بويىچە  مەزمۇنى بىلەن باشقىلارنىڭ باھاسىنى كۆرۇپ چىقتىم ،دەرۋەقە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك فىلىمكەن باشقىلارنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن كۆرگەنلەر كۆپكەن ،ۋەقەسى زىلزىلگە سالغۇدەك قالتىسكەن ئەمما كاللا يۇيدىغان فىلىم دەيدۇ .تەۋسىيە قىلغىنىڭىزغا رەخمەت مەن كۆرۇپ باقاي.

torqicom يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:51:24

رەخمەت سىزگە بىزلەرنى ھەقسىز فىلىم بىلەن تەمىن ئىتۋاتىسىز .
  بولسا بەيدۇنىڭ ئېلانىنى قويماي گوگىلنىڭكىنى قويغان بولسىڭىز ياخشى بۇلاتتى. گوگىلنىڭ ئېلانىمۇ بەك تۈۋەن ئەمەس

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:55:29

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:29 static/image/common/back.gif
كۆۋرۈك بۇرادەر، سىلەر ئەنگىلىيە تېلۋېزىيە تىياتىرى «ق ...

بۇنى بۇرۇن ئويلاشقان، لېكىن كۈچ يەتمىگۈدەك دەپ قويۇپ قويغان.
بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان فىلىملەردىن ياپونىيەنىڭ 世界奇妙物语 بار، دەسلەپتە قىسقا فىلىم تەرىقىسىدە تارقىتىلغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر پەسىلدە ئالاھىدە قىسىم قىلىپ بىر قىسىمدىن تارقىتىۋاتىدۇ.
ئاندىن ئەنگىلىيەنىڭ 9号秘事 بۇمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ ئىككىسىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

dilmurat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:58:24

http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201501/19/141724vksw1hshsdounb1k.jpg.thumb.jpg

ماۋۇ رەسىمنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن چۈشۈرۈپ كۆرگۈم كەلدى ھەم چۈشۈرىۋاتىمەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:47:44

شىنجاڭدا ھىندىستاننىڭ مۇشۇنداق فىلىملەرنى كىنوخانىلاردا قويماي نەدىكى تۇترۇقسىز فىلىملەرنى قويغىنى تۇرۇپتۇ،

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:57:17

بىر سائەتنىڭ ياقى يىرمىممۇ چۈشۈپ بۇلالمىدى ، قانچىلىك ۋاقتتا چۈشۈپ بۇلىدۇ بۇكىنۇ ؟

تەرجىمىسنى ئىشلىگەندىكىيىن ئازراق چىداپ مۇششۇ فىلملەرنى يۇكۇغا يا تۇدۇ تورىغا يوللاپ بىۋاستە قۇيۇش ئادرىسنى يوللاپ قۇيساڭلار بولمامدۇ .................

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:00:06

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 18:57 static/image/common/back.gif
بىر سائەتنىڭ ياقى يىرمىممۇ چۈشۈپ بۇلالمىدى ، قانچىلىك  ...

ئادەمدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇش كېرەكقۇ، دەيمەن؟!

mihman123 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:09:00

Neshter يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 19:00 static/image/common/back.gif
ئادەمدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسى بولۇش كېرەكقۇ، دەيمەن؟!

خەنزۇچە خەتلىكىنى ئىككى قىتىم كۈرۋەتكەن -يىرىم ياتا چۈشۈنۈپ . ...........كىنۇنى 3 پارچە دىسەك باشتىكى بىرنىجى ئىككىنجى پارچسى خىلى ياخشى -قىزقارلىق تۇيۇلدى . كىيىنكى 3- بۇلكى -ئاخرىقى بۈلكى تازا تايىنى يوقتەك بىلىنگەنتى . يا تەرجىمىسنى تۇلۇق چۈشەنمىگەچكە شۇنداق بىلندىمۇ ..................تەرجىمىسى بىلەن قايتا بىر كۈرەي دىسەم ئىتتىگىراق چۈشمەي قالدى .
بەت: [1] 2 3 4 5 6
: [خەتلىك فىلىم] PK