Typography يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:22:21

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 16:34 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىىنغاندىكىن لايىق ئۇيغۇرچە ئىسىم  ...

كىنو ئىسمىنى تەرجىمە قىلغاندا نىمە ئۈچۈن خەنزۇچىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلىش كىرەك؟ بۇ كىنونىڭ خەنزۇچە بىلەن باغلىنىشلىقى بولمىسا يا؟ بۇ ئىسىم ناھايىتى نورمال. يەنى ئۆزىنىڭ ئىسمى. بۇنى ئىنگلىزچىدىمۇ كورىيەچىدىمۇ يەنە باشقا تىلدىمۇ pk ئۇلار ئەسلى تىلغا ھۆرمەت قىلدىكەن.بىزمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنەيلى.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:35:37

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 18:57 static/image/common/back.gif
بىر سائەتنىڭ ياقى يىرمىممۇ چۈشۈپ بۇلالمىدى ، قانچىلىك  ...

چۈشۈرۈپ كۆرەلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۇ يەرگە چىقىرىپ قويۇشمۇ مەسىلە ئەمەس ئىدى، ئەمما يېقىندىن بۇيان بۇ توربېكەتلەرنىڭ فىلىم تەستىقلاش تۈزۈمى تېخىمۇ چىڭىپ، نۇرغۇن فىلىملەرنى ئۆچۈرۈۋەتتى، شۇڭىلاشقا بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتى ئۇزۇن فىلىملەرنى توردا كۆرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭىلاشقا خەتلىك فىلىملەرنى بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن چۈشۈرۈشكىلا تەمىنلىمەكچى.
فىلىملەرنى چۈشۈرىدىغانغا ئازراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، ئەمما فىلىمنىڭ كۆرۈنۈش ۋە ئاۋاز ئېنىقلىقى توردا كۆرگەندىن ياخشى، ئەگەر فىلىم سۈپىتىنى قوغلاشسىڭىز يەنىلا چۈشۈرۈپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:35:49

شۇنداق قىلىپ تىرمىنالداكىنو قويۇلماس بولدىما؟؟؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:41:35

Typography يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 19:22 static/image/common/back.gif
كىنو ئىسمىنى تەرجىمە قىلغاندا نىمە ئۈچۈن خەنزۇچىنى ئ ...

سىز ئىنكاسىمنى تولۇق چۇشۇنۇپ ئوقۇدىڭىزمۇ يا ،خەنزۇلارمۇ بىر يەردىن تەرجىمە قىلىپ ئەكەلمەپتۇ ئۆزى ماس كەلتۇرۇپ خەنزۇچە ئىسىم قويىۋاپتۇ،
بىزمۇ تەرجىمە قىلغاندىكىن ئۇيغۇرچە قىلىپ مۇۋاپىق ئىسىم قويساق دەۋاتىمەن ،خەنزۇچىنى تەرجىمە قىلىپ قويۋالايلى دىمىدىم.
豆瓣دىكى ھەربىر فىلىمنىڭ ئىسمىگە قارىسىڭىز چوڭ قۇرۇغلۇقتىكى ئىسمى شاڭگاڭدىكى ۋە ئۆز ئىسمى دەپ نەچچە ئىسىم بىلەن چىقىدۇ،
ھەربىر تىل دۆلەتتىكىلەر ئۆزى چۇشىنەلىگىدەك مەزمۇن بىلەن بىرلەشتۇرۇپ  ئىسىم يانداپ قويسا بولىۋىردۇ .

oylan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:43:23

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 19:09 static/image/common/back.gif
خەنزۇچە خەتلىكىنى ئىككى قىتىم كۈرۋەتكەن -يىرىم ياتا چ ...

سىلىگە يارىمىغان 3- بۆلىكى ماڭا بەك يارىدىغۇ، مىنىڭچە كىنونىڭ جېنى دەل 3- بۆلىكى.

kinoqi1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:47:09

بەك ياخشى بولدى،مەن مۇشۇ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى ساقلىۋاتقىلى خېلى بولغان،كۆۋرۈك توبېكىتىگە كۆپ رەھمەت.  بولسا شاھرۇك خاننىڭ يىڭى يىل مۇبارەكنىمۇ تەرجىمە قىلساڭلار دىگەن ئۈمۈتتىمەن

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:54:06

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 19:41 static/image/common/back.gif
سىز ئىنكاسىمنى تولۇق چۇشۇنۇپ ئوقۇدىڭىزمۇ يا ،خەنزۇلا ...

بالىغا تاپقان ئاتىسى ئىسىم قويىدۇ.
خەنلەر ئىسىمنى تەرجىمە قىلمايدۇ ئۆزى بىلگەنچە ئىسىم قويۇۋالىدۇ. ئۇيغۇرلاردىكى دەيچىلەردەك.
كىنوغا ئىسىمنى ئىشلىگۈچىلەر قويغاندىكىن شۇنى ئۆز پېتى تەرجىمە قىلىش، تەرجىمە قىلىشقا بولمايدىغان ئادەمنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان كىنولار بولسا شۇ پېتى ئېلىش كېرەك. بۇ ھېچبولمىسا شۇ كىنونى ھۆرمەتلىگەنلىك. ھەم شۇ ئىسىم بىلەن كېيىنچە كىنولارنى تېپىش، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:56:20

hudeyfe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 16:30 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  kowruk_cn  
بىكىتىلاردىكى شەھۋانىي ت ...

سافارى تور كۆرگۈچىنى ئىشلەتسىڭىز، ئىلانسىز، پاكىز ھالەتتە كۆرەلەيسىزكەن

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:56:54

ھەشقاللا، چۈشۈرۈپ كۆرۈۋاتىمەن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 20:03:27

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 19:41 static/image/common/back.gif
سىز ئىنكاسىمنى تولۇق چۇشۇنۇپ ئوقۇدىڭىزمۇ يا ،خەنزۇلا ...

سىز تەرجىمە قىلغان كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلىۋىتەمسىز

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 20:14:33

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 20:03 static/image/common/back.gif
سىز تەرجىمە قىلغان كىنونىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلى ...

شۇنداق دىدىمما؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 20:18:24

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 20:14 static/image/common/back.gif
شۇنداق دىدىمما؟

قەتئى خاپا بولماڭ ھە، گېپىڭىزگە قاراپ سىزنى كىنو تەرجىمە قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 20:25:05

alip يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 19:54 static/image/common/back.gif
بالىغا تاپقان ئاتىسى ئىسىم قويىدۇ.
خەنلەر ئىسىمنى تەر ...

بىزغۇ تەرجىمىسى چىقماستىنلا فىلىمنىڭ تەرجىمالىدىن خەۋەر تىپىپ بولغان لىكىن ئۇيغۇرچە خەتلىك كۆرىدىغانلار ھەممىسىنىڭ سەۋيىسى بىز بىلەن تەڭمۇ؟ تەۋسىيە قىلىدىغانلارغا باشقىلار چۇشەنگىدەك بىر ئىسىم ياندايلى دىسە شۇنچىلىك زىغىرلاپ كىتىش كىتەمدۇ،pkنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى Peekayشۇلارنىڭ تىلىدا فىلىم ئىسمىدىن قىسقارتىپ ئىلىنغان 2ھەرىپ شۇنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ قوشۇپ قويسا ھىچ زىيىنى كەتمەيدۇ.سىز چۇشەنگەن بىلەن باشقىلار pkدىگەن ئاتالغۇنى بىلمەيدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 20:35:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 20:36  

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 20:25 static/image/common/back.gif
بىزغۇ تەرجىمىسى چىقماستىنلا فىلىمنىڭ تەرجىمالىدىن خ ...

كىنونىڭ ئىسمى ھەققىدە ئۆزىڭىز زىغىرلىدىڭىز. بىلمىگەنلەر ئۆگەنسۇن. بىلمەيدىكەن دەپ توغرا ئىشنى خاتا قىلىشقا بولمايدۇ.
pk دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى مەنمۇ بىلمەيتىم. كىنونىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆرۈپ چۈشەندىم.

xjks يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 20:59:27

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 18:57 static/image/common/back.gif
بىر سائەتنىڭ ياقى يىرمىممۇ چۈشۈپ بۇلالمىدى ، قانچىلىك  ...

《百度云管家》نى قاچىلاپ چۇشۇرسڭىز تىز چۇشىدۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 21:23:19

attir يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:47 static/image/common/back.gif
قىسىملىق فىلىم كۆرمىگەچكىمۇ بۇ فىلىمگە ئىتىبار قىلما ...

بۇ تىياتىردىن مەن كۆرۈپ باققىنىم 7 قىسىم بوپتۇ. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى 2-بۆلۈم«ئاق ئېيىق»(whitebear) دىگەن قىسىمى.
ھەر بىر قىسىمى باشقا قىسىملىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغاچقا، تاللاپ كۆرسىڭىزمۇ بولىۋېرىدىكەن. مەزمۇنىنى ئاشكارلىۋەتسەم كۆرگىڭىز كەلمەي قالمىسۇن. مۇشۇ قىسىمنى بىر كۆرۈپ بېقىڭ.http://119.84.11.20/【更多美剧请去www.dy131.com】黑镜第二季1024高清01.mkv?fid=DN-JWn*XeC2Ef7L3JH2LzQu9-f3g2zYcAAAAALRBwtdnJEK2z3B2yy17I5tdKxSm&mid=666&threshold=150&tid=A0E8647BEC89666DAD8B1EB6E314EE42&srcid=119&verno=1
6V كېنو تور بېكىتىدىن ئىزلەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
«ئاق ئېيىق» نى كۆرۈپ بولۇپ، خېلى ۋاقىتقىچە ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن. قەبىھ جىنايەتچىنى قەبىھ ئۇسۇل بىلەن قىيناش زادى توغرىمۇ خاتامۇ؟ جىنايەتچى قەبىھمۇ ياكى جىنايەتچىنى جازالاۋاتقان ئاددى ئادەملەر قەبىھمۇ؟ ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ھەقىقى مەنىسى نىمە؟ فىلىم يۇقۇرقى سۇئاللارغا بېۋاستە جاۋاپ بەرمەيدۇ، پەقەت سىزنى يۇقۇرقىدەك ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
كاللا يۇيىدۇ دىگەن باھاغا مەن تازا چىنپۈتمىدىم.:lol

ناۋادا كۆڭلىڭىزگە كەلمىسە سوراپ باقسام، بۇرۇن مۇنبەردە شاھ سەنەم ئاتىلىق كېنوخۇمار توردىشىمىز بار ئىدى. سىز شۇمۇ؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 21:30:49

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:55 static/image/common/back.gif
بۇنى بۇرۇن ئويلاشقان، لېكىن كۈچ يەتمىگۈدەك دەپ قويۇپ  ...

سىز تىلغا ئالغان ئىككىلا فىلىمنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، چوقۇم كۆرىمەن.
«قارا ئەينەك»نىڭ تاللاپ تۇرۇپ ئىككى قىسىمىنى تەرجىمە قىلغان بولساڭلار تولىمۇ ياخشى ئىش بولاتتى. سىلەرنىڭ تەرجىمەڭلاردىن ئەڭ رازى بولغان يېرىم، بەزى جايلىرىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش قوشۇپ قويىدىكەنسىلەر. كېنونى چۈشۈنۈپ كۆرۈشكە بەك ياردىمى تېگىدىكەن.

Qamcha يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 21:39:36

مەن ساقلاپ بولالماي خەنزۇچە خەتلىكىنى كۆرۈپ بوپتىكەنمەن ، نېمىشقىكىن ئامىرخاننىڭ فىلىملىرىگە زىيادە قىزىقىمەن . كۆپىنچە فىلىملىرىگە ئامىرخان ئۆزى رىژىسورلۇق قىلىدىكەن ياكى قوشۇمچە رىژىسورلۇق قىلىدىكەن . ئەمەلىيەتتىمۇ كاللىسى بەك ئىشلەيدىغان ئادەمدەك كۆرىمەن ئۇنى . رول دېگەننىغۇ ئېلىپ تىتىۋىتىدىكەن .
ئۇيغۇر فىلىمچىلىقىدىمۇ بىر «ئامىرخان»بولغان بولسا ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ فىلىمچىلىقىمىزمۇ يەنە قايتىدىن روناق تاپقان بولاتتى .
2009-يىلى ئۇنىڭ نامەلۇم ئۆلۈم ناملىق فىلىمى بېلەت سېتىلىش رىكورتى ياراتقان ئىدى، ئاندىن ئۈچ ئەخمەقنى ئىشلەپ ئۆزىنىڭ رىكورتىنى ئۆزى بۇزدى . ئۇچقۇر ئوغرىنى ئىشلەپ يەنە رىكورت ياراتتى . ئاڭلىسام ماۋۇ فىلىمىمۇ يەنە بېلەت سېتىلىش رىكورتى يارىتىپتۇ ھىندىستاندا . لېكىن كەينىدىكى غەيۋەت - شىكايەتلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن بۇ فىلىمگە قارىتا .

كۆۋرۈك توربېتىگە تەشەككۈر . فىلىمنى چۈشۈرۈشكە باشلىدىم

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 21:43:35

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 21:23 static/image/common/back.gif
بۇ تىياتىردىن مەن كۆرۈپ باققىنىم 7 قىسىم بوپتۇ. ماڭا ئ ...

ماقۇل رەخمەت.
ياق مەن ئەمەس بۇ توربەتكە يىڭى ئەزا مەن ھىچكىمنى تونىمايمەن.

function يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 22:05:17

mihman123 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 18:57 static/image/common/back.gif
بىر سائەتنىڭ ياقى يىرمىممۇ چۈشۈپ بۇلالمىدى ، قانچىلىك  ...



مەندە مۇنداق چۈشۈۋاتىدۇ.
100% لام سىزنىڭ تور سۈرئىتىڭىزگە باغلىق بۇ چۈشۈش سۈرئىتى دېگەن :lol
بەت: 1 [2] 3 4 5 6
: [خەتلىك فىلىم] PK