atella0997
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 13:07:24
nasin يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 05:39 static/image/common/back.gif
مۇشۇ يېقىنقى بىر ئايدىكى ئەڭ قىززىق نوقتا بولۇپ قالدىغ ...
ئاشۇ كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى قالدۇرسىڭىز ياكى ئىسمىنى قالدۇرسىڭىز ئۆزەم چۈشۈرىۋالسام.
attir
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 15:09:58
ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 12:46 static/image/common/back.gif
مىنىڭ سىز قويغان ئىسمنى ئاڭلىغۇم كەۋاتىدۇ ؟
ئاز سانلىق كۆپ سانلىق ئاۋازغا قوشىلىدۇ،مەن يىڭىلدىم كۆپ ئەزالار ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاشنى لايىق كۆردى شۇڭا ئىسىم قويشىمنىڭمۇ زۆرىلىتى يوق .،
باشقىلارغا تەۋسىيە قىلغاندا pkدەپلا ئاتىسا مەنىسىنى سورىسا بۇلمەيمانلا دەپ جاۋاپ بەرسە بولىدۇ.
ئەگەر سىز ئۇنىڭ سىرتىدا بولسىڭىز فىلىمنى كۆرۇپ ماس كەلگۇدەك ئىسىم قويىۋالسىڭىز بولىدۇ،
ghalibjan
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 15:22:33
attir يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 15:09 static/image/common/back.gif
ئاز سانلىق كۆپ سانلىق ئاۋازغا قوشىلىدۇ،مەن يىڭىلدىم ...
باشقىلارنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ باققۇم كىلدىغان ناچار ئادىتىم بار ئىدى .
ئەگەر سىزگە ئىسىم قويغىن دىسە قانداق ئىسىم قۇياتتىڭىز دىمەكچىمەن
attir
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 16:22:26
ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 15:22 static/image/common/back.gif
باشقىلارنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ باققۇم كىلدىغان ناچار ئاد ...
Pkبولسا peekayبولۇپ مەنىسى 醉汉 ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلسا ياخشى چىقمايدىكەن ،
فىلىمدا سانجاي ئۇنى مىھمان دەپ ئاتايدۇ ماڭا شۇ ئاتىشى ياقتى شۇڭا (تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن مىھمانPK) دەپ ئاتىسا ماس كەلگۇدەك.
eilixat421
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 16:29:42
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eilixat421 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-21 16:30
ghalibjan يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 12:46 static/image/common/back.gif
مىنىڭ سىز قويغان ئىسمنى ئاڭلىغۇم كەۋاتىدۇ ؟
كوچىدىكى دەيچىلەر كىنۇلارغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قۇيۇشقا ئۇستىغۇ، قىززىقچى شابان، ئاشپەز چىڭلۇڭ، دىڭىز قاراقچىسى جۇرۇڭفا دىگەندەك،
بۇ كىنۇغىمۇ‹‹ تاشقى پىلانت ئادىمى ئامىرخان›› دەپ ئىسىم قويغان بولسىڭىز پىكىر قىلىدىغانلار ئاز بۇلاتتى :lol
altunchi
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 16:59:47
ئۇسسۇل ئوينايدىغان ماشىنا :lol:lol
Ozuyghur
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 19:17:09
altunchi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-21 16:59 static/image/common/back.gif
ئۇسسۇل ئوينايدىغان ماشىنا
ھىندىستاندا كوچىلاردىكى ئۇسۇلچى ماشىنىلار نىمانچە كۆپتۇ؟ مۇشۇ يېرى سەل ئوچۇق بولۇپ كېتىپتۇ. يېقىن كىشىلەر بىلەن كۆرۈپ قالسا ئادەمنى ئۇسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىكەن.
ئەمما ، باشقا تەرەپلىرىنى ياقتۇردۇم،
isyankar0903
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 20:46:10
attir يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 20:25 static/image/common/back.gif
بىزغۇ تەرجىمىسى چىقماستىنلا فىلىمنىڭ تەرجىمالىدىن خ ...
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم كۆرىدىغانلار سەۋىيەسىزدەك بىلىنىپ كىتىپ بارىدىيا :lol
ER518
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:42:28
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ER518 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-23 11:44
ئەلقىسە ئاخشام كۆرۈپ چىقتىم باشتىن -ئاياق ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىنغىنىنى .تولا كۆرۈپ كەتتىم بۇ كىنونىڭ ئېلانىنى ،قارىسام ئىزدىنىشتىمۇ بەك گېپى بوپ كەتتى تورداشلار باھا بېرىشىپ دېگەندەك .
ھىندىستان كىنولىرىنى تازا ياختۇرۇپ كەتمەيتىم ،كۆڭلۈمدە ھىندىستان كىنوچىلىقىنى ھەم دۆلىتىمىزدىكى تاغتۇرا يانفون چىقىرىدىغان بازارغا ئوخشايدىكەن دەپ باھا بەرگەن ،سەۋەبى تاغتۇرا يانفونلار شۇنچە ناچار بولسىمۇ يەنىلا شۇ تېلىفونلارنى ئىشلىتىدىغان ،شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بىر تۈركۈم ئىستىمالچى ۋە شۇ ئىستىمال بازىرى بولغىنىدەك ھىندىستان كىنولىرى گەرچە نەقەدەر چاكىنا،تېتىقسىز ،تۇرمۇشتىن بەكلا يىراق چاكىنا رومانتىكا بىلەن تولغان بولسىمۇ يەنىلا شۇ خىلدىكى كىنولارنىڭ بىر تۈركۈم كۆرۈرمەنلىرى بولىدىكەن ،تاماقنىمۇ بەزى ئادەم ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ،ئۆزىنىڭ مىجەزىگە ماس كېلىدىغان -كەلمەيدىغىنىنى ئويلاپ يىگەن بىلەن بەزى ئادەملەر قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈنلا يىگەنگە ئوخشاش .يېقىنقى يىللاردا ئىشلەنگەن بەزى كىنولىرىنى كۆرگەندىن كىيىن ھىندىستان كىنوچىلىقىغا بولغان كۆز قارىشىمدا ئازراق ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ.
ئامىرخاننىڭ ئىككى كىنوسىنى كۆرۈپتىمەن سىرلىق ئۆلۈم دېگەن كىنوسى ئاندىن يەنە بىر كىنوسى باركەن.شارۇكنىڭ بىر كىنوسىنى كۆرۈپتىمەن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىپتىكەن .ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا خېلى چوڭ پەرق بوپتۇ.
بۇ كىنوسىنىڭمۇ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ياقتى ،سىنارىست ماھىركەن ئىپادىلەشكە ،ئۆزى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئىدىيەنى ئىپادىلەش مەخسىتىگە ئاساسەن يىتىپتۇ،فىلىمدىكى باش پېرسوناژ سورايدىغان ۋە جاۋاب تاپماقچى بولغان سوئاللارنى سورايدىغان ۋە ئاشۇ ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا چوقۇم يا ئەقلى ئاجىز ساراڭ ۋە ياكى بولمىسا ئۆمرىدە ھېچقانداق دىن ،ئېتقاد ،ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ باقمىغان ئادەم بولۇشى كېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن سىنارىسىت تەسەۋۋۇرىنى قانات يايدۇرۇپ بۇ فانتازىيىلىك تاشقى پىلانىت ئادىمى پېرسوناژىنى يارىتىپ چىقىپتۇ.ئۇ دەل مۇشۇنداق ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈنلا نېمىلا سورىسا ،نېمىلا قىلسا بولىۋېرىدۇ.فىلىمدە گەرچە ھەممە دىن ،ھەممە ئىدىيەدىكى ناچار تەرەپلەر قامچىلانغاندەك كۆرۈنسىمۇ مەنچە ئاساسەن ھىندى دىنى بەكرەك ئاساسى تەنقىد نوقتىسى بولغاندەك تۇرىدۇ،شۇ سەۋەبتىن ھېندىستاندىكى مەزكۇر كىنونى قويغان كىنوخانىلارنىڭ ھىندى دىنى مۇرىتلىرى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئېنىقلا يۈز بېرىدىغان ئىش.مۇشۇ كىنونى ئىشلەشكە جۈرئەت قىلغان رېژىسسور ھەم باش رولغا چىقىشقا جۈرئەت قىلغان ئامىرخانغىمۇ كۆڭلۈمدە قايىل بولدۇم،ئىنشائاللا كىنوخانىلارنى شۇنچىۋالا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان يەردە شۇلارغىمۇ بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بوپ قالمىغان بولسىلا، خاتالاشمىسام ئامىرخاننى مۇسۇلمان دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان.
فىلىمدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە توغرا ،مەيلى قانداقلا دىنغا ئىشەن چوقۇم ئەڭ توغرا ئۇسۇلدا ئىشەن ،خۇراپاتلىقنىڭ قۇربانى بوپ كەتمە دېمەكچىكەن شۇ .سىنارىيە تىلى جانلىق ،پىكىر ئۆزگىچە ،ئوخشىمايدىغان ئىدىيەنى ئوخشىمايدىغانلا ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلەپ چىقىپتۇ.تورداشلارنىڭ دېگىنىدەك بەزەن كۆرۈنۈشلەر چەكتىن ئېشىپ كەتكەن.سىنارىست ھېندىستاندىكى مەلۇم بىر قاراڭغۇ تەرەپلەرنى يورۇتۇش ئۈچۈن بۇ ۋەقەلىكنى قىستۇرغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدىم ئۆزەمچە .يەنە بىر ماڭا ياقمىغان ناچار تەرىپى ھىندىستان كىنولا ئىشلىسە مەزمۇنى بولسۇن -بولمىسۇن بىرەر يۈز ئادەم چىقىپ ناخشا ئېيتىپ ،ئۇسسۇل ئوينايدىغان قىلىقىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئوخشايدۇ.لېكىنغۇ بىرەر يۈز ئادەمنىڭ ھەرىكەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ،كۆرۈنۈش ئالىدىغان ئىشنى ھوللىۋودمۇ قاملاشتۇرلمامدىكىن دەيمەن.
كىنونىڭ ئىسمىغا كەلسەك مەنمۇ كۆرۈپ چۈشەنمىگەن ،كىنونى كۆرۈۋېتىپ چۈشەندىم نېمە مەنىسى بارلىقىنى .
ئەتتىرمۇ يامان تەكلىپ بەرمەپتىكەن بولمىسا
ER518
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 11:51:49
ھە راسىت ،ئەتتىرنبڭ كىنو توغرىلىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيدەر دېگەن كىنوسىنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم ،خەنزۇچە خەتلىكى باركەن .ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەنگەن بولسا تېخىمۇ ساز بولاركەن.بۇ كىنومۇ ئۆزگىچە ئىشلىنىپتۇ ،كىنودىكى پېرسوناژلار ياخشى -يامان دەپلا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىۋېتىدىغان خاتالىقنى سادىر قىلماپتۇ.تۇرمۇشتا ياخشى ئادەمنىڭمۇ يېتەرسىزلىكى ،يامان تەرەپلىرى بولىدۇ.يامان ئادەمنىڭمۇ ياخشى تەرەپلىرى ،جىنايەت سادىر قىلىۋېتىپمۇ ۋىجدانى بىلەن ھەرىكىتى توقۇنۇشۇپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.
مەن كىنولاردىكى سەلبىي پېرسوناژلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراپ جازالىنىشىغا قارىغاندا ۋىجداننىڭ جازالىشىغا ئۇچراپ ھايات يولىنى ئۆزگەرتىش نىيىتىگە كەلگەن قىلىپ تەسۋىرلىنىدىغان كىنولارنى كۆرۈشنى ياختۇرىمەن.
kowruk_cn
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 12:13:26
ER518 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 11:51 static/image/common/back.gif
ھە راسىت ،ئەتتىرنبڭ كىنو توغرىلىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھە ...
ھەيدەرنىڭ تەرجىمىسى پۈتتى، تەھرىرلىكتىن ئۆتسىلا ئېلان قىلىنىدۇ...
kakkur
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-23 12:50:22
كۆۋرۈك كىنو تور بېكىتى بىز ۋە نادىر كىنولارنى ئۇچراشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ئىكەن
memetawaq
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-27 23:59:25
kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 12:13 static/image/common/back.gif
ھەيدەرنىڭ تەرجىمىسى پۈتتى، تەھرىرلىكتىن ئۆتسىلا ئېل ...
تەرجىمە ئىشلىرىڭلارغا كۆز تەگمەي تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بەك ئىسىل فىلىملارنى تەرجىمە قىلىۋاتىسىلەر
Ependi
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-28 17:10:49
سىلەرنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم . ماۋۇ ئىشقا ياردەم قىلغان بولساڭلار .
‹‹ ئىشخانىدىكى ئىشلار ›› دىگەن كىنونىڭ سۈزۈكرەك ، ناخشىسى ئەسلى روسچە ، 80 - يىللاردا شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسسى تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى بولسا ، قويۇش ئادرىسى ياكى چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىگەن بولساڭلار .
رەھمەت .
kowruk_cn
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 14:49:41
Ependi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 17:10 static/image/common/back.gif
سىلەرنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم . ماۋۇ ئىشقا ياردەم قى ...
بۇ فىلىمنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقتىم، تاپقىلى بولمىدى.
kanje
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 18:42:23
ماڭىغۇ ھىندىستان كىنولىرى قەتئىي ياقمايدۇ،ۋەقەلەر بىر خىل تومتاق،سىنارىتلار ۋەقەنى قانداق باغلاشنى بىلمىسە بىر ناخشا بىلەن ۋەقەنى زولاپ باغلاپ قويىدۇ.:lol
قىزلار بىلەن پاراڭلاشقاندا يالغاندىن ھىندىستان كىنولىرىنى ماختاپ قويغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا ،توختىمايلا تەنقىدلەيمەن.{:92:}ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھىندىستان كىنوسىغا ئامراق بولغاندىكىن ،قىزلار بىلەن پاراڭلاشقاندا گەپ قىلىشقىدەك ئورتاق تىما چىقماي قالمىسۇن دەپ كۆرۇپ قويىمەن،ئامالسىزلىقتە:'(:lol
Ependi
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 21:45:47
kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 14:49 static/image/common/back.gif
بۇ فىلىمنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقتىم، تاپقىلى بولمىدى.
ئىنكاس قالدۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
مەنمۇ جىق ئىزدىدىم ئەمما تاپالمىدىم . ناخشىسىنى ئۇيغۇرچە ئېيتقىنى ( بەلكىم ئېيتقۇچى نۇرنىسا ئابباس خانىم بولسا كېرەك ) باركەن ، مەن يەنىلا روسچە ئېيتقىنىنى ياقتۇراتتىم . شۇ خىلدىكىسى باركەن . يەنە كېلىپ بەك چاپاقكەن .
ئىنكاس قالدۇرغىنىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن .
kowruk_cn
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:03:21
Ependi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 21:45 static/image/common/back.gif
ئىنكاس قالدۇرغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت .
مەنمۇ جىق ئىز ...
بۇيەردە تازا سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ ئۇرۇقى بار ئىكەن.
http://www.terjimefilim.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=3857&highlight=%D8%A6%D9%89%D8%B4%D8%AE%D8%A7%D9%86%D9%89%D8%AF%D9%89%D9%83%D9%89%2B%D8%A6%D9%89%D8%B4%D9%84%D8%A7%D8%B1
تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇرچە ئاۋازلىقى ئىكەن.
http://www.terjimefilim.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4151&highlight=%D8%A6%D9%89%D8%B4%D8%AE%D8%A7%D9%86%D9%89%D8%AF%D9%89%D9%83%D9%89%2B%D8%A6%D9%89%D8%B4%D9%84%D8%A7%D8%B1
دوستۇم تېپىپ ئەۋەتىپتۇ.
Ependi
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 22:41:43
رەھمەت .
mohsin
يوللانغان ۋاقتى 2015-1-30 23:34:03
Ependi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 22:41 static/image/common/back.gif
رەھمەت .
يۇقارقى ئىنكاستىكى ئىككى ئادرىسنىڭ ، بىرى 1080 لىك ئەسلى روسچە ئاۋازلىقى ، يەنە بىر ئادرىس بولسا فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە ئاۋازى ( رادىيۇ ئاۋازى . رادىئو دىرامىسى قىلىپ ئاڭلاتقان ئاۋاز ) لا ئىكەن .
ماۋۇ ئادرىستا بولسا بۇ فىلىمنىڭ 1.67Gb چوڭلۇقتىكى ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىنوسى بار ، ناخشىلىرى ئەسلى روسچە تىللىق .
دەل سىز ئىزدەۋاتقىنىڭىز ..
لېكىن بۇ فىلىمنى بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن ، قۇتيارغا ئەزا بولىشىڭىز ، ۋە ئون تەڭگىگە سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك .
مەن يېقىندا مۇشۇ ئادرىستىن سېتىۋىلىپ ، ئۆيدىكى چوڭلارغا قويۇپ بەرگەن ، فىلىمنىڭ ۋە ئۇيغۇرچە ئاۋازنىڭ سۈزۈكلۈگى ، كىرىشتۈرۈلىشى ياخشى ...
http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-5144-1-1.html