iztap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 09:38:22

كۆمۈر گازى (ئىسى)دىن زەھەرلىنىشكە ئائىت ماتىريال تاپالمىدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، يېڭى يىلىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن .ئۇلۇغ ئىگىمىزدىن ھەممىڭىزلارنىڭ تىنىگە ساقلىق ، تۇرمۇشىغا ئامان-ئىسەنلىك تىلەيمەن.
بالا- قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس ، پۇت-قولىنى ساڭگىلىتىپ .
ئىشەكمۇ جېنىدا بىر قېتىم پاتقان لايغا قايتا كىرمەيدۇ !- لېكىن بۈگۈن مەن ئۆزەمنىڭ ئىشەكچىلكمۇ بولالمىغىنىمنى تەن ئالدىم . ئائىلىمىزدە ئىككىنچى قېتىم كۆمۈر گازى (ئىسى)دىن زەھەرلىنىش ھادىسىسى يۈز بەردى . 2008-يىلى قىش كۈنلىرىنىڭ بىر كىچىسى ئۈچ ياشلىق ئوغلۇمنىڭ جۆيلىگەن ئاۋازىدىن ئويغاندۇق ، باشلىرىمىز ئېغىر ، قاتتىق ئاغرىپ كەتكەن ئىدى . ئۆينىڭ ئىچىنى كۈچلۈك ئىس پورىقى قاپلاپتۇ . سەۋەبى ، مەشنىڭ جەينىكى چىقىپ كەتكەن ئىكەن ، تەلىيىمىزگە نارىسىدە ئوغلىمىزنىڭ ئويغىتىپ قويىشى بىلەن ئامان قاپتىمىز . ئەينى چاغدا ئىستىن زەھەرلەنگەندىن كېيىن قانداق تەدبىر قوللىنىشنى بىلمىگەچكە ، دەرھاللا ئىشىك دەرىزىلەرنى ئېچىپ ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇردۇق . بۇ ئىشنىڭ بۈگۈن (2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى كىچە - ‹مېنىڭ توغۇلغان كۈنۈم› ) يەنە قايتا يۈز بەرگىنىگە ئۈزەمدىن بەكلا نومۇس قىلدىم . بۈگۈن كېچە مەن مىھمانخانا ئۆيدە ياتقان ئىدىم ، (ئادەتتە بىر ئائىلە ھەممىمىز ياتاق ئۆيدە ئۇخلايتتۇق .) كىچە سائەت ئۈچلەر بولغان چاغ بولىشى مۇمكىن ، كۆرگەن چۈشلىرىمدىن غەلىتىلىك ھىس قىلىپ ئويغىنىپ كەتتىم ، قايتا ئۇخلىيالماي تېلۋىزور كۆرۈپ ياتتىم .بىر چاغلاردا سىرىتتىن باشقا بىر ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدى ، مەن تېلۋىزوردىن چىققان ياۋا ئاۋاز ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن . خېلى ۋاقىتلاردىن كېيىن ئوغلۇمنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى . يۈگرەپ مىھمانخانا ئۆيگە چىقسام ، ئوغلۇم كۈزىنى ئاچالمىغان ھالەتتە ۋايجان...ۋايجان...دەپ جۆيلۈپ يېتىپتۇ . ئايالىممۇ ئويغىنىپ ، ئوغلۇمغا قاراپ تۇرغان ئىكەن ، مەن بەكلا قورقۇپ كەتتىم ، ئوغلۇمنىڭ چىرايى ئاقىرىپ قالغاندەك كۆرۈندى . كالپۇكلىرىدا نەم دىدارى كۆرۈنمەيتتى . ئايالىممۇ يۈرىگىنىڭ بەك تېز سوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ، مەن بالامنى دەرھال دۇختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئويلىدىم ، لېكىن كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى دەسلەپ جەزىم قىلالمىدىم ، ئايالىممۇ بېشىنىڭ قېيىۋاتقانلىقىنى ھەم بەك ئېغىرلىقىنى ئېيىتتى ،  ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقىمۇ كۈچى يەتمىگەندەك قىلاتتى . ئارلىققا بىر چارەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۆزۈمنىڭمۇ بېشىم (ئارقا مىڭەم) نىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھىس قىلدىم ، ئۆيدە ئاجىز ئىس پۇرىقى باردەك بىلىنىدى.
ئىشىك دېرىزىلەرنى ئېچىپ ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەكلىگىدىن باشقا ، ھىچقانداق تەدبىردىن خەۋىرىم بولمىغاچقا ، باشقا  زۈرۈر تەدبىر قوللىنالمىدىم . ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتكەندە ، ئوغلۇم كۆزىنى ئېچىپ مېنى چاقىردى . يۈرۈگۈم جايىغا چۈشكەندەك بولدى ، تاڭ يۇرىدى ، ئوغلۇم ھەقىقى ئويغىنىپ ، ئايالىمدىن مېنى سورىدى . مەن ئېشەكچىلىك بولۇشنىڭ زۈرۈرلىگىنى ھىس قىلپ ، توردىن ماتىريال ئىزدەۋاتاتتىم . لېكىن بىرنەچچىلىغان كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى توغرۇلۇق خەۋەردىن باشقا نەرسە تاپالمىدىم. ھازىر خۇدايىم بۇيرىسا خەتەر ئۈتۈپ كەتتى دەپ چۈشەندىم . قايتا مۇنداق ھادىسىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش نىيىتىگە كەلدىم ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە مۇشۇ توغرۇلۇق چۈشەنچىگە ئىرىشىشنى مۇھىم دەپ قاراپ ، ھەرقايسىڭىزلاردىن
ياردەم سوراش ھەم باشقا قېرىنداشلارغا ياردىمى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم . بىلىۋالماقچى بولغىنىم : كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىش  قانداق ھادىسە ؟ كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەنلىكنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار ؟ ئۈلۈم خەتىرىدىن باشقا يەنە قانداق خەتەرلىرى بار ؟ كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەندىن كېيىن قانداق جىددى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ خەتەردىن ساقلىنىش مۇمكىن ؟
كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىش كېرەك ؟ دۇختۇرخانىلارنىڭ كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەن بىمارلارغا دىئاگۇنۇز قويۇش ، داۋالاش پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ ؟ كۆمۈر گازىدىن زەھەرلەنگەن بىمارغا قايسى دورىلارنى بېرىش كېرەك ؟
    ئەزىز قېرىنداشلىرىم ، قىممەتلىك ۋاختىڭلارنى ئالغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن . ئۇلۇغ ئىگىمىز ھەممە ئىشلىرىمىزنى ئوڭۈشلۇق قىلغاي .
2015-يىلى قەھرىتاننىڭ 18-كۈنى سەھەر ، خوتەندە يېزىلدى . (تىما ئىگىسى : ئابدۇقادىر رەجەپ)

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:19:55

قانداق كۆمۈر ئىشلەتتىڭىز، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە كاۋاپچىلار ئىشلىتىدىغان چوغ بۇلۇپلا كۆيۈپ قارا ئىس چىقمايدىغان كۆمۈردە ئاسانلا زەھەرلىنىپ قالىدۇ دەيدىكەن

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:20:05

قانداق كۆمۈر ئىشلەتتىڭىز، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە كاۋاپچىلار ئىشلىتىدىغان چوغ بۇلۇپلا كۆيۈپ قارا ئىس چىقمايدىغان كۆمۈردە ئاسانلا زەھەرلىنىپ قالىدۇ دەيدىكەن

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:20:13

قانداق كۆمۈر ئىشلەتتىڭىز، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە كاۋاپچىلار ئىشلىتىدىغان چوغ بۇلۇپلا كۆيۈپ قارا ئىس چىقمايدىغان كۆمۈردە ئاسانلا زەھەرلىنىپ قالىدۇ دەيدىكەن

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:46:10

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  بۇيەدە كۆمۈرگازنىڭ گىپى چىقىپ قالدى، بۇنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىسى مەندىمۇ خېلى بار .2011-يلى قىش پەسلى ئىدى ، نەۋرە ئاكام قاتارلىق تۆت بالا  يەر ئاچىدىغان ئورۇندا   پىڭبو ئۆي ياساپ ئىچىگە مەش قۇرۇپ  تۇنجى كۈنى مەشكە كۆمۈرنى تازا سېلىپ ئۇخلايدۇ ، كىچىدىكى  تەتۈر شامال  ئىسنى ئۆي ئىچىگە ياندۇرۇپ  نەتىجىدە  نەۋرە ئاكام قاتارلىق ئىككى بالنىڭ جان ئۈزشى ، قالغان ئىككى بالنىڭ ئېغىر بىھۇش بولشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى،،،،  
كۆمۈر گازى يەنە كاربول چالا ئوكسىد ‹   co ›  دەپ مۇ ئاتىلدىغان بولۇپ  ، رەڭسىز ، پۇراقسىز  سۇدا ئېرىشچانلىقى  ئىنتايىن ياخشى  ياخشى بولغان زەھەرلىك  گاز ،  زىشلىقى ھاۋانىڭ زىشلىقىدىن جىق پەرىق قىلمايدۇ  .  بۇخىل گاز نەپەس يولى بىلەن قانغا ئوتكەندىن كىيىن  قاندىكى ھىمگىلونىن ‹ قىزىل قان ئاقسىلى › بىلەن ئىنتايىن تىز  سۈرئەتتە بىركىپ  ئوكسىگىننىڭ بىركىشىگە توسقۇنلۇق قىلدۇ  ھەمدە قايتا پارچىلنىشى بەك تەس .  شۇنىڭ بىلەن  ئادەمدە كۆڭلى ئېلىشىىش  ، ماغدۇرسىز لىنىش ، يۈرەك رىتىمسىز لىنىش ، ھۇشۇنى يوقتىش قاتارلىق بىرقاتار ئالامەتلەرنى پەيدا قىلدۇ .  
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بولسا يۈزى كەڭ نەرسىلەر گە سۇ قاچلاپ قويۇش ، زەھەرلىنىش يۈز بەرگەن دە  ھاۋا ئۆتۈشىشنى ياخشىلاش ، زەھەرلەنگۈچىنى ھاۋاسى ساپ بولغان ئورۇنغا يۆتكەش ، ئېغىر بولسا دوختۇرغانغا ئېلىپ  بېرىش دىگەندەك بىر قاتار تەد بىر لەرنى قوللىنىش كىرەك .

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 10:52:20

يۆل لوڭگا بىلەن بۇرۇننى توسۇپ دەرھال ھاۋا ئۆتشىدىغان جايغا قىچىش. ئاندىن 120كويلارغا بىرىدۇ ،ئۆيدىكى گازنىڭ قويۇقلۇقى ئىشىپ كەتكەن ھامان سىگنال بىرىدىغان شۇنىڭدىن بىرنى ئىلىش

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 11:17:00

مەنمۇ بۇنداق ئەھۋالغا بىكار تۇرماي ئۇچىرىغان بىر يىللىرى، كېيىن ئۆيگە يەرلىك پار بىكىتىپ كۆمۈر گازىنىڭ ئەندىشىسىدىن قۇتۇلغان بولدۇق.
كۆمۈر گازى ئېلىپ قويغاندا، بايقالغان ھامان، شۇ كۆمۈرنىڭ چوغىنى چايقاپ ئىچكۈزسە ئاسان قويۇپ بېرىدىكەن، يەنە بىرسىگە مۇزدەك سۈت.
ھەرگىز باش ئاغرىدى دەپ ئاغرىق توختۇتىدىغان دورا ئىچىپ سالماڭلار!

ئۈستىدىكى ئىنكاستا تىلغا ئېلىنغان 120 سوملۇق نەرسىمۇ بولامدۇ نىمە، مەنغۇ ئىشلىتىپ باقمىدىم، بىراق ھازىرچە ئۆيىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىڭىز بولمىغانكىن، شۇنىڭدىن بىرنى ئېلىپ قويۇڭ! ئۇيقۇ دىگەن ئۆلۈك دەپ قويدىكەن، بېشىڭىزغا ئېسىپ قويسىڭىز، ھەر ھالدا پايدىسى بولىشى مۇمكىن.
ئاندىن كەچتە ئامال بار ئوت قالىماسلىقنى ئويلىشىڭ، توك پار ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدىغۇ!!!

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 11:35:06

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 10:20 static/image/common/back.gif
قانداق كۆمۈر ئىشلەتتىڭىز، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە كاۋاپچ ...

توغرا دەيسىز!2006-يىلى قىشتا ۋۇخەندە بىر باي بۇرادىرىمىزنىڭ داچىسىدا قونۇپ قالدۇق.شۇنچە كاتتا داچىنىڭ ئىسىتىش قۇرۇلمىسى كلاسسىك ئۇسلۇبتا بولۇپ شۇ مورا ئوچاققا ئوتۇن-كۆمۈرقالاپ ئىسىتىدىكەن. بىز قونغان كۈنى ساھىبخان قايسىدۇر بىر كاۋاپچىدىن ئىسى چىقمايدىغان چوغ بولۇپلا تۇرىدىغان كۆمۈر(خوتەننىڭ بۇيا كۆمۈركېنىدىنمۇ مۇشۇنداق كۆمۈر چىقىدۇ) ئېلىپ كېلىپ ئوت يېقىپ قويدى.كېچىچىە ھەممىمىز قۇسۇپ،نەپىسىمىز قىستاپ بىئارام بولغان ۋاختىمىزدىلا ئاندىن كۆمۈردىن زەھەرلەنگىنىمىزنى بىلدۇق.لېكىن بۇ كۆمۈر چوغىنىڭ پەقەتلا ئىسى چىقمىغان ئىدى.ھەم غەيرىي پۇراقمۇ يوق ئىدى. داچىدىكى زەھەرلىك گازدىن سىگىنال بېرىش قۇرۇلمىسىمۇ سېزەلمىگەن ئىدى.

secret يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 12:44:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   secret تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-18 12:56  

بىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار،،،
http://search.taobao.com/search?initiative_id=staobaoz_20150118&tab=all&q=%C3%BA%B1%A8%BE%AF%C6%F8%C6%F7&stats_click=search_radio_all%253A1&sort=credit-desc

ftp يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 13:15:45

كۆمۈر گازى ئېلىپ قويغاندا، بايقالغان ھامان، شۇ كۆمۈرنىڭ چوغىنى چايقاپ ئىچكۈزسە ئاسان قويۇپ بېرىدىكەن،

ماۋۇ ئۇسۇلنىڭ ئىلمىيلىكى بارمۇ؟   

attir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 13:18:57

خەۋەردە كۆرىشىمچە ساپ يىشىل مۇھىتتا ياشىغان كىشىلەر بىلەن بۇلغانغان كۆمۇرگە ئوخشاش ياكى يىشىشلچىلىق يوق مۇھىتتا ياشىغانلارنىڭ ئۆمرى زور پەرىق بار ئىكەن ،
ئۆمۇرىمىز ئۇزۇن بولسۇن دىسەك ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە ئۆي ئىچى مۇھىتىغا كۆڭۇل بۇلۇپ قويايلى 20 ،30يىل ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۇشكە پايدىسى بار،

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 13:26:02

كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ ئاددىي ئۇسسۇل ئۆينىڭ دېرىزىسىنى قىيا ئېچىپ قويۇش. ھازىرقى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە سۇلياۋ پولاتلىق دېرىزە ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بەك ھىم بولۇپ كېتىدۇ، ئۆيگە ھاۋا كىرىدىغان ئىمكانىيەت بەك ئاز بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدىكى ئوكسىگېننىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ كېتىپ كۆمۈرنىڭ چالا كۆيۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋېتىدۇ.
بۇرۇنقى ئۆيلەرنىڭ دېرىزىسىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا پورتۇشكا (تەرەپلىرى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدىكى كىچىك كۆزنەك) دېيىلىدىغان بىر خىل قۇرۇلما بولىدىغان، شۇنى ئېچىپ قويىدىغان، بۇنىڭ بىلەن كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىشتىن ساقلىنىلاتتى. بولسا دېرىزىڭىزگە ئاشۇنداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈڭ. كاربون چالا ئوكسىدنىڭ سۇدا ئېرىشچانلىقى بەك ناچار، ئۆينىڭ ئىچىنى سۇغا باستۇرۇۋەتسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، شۇڭا يۇقىرىدىكى بىر تورداش دېگەندەك جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ قويۇپ خاتىرجەم ئۇخلايدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئىككى قېتىملىق زەھەرلەنگەن ھادىسە بوپتۇ، بۇداقى قېتىمدا شۇنداق بولۇپ قالسا، ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشىڭىز، ئائىلە ئەزالىرى ئۆيدىن دەرھال ئايرىلىڭلار ئاندىن ئىشىك-دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرىدىغان ئىشنى قىلىڭلار، كاربون چالا ئوكسىد ھېموگلوبىن بىلەن بىرىكىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئوكسىگېن كۆپرەك يەردە تۇرۇپ ئۇنى ھېموگلوبىندىن ئايرىش كېرەك. ئەھۋالغا قاراپ تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالاش ئېلىپ بارغان ئەڭ ياخشى.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 17:00:23

مىنىڭچە ئۆيىڭىزدىكى كۆمۆر قالايدىغان مەش بىلەن مەشنىڭ ئىش چىقىرىدىغان كانايلىرىدا مەسىلە بارمۇ- يوق؟  ئوبدانراق تەكشۈرۈڭ!

مەشنىڭ ئىس چىقىرىدىغان كانايلىرى قۇيۇنداپ قالغان بولسا، ئىرىنچەكلىك قىلماي، ھورونلۇق قىلماي، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 8 كۈندە بىر دۇمباقلاپ قويسىڭىز، ئىستىن زەھەرلىنىپ قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالالايسىز!

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 18:09:26

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 18:28:20

http://search.taobao.com/search?initiative_id=staobaoz_20150118&js=1&stats_click=search_radio_all%253A1&q=%D2%BB%D1%F5%BB%AF%CC%BC%B1%A8%BE%AF%C6%F8%C6%F7

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 18:28:21

خەت نۇسخىسى باشقىچە ئوقىيالمىدىم،باشقا تېما نورمال

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 19:56:36

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، قېرىنداشلار، بۇ بەكمۇ مۇھىم بىر تېما بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭغا كەسپىي ئۈگەنگەن بىلىملىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ تەپسىلىيرەك توختىلىشنى ئويلاشتىم، چۈنكى بۇ بىر ھاياتى مەسىلە.

كۆمۈر گازىنىڭ تولۇق كۆيمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان كاربون چالا ئوكسىت ناھايىتى ئۆتكۈر زەھەرلىك گاز بولۇپ ئەگەر يۇقىرى زىچلىققا ئىگە كاربون چالا ئوكسىتتا قالسىڭىز بىر نەچچە مىنۇتتىلا جىنىڭىزدىن ئايرىلىسىز.

كاربون چالا ئوكسىت رەڭسىز، پۇراقسىز، تەمسىز گاز بولغاچقا پەرق ئېتىشمۇ تەس، شۇڭا ئىنسان ھاياتىغا تېزلا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ، كاربۇن چالا ئوكسىت زىچلىقى ھاۋادىن يەڭگىل بولغاچقا تېزلا يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، سۇدا ئېرىيدۇ، ئەمما ئېرىشچانلىقى تۆۋەن.
كاربون چالا ئوكسىت قانداق زەھەرلەيدۇ؟  ئادەم بەدىنىدىكى ئوكسىگىن توشۇغۇچى ھىموگلوبىن بىلەن تېزلا بىرلىشىپ (200 ھەسسە تېز) ئوكسىد ھېموگلوبىن ئورنىغا كاربون ھېموگلوبىن ھاسىل قىلىپ قاندىكى ئوكسىگىننىڭ ئورنىنى ئىلىۋالىدۇ، نەتىجىدە مېڭە ۋە ھەرقايسى ئورگانلارغا ئوكسىگىن يېتىشمەي باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، نەپسى تېزلىشىش، ھالسىزلىنى، ھوشىدىن كېتىش، ئېغىر بولغاندا پالەچ بولۇپ قېلىش ۋە ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆمۈر قالايدىغان ئۆيلەردە ناھايىتى دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۇنداقتا، كاربون چالا ئوكسىتتىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىمىز؟  مېشىڭىزنى ياكى ئوچىقىڭىزنى ھەر قېتىم كۆمۈر قالاشتىن بۇرۇن پاكىز تازىلاڭ، مەشنىڭ ياكى ئوچاقنىڭ ئىچى پاك پاكىز تازىلىنىش كېرەك، كۈل چۈشىدىغا تۆمۈر چىۋىقلىرى توسولۇپ قالمىسۇن، ئاستىدىكى كۈلنىمۇ كۆمۈر قالاشتىن بۇرۇن پاكىز تازىلاپ ئېلىۋىتىڭكى ئاستىدىن ھاۋا ئۇرۇپ كۆمۈرنىڭ تولۇق ھەم تېز كۆيۈشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

ئوچاققا كۆمۈرنى سېپ قويۇپلا ئۇخلىماڭ، تولۇق تۇتۇشۇپ بولغاندا يېتىڭ، ئوچاققا كۆمۈرنى بەك جىق توشتۇرۋەتمەڭ، چۈنكى كۆمۈر تولۇق كۆيۈش ئۈچۈن ئوكسىگىنغا مۇھتاج. يوغان يوغان كۆمۈرلەرنى تاشلاپ قويماڭ، بۇنداق كۆمۈرلەر ئاستا تۇتىشىدۇ، ئاستا كۆيىدۇ، نەتىجىدە كاربون چالا ئوكسىتنىڭ كېلىپ چىقىشى تېزلىشىدۇ. ئۇششاقراق كۆمۈرلەرنى سېلىڭ ۋە ئۈستىگە تېز تۇتىشىشى ئۈچۈن ئۇششاق ئوتۇن، قەغەز دېگەندەك نەرسىلەرنى تاشلاپ كۆمۈرنىڭ تېز تۇتۇشىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.

تۇرخۇن، كانەيلەرنى تەكشۈرۈپ تۇرۇڭ، پاكىز تازىلاپ تۇرۇڭ، ھەرگىز توسۇلۇپ قالمىسۇن، ئەگەر ئىس قاچىدىغان تۇرخۇن بولسا پۇلىغا چىداپ سۈپىتى ياخشى كانەيلەرنى ئالماشتۇرۇڭ، تۇرخۇن دېرىزىڭىزگە يېقىن بولمىسۇن، قىسقا بولۇپ قالمىسۇن، ئۇزۇن بولسۇن.

كۆمۈر تاللىغاندا كۆيگەندە كۆك يالقۇن چىقىرىدىغان كۆمۈر تاللاك، چۈنكى كۆك يالقۇن چىقىرىشى كۆمۈرنىڭ تولۇق كۆيگىنى ھېساپلىنىدۇ، سېرىق يالقۇن چىقارغان كۆمۈرلەرنى ئىشلەتمەك، بۇلار چالا كۆيىدىغان كۆمۈرلەردۇر.

بۇنىڭدىن باشقا، كاربون چالا ئوكسىتنى پەرق ئېتىپ سېگنال بېرىدىغان ئەسۋاپ سېتىۋىلىڭ، بۇ بەك مۇھىم، كاربون چالا ئوكسىت ھاۋادىن يېنىك بولۇپ تېز يۇقىرى ئۆرلەيدىغان بولغاشقا بۇ ئەسۋاپنى بېشىڭىزنىڭ يېنىغا ئەمەس ئېگىز يەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ. سېتىۋالغاندا سۈپىتىگە دىققەت قىلىڭ، ھەم توكلۇك، ھەم باتارىيەلىك ئىشلەيدىغان ئەسۋاپ سېتىۋىلىڭ. تۈۋەن زىچلىقتا پەرق ئېتەلەيدىغان ئاۋازى يۇقىرى ئەسۋاپ سېتىۋىلىڭ.

كاربون چالا ئوكسىتتىن زەھەرلىنىپ قالغاندا دەرھال ئىشىك، دېرىزىلەرنى ئېچىڭ، ئاچالمىسڭىز چېقىپ بولسىمۇ ئېچىڭ، ئېغىرراق زەھەرلىنىش كېلىپ چىقسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭ، ئوكسىگىندىن سۈننىي نەپەسلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم، بولمىسا مەن يۇقىرىدا دېگەندەك، ئۇنۇتقاقلىق، پالەچلىك ۋە ھەرخىل روھ كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شەھلانىڭ دېگىنىنى مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام قىلغان، ئاپام پىرەنىك سېلىۋاتقاندا مەن شۇنداق زەھەرلىنىپ قېلىپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ ، شۇنىڭ بىلەن ئاپام چوغنىڭ سۈيىنى مەجبۇرى ئىچكۈزۋەتكەن، قۇسۇپ ئارام بەرگەنىدىم، ئىلمىي ئاساسى بارمۇ يوقمۇ ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن.

باشقا سورايدىغان مەزمۇنلار بولسا قولۇمدىن كېلىشىچە جاۋاپ بېرىمەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 21:03:10

ftp يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 13:15 static/image/common/back.gif
ماۋۇ ئۇسۇلنىڭ ئىلمىيلىكى بارمۇ؟

ئەسسىلامۇ-ئەلەيكۇم، مەن چوغ چايقاپ ئىچكۈزۈشنىڭ ئىلمىي ئاساسىنىڭ بار يوقلىقىنى راستىنلا بىلمەيمەن، بىراق كۆمۈر گازىدىن ئۈچ قېتىم زەھەرلەندۈق(ئائىلە بويىنچە)، ھەر قېتىمدا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئەسلىمىزگە كەلدۇق. ئەڭ ئېغىر بولغان بىر قېتىملىقىدا، ئىككى دۇنيانىڭ ئارلىقىدا يۈرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولغانلىقىم يادىمدا، شۇ قېتىم ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئىش بولغان، ئىككى بالام ھەم دادىسى ئاللىقاچان بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا بولۇپ بوپتىكەن، ئۆگۈزىمىزدە كەپتەرخانىغا قارايدىغان ئىت بار ئىدى، مەنمۇ ئاشۇنداق بىر شېرىن چۈشنىڭ ئىسكەنجىسىدە يېتىپ ئىتنىڭ ئاغزى بېسىقماي قاۋاۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم، ئىش قېلىپ قانداق باردىم بىلمەيمەن تاشقارقى ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىغا كەپتىمەن، ھەم ئىشىكنى ئېچىپتىمەن، ئېچىپلا يېقىلغان ئوخشايمەن، ئىتنىڭ يۈزۈمنى يالىغىنىنى سەزدىم، ئاندىن ئۇ ئاتلاپ تاقلاپ ئۈستۈمدىن ئۆتۈپ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى، قالغىنىنى بىلمەيمەن، ھوشۇمغا كەلسەم، بىز بىلەن بىر ھويلىدا ئولتۇردىغان يولدۇشۇمنىڭ چوڭ ئاكىسى ھەم يەڭىگىمىز، بىر نەچچە قوشنىلىرىمىز باركەن. ئۇلار شۇ بىزگە چوغ چايقاپ ئىچكۈزۈپتۇ.
ئىت توختىماي قاۋاپ ھەم قوشنىلارنىڭ ئىشىكلىرىنى تاتلاپ بىر ھويلا ئادەمنىڭ ھەممىسىنى ئويغۇتۇپتۇ، ئۇنىڭ زەنجىرنى قانداق ئۈزگىنىنى، ئۆگۈزدىن قانداق سەكرەپ چۈشكىنىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ھازىرمۇ ئوپكەم ئۆرىلىدۇ.
بۇ بەلكىم ئالەمنىڭ سىر-ھېكمەتلىرىدىن بولىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمىز. ئادەمنىڭ سەزگۈسى سىزەلمىگەن بالايى-قازانى ھايۋاننىڭ سىزەلەيدىغانلىقىغا شۇ قېتىم چىن يۈرىكىمىزدىن ئىشەنگەن ئىدۇق.
شۇ يىلى ئەتىيازغىمۇساقلىيالماي ئۆيگە پار ئورناتتۇق، ئىجارە بېرىدىغان ئۆيلەرنىمۇ پارلىق قىلدۇق، سەللام شاماللىق كۈنلەر بولسا، ئوت قالايدىغان قوشنىلارغا ئەسكەرتىپ تۇرىمەن، ياكى كېچىلىرى ئويغۇتۇپ قويۇشلىرىممۇ بار.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 21:34:29

izdiniman110 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 10:46 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  بۇيەدە كۆمۈرگازنىڭ گىپى چىقىپ قا ...

كاربون 2 ئوكسىد گازىنىڭ سۇدا ئېرىشچانلىقى بەك تۆۋەن دەپ بىلىمەنغۇ، ئۆي ئىچىدە سۇ قوېۇپ قويسا گازنى تارتىدۇ دىگەن گەپنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمىدۇ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 22:26:39

ۋاي شەھلا ، خۇدايىم بىر ساقلاپتىكەن جۇمۇ سىلەرنى ... ، بۇ تېمىنى ئوقۇپ مەنمۇ قورقۇپ قالدىم ، بىزنىڭ ئۆيىمىزمۇ زىمىن ئۆي ، بىنا ئەمەس .   كۆمۈر قالايمىز  ، لېكىن بۇ ۋاققىچە بىرەر قېتىممۇ ئۇنداق ئىش بولۇپ باقمىدى .  كۆپىنچە چېلەكتە لىق سۇ قويۇپ قويىمەن ،  ناۋادا گاز چىقىپ كېتىپ قالسا ، سۇ بولسا پايدىسى بار دەپ ئاڭلىغان ، بۇ تېمىدىن قارىغاندا سۇنىڭ ئانچە پايدىسى يوقمۇ نىمە ...

ئاۋۇ ئۈسكۈنە ئىشەنچىلىكرەك بولسا شۇنى ئويلىشىپ باقساق بولغىدەك ، ئىشلىتىپ باققانلار بولسا شۇلارنىڭ تەجىرىبىسىنى ئاڭلىساق بەلەن بولىتى .
مۇشۇ كۆمۈر گازى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك بىلىملەر بولسا تۆكۈڭلارچۇ ...
بەت: [1] 2 3
: كۆمۈر گازى (ئىسى)دىن زەھەرلىنىشكە ئائىت ماتىريال تاپالمىدىم