sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 22:31:43

چوغنى چايقاپ ئىچكەننى مەنمۇ ئاڭلىغان، مېنىڭچە ئىلمى ئاساسى بار.  چوغدىكى تەركىپلەر سۇدا ئېرىپ ....
.............
تۈڭلۈكنىڭ رولىنى سەل چاغلىمىسام بولغىدەك.
...........


niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 23:09:44

1994-يىلى بىلەن 1995-يىلىنىڭ ئارىلىقىدىكى قىش پەسلىغۇ دەيمەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كانادادا ئوقۇپ كەلگەن يولداش مۇتەخەسسىسنىڭ تۆھپىسى پار قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇپ، پەقەت ئائىلىكلەر رايونى، مەمۇرىيەت بىناسىنىلا پار بىلەن تەمىنلىنىپ ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرى بىلەن سىنىپلارغا پار توختىتىلىپ، بىر قىش پار يوق قىشتىن چىققان. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئوقۇغۇچىلارغا چەكسىز كۆيۈنۈپ دەرسكە تولۇق قاتناشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەنتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆيى يېقىنراق بالىلار ئۆيلىرىگە قايتتى، يىراقلىرى پار ئوڭشىلىپ قالسا دېگەن ئۈمىت بىلەن قىيىنچىلىققا چىداپ سوغۇقتا ياتتۇق. بەزى ياتاقلاردا بالىلار چوغدان بىلەن ئىسسىنىپ بىر ئاماللارنى قىلغان. بىر كۈنى فىزىكا 2-91 سىنىپنىڭ بىر ياتىقىدا چوغداندىكى كۆمۈر تولۇق كۆيمىگەنمۇ سەككىز بالىنى ئىس ئەك كەتسە بولىدۇ، ھەرھالدا يەيدىغان رىزقى بار چېغى ئارىسىدىن بىرسىنىڭ يېرىم كېچىدە كۆڭلى ئېلىشىپ، بېشى ئاغرىپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. دەلدەڭشىپ يۈرۈپ ئاران سۇخانىغا چىقىپ بىرەر قۇر ياندۇرۇپ يۈزىنى چايقاپ دېگەندەك يەنە ئاران تەستە ياتىقىغا قايتىپ، ئۆزىنىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى ئۇردۇم دەپ پارالىل خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىنى ئۇرۇۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر قاتار ئىشلار يۈز بەرگەنتى.
تەسەۋۋۇر قىپ بېقىڭلار قانداق كۆرۈنۈشلەر بوپ كەتكەندۇ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 23:14:57

كاربون چالا ئوكسىد سۇدا ئىنتايىن ناچار ئېرىيدۇ،ئاغزىڭىز تاتلىق بىر خىل تەم سېزىدۇ،ئاندىن تاتلىق بىر ئۇيقۇ باسىدۇ دە شۇ ئۇخلىغانچە ئۇ دۇنياغا ئۇزايسىز
سۇ قويۇپ قويسا ئىس ئېلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دىگەن گەپ ئىنتايىن ئومۇملاشقان خاتا قاراش،مۇشۇ گەپنى تاپقان ھەزىلەكنى دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش كېرەك

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 00:08:25

راست، داسقا سۇ قۇيۇپ قويسا ئىس ئالمايدۇ دىگەن يوق گەپ، بىزنىڭ ئۆيدە ئىگىزلىكى 1.2 كەڭلىكى 1.5 لىق بىلىق قاچىسىدىن بىرسى بار. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۈچ قېتىم ئىس ئالدى، بەزىدە كۆپكۈندۈزدىمۇ بېشىمىز ئاغرىپ يۈرەتتۇق.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 01:06:24

كاربون چالا ئوكسىتنىڭ سۇدا ئېرىشچانلىقى تۆۋەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ گاز تۆۋەنگە ئەمەس يۇقىرىغا قاراپ ماڭىدۇ، شۇڭا 10 داس سۇ قۇيۇپ قويسىڭىزمۇ پايدىسى يوق. ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، ياخشى كۆمۈر تاللاش، ئوچاقنىڭ ئاستى ئۈستىنى پاكىز تازىلاش، كانەي ۋە تۇرخۇنلارنى توسالغۇسىز پاكىز تازىلاپ تۇرۇش،تۇرخۇننى شامال چىقسا ئۇرۇپ ئىسنى ئىچىگە كىرگۈزۋەتكۈدەك دەرىجىدە قىسقا ئەمەس ئۇزۇن قىلىپ ياساش،  ئوچاقنىڭ كانەيگە تۇتىشىدىغان تۆشكنى يوغانراق ئېچىش ۋە توسىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى پات پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، بولسا سېگنال بېرىدىغان ئەسۋاپنى ئۆينىڭ يۇقىرى تەرىپىگە ئورنىتىش.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 01:55:17

كاربون چالا ئوكسىتتىن زەھەرلەنسە ، ئاۋال نەپەس قىسىلىش ، مەيدە بىئارام بولۇش ، يۈرەك سوقۇش تىزلىشىش ، پۈتۈن بەدەن باغدۇرسىزلىنىش ، ئاندىن ھوشىدىن كېتىش ، داۋاملىق زەھەرلەنسە ھاياتىدىن ئايرىلىش .......

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 01:57:44

ھازىر مودا بولۋاتقان ئۆزىنى ئۆلتۇرۋېلىش ئۇسۇلىنىڭ بىرى ، ياغاچ كۆمۇر قالاپ ئۆلۈش !

iztap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 03:13:37

رەھمەت ئەزىز قېرىنداشلىرىم › سىزلەردەك مەسئۇلىيەتچان قەۋىم بىلەن تۇققان بولۇپ ياشىغىنمدىن چەكسىز سۆيۈنىمەن. بۈگۈن بىر خىزمەتدېشىمنىڭ تويىغا بىز بىر ئائىلىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ، خۇدايىم بەرگەن ئوغلۇمنى بىرگە ئېلىپ قاتنىشىپ كەلدىم. كومپىيۇتېرىمنى ئېچىپ تىمامنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ ، ئايالىم ئىككىمىز قانغۇچە يىغلاشتۇق .
ماڭا يۈرۈگۈمدىن يىغلاش (تەسىرلىنىش) پۇرسىتى بەرگەن تۇققانلىرىمغا قانداق رەھمەت دىيىشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ . ئولۇغ ئىگىمىزدىن ھەممىمىزگە ئامان ئىسەنلىك تىلەيمەن.
  ئىنكاسلاردىكى‹ بىر چىلەك سۇنى ئۇچۇق قويۇپ قويسا ، ئىستىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىن ئالغىلى بولىدۇ دىگەن ئەنئەنىۋى (بىز كۆنگەن) كۆز قاراشنىڭ ئىنكار قىلىنىشى مېنى ئويغاتتى .
رەھمەت سىلەرگە .

iztap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 03:23:56

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 10:19 static/image/common/back.gif
قانداق كۆمۈر ئىشلەتتىڭىز، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە كاۋاپچ ...

ئەسلىدە ئۈرۈمچىنىڭ كۈمۈرىنى ئىشلىتىۋاتاتتىم ، ئىككى كۈن ئىلگىرى خوتەننىڭ بۇيا كۆمۈرىنى سېتىۋالغان ، ئۈرۈمچىنىڭ كۆمۈرى تولۇق كۈيەتتى ، بۇ قېتىمقىسى (بەلكىم ناچاردۇر) چالا كۆيۈپتۇ. كۆمۈرنىڭ يېرىمى چوغ بولۇپ يېرىمى كۆمۈر پېتى تۇرۇپتۇكەن.

iztap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 03:27:02

EzQi0908 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 18:28 static/image/common/back.gif
خەت نۇسخىسى باشقىچە ئوقىيالمىدىم،باشقا تېما نورمال

ukij tuz tom خەت نۇسخسىنى تاللىغان ئىدىم . مەن ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىمەن .

iztap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 03:36:30

يۈگرەپ مىھمانخانا ئۆيگە چىقسام ، ئوغلۇم كۈزىنى ئاچالمىغان ھالەتتە ۋايجان...ۋايجان...دەپ جۆيلۈپ يېتىپتۇ
------- دىگەن مەزمۇندىكى مىھمانخانا ئۆيگە چىقسام دىگەن يەر خاتا بوپ قاپتۇ ، توغرىسى-  ياتاق ئۆيگە چىقسام .

iztap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 03:50:09

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 17:00 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە ئۆيىڭىزدىكى كۆمۆر قالايدىغان مەش بىلەن مەشنىڭ ...

راسىت ، مەن مەشنى بىر ئۆيگە قويۇپ ئىككى ئۆينى تەڭ ئىسسىتىۋاتاتتىم ، تۈتۈندان (خوچاڭ) دىن پايدىلانغان. خوتەندە شىمال تەرەپتىكىدەك ئەمەس ، خوچاڭنىڭ ئورنىغا تۆمۈردىن ياسالغان تۈتۈندان ئىشلىتىمىز ، تۇڭزا سەل ئوزۇن بوپ قالىدۇ .

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 08:07:40

دېمەك كۆمۈر قالىغان ئۆيگە داس ياكى چېلەكتە سۇ قويۇپ قويۇشمۇ ئىلمىي ئۇسۇل ئەمەس دەڭلا، دىققەت قىلساق بولغۇدەك

ئاندىن، بۇرۇن ئاڭلىغاندەك قىلغانتىم: ئىس ئېلىپ كەتكەن ئادەمنى ھۆل پالاس، كېگىز دېگەندەك نەرسىگە ئورىسا بەدەندىكى زەھەرنىڭ گازىنى تارتىدۇ دەۋاتقان، مۇشۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ ئىشەنچلىكمۇ؟


بۇلتۇر 2- ئاينىڭ 4- كۈنى دادامنىڭ ھەدىسى بىلەن يولدىشى (خانئاپام 78 ياش ئەتراپىدا، ئېرىش 85 ياش ئەتراپىدا) ياتقان يېرىدا ياغاچتەك قاتقان پېتى كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ تۈگەپ كەتتى .... :'(

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 10:41:15

بىزنىڭ ئاتۇش تەرەپلىدە ئاقسۇ باينىڭ ئىسسىز كۆمۇرىنى ئىشلىتىدۇ،بىر توننىسى 1000سومدىن1200سومغىچە ،باشقا كۆمۇرگە قارىغاندا قىممەتراق،مەن چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە بىرەسىنىڭ كۆمۇر گازىدىن زەھەرلەنگىننى بىلمەيمەن،ئاشۇ كۆمۇرنى ئىشلىتىپ بىقىڭ.
خوتەندە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئۇ كۆمۇرنى بازاردا قەتتىي كۆرمىگەنتىم مەن،

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 12:51:04

چوغنى سۇغا چىلاپ ئىچكۈزۈشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇلى ھەققىدە كاللامغا كىرىۋالدى دېسە، مەن مۇنداق پەرەز قىلدىم، كۆمۈرنىڭ تەركىبىدە مول بولغان كاربوندىن باشقا يەنە ئوكسىگىنغا باغلانغان مېنىرال ماددىلارمۇ كۆپ، كۆمۈر كۆيگەندە، كاربون 4 ئوكسىت، كاربون چالا ئوكسىت، كۈكۈرت 4 ئوكسىت (ئۇيغۇرچىمىزدا مۇشۇنداق ئاتايدىغۇ دەيمەن ھە) قاتارلىق گازلار ئۇچۇپ، چوغدىكى ئوكسىگىنغا باغلانغان مېنىرال ماددىلار قالىدۇ، بۇلار سۇ ئارقىلىق ئىنسان بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ھېموگلوبىندىكى كاربون چالا ئوكسىتنى ئوكسىتلەپ ھېموگلوبىندىن ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن، ھېموگلوبىننىڭ تەكرار ئوكسىگىن بىلەن بىرلىشىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.

كۆمۈرنىڭ كۆيگەندىن كېيىن قالغان كۈللەرنى تۇپراق مۇنبەتلەشتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، چۈنكى يۇقىرىدا ئېيتقاندەك كۆمۈر يەنى كۈلدە تۇپراق ئىھتىياجلىق بولغان مول مېنىرا ماددىلار بار.

albAX يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 14:51:19

Sewirchan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 21:34 static/image/common/back.gif
كاربون 2 ئوكسىد گازىنىڭ سۇدا ئېرىشچانلىقى بەك تۆۋەن د ...

  ئوتتۇرا مەكتەپ خېمىيىسىدە كاربون چالا ئوكسىدنىڭ سۇدا ئىرىشچانلىقى بەك يۇقىرى دەپ سۆزلىگەن ئىدى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ، ئاپام كۈنۈپ قالدىمۇ قانداق بىنا ئۆيگە چىققىلىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى ، يەنىلا بىر-ئىككى تەلەڭگىگە سۇ ئېلىپ قۇيىدۇ .

hutantawakkul يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 15:53:24

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
مەن چوڭلاردىن ئاڭلاپ يەنى مەشنىڭ ئۈستىدە بىر چەينەك سۇ قۇيۇپ كۆنگەنتىم،
قايناق سۇ ھورىنىڭ ۆۈمۈر گازىنى تۇسۇش رولى بارمۇ؟
مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسەڭلار.

turken يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 16:32:03

كاربون  ئىككى(ياكى چالا) ئوكسىد  بىلەن كاربون تۆت ئوكسىد نىڭ  پەرقىنى  بىلىۋىلىڭلا
2C+O2=2COماۋۇ كاربون  چالا  ئوكسىدنىڭ  شەكىللىنىش رىئاكسىيەسى كاربون  چالا  كۆيگەندە
كاربون  چالا ئوكسىد رەڭسىز پۇراقسىز زەھەرلىك  گاز  سۇدا ئىرىشچانلىقى ناچار كۆيۈشچان تولۇق كۆيگەندە كاربون تۆت ئوكسىد ھاسىل  قىلىدۇc+o2=co2
تولۇق كۆيگەندە كاربون 4ئوكسىد ھاسىل  بولىدۇ بۇ رەڭسىز پۇراقسىز كۆيمەيدىغان كۆيۈشكە ياردەم  بەرمەيدىغان گاز نەپەسلىنىشكە  بولمايدۇ سۇدا ئاسان ئىرىيدۇ ئىرىپ كاربونات  كىسلاتا ھاسىل  قىلىدۇ (گازلىق ئىچىملىكلەر كاربون تۆت ئوكسىدنى بىسىم بىلەن ئىرتىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ)كاربۇنات كىسلاتا تۇراقسىز ئاسانلا پارچىلىنىدۇ

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:00:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Sewirchan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 19:05  

turken يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 16:32 static/image/common/back.gif
كاربون  ئىككى(ياكى چالا) ئوكسىد  بىلەن كاربون تۆت ئوكسى ...

تولۇق كۆيگەندە كاربون 4ئوكسىد ھاسىل  بولىدۇ بۇ رەڭسىز پۇراقسىز كۆيمەيدىغان كۆيۈشكە ياردەم  بەرمەيدىغان گاز نەپەسلىنىشكە  بولمايدۇ سۇدا ئاسان ئىرىيدۇ ئىرىپ كاربونات  كىسلاتا ھاسىل  قىلىدۇ    دىمەك سۇ قويۇپ قويۇلسا ھىچ بولمىسا كاربون4ئوكسىد گازىنى بولسىمۇ سۈمۈرۈپ زىياننى يېنىكلەتكىدەك، بۇ ئۇسۇلنىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىكەن جۇمۇ…

iztap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:42:06

قىش كۈنلىرىدە ئىشىك دەرىزىلەرنى ھىم ئىتىشكە ، ھەتتا كىچىككىنە تۈشۈكنىمۇ ئوچۇق قويماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلماسلىق ئادىتى ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەردە مەۋجۇتكەن. ئىنكاسلاردىن شۇنى بىلىۋالدىمكى ، مەش قويغان ئۆيدە چۇقۇم كىچىكرەك بولسىمۇ سىرىت بىلەن ئۇچرىشالايدىغان ئۇچۇق جاي قويىشىم كېرەك ئىكەن.
بەت: 1 [2] 3
: كۆمۈر گازى (ئىسى)دىن زەھەرلىنىشكە ئائىت ماتىريال تاپالمىدىم