niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 15:49:57

بۈگۈن غۇلجىدا بىر ئائىلىدە ئىككى نارىسىدە بالا ئىس ئېلىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇچوڭى 11 ياش، كىچىكى 8-9 ياش ئەتراپىدا ئوخشايدۇ. ئاتا-ئانا ئەتىگەندە قوپۇپ ئىشقا ماڭغاندا ئۆي ئىسسىق تۇرسۇن دەپ كۆمۈرنى جىقراق سېلىپ قويۇپ كەتكەنمىكىن دەپ پەرەز قىلدىم. ئاتىنىڭ كۆڭلى بىرنەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ 1-2 سائەتلەردىن كېيىن ئىشتىن قايتىپ كەپتۇ، بىراق.........
دىيارىمىزدا قىشتا كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىدىغانلار جىق بولغاندىكىن ھۆكۈمەت، قىش مەزگىلىدە ئىس ئېلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش توغرىلىق قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ ھەر قىشتا ئاھالىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسا بولغىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.  تېلېۋىزور كۆرىدىغانلار جىق بولغاندىكىن ئۈنۈمى ياخشىراق بولاتتىكەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 17:47:50

چوغنى چايقاپ ئىچكۈزۈش تەجرىبىدىن كۆپ ئۆتكەن  شۇ ۋاقىتتا  تېپىلىدىغان  ئۇسۇل.

iztap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-22 23:50:33

مەش قويۇش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش ھەققىدە چۈشەنچىلىرىم :
1- مەش قويغاندا ئىمكان قەدەر يېڭى كاناي ئىشلىتىش ، كاناي ۋە جەينەكلەرنى ئۇلىغاندا تەتۈر ئۇلاپ قويماسلىق كېرەك. ئادەتتە ئۆلچەملىك كاناي ۋە جەينەكلەرنىڭ بىر ئۇچىنىڭ ئايلانمىسى يەنە بىر ئۇچىنىڭ ئايلانمىسىدىن چوڭراق بولىدۇ.مەشتىن باشلانغان يۈنىلىش بويىچە بولغاندا چوقۇم بىرىنچى كاناي ئىككىنچى كاناينىڭ ئىچىگە كىرگۈزىلىشى كېرەك.(جەينەكمۇ ئوخشاش).
2.  كانايلارنىڭ يانتۇلىغى مەشتىن يىراقلىغانسىرى ئىگىزلىسە بولىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئوت كۆيمەيدۇ ياكى تۈتۈن يانىدۇ.
3. كاناينى جەينەك ئىشلەتمەستىن تىك ھالەتتە سىرتقا چىقرىۋەتكەندە ، بولۇپمۇ كانايلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەك قىسقا بولغاندا ئوت ئۇچقىنى چىقىش ئىھتىمالى كۆپ بولىدۇ. ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرگە يېقىن بولماسلىقى كېرەك.
مەشنى كارۋاتقا بەك يېقىن قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. كاناي بەك ئۇزۇن ۋە ئەگمىلىرى كۆپ بوپ كەتكەندە ئوتنىڭ ياخشى كۈيىشىگە تەسىر يېتىدۇ. كاناينىڭ سېرىتقى
ئۇچىغا بىر تال جەينەك ئۇلاپ ، جەينەكنىڭ ئۇچۇق ئېغىزىنى ئاسمانغا قارىتىپ قويۇش كېرەك.
5. كانايلارنى ئايدا ئاز بولغاندا ئىككى قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك.
6. مەشنىڭ كانايغا ئۇلىنىدىغان ئېغىزىدىن باشقا ئېغىزلار ئىمكان بار ئۇچۇق تۇرماسلىغى كېرەك. مەشتىكى چوغنىڭ ئۈستىگە كۆمۈر سېلىشتىن بورۇن ، مەشنىڭ شالاسىنىڭ پۈتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، بەك ئۇششاق كۆمۈرنى لىقلاپ سالماسلىق كېرەك.
7. ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئەڭ ياخشىسى مەشكە كۆمۈر سالماسلىق كېرەك.
8. مەش قويۇلغان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ۋاختى ۋاختىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

مۇشۇ قېتىمدىكى ئائىلىمىزدە يۈز بەرگەن ئىستىن زەھەرلىنىش ھادىسىسىنىڭ تۈپ سەۋىۋى كانايلارنىڭ تازلانمىغانلىقدىن بوپتۇ. ھورۇنلىقىمنىڭ جازاسىنى تارتتىم.

dobo يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 21:16:16

كاربون چالا ئوكسىدنىڭ خۇسۇسىيىتى،كېلىش مەنبەسى،زىيىنى نىمە؟
جاۋاپ:رەڭسىز،پۇراقسىز،تەمسىز،ئىنتايىن زەھەرلىك گاز،سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 0.97 ،سۇدا سەل ئېرىيدۇ.قويۇقلىغى13-75% يەتكەندە ئوتقا يولۇقسا پارتىلايدۇ،30% يەتكەندە پارتىلاش كۈچى ئەڭ كۈچلىك بولىدۇ. كېلىش مەنبەسى:(1) كۆمۈرنىڭ ئوكسىدلىنىشى،تەببى كۆيۈش ھەم ئوت ئاپىتى (2) پارتىلتىش(3)گاز ،كۆمۈر توزىڭى پارتىلاش.زىيىنى: قويۇقلىغى 0.016% يەتكەندە،بىر قانچە سائەتتىن كىيىن بىر ئاز بىئارامسىزلىنىدۇ؛ 0.048% يەتكەندە،1سائەت ئىچىدەيىنىك زەھەرلىنىدۇ؛0.128% يەتكەندە، ئېغىر زەھەرلىنىدۇ؛ 0.4%يەتكەندە،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ؛1%يەتكەندە،3-5قىتىم نەپەسلەنسە،دەرھال ئۆلىدۇ.
كۆمۈر كان قۇتقۇزۇش دەرسلىكىدىن ئېلىندى

qaxmazilal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 02:25:42

RE: كۆمۈر گازى (ئىسى)دىن زەھەرلىنىشكە ئائىت ماتىريال تاپالمىدىم

izdiniman110 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 10:46 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  بۇيەدە كۆمۈرگازنىڭ گىپى چىقىپ قا ...

مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي،كۆمۈر كۆيگەندە ھاسىل بولغان زەھەرسىز بولغان كاربۇن تۆت ئوكسىد سۇدا ئىريدۇ،ئەمما زەھەرلىك بولغان كاربۇن چالائوكسىد سۇدا ئاساسەن ئىرىمەيدۇ،ئۆيدە سۇ قويۇپ قۇيۇشنىڭ ھىچقانچە رولى بوممايدۇ

qaxmazilal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 02:31:26

ئائىلدە يىنىك دەرىجدە زەھەرلىپ قالغاندا ۋاختىدا ئۆي ھاۋاسنى ئالمشتۇرسىلا كۇپايە،باش قېيىش ،كۆڭلى ئېلشىش قاتالىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە ھاۋا ئالماشتۇرۇشتىن باشقا،قايناقسۇ ئىچىپ بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرشىنى كۈچەيتىپ ئاجرالمىلا ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىرىپ تاشلاش كىرەك

yusanjan2000 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-25 14:59:54

كاربون چالا ئوكسىدنىڭ خۇسۇسىيىتى،كېلىش مەنبەسى،زىيىنى نىمە؟
جاۋاپ:رەڭسىز،پۇراقسىز،تەمسىز،ئىنتايىن زەھەرلىك گاز،سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى 0.97 ،سۇدا سەل ئېرىيدۇ.قويۇقلىغى13-75% يەتكەندە ئوتقا يولۇقسا پارتىلايدۇ،30% يەتكەندە پارتىلاش كۈچى ئەڭ كۈچلىك بولىدۇ. كېلىش مەنبەسى1) كۆمۈرنىڭ ئوكسىدلىنىشى،تەببى كۆيۈش ھەم ئوت ئاپىتى (2) پارتىلتىش(3)گاز ،كۆمۈر توزىڭى پارتىلاش.زىيىنى: قويۇقلىغى 0.016% يەتكەندە،بىر قانچە سائەتتىن كىيىن بىر ئاز بىئارامسىزلىنىدۇ؛ 0.048% يەتكەندە،1سائەت ئىچىدەيىنىك زەھەرلىنىدۇ؛0.128% يەتكەندە، ئېغىر زەھەرلىنىدۇ؛ 0.4%يەتكەندە،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ؛1%يەتكەندە،3-5قىتىم نەپەسلەنسە،دەرھال ئۆلىدۇ.
بۇ يەردىكى پارتلاشمۇ دەل زىچلىقى بىلەن مۇناسۋەتلىك . ئادەتتە كۈمۈر كانلاردا ئاپەت بولغاندا ئوت ئاپىتى يۈزبەرسە مۇشۇنداق گازلار  ئۆرلەپ كېتىدۇ ، بولمىسا ۋاسى بولىدۇ . بۇگازلارغا قارتا پەقەت  ماڭا ئوخشاش كان قۇتقۇزۇش خادىمىلا مۇسبەت بېسىملىق ئوكسىگىنداننى تاقاپ ئاپەت رايونغا كىرىپ كاربون چالا ئوكسىد بىلەن زەھەرلەنگەنلەرنى قۇتقۇزۇپ چىقمىز .مىنىڭ خىزمەت تەجىربەمدە  بۇنداق گازلار بىلەن زەھەرلەنگەنلەر ئاساسەن ھايات قالمايدۇ .شۇڭا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك .دېمەڭ .ئوت بولسا كاربون چالا ئوكسىدنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.

iztap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-29 22:48:19

yusanjan2000 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 14:59 static/image/common/back.gif
كاربون چالا ئوكسىدنىڭ خۇسۇسىيىتى،كېلىش مەنبەسى،زىيىن ...

رەھمەت سىزگە .

yusanjan2000 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 11:51:09

iztap يوللىغان ۋاقتى  2015-1-29 22:48 static/image/common/back.gif
رەھمەت سىزگە .

ئەرزىمەيدۇ . ئىشقىلىپ  بەك  دىققەت قىلىڭ

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 12:06:07

بىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ،قاندىكى ھموگلوبىننىڭ كاربون چالا ئوكسىد بىلەن بېرىكىشى ئوكسىگىن بىلەن بېرىكىشكە قارىغاندا 28ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ، يەنى كاربون ئىككى ئوكسىد بىلەن زەھەرلەنگەندە مىڭە ھۆجەيرىلىرى  ئوكسىگىنسىز قېلىپ ، ئاسان زەخمىگە ئۇچرىشى ياكى مىڭە ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈشى مۈمكىن . مىڭە ھۆجەيرىسى ، يۈرەك مۇسكۇل ھۆجەيرىسى دىگەنلەر ئۆلسە قايتا شەكىللەنمەيدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەم بىلەن تەڭ ئۆمۈر كۆرىدۇ.شۇڭا كاربون ئىككى ئوكسىد بىلەن زەھەرلىنىپ قالغانلارنى ھاۋالاندۇرۇشتىن سىرت ،پۇرسەت يار بەرسە دوختۇرغا ئاپىرىپ ،ساپ ئوكسىگىن سۈمۈرتۈپ قانغا كىرىپ بولغان كاربون ئىككى ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش ،ھەم مىڭىنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تەمىنلىنىشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ، مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

106 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 20:24:24

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-22 15:49 static/image/common/back.gif
بۈگۈن غۇلجىدا بىر ئائىلىدە ئىككى نارىسىدە بالا ئىس ئېل ...

بۇ ئىشنى  مەنمۇ ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى. بۇ يىل كۆمۈر گازىدا ئۆلگەنلەر خېلى جىقتەك.دادامتۇ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خەنزۇ ئىشلەمچى يەنە بىرسىنىڭ ئۆيىنى ئىجارە ئولتۇرۇپتىكەن. سۇ تۇرۇبىسى سوغۇقتا توڭلاپ كەتكەنلىكتىن ئۆي ئىگىسىنىڭ ياتاق ئۆيىدىكى تۇرۇبا بىشىغا ئازراق ئوت قالاپ قويۇپ چىقىپ كېتىپتىكەن. ئۆي  ئىگىسى بۇ ئۆيگە قاچان كەلگەن ئۇققىلى بولمايدۇ. ئىستا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپتۇ. ئاۋۇ ئىجارىكەشكە 370مىڭ يۈەن تۆلەم بىكىتىپ قويۇپتىكەن. سەل جىق بولۇپ كەتتىمۇ دەپ ئولتۇرسام باشقىلار ئاۋۇ ئىككى بالىنىڭ ئىشىنى يەتكۈزدى. يەنە بىر ناۋاي بالا ناۋايخانىدا ئىس ئىلىپ ئۆلمەپتۇ ،لېكىن ھوشسىز ياتقۇدەك. چوڭ مىڭىنى زەھەرلەپ كېتىپتۇ. قاچان ئەسلىگە كىلىشىنى ھىچكىم بىلمەيدىكەن.

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 23:07:03

‏كاربون چالا ئوكسىدنڭ ھموگلوبىن بىلەن بىرىكىشى ئوكسىگىنغا قارىغاندا 250ھەسسە كۈچلۈك بۇلۇپ ،ئۆزى ھىموگلوبىن بىلەن بىركىۋالغاننى ئاز دەپ ،ھىموگلوبىندىكى بىركىگلىك ئوكسىگىننى تېخىمۇ چىڭىتىۋىتىدۇ دە ‏(بىر ھىموگلوبىندا تۆت دانە بىرېكىش ئورنى بۇلۇپ ،بىر بىرىكېش ئورنىدا كاربۇن چالا ئوكسىد ، قالغان ئۈچىدە ئوكسگىن بېركىگلىك ) ،ئۇ ئۈچ ئوكسىگىن ھىموگلوبىندىن ئاجرالماي تۇرۋېلىپ لازىملىق تۇقۇلمىلاردا ئىشلىتىلەلمەي قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن قوش زىيان كىلىپ چىقىپ خەتىرى تېخىمۇ چوڭىيىپ كىتىدۇ .
بەت: 1 2 [3]
: كۆمۈر گازى (ئىسى)دىن زەھەرلىنىشكە ئائىت ماتىريال تاپالمىدىم