Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 10:33:43

بوۋاقلىرىمىزنىڭ 2015-يىلى ئۈچۈن پىكىرلىشىپ باقساق

ئەسسالام ئىزدىنىش ئەھلى، ئون كۈن كىچىككەن بولساممۇ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. شۇنداق قىلىپ بۇ يىڭى يىلنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىدىغان بولغاندىكىن ئائىلىلىرىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئىمتىيازلىق ئەزالىرى بولغان بالىلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشقا قاتنىشىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق دىگەن نىيەتتە كەلدىم.
  مەن بىر يىڭى تەجرىبىسىز ئاپا. تاتلىق قىزىم بەش يىرىم ئايلىق بولدى. يولدىشىم ئىككىمىز ئوقۇشىمىز تىخى پۈتمىگەنلىك سەۋەبتىن  ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر يوق دىيەرلىك بىر شەھەردە ياشاۋاتىمىز. بىز بالىمىزنى ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ چۈشۈنۈپ ھەم سۆزلەپ يازالايدىغان قىلىىپ تەربىيەلەشنى بەكمۇ مۇھىم دەپ قارايمىز. بالىغا كىتاپ ئوقۇپ بىرىش  مۇشۇ نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە بەكمۇ مۇھىم. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ قىلىۋاتقانلىرىمنى ئورتاقلاشقاچ سىلەردىن ئاز تولا ياردەم سورىماقچى.
ئەركىن سىدىق ئاكامنىڭ بوۋاقلارغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ بىرىش توغرىسىدىكى يازمىسىنى ئوقۇپ شۇنداق قىلىشنى پىلانلاپ بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا كىچىك كىتابچىلارنى ئىلىپ تەييارلاپ قويغان بولساممۇ لىكىن بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن يىغلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، قوچاققىلا ئوخشايدىغان بۇ كىچىىىىك ئادەمگە كىتاب ئوقۇپ بىرىش بىزە بالدۇر كەپ قالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ بەك ئىرەنشىپ كەتمىگەن. يىقىنقى بىرە ئايدىن بۇيان ئانچە-مۇنچە كىتاب ئوقۇب بىرىپ ئەمىلىيەتتە ھەرگىزمۇ بالدۇر ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم! قىزىم ھازىر ناھايىتى قىززىققان ھالداكۆزلىرىنى چوڭ ئىچىپ بىردەم رەسىملىك كىتابقا بىردەم ماڭا قاراپ تۇرۇپ ئاڭلايدۇ، بەزىدە كۈلۈپ ياكى بىر ئوماق ئاۋازلارنى چىقىرىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ. شۇڭا مەن ئەمدى كىتاپ ئوقۇپ بىرىدىغان ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىم كىرەكلىكىنى ھىس قىلىپ بۇ تىمىنى يىزىۋاتىمەن.
بۇنداق كىچىك بالىلار رەسىملىرى چوڭ(پۈتۈن بەتنى ئاساسەن رەسىم ئىگەللەيدۇ، پەقەت 1-2 قۇرلا خەت بار)، رەڭلىك ۋە سۈزۈك بولغان، بەتتىكى تىكىستلار بولسا ناھايىتى ئاددى ھەم كۈچلۈك قاپىيە كىلىدىغان كىتابلارغا قىززىقىدىكەن. كىتابنىڭ ماتىريالىغا كەلسەك بۇنداق بالىلار ھەممە نىمىنى ئاغزىغا سىلىپ چىشلەيدىغان ، تارتىپ ياكى يەرگە ئۇرۇپ يۈرىدىغان بولغاچقا بالىغا كىتابنى ئاسراشنى ئۆگەتكۈدەك بولغۇچە رەخىتتىن ياكى چىداملىق قاتتىق قوتۇما قەغەزدىن ياسالغان كىتابنى تەييار قىلىپ بەرسەك بولىدىكەن. ھەم بوۋاقلار دىققىتىنى ئۇزاق يىغالمايدىغانلىقى ئۈچۈن بىر كىچىك كىتابچە شۇ 7-8 بەت ئىشىپ كەتسە ئون بەت بولسىا مۇۋاپىقكەن.ئەمدى بىز ئۈچۈن ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە  كىچىك بوۋاقلارغا ماس كىلىدىغان مۇشۇنداق كىتابلارنىڭ  ئۇيغۇرچىسنى تاپامماسلىق.  مۇشۇنداق كىتابلار ھازىر ئۇيغۇر دىيارىمىزدا بارمۇ يوقمۇ بىلمىدىم. مەن ئىلىككىتاب ھەمبەھىرلەنگەن تور بەتلەردىن بۇنداق كىتابلارنى تاپاممىدىم. ئەگەر مۇشۇلاردىن خەۋىرىڭلار بولسا ماڭا ئۇچۇرىنى دەپ بەرگەن بوساڭلار.
ئەمدى يۇقىردا دىگەندەك بوۋاقلارغا ماس كىلىدىغان كىتابلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ھازىرغىچە تاپاممىغاچقا مەن قولۇمدىكى ئىنگىلىزچە كىتابچىلارغا تەقلىد قىلىپ ئۆزۈم ياساپ بىرەيمىكىن دەپ ئويلىدىم. مىنىڭ پىلانىم ئۇيغۇرچە ئاددى بالىلار قوشاقلىرىغا مەزمۇنغا ماس كەلگۈدەك سۈزۈك ، رەڭلىك رەسىملەرنى كىرىشتۇرۇپ بىسىپ چىقىپ ئالقانچىلىك كىتابچىلارنى ياساش. لىكىن بىز يۇرتتىن ئايرىلىپ ياشىغىلى ئۇزۇن بولغاچقا ھىچقانداق قوشاق ياكى قاپىيە كىلىدىغان گەپلەر ئىسىمىزگە پەقەت كەممىدى. تورداشلار مۇشۇنىڭغا بىر ياردەم قىلساڭلار. بالىغا ئۇيغۇرتىلى بىلەن تونۇشۇشقا پايدىسى بولغۇدەك قانداق قوشاقلارنى بىلسەڭلار ياكى توقىيالىسىاڭلار ئىنكاستا قالدۇرغان بولساڭلار. ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى دەيدىغان بىر كىتاب بولىدىغان شۇنى تاپقىلى بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى. بالىغا ساناق ساناشنى ئۆگىتىدىغان، ئۇيغۇر ئىلىببەسىدىكى ھەرپلەرنى ئۆگىتىدىغان، رەڭ تونۇشنى، ھەرخىل شەكىللەرنى تونۇشنى ئۆگىتىدىغان قوشاقلىرىمىز بولسا بولاتتى ئوماقلىرىمىزنىڭ ئانا تىلى ئۈچۈن. قىنى ئەمسە تورداشلار ياردەم قولۇڭلارنى سۇناسىلەر، بالاڭلارغا كىتاب ئوقۇپ بىرىش تەجرىبەڭلەرنىمۇ سۆزلەڭلا .  

begir يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 13:39:01

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 14:32:57

رەھمەت، بولىدىغان تور بەتكەن ساقلىۋالدىم. مەن ھازىر ئىزدەۋاتقان مەزمۇن يوقتەك قىلىدۇ لىكىن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 15:14:29

مەن 13 ئايلىق بولغان بالامغا كىتاپ ئوقۇپ بەرسەم كىلىپ قولۇمدىن كىتابنى تارتىۋىلىپ يىرتىپ ئاغىزىغا سىلىۋالىدۇ، كىتاپنى چىڭ تۇتىۋىلىپ كىتاپقا يىقىن كىلىپ ئوقۇسام بالام بىشىنى مەن بىلەن تەڭ پەس قىلىپ كۆزۈمگە قاراپ كۈلىدۇ، كىتاپ ئۈستىدىكى چوڭراق رەسىملەرنى نوقۇيدۇ ياكى سۆيىدۇ. بۇنى كىتاپقا قىزىقتۇردۇق دىسەك بولامدۇ؟

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:40:43

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىزنى چۈشەندىم.سىزما رەسىملبك كىتاپلارنى دەۋاتىسىز مەخسۇس كىچىك بالىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن.يەنى Picture books
خەنچە خۇيبېن ئەسەرلەر.مەن دەل مۇشۇ كىتابنى تۈزۈپ چىققان دەسلەپكى قەدەمدە 2009- يىلى 100 پارچە دۇنياۋى مەشھۇر بالىلار سىزما رەسىملىك كىتاپ قاتارىغا كىرگۈزىلگەن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىپ تۇنجى قەدەمدە يىگىرمە نەچچە پارچە مەشھۇر ھىكايىنى تەرجىمە قىپ رەسىملىك ئېلكىتاپ ئىشلەپ چىقتىم.ئىنشائاللاھ تېزلا ئېلان قىلىنىدۇ. نۆل ياشتىن ئالتە ياشلارغىچە يەنى دەل يەسلى مائارىپىدىكى باللارنى ئاساس قىلغان رەسىملىك ھىكايە كىتاب.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:42:08

http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5NjI4MDU4NA==&mid=203490050&idx=1&sn=42760e60559d32f8b8ca5bb3f41719e2&scene=4#rd

بۇ يەردىن نىمە ھىكايىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:44:52

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:45:52

ى

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:47:16

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 16:53:16

ئاندىن توردىن بىلكان شىركىتىنىڭ توربىتىنى ئىزدەپ تېپىڭ.ئۇيەردە سىزگە لازىملىق بەك ياخشى مەزمۇنلار باربىلكان شىركىتى بالىلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ئاۋازلىق ئەپ دۇنياۋى مەشھۇر چۆچەكلەر،ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى،بالىلار چۆچەكلىرى ۋە مەسەللەر قاتارلىق 4 قىسىملىق يۈزنەچچە ئەسەرنى چۈشۈرىۋېلىڭ.ئۇندىن باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ رەسملىك كىتاب ئەپلىرى،بىرنەچچە خىل ئېلپبە ئەپلىرى،رەسىم،رەڭ،ھايۋانات،ئۈسۈملۈكلەرنى تونۇش،سان،ھېساب،ئەرەپتىلى ئۈگىتىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەپلەرمۇ بار.

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 19:36:23

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 16:53 static/image/common/back.gif
ئاندىن توردىن بىلكان شىركىتىنىڭ توربىتىنى ئىزدەپ تېپى ...

رەھمەت سىزگە گۈلمىسال، تولىمۇ ياخشى مەنبەلەرنى تەمىنلەپسىز، سەل تۇرۇپ بالام ئۇخلىغاندا سىز دىگەن بىلكاندىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چىقىمەن. بىزنىڭ بالىلار دوختۇرىمىز بالا ئىككى ياشتىن بۇرۇن ھىچقانداق ئىكرانغا قارىمىسۇن دىگەچكە ھازىرغىچە تىخى تىلىۋىزور، ئايپەد ھەم تىلفۇن دىگەنلەرگە يىقىن ئەكەلمىدۇق. سىز دىگەن كارتون فىلىم، ئەپلەرنى كەلگۈسى ئۈچۈن ساقلاپ قويسام بوغۇدەك.

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 19:49:46

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 16:45 static/image/common/back.gif
ى

ھەئە مەن دەل مۇشۇ كىتابلارنى دىگەن ئىدىم. بالام ئاۋۇ ئاچ قالغان قۇرتنىڭ كىتىپىغا بەك ئامراق:P
مەنمۇ ئامال قىپ ئۆزەم تەرجمە قىلىپ ئوقۇپ بىرىۋاتىمەن. لىكىن سەۋىيە تۆۋەن ھەم بەزى قاپىيەلىك كىتابلاردىكى قاپىيەنى يوقۇتۇپ قويغاچقىمىكىن بالا ئەسلى تىكىستكە قىزىققاندەك قىززىقماي قالدى.
بۇ كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ بەكمۇ ساۋاپلىق ئىش قىپسىز، سىزگە سەمىمى مىننەددارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن. بۇ تەرجىمىلەرنى كۆرۈشنى تەشنالىق بىلەن كۈتىمىز ئەمىسە.

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 20:21:55

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 16:40 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىزنى چۈشەندىم.س ...

ھەئە ، بالا رەسىملەرگە قاراپ نوقۇپ ، كىتابقا قولىنى ئۇزاتقان بولسا راستلا قىززىقىپتۇ. سىزنىڭ بالىڭىزدەك ئۆمىلەيدىغان، ئايىقى چىققان بالىلارنى جىم تۇرغۇزۇش تەسرەك بولامدىكى دەيمەن.
مىنىڭچە بۇنداق كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن ئاساسلىق مەقسەت شۇ كىتاب دەيدىغان نەرسىنى بالىغا تونۇشتۇرۇش ھەم ئامال قىلىپ كىتاب ئوقۇشنىڭ بەكمۇ خۇشاللىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغۇزۇش. بالىڭىز كىتابقا كىرىشىپ ھەم كۈلۈپ خۇشال كەيپىياتتا بولغان بولسا سىز مۇۋاپىقىيەت قازانغان بولىسىز.
مىنىڭ بالاممۇ كىتابنى تالىشىپ ئاغزىغا ئاپىرىدۇ. مەن ناھايىتى مۇبالىغە چىراي ئىپادىلىرى بىلەن توختىماي ئاۋازىمنى ئۆزگەرتىپ ئۇنى قىززىقتۇرۇپ شۇ 7-8 بەتنى ئوقۇپ تۈگۈتۈپ كىتابنى بىرىمەن. كىتابلار رەخت ، سۇلىياۋ ياكى چىداملىق قاتتق قوتۇما قەغەزدىن ياسالغان بولغاچقا چىشلەپ تاتىپمۇ بۇزاممايدىكەن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 15:44:15

رەخىتتىن ياسالغان كىتاپلار تاۋباۋ تورىدىمۇ كۆپكەن. 布书 دەپ ئىزلىسە چىقىدۇ.
0-3 ياشقىچە بالىلارغا ماس كېلىدۇ-دەپتۇ. يىرتىپ، چىشلەپ، تارتىپ ئوينىسا ماس كەلگۈدەك.

rose16 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-10 17:48:13

تولىمۇ ياخشى تېما بوپتۇ。 مېنىڭ كىچىك ئوغلۇممۇ بۇ يىل ئىككىگە كىرىدۇ.چوڭ ئوغلۇمغا مەن بىر يېشىدىن باشلاپ ھايۋانلارغا ئائىت ئەپلەرنى،مەشھۇر چۆچەكلەرنىڭ ئېنگىلىزچە ئەپلىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرسەتكەن. لىمون خانىمنىڭ گېپىگە قاراپ،بەك بالدۇر ئېكران بىلەن ئۇچراشتۇرۋەتتىممۇ دەپ قالدىم. گۈلمىسال بەك خاسىيەتلىك ئىش قىپسىز. ئېلكىتابنى بېسىپ چىقىرىپ كىتابچە قىلىپ پايدىلانسىمۇ بولغۇدەك ھازىرچە.. شۇ كىتابلىرىڭىزنى كۈتىمەن ئەمىسە

Fayize يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 10:50:06

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 16:53 static/image/common/back.gif
ئاندىن توردىن بىلكان شىركىتىنىڭ توربىتىنى ئىزدەپ تېپى ...

ماشا  اللە

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 19:37:20

كىتاپتىكى مەزمۇننى چىرايلىق، بالىلار تىلىغا يېقىن قىلىپ تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن ئەسلى كىتاپتىكى خەتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە بېسىپ چىقىرىڭ. ئابزاسلارنى مۇۋاپىق ئايرىشقا دېققەت قىلىپ كېسىۋىلىڭ. كېسىپ ئالغان قەغەزنى كىتاپتىكى مەزمۇنلارنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ چىقىڭ. بېسىپ چىقارغان قەغەزنىڭ رەڭگىنى كىتاپنىڭ رەڭگىگە يېقىن قىلىپ تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈشەندىرەلىدىممۇ بىلمىدىم. شۇنداق قىلىپ قولىڭىزدا بىر ئۇيغۇرچە كىتاپ بولدى دېگەن گەپ.:)

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 19:38:19

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 16:40 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  سىزنىڭ دەۋاتقىنىڭىزنى چۈشەندىم.س ...

گۈلمىسال ئاۋۇ ئىلىككىتابلارنى قايەردە ئىلان قلاسىلەر؟ مەن بالا بىلەن بولۇپ ھەممە تور بەتلەرگە چىقىپ قاراپ تۇراممىغاچ كىتابلارنىڭ تەييار بوپ ئىلان قىلىنغىنىنى بىلمەي قالامەنمۇ دەپ ئەنسىرىپ قىلىۋاتىمەن.

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 20:30:08


ئېلكىتاپ ئىشلىنىۋاتىدۇ،ئىنشائاللاھ بىر ئىككى كۈنگىچە يوللاپ ئېلان قىلىنىدۇ.شۇچاغدا بۇيەردىمۇ ئېلان قىلىمەن. كۆڭۈل بۆلگىنىڭلارغا رەھمەت بالىلار ئۈچۈن تەڭ تىرىشايلى:)

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 20:35:34

NALAN يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 19:37 static/image/common/back.gif
كىتاپتىكى مەزمۇننى چىرايلىق، بالىلار تىلىغا يېقىن قىل ...

ياخشى پىكىر قىپسىز نالەن.بۇخىل كىتاپلارنىڭ تەلىپى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ،مەن قىسقىچە چۈشەندۈرۈشنى مەن تۈزگەن ئېلكىتاپ پۈتكەندە ئالاھىدە بىر تونۇشتۇرۇش بەرمەكچىمەن.خۇيبېىن-يەنى Picture books  لارنىڭ ئۆزىنىڭ كىتاپ تۈزۈش قائىدىسى بار.شۇڭا باھاسىمۇ يۇقىرى ۋە دەل باللارغا زىيانسىز بولۇشنى كۆزدە تۇتقان.ئۇلار كىتاپنى يەيدي ئەمەسمۇ ئوقىماي:P
بەت: [1] 2 3
: بوۋاقلىرىمىزنىڭ 2015-يىلى ئۈچۈن پىكىرلىشىپ باقساق