gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:03:40

Lemon_11 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:18 static/image/common/back.gif
ھەئە چۈشۈرۈپ كۆرۈپ چىقتىم ھەم ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم،  ...

رەھمەت لىمون شۇنداق مەنمۇ بالىلارنى مۇشۇنداق دۇنياۋى ئەسەرلەر بىلەن كىچىكىدىن تونۇشسىكەن،بولۇپنۇ ئانا تىلىمىزدا تونۇشسىكەن،چەتئەللەردىكى ئاتا-ئانىلار باللارغىمۇ ئانا تىلدىكى كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولسىكەن  دەپ ئويلاپ سەۋىيەم يەتمىسىمۇ شۇنچىلىك قىپ چىقتىم.قارىسام نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇنداق كىتاولارنىڭ خەنە ياكى ئىنگىلىسچىسىنى سېتىۋېلىپ باللىرىغا ئوقۇپ بېرىۋېتىپتۇ،بەزىلەر سىزدەك كىتاپلارنى تەرجىمە قىپ ئاندىن بېسىپ كىتاپ قىپ بېرىۋېتىپتۇ.بۇ بەك ياخشى ھەم ۇ بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.قولىدىن كەلگەنلەرغۇ قىلار،قىلاممىغان ئانىلارغا بۇلار ئاز تولا ياردەمدە بولسىكەن دەيمەن.ماڭا بەك تەسىر قىلغان بىر ئىش ئۈرۈمچى بىلكۈچ كىتاپخانىسىدىكى بىر خانىم ئوغلى بەش يېرىم ياشقا كىرگۈچە 1000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ ئوقۇپ بەرگەنلىكى بولىدۇ.ۋاھ،ئويلاپ بېقىڭە نىمە دېگەن قالتىس ئىش بۇ!بىز ياكى باشقا ئاتا ئانىلار باللار ئۈچۈن قانچىلىك كىتاپ ئوقۇپ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ بېقىۋاتقاندىمىز؟بۇ ئانا ماڭا ئۆزىنىڭ بالىسىغا ھەرپەسىلگە قارىتا كىتاپ ئوقۇپ بېرىدىغانلىقىنى دېدى.يەنى مەلۇم بىر پەسىل كىرىشتىن بۇرۇن ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرۈپ كىتاپ ماتىرىياللارنى تەييارلايدىكەن دېگەندەك.بۇنىڭدا ھەم كىتاپ ئوقۇش ھەم جۇغراپىيىۋى بىلىملەرنى بېرىش ۋە باشقا بىلىملەرنى ئۈگىتىش دېگەندەك ھەرجەھەتتىن ئۈنۈملۈك مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىكەن.تازا ئىسىمدە قامماپتۇ دېگەنلىرى،ئەمما ئەينى چاغدا ھەيران قاغانتىم. مىنىڭمۇ بالام بوسا شۇ ئانىنى ئۈلگە قىلسام دەپ كەتكەنتىم ئىشلىرىغا خەيرلىك بولسۇن.ئۇمۇ ئالاھىدە بىر پائالىيەت تەشكىللىگەن بولۇپ، بىلكۈچ رەسىملىك كىتاپ ئوقۇش كۇلۇبى قۇرۇپ شۇ ئارقىلىق ئاتا ئانىلارغا ئەڭ ياخشى كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلىۋاتىدۇ،تۈرلۈك پائالىيەت ،يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزبپ بەك ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋەتىدۇ.ئىشقىپ 2015 يىلىنى مەنمۇ چوڭلارغىلا ئەمەس بوۋاقلار باللارغىمۇ كىتاپ ئوقۇش يىلى بولسىكەن ۋە داۋاملاشسىكەن دەيمەن توختىماي

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:04:30

Lemon_11 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 17:18 static/image/common/back.gif
ھەئە چۈشۈرۈپ كۆرۈپ چىقتىم ھەم ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم،  ...

ئىنكاس تەستىقلامدىكىنە

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:05:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulmisal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 19:14  

ھەي مەن ناۋال مەستۇرە كىتاپلارنى مەلەككە خەۋەر قىپ ئەي بالامغا چىقىرىپ قويۇڭ دېگەن سىلەر بىلەن ئالاقە قىلامماي

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:13:16

لىمون بولسا سىز تۈزگەن كىتاپلارنى رەسىمگە تارتىپ ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭا ...ھەي مەنمۇ ئاشۇنداق كىتاپ قىپ سوۋغا قىلسام بولامدۇ نىمە سىزدەك؟ئۈلگە قىلاي بىر دوستۇممۇ مۇشۇ مۇنبەردىكى بالىسىغا بەك چىرايلىق كىتاپ تۈزۈپ بېرىدۇ ئۇمۇ چەتتە بوغاچ كىتاپ يوق.ئاندىن ئاۋۇبىر ئابزاس بىر بەتتە ئىككىگە بۈلۈنۈپ كەتمىگەن بوسا دېگەننى چۈشەنمىدىم.بولسا رەسىمگە تارتىپ چۈشەندۈرۈپ قويىڭا.قانداق تەكلىپ بولسا بېرىڭ تارتىنماي كىيىنكى كىتاپلارنى ياخشى قىپ چىقاي يەنىمۇ

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:23:41

شۇ مەستۇرە نەچچە كۈن بوپ كەتتى كىتاپنى چىقىرىپلا خەۋەر قىپ قويغان.ئۇ تورغا كىرىپ بولامماي شۇڭىمىكىن
بەت: 1 2 [3]
: بوۋاقلىرىمىزنىڭ 2015-يىلى ئۈچۈن پىكىرلىشىپ باقساق