NALAN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 22:23:41

مېنىڭ ئۇسۇلۇم ئۇيغۇرچە كىتاپ سېتىۋىلىشقا ئامالسىزقالغان ياكى بىز تاللىغان كىتاپلارنىڭ ئۇيغۇرچىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قوللىنىشقا بولىدىغان ئىپتىدائى ئۇسۇل. :lolسىزنىڭ كىتاپلىرىڭىزنى كۈتىمىز.   

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 22:48:46

NALAN يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 22:23 static/image/common/back.gif
مېنىڭ ئۇسۇلۇم ئۇيغۇرچە كىتاپ سېتىۋىلىشقا ئامالسىزقال ...

مەنمۇ شۇ سىز دىگەندەك قىلىشنى ئويلۇشۇپ تورداشلاردىن قوشاق سۈرۈشتە قىلىپ باققانتىم. كىچىك بالىلىلار قاپىيەگە ئامراق بولىدىكەن. شۇڭا بۇ يەردىن سىتىۋالغان كىتابلارنىڭ جىقىمۇ شۇ بالىلارغا ساناق ساناشنى، رەڭ ، شەكىل ، ئۆزىنىڭ پۇت-قول ، ئىغىز-بۇرۇن دىگەندەك ئەزالىرىنى تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ئاددى قوشاقلارغا ماس كەگۈدەك رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ تۈزۈلگەنكەن. مەن ئۆزەم ئىنگىلىزچە قوشاقنى قاملاشتۇرۇپ ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلالمىدىم، قاپىيەلىرى بوزۇلۇپ كەتتى.

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-11 22:50:15

ئىلىككىتاب مۇشۇ نەچچە كۈندە ئىلان قىلىنسا بەك كاتتا ئىش بولغۇدەك ئەمىسە1

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 11:59:58

Lemon_11 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 22:50 static/image/common/back.gif
ئىلىككىتاب مۇشۇ نەچچە كۈندە ئىلان قىلىنسا بەك كاتتا ئى ...

:كىتاپنى تىما قىپ يوللىسام تەستىقلانماپتۇ.مۇشۇيەردىلا يوللاپ قوياي ،ئۈندىدارىڭلاردا تارقىتىپ قويارسىلەر،كۆپرەك باللار پايدىلانسۇن

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:04:24

م2009-يىلى باھالاش ئارقىلىق 100 پارچە دۇنياۋى مەشھۇر بالىلار سىزما رەسىملىك كىتاپلىرى قاتارىغا كىرگۈزىلگەن نادىر ئەسەرلەردىن تاللانغان ئېلكىتاپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.بۇ كىتاپقا لىئۇ لىنى،ناكى كايو،مارگارت ۋايس بروۋن ۋە باشقا مەشھۇر باللار سىزما رەسىملىك كىتاپ يازغۇچىلىرىنىڭ 20 نەچچە پارچە ئېسىل رەسىملىك كىتاپلىرى كىرگۈزىلگەن.باللىرىڭلارغا ئېسىل ئەستىلىكلەر يار بولغاي!
[

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 12:09:19

كىتاپلار مۇندەرىجىسى









gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 14:03:37

1- چۈشۈرۈش ئادرىسى

http://dl.dbank.com/xhtml/link/resource.jsp?id=c00ujqgl8w&opt=101&e_r_auth=1&pid=0

2- چۈشۈرۈش ئادرىسى

http://qiannao.com/file/storybook/d6af5a8d/

3- كىتاپخۇمار بىلوگىدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسى

http://kitaphumar.com/?p=2592



http://qiannao.com/file/storybook/d6af5a8d/

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 14:28:51

#
.i
island"
\揭:古代少妇疯狂满足惊人秘密
Top 100 Picture Books Poll Results (#1-101)
阅读:772010-11-14 11:13
标签:picturebooks育儿
#1: Where the Wild Things Are by Maurice Sendak (1963)
#2: Goodnight Moon by Margaret Wise Brown (1947)
#3: The Very Hungry Caterpillar by Eric Carle (1979)
#4: The Snowy Day by Ezra Jack Keats (1962)
#5: Don’t Let the Pigeon Drive the Bus by Mo Willems (2003)
#6: Make Way for Ducklings by Robert McCloskey (1941)
#7: Harold and the Purple Crayon by Crockett Johnson (1955)
#8: Madeline by Ludwig Bemelmans (1939)
#9: Millions of Cats by Wanda Gag (1928)
#10: Knuffle Bunny: A Cautionary Tale by Mo Willems (2004)
#11: The Story of Ferdinand by Monroe Leaf, ill. Robert Lawson (1936)
#12: Good Night Gorilla by Peggy Rathmann (1994)
#13: Blueberries for Sal by Robert McCloskey (1948)
#14: The True Story of the Three Little Pigs by Jon Scieszka, ill. Lane Smith(1989)
#15: Lilly’s Purple Plastic Purse by Kevin Henkes (1996)
#16: Owl Moon by Jane Yolen (1987)
#17: Caps for Sale by Esphyr Slobodkina (1947)
#18: In the Night Kitchen by Maurice Sendak (1970)
#19: Miss Rumphius by Barbara Cooney (1982)
#20: George and Martha by James Marshall (1972)
#21: Bark, George by Jules Feiffer (1999)
#22: The Monster at the End of this Book by Jon Stone, ill. by Mike Smollin (1971)
#23: Bread and Jam for Frances by Russell Hoban, illustrated by Lillian Hoban (1964)
#24: Chicka Chicka Boom Boom by Bill Martin, Jr. and John Archambault, ill. Lois Ehlert (1989)
#25: The Little House by Virginia Lee Burton (1942)
#26: Corduroy by Donald Freeman (1976)
#27: The Tale of Peter Rabbit by Beatrix Potter (1902)
#28: Alexander and the Terrible, Horrible, No Good, Very Bad Day by Judith Viorst, ill. Ray Cruz(1972)
#29: Sylvester and the Magic Pebble by William Steig (1969)
#30: Brown, Bear, Brown Bear, What do you See? by Bill Martin Jr., ill. Eric Carle (1967)
#31: No, David by David Shannon (1998)
#32: Click Clack Moo, Cows That Type by Doreen Cronin, ill. by Betsy Lewin (2000)
#33: Cloudy with a Chance of Meatballs by Judi and Ron Barrett (1978)
#34: Olivia by Ian Falconer (2000)
#35: Tikki Tikki Tembo by Arlene Mosel, ill. Blair Lent (1968)
#36: Stinky Cheese Man and Other Fairly Stupid Tales by Jon Scieszka, ill. Lane Smith (1992)
#37: Eloise by Kay Thompson, ill. Hilary Knight (1955)
#38: Harry the Dirty Dog by Gene Zion, ill. by Margaret Bloy Graham (1956)
#39: The Napping House by Audrey and Don Wood (1984)
#40: Mike Mulligan and His Steam Shovel by Virginia Lee Burton (1939)
#41: The Relatives Came by Cynthia Rylant, ill. Stephen Gammell (1985)
#42: Curious George by H.A. Rey (1941)
#43: Tuesday by David Wiesner (1991)
#44: Strega Nona by Tomie de Paola (1975)
#45: The Polar Express by Chris Van Allsburg (1985)
#46: Scaredy Squirrel by Melanie Watt (2006)
#47: If You Give a Mouse a Cookie by Laura Numeroff (1985)
#48: The Big Orange Splot, by Daniel Pinkwater (1977)
#49: King Bidgood is in the Bathtub by Audrey Wood, ill. Don Wood (1985)
#50: Black and White by David Macaulay (1990)
#51: Jumanji by Chris Van Allsburg (1981)
#52: Miss Nelson is Missing by Harry Allard, ill. James Marshall (1977)
#53: The Snowman by Raymond Briggs (1978)
#54: The Three Pigs by David Wiesner (2001)
#55: The Little Engine That Could by Watty Piper, ill. George & Doris Hauman (1961)
#56: Frederick by Leo Lionni (1967)
#57: Diary of a Worm by Doreen Cronin, ill. Harry Bliss (2003)
#58: Flotsam by David Wiesner (2006)
#59: Why Mosquitoes Buzz in People’s Ears (1975) by Verna Aardema, ill.Leo and Diane Dillon (1975)
#60: Chicken Soup With Rice: A Book of Months by Maurice Sendak (1962)
#61: Lost and Found by Oliver Jeffers (2005)
#62: The Story About Ping by Marjorie Flack (1933)
#63: Traction Man is Here!,by Mini Grey (2005)
#64: “I Can’t,” Said the Ant: A Second Book of Nonsense by Polly Cameron (1961)
#65: Skippyjon Jones by Judy Schachner (2003)
#66: Officer Buckle and Gloria by Peggy Rathmann (1995)
#67: Little Blue and Little Yellow by Leo Lionni (1959)
#68: Th

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-15 14:35:04

Top 100 Picture Books
  
100 پارچە مەشھۇر رەسىملىك كىتاپلارنىڭ ئىنگىلىسچە تىزىملىكى.
http://blog.sina.cn/dpool/blog/s/blog_54552e190100n03z.html?

خەنزۇچە تىزىملىكى
http://www.huarenkids.com/archiver/tid-7.html

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 19:53:14

سىزگە كۆپ رەخمەت گۈلمىسال، ھازىرلا چۈشۈرىۋالاي.

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2015-1-17 22:50:06

Lemon_11 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 22:48 static/image/common/back.gif
مەنمۇ شۇ سىز دىگەندەك قىلىشنى ئويلۇشۇپ تورداشلاردىن  ...

چۈشەندىم. قاپىيەگە چۈشۈرۈپ بولالمىسىڭىز ئۆزىڭىز شۇ مەزمۇنغا يېقىنراق قىلىپ قوشاق ياكى چۆچەك توقۇڭ. چوقۇم قاپىيەلىك قوشاق بولىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بېشىدا تەس بولغان بىلەن بارا بارا ئۇستا بولۇپ كېتىسىز. ;P بىرمۇ بىر تەرجىمىنىڭ ھاجىتى يوق.

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 01:48:35

شۇ قوشاق توقىيالمىغاننىڭ ئىشى بوممامدۇ...كىچىك ۋاقتىمدا خىلى قوشاقلارنى بىلەتتىم، نەۋرە ئۇكىلىرمغا ئۆگىتىپ يۈرگەن ئىسىمدە، ھازىر ھىچنىمىسى ئىسىمدە يوق.  مەن يۇرتتىن ئايرىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى تۈزۈك ئىشلىتەلمەي يۈرگىلى 15 يىل بولدى. بەزى سىزگە ئاسان تۇيۇلغان ئىشلار ماڭا ئاسان بوممايدىكەن.

Himmet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 19:12:09

gulmisal يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 20:35 static/image/common/back.gif
ياخشى پىكىر قىپسىز نالەن.بۇخىل كىتاپلارنىڭ تەلىپى ئا ...

گۈلمىسال قېرىندىشىم، مۇشۇ كىتاپلارنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بىرەرسىزمۇ؟
hikmet@126.com

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 22:06:37

Himmet يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 19:12 static/image/common/back.gif
گۈلمىسال قېرىندىشىم، مۇشۇ كىتاپلارنىڭ ئىنگىلىزچە نۇ ...

ئايرىم جاۋاپ يازاي

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 22:10:31

Lemon_11 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 01:48 static/image/common/back.gif
شۇ قوشاق توقىيالمىغاننىڭ ئىشى بوممامدۇ...كىچىك ۋاقتىمد ...

لىمون خانىم چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقتىۇىزمۇ؟ئەمدى بىر بىكار بولغاندا مۇشۇنداق كىتاپلار ۋە بىزنىڭ ئىھتىياج بولغانلىرىمىز ھەققىدە بىر پاراڭلاشساق بولاتتى،بىلىپ باقسام ئاتا ئانىلار قانچىلىك موھتاج،باللىرىمىز قانچىلىك موھتاج بۇنداق كىتابلارغا؟داۋاملىق تۈزۈش كىرەكمۇ يوق؟ئەمدى 20 نەچچە پارچىنى قىلدىم تېخى...شۇڭا باھا-تەلەپلەر ئاڭلاپ باققۇم بار

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:18:27

ھەئە چۈشۈرۈپ كۆرۈپ چىقتىم ھەم ناھايىتى مەمنۇن بولدۇم، بەك ياخشى ، بەك ئەھمىيەتلىك ئىش قىپسىز. سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن كۆپ رەخمەت.  
سىز يوللىغان ئايرىم تىمىنىڭ نىمىشقا تىخىچە تەستىقلانماي قالغىنىدىن بەكلا ھەيران قالدىم. بۇنداق ياخشى ماتىرياللار قارشى ئىلىنمىسا نىمە قارشى ئىلىناركىن بۇ ئىزدىنىشتا.
مەنچە بولسا بۇنداق كىتابلار قانچە جىق بولسا شۈنچە ياخشى. ئۇيغۇرچە بالىلار ئوقۇشلۇقلىرى ھىلىمۇ بەك كەمچىل. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز تاللىغان ئەسەرلەر دۇنياۋى مەشھۇر بالىلار ئەسەرلىرى بولغاچ بۇنىڭغا تىخىمۇ ئىھتىياجىمىز بار. ئۇيغۇر بالىلارمۇ پۈتۈن دۇنيادىكى باشقا بالىلار كۆرىۋاتقان كىتابلار بىلەن ئۇچرىشىشى كىرەك. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك كەسكىن رىقابەت دەۋرىدە بالىلىرىمىزنى خەخنىڭ بالىلىرىدىن كەم قالمىغۇدەك، كۈچلۈك قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىمىز كىرەك. بۇ ھەم بىز ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىز ئۈچۈن قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئىش. بالىلارغا كەلسەك ئۇلار بۇ دۇنيادا تىخى نەچچە ئاي ياكى نەچچە يىل ياشىدى.ئۇلار ئۆزىگە نىمە كىرەك ئىكەنلىكىنى تىخى تولۇق بىلىپ كەتمەيدۇ ھەم ھازىرچە تىخى مۇستەقىل تاللاش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا ئۇلارغا ئەڭ ياخشىسىنى بىز تاللاپ بىرىپ ئامال قىلىپ شۇنىڭغا كۆندۈرۈشىمىز كىرەك.

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:40:17

مەن ھەربىر ئۇيغۇر بالىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق كىچىك بىر كۈتۈپخانىسى بولۇشىنى، ھەممىمىز كۈچەپ ھىيىتلىق، بايراملىق ياكى تۇغۇلغان كۈن سوۋغاتلىرى قاتارىدا كىچىك كىتابچىلارنى بىرىپ ھەربىر بالىمىزنى بىرە يۈز پارچە كىتابلىق قىلىپ قويۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.
بىزنىڭ بىر قوشنىمىز بار، مۇشۇ يەرلىك (ياۋرۇپالىق) خەقلەر. ھەركۈنى بىر-ئىككى ۋاق بالكونغا چىقىپ تاماكا چىكىپ پىۋە ئىچىپ ئولتۇرغىنىنىلا كۆرەتتۇق ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ. شۇڭىمۇ پەقەت خوشىمىز يوقتى، كۆزىمىزگە بەك ۋەيرانە ،تۈگەشكەن خەقلەردەك كۆرۈنۈپ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچە ئامال يوق زورلاپ سالام قىپ قوياتتۇق. قايسى كۈنى بىر سەۋەبلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھەيران قالدۇق. چوڭ بىر ئېتىز ئۆينىڭ ھەممىلا يىرىگە لىققىدە كىتابلار تىزىقلىقكەن. ئۇنداق تۆت تامغا چۆگىلىتىپ ئىگىز كىتاب جازىلىرىنى تىزىۋەتكەن ئۆينى كۈتۈپخانىدىن باشقا يەردە كۆرۈپ باقمىغانتىم. ئاندىن يەنە بىر كىچىك ئۆيدە پاكار ئىشكاپلارغا بالىلار كىتابلىرى تىزىقلىقكەن. بالاڭلار يوقتىغۇ دەپ سورىسام يولدىشمنىڭ ئالدىنقى ئايالىنىڭ يىنىدا تۇرىدىغان بىر بالىسى بار، بىزنىڭ ئۆيگە ئايدا بىر-ئىككى قىتىم كىلىدۇ دىدى. بۇلارغا قاراپ بۇ يەردىكى يامان ئەمەس ، تۈزۈكرەك كۆرىنىدىغان خەقلەر قانچىلىك كىتاب ئوقۇپ كىتەر دەپ قالدىم.

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 17:51:34

گۈلمىسال سىز تەييارلىغان كىتابلار ئىچىدىن كىچىك قىزىل بۆكنى ئۇرۇپ چىقىرىپ قەغەزنىڭ ئاق جايلىرىنى كىسىۋىتىپ ئارلىقىغا قاتتىق قەغەز قىستۇرۇپ سۇلىياۋ بىلەن قاپلاپ (ئۇرۇپ كۆپەيتىش، سايىلاش ماشىنىلىرىدا قىلغىلى بولىدىكەن) ، بىر تەرىپىدىن تۆشۈك ئىچىپ چىرايلىق لىنتلارنى چىگىپ كىتابچە ياسىدىم. بازاردىن ئالغاندىنمۇ چىرايلق كىتاب بولدى . رەسىملەرنىڭ سۈزۈك، خەتلەرنىڭ چوڭ چىرايلق چىققىنىدىن بەك خوش بولدۇم. . بۇ كىتابنى ھەپتە ئاخىرىدا قوشنا شەھەردە تۇرىدىغان ئۇيغۇر تونۇشىمىزنى يوقلاپ بارغاندا ئۇلارنىڭ توققۇز ياشلىق قىزىغا سوۋغا قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ھەممەيلەن خوش بوپ كەتتى، قىزچاقمۇ بەك ياقتۇردى. ئۆزى ھەجىلەپ ئاستا ئوقىيالايدىكەن.

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:11:16

مۇشۇ نەچچە كۈندە بالامغا چىش چىقاي دەپ قالغاچقىمىكىن بەك ئەسكىلىك قىپ ماڭا پەقەت ئارام بەرمىدى. شۇڭاتىىخى كىتابلاردىن ئۇرۇپ چىقىپ ئوقۇپ بىرىپ باقمىدىم. قىزىمنىڭ يىشىغا ماس كىلىدىغان نەچچە كىتابنى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تەييارلاپ چىقىشنى پىلانلاۋاتىمەن. بالىغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەندە بىگىز بارمىقىم بىلەن خەتلەرنى كۆرسۈتۈپ كىتابتىكى رەسىمنى ئەمەس خەتنى ئوقىۋاتقانلىمنى بىلدۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانىدىم. شۇڭا بالامنى ئۇيغۇر يىزىقى بىلەن ئۇچراشتۇرالايدىغىنىمدىن بەك خوش بوپ كىتىپ بارىمەن. سىزگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت جۇمۇ.
سىز تەييارلىغان ھەربىر كىتابىن تولىمۇ رازى بولدۇم ئەلۋەتتە. سىز خالىس ئەمگەك قىلىپ بىزگە تەمىنلەپ بىرىۋاتسىڭىز ئۇنداق بۇنداق دەيدىغانغا ھەققىم يوق.
ئەگەر بۇندىن كىيىن يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق كىتابلارنى تەييارلاشنى ئويلىغان بولسىڭىز سىزگە تۆۋەنچىلىك بىلەن بىرىدىغان بىر تەكلىپىم بار. يەنى بىر رەسىمگە ئالاقىدار بىر ئابزاس (بىر قانچە جۈملە) تىكىست بىر بەتنىڭ ئىچىدە بولۇپ ئىككى بەتكە بۆلۈنۈپ كەتمىگەن بولسا. چۈنكى بۇنداق بولغاندا ئۇرۇپ چىقىپ كىتابچە قىلىپ تەييارلاشتا ئەپسىز بوپ قالىدىكەن. مەن بىر-قانچە كىتابنى تەييارلاپ بىقىپ ، بالامغا ئوقۇپ بىرىپ سىزگە يەنە ئويلىغانلىرىمنى  دەيمەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:56:17

بۇ كىتابلارنى بالىلار رەسىملىك كىتاب كۇلۇبىدىكىلەر تەرجىمە قىلىۋاتقانتى، خىزمىتىڭلار قايتىلىنىپ قالغانمىدۇ؟ ياكى گۈلمىسال سىز سەئىدنىڭ ئاپىسى شۇمۇ؟
بەت: 1 [2] 3
: بوۋاقلىرىمىزنىڭ 2015-يىلى ئۈچۈن پىكىرلىشىپ باقساق