sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-3 17:11:49

كىتاب ئوقۇش يىلىدا «كىتاب ئوقۇغۇچ»نىڭ گېپى

http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/KindleWithBooksv3_610x457-610x290.jpg


مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

نەق گەپكە كىلەيلى. ھازىرقى ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچلار كاربون ئىكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچ ۋە تاختا كومپيۇتېردىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.
كاربونلۇق ئىكران- يەنە ئېلېكتىرونلۇق سىياھ(E-Ink)، ئېلېكتىرونلۇق قەغەز دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ نىپىز پىلاستىك تاختا ئىچىدىكى كاربون دانچىلىرىنى زەرەتلەپ، دانچىلارنى تاختنىڭ ئۈستى ۋە ئاستى يۈزىگە يۆتكەش ئارقىلىق تاختايدا خەت، رەسىملەرنى كۆرسىتىدۇ. خەت، رەسىملەرنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كىيىن توك ئۈزۈلسىمۇ تاختىدىكى خەتلەر يوقىمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل كىتاب ئوقۇغۇچلاردا بەت ئۆرىگەندىن باشقا ۋاقىتلاردا توك سەرپ قىلمايدۇ. توكى ئۇزۇن يىتىدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/e-ink.gif
كاربونلۇق ئىكراننىڭ كۆرسىتىش سۈرئىتى ئاستا. ئادەتتە نەچچە يۈز مىللىي سىكۇنىتتىن بىر قانچە سىكۇنىتقىچە. شۇڭا ئۇنىڭدا ھەركەتلىك سۈرەت، سىن ھۆججەتلىرىنى قويغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىكران پەقەت بەك تولا ئىكران يېڭىلانمايدىغان كىتاب ئوقۇغۇچ، سائەت دېگەندەك ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا كاربونلۇق ئىكراننىڭ ئىپادىلىيەلەيدىغان رەڭلىرىمۇ كۆپ ئەمەس. ھازىر بازاردىكى كاربون ئىكران ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەر ئاساسەن رەڭسىز. رەڭلىك ئىكرانلار تېخى تەجىربىخانىدىن چىققىنى يوق.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/th-1.jpg
كاربونلۇق ئىكران نۇر چىقارمايدۇ. ئۇنىڭ كۆرسىتىش پىرىنسىپى قەغەز كىتابلار بىلەن ئوخشاش. يەنى باشقا يۇرۇقلۇق مەنبەلىرىدىن ئىكرانغا چۈشكەن نۇر قايتىپ ئاندىن كۆزىمىزگە كۆرۈنىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كىتاب ئوقۇغۇچلاردا قاراڭغۇدا كىتاب ئوقۇغىلى بولمايدۇ.
كىتاب ئوقۇيدىغان تاختا كومپيۇتېر بولسا مەيلى ئۇنىڭ تېخنىكىسى، ياسىلىشى جەھەتتىن بولسۇن تاختا كومپيۇتېردىن پەرقى يوق. پەقەت ئۇنىڭغا بىر قىسىم كىتاب ئوقۇش ئەپلىرى، توردىن كىتاب سېتىۋىلىش، زاپاسلاش مۇلازىمەتلىرى ئالدىن قاچىلانغان بولىدۇ.
قايسى خىل تۈردىكى كىتاب ئوقۇغۇچلار بولسۇن، بۇلارنى ئاساسەن چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرون كىتاب سودىسى قىلىدىغان شىركەتلەر ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق كىتاب سېتىش مۇلازىمەتلرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ياساپ بازارغا سالغان.
        تۆۋەندە مەن بىر قىسىم كىتاب ئوقۇغۇچلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
Sony شىركىتىنىڭ كاربون ئىكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچلىرى. سونىي شىركىتى ئەڭ بۇرۇن كاربونلۇق ئىكران ئىشلىتىپ كىتاب ئوقۇغۇچ ياسىغان شىركەت. Sony شىركىتى 2006 يىلدىن باشلاپ ھازىرغىچە 10 خىلدىن ئارتوق كىتاب ئوقۇغۇچ ياساپ بازارغا سالغان. لىكىن ئىكرانى ئاساسەن 6-7 دىيۇملۇق. چوڭ ئىكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچى يوق. ئۆز- ئارا پەرقىمۇ بەك چوڭ ئەمەس. پەقەت يىڭىلىرىنىڭ بەت يىڭىلىنىش سۈرئىتى تىزراق، بارماق مەشغۇلاتىنى قوللايدۇ، ئىكرانغا چىراق ئورنىتىلغان دېگەندەك.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/Sony-eReaders.jpg
قوللايدىغان ھۆججەت فورماتلىرى: ePub,PDF, txt,rtf. ئۇندىن باشقا ئاۋاز ۋە رەسىم ھۆججەتلىرىنى قوللايدۇ.
مەن ئىشلىتىپ باققىنىم Sony Prs-505 تىپلىقى. ئۇيغۇرچە txt,rtf,epub ھۆججەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ. PDF ھۆججىتى نورمال كۆرۈنىدۇ. ئەمما توردىكى ئۇيغۇرچە PDF ھۆججەتلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى A4 قەغەز چوڭلۇقىدا ياسالغان، 6 دىيۇملۇق ئىكراندا خەت بەك كىچىك كۆرۈنۈپ قالىدۇ. مەخسۇس ياسالغان كىتاب ھۆججەتلىرى بولسا ئوقۇش بەك راھەت. كىتاب ئوقۇشقىلا ئىشلەتسە توكى 2 ھەپتە يىتىدۇ. ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى قويسا توكى بىر ئىككى كۈندىلا تۈگەيدۇ.
        Sony نىڭ كىتاب ئوقۇغۇچلىرىغا SDكارتا ۋە سونىيڭ MS كارتا ئوقۇرى سەپلەنگەن بولۇپ، كارتىنى ئېلىپ كومپيۇتېرغا چېتىپلا كىتاب قاچىلاشقا بولىدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/Sony-PRS505-menu.jpg
Sony شىركىتىنىڭ كىتاب ئوقۇغۇچ ئۈسكۈنىلىرى ئۈچۈن چىقارغان، كومپيۇتېرغا قاچىلايدىغان مەخسۇس بىر يۇمشاق دېتالى بار. بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئۈسكۈنىگە كىتاب قاچىلاشقا، ئۈسكۈنە ئىچىدىكى كىتابلارنى باشقۇرۇشقا، سونىي شىركىتىنىڭ تور بىكىتىدىن كىتاب سېتىۋىلىشقا بولىدۇ. ئەمما يېقىندا سونىي شىركىتى توردىن كىتاب سېتىش مۇلازىمىتىنى توختىتىۋەتتى. بەلكىم بۇندىن كىيىن ئېلېكتىرون كىتاب ئوقۇغۇچمۇ ياسىماسلىقى مۇمكىن.
Amazon شىركىتىنىڭ كاربون ئىكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچلىرى. ئامازون ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچ بازىرىدا ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان شىركەت. Amazon ئۆزىنىڭ كىتاب سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن كىتاب ئوقۇغۇچنى باغلاپ، ئەرزان باھادا كىتاب ئوقۇغۇچ تارقىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق كىتابنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/Amazon-Kindle-Voyage1.jpg
Amazon شىركىتى ھازىرغىچە kindle ماركىسىدا 8 خىل كاربون ئىكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچ چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە 6 خىلنىڭ ئىكرانى 6 دىيۇم، ئىككى خىلنىڭ ئىكرانى 8.9 دىيۇم. يېڭى چىققان ئوقۇغۇچلىرى يەنىلا كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ 6 دىيۇم چىقىۋاتىدۇ. Kindle نىڭ دەسلەپكى نەشىرلىرىدە ئىكراننىڭ ئاستىغا كونۇپكا تاختىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئىزدەش ۋە باشقا خەت كىرگۈزۈش مەشغۇلاتلىرى كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلاتتى. كىيىنكى نەشىرلىرىدە كونۇپكا تاختىسى چىقىرۋىتىلىپ ئۈسكۈنىنىڭ ھەجىمى كىچىكلىتىلگەن. ئىكرانغا بارماق مەشغۇلاتىنى قوللايدىغان ئىكران ئىشلىتىلىپ، كونۇپكا تاختىسى ئىكران يۈزىدە كۆرۈنىدىغان قىلىنىغان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/amazon-kindle-dx-1.jpg
Amazon كىتاب ئوقۇغۇچلىرىنىڭ ئەڭ زور ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ تورغا ئۇلىنىشى، توردىكى مىليۇنلىغان ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئامبىرىدىن ئىبارەت.
قوللايدىغان ھۆججەت فورماتلىرى: txt,PDF,HTML.
باشقا كاربون ئىكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچلار. سونىي، ئامازوننىڭ كىتاب ئوقۇغۇچلىرىدىن باشقا يەنە kobo,nook قاتارلىق نەشىريات سودىگەرلىرىنىڭمۇ كىتاب ئوقۇغۇچلىرى بار. ئىقتىدارى ئاساسەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ. پەقەت شۇ ئۆزىنىڭ كىتاب سېتىش مۇلازىمەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/Barnes_and_Noble_Nook_2nd_Gen.jpg
Amazon نىڭ Kindle Fire ماركىسىدىكى تاختا كومپيۇتېرلىرى. Amazon يەنە Android مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇشنى ئاساس قىلغان تاختا كومپيۇتېرلارنىمۇ ئىشلەپ چىقارغان بولۇپ، بۇ تاختا كومپيۇتېرلاردا ئوخشاشلا كىتاب ئوقۇشقا بولغاندىن سىرت، كىنو كۆرۈش، تورغا چىقىش، ئويۇن ئويناشقا بولىدۇ. بۇ تاختا كومپيۇتېرلارغا Amazon نىڭ ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال بازىرى سەپلەنگەن، ئامازون تورىدىن كىتاب سېتىۋىلىش، ھەقلىق كىنو كۆرۈش مۇلازىمەتلىرى تەمىنلەنگەن.
Kindle Fire amazonنىڭ ھازىرقچە 6 دىيۇم، 7 دىيۇم، 8.9 دىيۇملۇق تاختا كومپيۇتېرلىرى چىققان بولۇپ باشقا ماركىلىق تاختا كومپيۇتېرلارغا قارىغاندا باھاسى نىسبەتەن ئەرزان.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/Kindle-Fire-3-1024x931.jpg
قوللايدىغان كىتاب ھۆججەت فورماتلىرى: PDF,txt,ePub. ماس ھالدىكى كىتاب ئوقۇيدىغان ئەپنى قاچىلاش ئارقىلىق خالىغان ھۆججەت فورماتلىرىنى قوللايدىغان قىلغىلى بولىدۇ.
ئالما شىركىتىنىڭ يۈرۈشلۈك iPad لىرى. ئالما شىركىتىنىڭ تاختا كومپيۇتېرلىرىغا iBook نامىدىكى كىتاب ئوقۇغۇچ قاچىلانغان بولۇپ PDF,ePub ھۆججەت فورماتلىرىنى قوللايدۇ. كىتاب باشقۇرۇش، كىتابنى كۆرسىتىش ئۈنۈمى ئالاھىيدە ياخشى. كۆڭۈلدىكىدەك كىتاب ئوقۇغۇچ بولالايدۇ. iTunes قا ئۇلاش ئارقىلىق كومپيۇتېردىكى كىتابلارنىمۇ قاچىلاپ كۆرۈشكە بولىدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/descargar-libros.jpg
Android تاختا كومپيۇتېرلار. بازارلاردا ھەرخىل ماركا، ھەرخىل سەپلىمىدىكى، ھەر خىل باھادىكى Android سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېرلار ئىنتايىن كۆپ. بۇلارنىڭمۇ ھەممىنى كىتاب ئوقۇغۇچ قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. سىز تاختا كومپيۇتېرنى سېتىۋالغاندىن كىيىن كىتاب ئوقۇيدىغان يۇمشاق دېتالنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ. تەۋىسسىيەلىك مەھسۇلات google nexus 7 ۋە Samsung شىركىتىنىڭ تاختا كومپيۇتېرلىرى.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/nexus-7-2013.jpg
        ئەسكەرتىش:Android سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېرلارنىڭ ھەرخىل چوڭلۇقتىكىلىرى مەۋجۇت. كىتاب ئوقۇشقا ئىكران سەل چوڭ بولسا ياخشى. يەنى ھەرخىل چوڭلۇقتىكى بەتتە ياسالغان كىتابلارنى بىمالال ئوقۇغىلى بولىدۇ. ئەمما ئۈسكۈنە چوڭايسا ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئەپسىز بولىدۇ. ئادەتتە 6-7 دىيۇملۇق تاختا كومپيۇتېرلار يانچۇققىلا پاتىدۇ. كىچىك قول سومكىلىرىغىمۇ سېلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن چوڭ بولسا مەخسۇس سومكا ئاسمىسا كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئەپسىز. iPad مۇ ئوخشاش.
كىتاب ئوقۇغۇچ سېتىۋىلىش كېرەكمۇ ياكى تاختا كومپيۇتېر(پەد)مۇ؟ بۇ سىزنىڭ ئۇنى نىمىلەرگە ئىشلىتىشىڭىزگە باغلىق. كاربون ئىكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچلاردا پەقەت كىتاب ئوقۇغىلى بولىدۇ باشقا ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. تاختا كومپيۇتېرلاردا بولسا كىتاب ئوقۇش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش، تورغا چىقىش، پاراڭلىشىش … قاتارلىق ھەممە مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدۇ. كاربون ئىكران كۆزگە زىيانسىز، تاختا كومپيۇتېر زىيانلىق. كاربون ئىكراننىڭ توكى ئۇزۇن يىتىدۇ. تاختا كومپيۇتېرنىڭ بىر- ئىككى كۈنلا يىتىدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/ereaders.jpg
مەن ئىشلىتىپ باققان Sony،Amazon kindle، nook قاتارلىق كاربون ئىكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچ، بىلكان پەد، iPad(2-ئەۋلاد)، Nexus 7، Amazon Kindle Fire،Samsung galaxy tab  لەردىن يەكۈنلىگەن تەجىربەم شۇكى كىتاب كۆرمەكچى بولسىڭىز يەنىلا كاربونلۇق ئىكران ئىشلىتىلگەن كىتاب ئوقۇغۇچنى ئېلىڭ. چۈنكى تاختا كومپيۇتېر ئۇنۋىرسال ئۈسكۈنە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ زىھنىڭىزنى كىتاب ئوقۇشتىن باشقا يەرگە چاچىدۇ. ئىتراپ قىلمىساق بولمايدۇكى كىتاب ئوقۇشتىن كىنو كۆرۈش كۆڭۈللۈك، كىنو كۆرۈشتىن ئويۇن ئويناش كۆڭۈللۈك. شۇڭا دىققىتىڭىز ئاسانلا باشقا ئەپلەرگە چېچىلىپ كىتىدۇ.
ئەلۋەتتە كىتاب ئوقۇشتىنمۇ باشقا ئىھتىياجلىرىڭىز بار. كىنو كۆرىسىز، تورغا چىقىسىز، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىسىز. شۇڭا بۇ ئىككى ئۈسكۈنە بىر- بىرىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇمكىن بولسا ھەر ئىككىلىسىنىلا ئېلىڭ. بولمىسا كىتاب ئوقۇيدىغانغا كىتاب ئوقۇغۇچ ئېلىڭ.
كىتاب مەنبەسى. ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچتا ئوقۇش ئۈچۈن چوقۇم ئېلېكتىرونلۇق كىتاب بولىشى كېرەك. باشقا تىللاردا ئېلېكترونلۇق كىتاب ساتىدىغان كىتابخانىلار، مۇلازىمەتلەر خېلى كۆپ. ئەمما ئۇيغۇرچىدا ئۇنداق ئەمەس. ھازىرغىچە قانۇنلۇق ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ساتىدىغان ھېچقانداق شىركەت ياكى ئورۇن يوق. ئەمما توردا pdf فورماتىدىكى ھەقسىز كىتابلار خېلى كۆپ. ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ كىتابلارنى ئوقۇغىلى بولىدۇ. ئەمما كىتابلارنىڭ بەت يۈزى چوڭ بولغاچقا كۆپىنچە كىتابلار 6-7 دىيۇملۇق كىتاب ئوقۇغۇچلاردا كىچىك چىقىپ قالىدۇ. راھەت ئوقۇغىلى بولمايدۇ. iPad كە ئوخشاش چوڭ ئىكرانلىق تاختا كومپيۇتېرلاردىلا نورمال ئوقۇغىلى بولىدۇ.
ناۋادا ئۆزىڭىزدە word ياكى txt فورماتىدىكى تەھرىرلىگىلى بولىدىغان كىتاب ياكى باشقا ئەسەرلەر بار بولسا بۇنى ئۈسكۈنىگە ماس كىلىدىغان ھالەتتە PDF, ePub ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ePub ھۆججەت فورماتى. ePub ھۆججەت فورماتى ئەسلىدىنلا ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچلاردا كىتاب كۆرۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن فورمات. 2006 يىلى سونىي باشچىلىقىدىكى ئېلېكتىرون كىتاب ئوقۇغۇچ ياسايدىغان شىركەتلەر PDF كە ئوخشاش بەت يۈزىنى تەڭشىگىلى بولمايدىغان ھۆججەتلەرنىڭ كىچىك ئۈسكۈنىلەردە نورمال كۆرۈنمەسلىك كەمچىلىكىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان بىر ھۆججەت فورماتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ePub ھۆججەت فورماتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا فورماتىنى ئوچۇق ھالەتتە ئېلان قىلغان. بۇ ھۆججەت فورماتى تور بەت ھۆججىتى(html)دىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، رەسىم، خەت نۇسخىسى، مۇندەرىجە ھۆججىتى، ئۇسلۇب ھۆججىتى(css) قاتارلىقلار zip ھالەتتە پىرىسلىنىپ بىر ھۆججەت قىلىپ تەييارلانغان. ئۈسكۈنە ياكى باشقا ePub ئوقۇيدىغان يۇمشاق دېتاللار بۇ ھۆججەتنى ئاچقاندا بەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، خەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىختىيارى تەڭشەپ، ئۈسكۈنىگە ماسلاشتۇرۇپ كۆرسىتەلەيدۇ.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/epub-logo-1024x486.png
ئەمما خەت نۇسخىسى مەسىلىسى، كىتاب ئوقوغۇچلارنىڭ ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى تولۇق قوللىماسلىقى سەۋەبىدىن بەزى ئۈسكۈنە ۋە يۇمشاق دېتاللاردا ئۇيغۇرچە ePub فورماتىدىكى كىتابلارنى نورمال كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئېلېكتىرونلۇق كىتاب باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى Calibre. كۆپۈنچە كىتاب ئوقۇغۇچ ياسايدىغان شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كىتاب باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى بار. مەسىلەن سونىي، ئامازون، ئالما قاتارلىقلار. ئەمما ئۈچۈنچى تەرەپ كىتاب باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئىچىدىمۇ ياخشىلىرى بار. Calibre بولسا ئەنە شۇنداق يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرى.
Calibre مۇتلەق كۆپ قىسىم ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچلارنىڭ ساقلىغۇچىسىنى زىيارەت قىلالايدۇ. سىز ئۈسكۈنىنى كومپيۇتېرغا چاتقان ھامان ئۈسكۈنىنى تونۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى كىتابلارنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. سىز خالىغانچە كىتاب كۆچۈرۈش، يۆتكەش، ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتلىرىنى قىلالايسىز.
http://www.elierkin.com/blog/wp-content/uploads/2015/01/calibre-13-700x455.jpg
Calibre نىڭ يەنە ھۆججەت فورماتىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، سىز doc, txt ھۆججەتلىرىنى pdf,ePub نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە خىل ھۆججەت فورماتىغا ئۆزگەرتەلەيسىز. ھۆججەتنىڭ سەپلىمە تەڭشەكلىرى تولۇق بولۇپ سىز ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يۈنۈلىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلانغان ھۆججەتلەرنى ھاسىل قىلالايسىز. شۇنداقلا Calibre ھاسىل قىلغان ھۆججەتلەرنى مەلۇم ئۈسكۈنىنى نىشان قىلىپ قىلىپ چىقىرالايدىغان بولۇپ، شۇ ئۈسكۈنىدە ناھايىتى ياخشى كۆرۈنىدىغان ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز.
Calibre مەشغۇلات سۇپىسى ئاتلىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئۇنىڭ windows, mac,linux قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىكى نەشرى مەۋجۇت. شۇنداقلا ئوچۇق كودلۇق.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
http://en.wikipedia.org/wiki/Comparison_of_e-book_readers
http://en.wikipedia.org/wiki/Comparison_of_e-book_formats
http://en.wikipedia.org/wiki/Sony_Reader
http://en.wikipedia.org/wiki/Amazon_Kindle
http://en.wikipedia.org/wiki/E_Ink
http://en.wikipedia.org/wiki/EPUB
http://calibre-ebook.com/
http://book.menzil.biz/


مەنبەسى: سارۋان بىلوگى

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 09:30:33

6 سۇڭلىقىنىڭ ئامازون تورىدىكى باھاسى 499 سومكەن.
http://www.amazon.cn/gp/product/B00KDRNYO4/ref=amb_link_99202332_2/475-0110497-4317210?pf_rd_m=A1AJ19PSB66TGU&pf_rd_s=center-1&pf_rd_r=1JNSK8JSTQ2DNM6RPYRC&pf_rd_t=101&pf_rd_p=246808212&pf_rd_i=899254051

tohotur يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 09:52:23

ئاۋازلىق كىتاپ ئوقۇغۇچلار تۇرۇكچە ئېلىكتىرونلۇق كىتاپلارنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بىرەرمۇ ، موشۇ ساھەدە بىر ئىزدىنىپ باقسىڭىزلار ،

tehram يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 09:59:34

{:112:} مۇشۇنداق يېزىپسىز ، لېكىن مەسىلە كۆپۈنچە ئانا تىلىمىزدىكى كىتاپلارنىڭ A4 چوڭلىقتا ڧورماتلىنىشى ئادەمگە سەل جاپا سالدۇ ، كىتاپنى سېتۋالغانغا يەتمەيدۇ لېكىن بەزى چەكلىمىلەرگە نىسبەتەن كاربونلۇق كىتاپ ئوقۇغۇچ بولدىكەن ،8-10 دىيۇم ئەتراپىدا بىرنى ئېلىشنى ئويلىدىم ، تاختا كومپيوتېردا كىتاپ ئوقۇش دېگەن ئاقماس گەپ ، كۆزگىمۇ  باشقا ۋاقىتقا قارغاندا كىتاپ ئوقۇغاندا بەكراق تەسىر قىلدىكەن.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 10:24:00

تاختا كومپيوتېر قەتتىي بولمايدۇ كۆزنى كادىن چىقىردۇ.  مەن تاختا كومپيۇتېر ئىشلەتكەن ئۇف بىردەم كۆرسە كۆزلەر ئېچىشىپ.  ئاموزوننىڭ كىندىل كىتاپ كۆرگۈچىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن.  ھەم بىرنى ئالىمەن.  

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 10:49:14

بولىدىغان نەرسە ئىكەن ماۋۇ...ئېنگىلىزچە كىتابلارنى ژېتىۋەتكۈدەك ئۈگەنمىگەننىڭ كاساپىتى كىلىۋاتىدىغۇ مانا

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 12:15:49

مەنمۇ كاربونلۇق كىتاپ ئۇقۇغۇچتىن بىرەنى ئالايمىكىن دەپ قالدىم. تاۋباۋدا قانچە پۇلكىن بۇ نەرسە ؟ كەچتە بىر ئاختۇرۇپ باقاي.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 13:28:03

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2015-01-04 10:49:14 static/image/common/back.gif
بولىدىغان نەرسە ئىكەن ماۋۇ...ئېنگىلىزچە كىتابلارنى ژېت
ئ‍ىڭگىلىشنى ژىتىۋىتىدۇ دەپ بىلىمىزغۇ سىلىنى… كەمتەركەنلا…

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 16:46:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir107 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 17:18  

بىزمۇ ئاستا -ئاستا مۇشۇنداق  كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە كىتاب ئوقۇشقا ،ۋاقىتنى كۆپرەك ئاجرىتىدىغان بۇلۇپ قالدۇق.ئەنئەنىۋى كىتاب ئوقۇشنى  ئىنكار قىلغىنىم ئەمەس .لېكىن بىز زامانىۋى كۆچمە ئۈسۈنىلەردە كىتاپ ئوقۇشقا سەل قارىساق تېخىمۇ بولمايدۇ. مۇمكىن بولسا بىزنىڭ يېزىقىمزدىكى ،ھەر خىل  ھۆججەت شەكلىدىكى يازمىلارنى ياخشى تونۇيدىغان، كۆزگە راھەت كىتاپ ئوقۇغۇچ بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار بوپتىكەن.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 18:26:07

  كىندولغا كۆنەپ قاپتىمەن.  ئۈچ يىل بولدى.

otkur1 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-4 20:29:37

مەنمۇ ئىلگىرى كىندىل ئىشلەتكەن ·ئېكران كىچىكلىكىنى دېمىسە خېلىلا ياخشى .ھازىر ئايپەتتىن بىرنى ئالدىم . ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچلىقى بار ئىكەن ، ئامازون بۇ قېتىم چوڭ ئېكرانلىق ، ئەرزانراق مەھسۇلات  ئىشلەپچىقارسا ئىكەن. كىندىل  ۋويگىسى قىممەت ئىكەن .

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:00:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-5 22:07  

      ئەنگىلىيەدە يۆگەلمە ئېكرانلىق بىر خىل قەلەم كەشپ قىلىنغاننى ئاڭلىغان. رەسىمدىكىسى شۇمىدۇ؟  ياندا ئېلىپ يۈرۈش بەك قولايكەنتۇق...   ماۋۇ ئىككى نەرسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سېتىش ئادرىسلىرىنى ئېھتىمال @pis-pas  ئەپەندى بىلىشى مۈمكىن.(بەك كەڭ دائىرىلىك بىلىمى بار بۇرادەر ).

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:03:11

  يۇقۇردىكىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە سېتىش ئادرىسى ھەققىدە بىلىدىغانلار بارمىدۇ، بەك قىززىقىپ قېلىۋاتىمەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:10:06

   مۇشۇ كۈنلەردە چوڭراق ئېكرانى بار نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەس...{:208:} مېنىڭچە ئاۋۇنىڭدەك يۆگەلمە ئېكىرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچ چىققان بولسا ھەممىدىن پەيزىسى شۇ بوپ قالاتتىدە...

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 19:29:09

كىندىلنى ئامازوندىن ئالاي دېسە بۇ تەرەپكە ئەۋەتمەيدىكەن. 天猫تورىدىكى كىندىلنىڭ بايراقدار دۇكىنىدىن سېتىۋالسا بولىدۇ.
http://kindle.tmall.com/?spm=a1z10.1.1997427721.d4918089.YyYmx3

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-5 20:47:10

http://www.onyx-international.com/index.php/zh/boox/2014-10-20-06-29-09
مانى كۆرەپ بېقىڭلا

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 10:10:57

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 19:00 static/image/common/back.gif
ئەنگىلىيەدە يۆگەلمە ئېكرانلىق بىر خىل قەلەم كەشپ ق ...

بۇنى rollable – eBook Reader( يۆگەلمىسىمان  ئېلىكتىرۇنلۇق ئوقۇغۇچ  دىگەن مەنىدە )  دەپ قويىدىغۇ ، مەنمۇ بىر خەۋەرلەردىن كۆرگەندەك قىلغان .



سىزنىڭ يوللىغىنىڭىز(2- رەسىمدىكى) ئىتالىيىنىڭ ماۋۇ نۇسخىدىكىسى بولسا كىرەك :
http://www.teleread.com/ebooks/first-rollable-e-reader-for-2007/
ئۈستىدىكىسى يۆگەلمە تاختا كومپىيوتېر(Roll Up Tablet)دەك قىلىدۇ :

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 14:21:50

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-5 19:00 static/image/common/back.gif
ئەنگىلىيەدە يۆگەلمە ئېكرانلىق بىر خىل قەلەم كەشپ ق ...

بازارغا چىققان مەھسۇلات بىلەن تەجىربىخانىدىكى ئۈسكۈنە ۋە ئۇقۇم لايىھەلىرىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىڭلا. ئا يۆگەلمە ئوقۇغۇچ تەجىربەخانىدا ياسالغان سىناق ئۈسكۈنە، ئەزەلدىن بازارغا سېلىنىپ باقمىغان. ئا يۆگەلمە كومپيۇتېر بولسا ئۇقۇم لايىھە. ياسىلىپمۇ باقمىغان.

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 14:33:17

ئامازون جۇڭگۇ دىكى ئادرىسى:
http://www.amazon.cn/gp/product/B00KDRNYO4/ref=cngwIter_Kindle_title?pf_rd_p=246989952&pf_rd_s=gateway-takeover&pf_rd_t=101&pf_rd_i=899254051&pf_rd_m=A1AJ19PSB66TGU&pf_rd_r=05FKPK766QZ74D8DM8HY

http://www.amazon.cn/gp/product/B00IOY4MNK/ref=s9_pop_gw_g349_i5_gs9w?pf_rd_m=A1AJ19PSB66TGU&pf_rd_s=center-2&pf_rd_r=05FKPK766QZ74D8DM8HY&pf_rd_t=101&pf_rd_p=247022312&pf_rd_i=899254051

http://www.amazon.cn/gp/product/B00JG8FMO6/ref=s9_pop_gw_g349_i2_gs9w?pf_rd_m=A1AJ19PSB66TGU&pf_rd_s=center-2&pf_rd_r=05FKPK766QZ74D8DM8HY&pf_rd_t=101&pf_rd_p=247022312&pf_rd_i=899254051

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 14:50:38

sarwan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-6 14:33 static/image/common/back.gif
ئامازون جۇڭگۇ دىكى ئادرىسى:
http://www.amazon.cn/gp/product/B00KDRNYO4/ref=c ...

ئاموزۇننىڭ ئېكرانى 6 دىيۇملۇق  كىچىككەن، خەن ۋاڭنىڭ 9.7 دىيۇملۇق بولغاچقا تېخىمۇ راھەتلىكتەك قىلىدۇ .
http://detail.tmall.com/item.htm?spm=a230r.1.14.9.ArULzW&id=12807672582&ad_id=&am_id=&cm_id=140105335569ed55e27b&pm_id=&abbucket=5
بەت: [1] 2 3
: كىتاب ئوقۇش يىلىدا «كىتاب ئوقۇغۇچ»نىڭ گېپى