sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 13:08:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 13:13  

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 19:15 static/image/common/back.gif
مەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا بەك ئۇزۇن بولدى ئويلىنىۋاتقىلى ...

ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلارنىڭ بەزىلىرى سايىلانغان بولغاچ كىندولدىن ئوقۇساق خېتى بەكلا كىچىك كېلىپ قالىدىكەن.
    Onyx boox ماركىلىقىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە ھەر خىل فورماتتىكى ئېلكىتابلارنى ئوقۇپ سىناپ باقتىم، ئۈنۈمى ھەقىيقەتەن بولىدىكەن، گەرچە مەندىكىسى 6 دىيۇملۇق بولسىمۇ بۇنىڭ سېستىمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش دېتالىدا ئالاھىدە ئىقتىدارى بولغاچقا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ سايىلەنگەن نۇسخىسى ۋە باشقا سايىلەنگەن نۇسخىدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى بەت يۈزى چوڭ ھالەتتە نورمال ئوقۇيالىدىم. بۇنىڭغا ئالدىن قاچىلانغان onyx neo reader دېتالىدا مۇنداق بىر ئىقتىدار باركەن: يەنى ئېكران توغرىسىغا ئۆرۈلگەن ياكى ئادەتتىكىچە بولۇشتىن قەتئىينەزەر سايىلەنگەن بەت يۈزىنى پارچىلاپ، ھەر بىر پارچىنى ئېكرانغا لىق كېلىدىغان ھالەتتە تەڭشەپ قويساق رەسىمدىكىدەك ھەر بىر بۆلەكنى(كىتاب يېزىقىنىڭ يۆنۈلىشى بويىچە) خالىغان تەرتىپتە كۆرسىتىپ بولغاندا ئاندىن كىيىنكى بەتكە يۆتكىلىدىكەن .  
     بۇنداق بولغاندا خېتى ئۇششاق چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەش بىھاجەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېتالدا كىتاب ئوقۇغاندا ھەر بىر خىل ئوخشىمىغان فورماتتىكى كىتابنىڭ بەت يۈزىنى بىر قېتىم مۇۋاپىق تەڭشەپ قويساقلا ھەر بىر كىتاب ئۈچۈن بىر خىل تەڭشەك ساقلىنىپ قالىدىكەن، ئوخشىمىغان كىتابلارنى ئاتلاپ ئوقۇش سەۋەبىدىن كۆرۈنمە بەت يۈزىنى قايتا تەڭشەش بىھاجەتكەن.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 12:30:00

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-31 13:08 static/image/common/back.gif
Onyx boox ماركىلىقىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە ھەر خىل فورما ...

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.
مەنمۇ دەل مۇشۇ ماركىلىقنى ئېلىشنى ئويلاۋاتقان، مىنىڭ كۆزۈم چۈشكىنى  
http://www.mydoo.cn/product/ONYX_2634.html
m92نى ئېلىشنى ئويلىغان لىكىن سەل قىممەت بىلىندى، سىزنىڭ ئالغىنىڭىزمۇ ئەرزان ئەمەسقۇ دەيمەن؟
كۆرۈۋاتسام م96 دەپ يېڭىسى چىقىپتۇ
http://www.onyx-international.com/index.php/zh/boox/2014-10-20-06-29-09
1888يۈەنكەن، بۇلارنىڭ ئالاھىدلىكى شۇ ئېكران چوڭ، كۆزنى ئاغرىتمايدىكەن، توكى ئۇزاق يىتىدىكەن، مەندەك يولنى تۇلا ماقىدىغان ئادەمگە بەكلا ماس كەلگۈدەككەن، بولسا ئىشلىتىپ باققانلار بولسا پىكىر ئالماشتۇرساق

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-2-3 19:40:31

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2015-2-3 12:30 static/image/common/back.gif
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم.
مەنمۇ دەل مۇشۇ ماركىلىقنى ئېلىش ...

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن بۇندىن ئىلگىرى ئېلسىياھ ئېكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچلاردىن ھىچقايسىسىنى ئىشلىتىپ باقماستىنلا  onyx boox 67ML نى سېتىۋالدىم، شۇڭلاشقا بۇنى باشقا ماركىدىكىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىم بولمىدى. سېزىمىمچە بۇ خىلى خېلى بوپ قويىدىكەن. تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش، ھەرخىل فىلەشسىز ئەپلەرنى قوللاش، ساقلاش كارتىسى قوللاش، يانچۇققا سېلىۋېلىش قولاي بولۇش تەرەپلىرىنى دىگەندە ماڭا ياراپ قالدى. ئەممازە تور بەتلەرنىڭ ۋە ئۈندىدار قاتارلىق بەزى ئەپلەرنىڭ خەتلىرى سۇس، ۋە شۇنداقلا بەزى ئېلكىتابلارنىڭ (يەنى ئەسلى ھۆججىتىنىڭ خېتى رەڭلىك بولغان كىتابلارنىڭ) خېتىنىڭ رەڭگى سۇس چىقىۋالىدىكەن، ئېھتىمال مەن بەزى تەڭشەكلىرىنى بىلەلمەي قالغاندىمەن.
      مەن ئالغىنى 650 سوملۇق، گەرچە 6 دىيۇملۇق بولسىمۇ ئېكراننى توغرىسىغا ئۆرۈگەن ھالەتكە تەڭشەپ قويۇپ كىتاب كۆرسەم پەقەتلا كىچىكلىك قىلمىدى . قوش يادرولۇق cpu لۇق بولغاچقا بەت ئۆرۈش سۈرئىتى خېلى تېزكەن،  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم مەن بىر تېما يېزىپ تونۇشتۇرغان بىر دېتال بارئىدى، ئاجايىپ ياخشىكەن، شۇنى قاچىلاپ ئشلەتسەك بەك قولايلىشىپ كېتىدىكەن ھەم تېزلىكىمۇ ئاشىدىكەن. مۇنۇ تېما شۇ:
    كىتاب ئوقۇش يىلىدا Orion Viewer دىن ھوزۇر ئېلىڭ  ناۋادا مۇشۇ دېتال بىلەن ئېلكىتاب كۆرسىڭىز ئەقلىيفوننىڭ ئېكرانىمۇ ئانچە كىچىك كەلمىگۈدەك. شۇڭا ئاۋۇ قىممەت باھالىقىنى ئېپ يۈرمەي مۇشۇنداق ئەرزانراقىنى ئالىدىغان ئىشمىكىن... ئاڭلىشىمچە بۇنداق ئېكران بەك نازۇك بولىدىكەن، ئازىراقلا بېسىلىشقا ئۇچرىسىلا ئاسان بۇزۇلىدىكەن، ئالماشتۇرۇشمۇ بەك قولايسىز، شۇڭا ئويلاپراق بىر قارارغا كېلەرسىز قېرىندىشىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 22:28:18

مەن مۇشۇنداق ئېكراننى تۇنجى كۆرگەندە، بەك قاراپ كەتتىم، خۇددى قەغەزدەك ئەمەلىي كۆرۈنۈپ.
بەت: 1 2 [3]
: كىتاب ئوقۇش يىلىدا «كىتاب ئوقۇغۇچ»نىڭ گېپى