qassap يوللانغان ۋاقتى 2015-1-6 19:14:18

  خەنۋاڭ قىژمەتكەن :lol

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-7 09:31:11

ئامازوننىڭ 8.9 دىيۇملىقى بار. تىپى Kindle DX.
ئۇنىمۇ كىچىككەن دىسەڭلا سونىينىڭ 13 دىيۇملىقى بار. ئەمما ئۇنى كىتاب ئوقۇغۇچ دېگەندىن گېزىت ئوقۇغۇچ دېگەن تۈزۈك. باھاسى كومپيۇتېردىنمۇ قىممەت. :lol
https://pro.sony.com/bbsc/ssr/show-digitalpaper/resource.solutions.bbsccms-assets-show-digitalpaper-digitalpaper.shtml?PID=I:digitalpaper:digitalpaper

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 19:33:56

sarwan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-7 09:31 static/image/common/back.gif
ئامازوننىڭ 8.9 دىيۇملىقى بار. تىپى Kindle DX.
ئۇنىمۇ كىچىككە ...

     سارۋان ئەپەندى، كاربون ئېكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچنىڭ قايسىسىنىڭ ئېكرانى توغرىسىغا ئۆرۈلۈدۇ؟(ئەقلىيفوننىڭكىدەك)  ئەگەر شۇنداق ئىقتىدارى بوپ قالسا 6 دىيۇملۇقلىرىمۇ كىچىك كەلمەيتتى...

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 19:41:46

   تەيۋەننىڭ  Dr.Book ماركلىق 6 دىيۇملۇق بىرسى باركەن، باھاسى ئەڭ ئەرزانكەن.(158 سوم)، مۇنۇ ئادرىستا باركەن، قىممەتنى ئېلىپ ئېكرانى بىر نىمە بوپ كەتسە ئىچىمىزنى ئۇۋاپ يۈرمەسلىككە ماۋۇسى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، بۇ خىلىنى ئىشلىتىپ باققانلار بارمىدۇ؟ http://item.taobao.com/item.htm?spm=a230r.1.14.1.0isEr9&id=42957548904&ns=1&abbucket=4#detail  

Lemon_11 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 21:15:13

مەنمۇ كىندول ئىشلەتكىلى بىر قانچە يىل بولدى، بەكمۇ رازى بولدۇم خەجلىگەن پۇلۇمغا. مەنچە كىتابلا ئوقۇيدىغان ئىشقا كىندول ئايپەدتىن جىق ياخشىكەن. بىرىنچىدىن توكى ئۇزاق يىتىدۇ، ئىككىنچىدىن ئىكران كىتاب ئوقۇشقلا تۈزۈلگەن بولغاچقا ئۇززۇن ئوقىسىمۇ كۆز ئاغرىمايدىكەن، ئايپەدتە ئازراق ئوقۇساملا كۆزلىرىم قىززىرىپ ئاغرىپ كىتىدۇ. ئاندىن ئاخىرقى ئەڭ مىۇھىم نوقتا كىندولدا كىتابلا ئوقۇيدىغان بولغاچ دىققەت چىچىلمايدۇ. ئايپەدننى كىتب ئوقۇشنى پىلانلاپ قولغا ئالغان بىلەن رەسمى كىتاب ئوقۇيدىغان چاغ بەك ئاز.

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-9 22:30:54

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 19:33 static/image/common/back.gif
سارۋان ئەپەندى، كاربون ئېكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچنىڭ ...

كاربون ئېكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچنىڭ قايسىسىنىڭ ئېكرانى توغرىسىغا ئۆرۈلۈدۇ؟(ئەقلىيفوننىڭكىدەك)  ئەگەر شۇنداق ئىقتىدارى بوپ قالسا 6 دىيۇملۇقلىرىمۇ كىچىك كەلمەيتتى...

ھەممىسى ئۆرۈلىدىغۇ دەيمەن. مەن ئەڭ كۆپ ئىشلەتكىنى سونىينىڭ ئۇ ئۆرىلەتتى.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 19:55:11

sarwan يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 22:30 static/image/common/back.gif
ھەممىسى ئۆرۈلىدىغۇ دەيمەن. مەن ئەڭ كۆپ ئىشلەتكىنى سو ...

ئۇيغۇرچە pdf كىتاپلارنى ئوقۇش ئۈچۈن قانچە  سۇڭلۇق كاربون ئىكرانلىق كىتاپ ئوقۇغۇچ بولسا بولىدۇ ؟ 6 سۇڭ دىگەن زادى قانچە سانتىردا قانچە سانتىر؟ 9 سۇڭ دىگەنچۇ ؟

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:32:41

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 19:55 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە pdf كىتاپلارنى ئوقۇش ئۈچۈن قانچە  سۇڭلۇق كارب ...

6دىيۇم دىگەن 88.5mm * 121mm لىق ئېكراننى كۆرسىتىدۇ.   9دىيۇم دىگەن 114mm * 196mm لىق ئېكراننى كۆرسىتىدۇ.

Sewirchan يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 18:36:12

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-18 19:55 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە pdf كىتاپلارنى ئوقۇش ئۈچۈن قانچە  سۇڭلۇق كارب ...

6دىيۇم دىگەن 88.5mm * 121mm لىق ئېكراننى كۆرسىتىدۇ.   9دىيۇم دىگەن 114mm x 196mm لىق ئېكراننى كۆرسىتىدۇ.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 19:15:57

مەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا بەك ئۇزۇن بولدى ئويلىنىۋاتقىلى، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئامازوندا (جويودا) سېتىش مۇمكىنچىلىكى يوقمۇ؟ نەشرىيات مۇشۇ ئىشنى قىلغان بولسا بەك خاسىيەتلىك بىر ئىش بولاتتى. موڭغۇلچە، تىبەتچە كىتابلار بار، ئۇيغۇرچە كىتاب يوق.
ئادەتتە ئىنگلىزچە كىتابلارنى بىۋاستە ئامازوندىن سېتىۋېلىپ كىندولدىلا ئوقۇيمەن. مېنىڭ كىندولىم بىر قەدەر ئىپتىدائىي، لېكىن كىتاب ئوقۇشۇمغا تەسىر قىلمايدۇ. ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئايپەدتە ياكى ئايفوندا ئوقۇيمەن. ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلارنىڭ بەزىلىرى سايىلانغان بولغاچ كىندولدىن ئوقۇساق خېتى بەكلا كىچىپ كېلىپ قالىدىكەن. ئىنگلىزچە كىتابلارنى سېتىۋېلىپ بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدە ئوقۇشقا باشلاپ بولغىلى بولىدۇ، نېمىشقا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىمۇ شۇنداق قىلغىلى بولمايدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولسا كىندول ئالالىساق ئېلىپ، ئالالمىساق تېلىفون ياكى ئايپەدلىرىمىزگە كىندول ئەپنى چۈشۈرۈپ خالىغان چېغىمىزدا كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇيالىساق نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى.
نەشرىياتتا ئىشلەيدىغانلار مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقالماسمۇ؟

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-19 22:30:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tirak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 22:31  

كايىندىل ئوقوغۇچتا  ئىز دىنش دىگەندەك تور بەتلەنىمۇ كۆرگىلى بولامدۇ؟

nasin يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 04:59:15

ئەگەر كىندۇلنىڭ ئەرزانراقلىرى كەسپى كىتابلارنىڭ pdf سىنى تولۇق قوللاپ كەتكەن بولسا بىرنى ئەپ قوياي دىگەن،شۇغىنىسى ماتىماتىكىلق فورمۇلا، گرافىك، جەدىۋەل رەسىملەر بىلەن تولغان كەسپى كىتابلىرىمىزنىڭ توردىن تاپقان pdf نوسخىسىنى كىندولدا بەك قالايمىقان قىلىۋىتىدىكەن. 9.7 ديۇملىقىمىغۇ بار تولۇق قوللايدىغان، شۇغىنىسى شۇنىڭ پۇلىغا يەنە 1000 كوي قېتىۋەتسە يېڭى ئايپەدتىن بىرسى كىلىدۇ ئەمەسمۇ. كەسپى كىتابلارنى ئايپەدتە ئوقۇپ كۆنۈپ قاپتىمەن ھازىر.  

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 10:14:03

tirak يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 22:30 static/image/common/back.gif
كايىندىل ئوقوغۇچتا  ئىز دىنش دىگەندەك تور بەتلەنىمۇ كۆ ...

kindle paperwhite تا نورمال ئېچىلمىغانىدى.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 10:32:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 11:10  

tirak يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 22:30 static/image/common/back.gif
كايىندىل ئوقوغۇچتا  ئىز دىنش دىگەندەك تور بەتلەنىمۇ كۆ ...

    ئېلسىياھ ئېكرانلىق(电子墨水屏) كىتاب ئوقۇغۇچلار ئىچىدە 2.Android 4.2 سېستىمىلىق بىر خىلى باركەن.(مېنىڭ سېتىۋالغىنىم OnyxBoox c67ml دىگىنى شۇ).  بۇ خىلدىكى Android سېستىمىلىق(كاربون ئېكرانلىق) كىتاب ئوقۇغۇچلاردا يېزىق ۋە رەسىملىك تور بەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىكەن(ئىقتىدار چۈشەندۈرۈش سىن فىلىمىدە شۇنداق چىقتى).بىراق Flash لىك كۆرۈنۈشلەرنى ئېلسىياھ ئېكران قوللىمايدىغان بولغاچقا  ئېكران تولا لاپىلداپ بىئارام قىلىدىكەن، چۈنكى بۇ خىلدىكى ئېلىكترونلۇق سىياھ ئېكرانىنىڭ كۆرسىتىش سۈرئىتى سۇيۇق كىرىستال ئېكرانغا قارىغاندا كۆپ ئاستا بولىدىكەن. شۇڭا Flash (ھەركەتچان سۈرەت) مەزمۇنلىرى بولغان تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش توغرا كەلسە 设置نىڭ ئىچىدىن 特效نى ئېتىۋېتىش ياكى تور بەت زىيارەت نۇسخىسىنى 文字版网页 گە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق نورمال كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە شۇنداق دەپتۇ، بىراق تېخىچە مال قولۇمغا كەلمىگەچكە، كەلگەندە  سىناپ بېقىپ ئىزدىنىشتەك ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىمۇ زىيارەت قىلىش ۋە باشقا ئەپلەرنى قوللاش ئەھۋاللىرى ھەققىدىكى تەسىراتىم ۋە تەجىربەمنى يوللاپ قويىمەن، ئىنشائاللاھ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 11:03:04

tarim222 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-20 10:14 static/image/common/back.gif
kindle paperwhite تا نورمال ئېچىلمىغانىدى.

    كىندولدا ئۇيغۇرچە فونت قاچىلاش مۈمكىن بولماسلىقى مۈمكىن، بىراق Android سېستىمىلىق كىتاب كۆرگۈچلەردە بۇنىڭغا ئامال باردەك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە kindle نىڭ تۈرلىرى ئىچىدىن SD كارتا قوللايدىغان بىرەرىنىمۇ تاپالمىدىم. باشقا ماركىلىقلىرى ئىچىدە SD كارتا قوللايدىغانلىرى خېلى باركەن. مۇشۇ كۈنلەردە كىتاب كۆرگۈچ ئىچىگە بەزى كىتابلارنى قاچىلاپ يۈرۈش تەس بولغاچقا، ساقلاش كارتىسىدىن ئوقۇتساق ياخشىراق بولىدىكەن.

tirak يوللانغان ۋاقتى 2015-1-20 14:10:21

رەھمەت!

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-21 23:11:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-21 23:33  

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 19:15 static/image/common/back.gif
مەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا بەك ئۇزۇن بولدى ئويلىنىۋاتقىلى ...

ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلارنىڭ بەزىلىرى سايىلانغان بولغاچ كىندولدىن ئوقۇساق خېتى بەكلا كىچىك كېلىپ قالىدىكەن.     سىز دىگەن مەسىلە ماۋۇ ئادرىستىكى كاربون ئېكرانلىق كىتاب ئوقۇغۇچتا ھەل بولىدىغاندەك قىلىدۇ.چۈنكى بۇ خىل onyx boox c67ML ئوقۇغۇچتا سايىلەنگەن نۇسخىدىكى pdf كىتابلارنىڭ بەت يۈزىنىڭ خەت بار قىسمىنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن T نى بېسىش ئارقىلىق ئاپتۇماتىك ھالدا ئېكرانغا لىق كەلتۈرۈرگىلى بولىدىكەن.  ۋە شۇنداقلا ئەسلى ھۆججەتتىكى سايىلەنگەن بىر بەت يۈزىنى تۆتكە بۆلۈپ، ھەر بىر بۆلەكنى ئېكرانغا لىق كەلتۈرۈپ، تۆت بۆلەكنى خالىغان تەرتىپ بىلەن ئوقۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەن ئىكەن، رەسىمدىكىدەك:  
  
  
    بۇنداق بولغاندا ژورنال فورماتىدەك رەتلەنگەن كىتابلار ياكى قوش بەت يۈزى بىر بەت قىلىپ سايىلەنگەن pdf كىتابلار نى بىمالال ۋە چوڭايتىلغان بەت يۈزى ھالىتىدە ئوقۇغىلى بولغىدەك.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 12:58:28

索尼 PRS-T1   ماۋۇمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدىغۇ 286 يۈەنكەن

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 12:09:13

tirak يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 22:30 static/image/common/back.gif
كايىندىل ئوقوغۇچتا  ئىز دىنش دىگەندەك تور بەتلەنىمۇ كۆ ...

onyx boox ماركىلىق (ئېلىكتىرونلۇق سىياھ ئېكرانلىق) كىتاب ئوقۇغۇچنى ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇ خىلدىكىسىى Android 4.2.2 سېستىمىلىق بولغاچقا ئۈندىدارنى قاچىلىسام نورمال ئىشلىدى ، بىراق خەتلىرى سۇس كۆرۈنىۋالدى. ئىزدىنىش قاتارلىق مۇنبەر تور بەتلىرىنى خۇددى يانفوندىكىدەكلا (يانفون نۇسخىسى بويىچە) كۆرگىلى بولىدىكەن، ئەمما خەتلەر كىتاپ كۆرگەندەك ئوچۇق قارا ئەمەس سۇس كۆرۈنىدىكەن، نۇر تورى ئەپ دېتالىنى قاچىلىسام خەتلىرى بەك ئوچۇق قارا كۆرۈندى، كۆزگە بەك راھەتكەن.  بولۇپمۇ سىرتتا كۈن نۇرى ئاستىدا كىتاب كۆرسە كۆزگە ئاجايىپ راھەتكەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-31 13:08:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-31 13:13  

mastura يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 19:15 static/image/common/back.gif
مەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا بەك ئۇزۇن بولدى ئويلىنىۋاتقىلى ...

ئۇيغۇرچە ئېلكىتابلارنىڭ بەزىلىرى سايىلانغان بولغاچ كىندولدىن ئوقۇساق خېتى بەكلا كىچىك كېلىپ قالىدىكەن.
    Onyx boox ماركىلىقىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرچە ھەر خىل فورماتتىكى ئېلكىتابلارنى ئوقۇپ سىناپ باقتىم، ئۈنۈمى ھەقىيقەتەن بولىدىكەن، گەرچە مەندىكىسى 6 دىيۇملۇق بولسىمۇ بۇنىڭ سېستىمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش دېتالىدا ئالاھىدە ئىقتىدارى بولغاچقا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ سايىلەنگەن نۇسخىسى ۋە باشقا سايىلەنگەن نۇسخىدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى بەت يۈزى چوڭ ھالەتتە نورمال ئوقۇيالىدىم. بۇنىڭغا ئالدىن قاچىلانغان onyx neo reader دېتالىدا مۇنداق بىر ئىقتىدار باركەن: يەنى ئېكران توغرىسىغا ئۆرۈلگەن ياكى ئادەتتىكىچە بولۇشتىن قەتئىينەزەر سايىلەنگەن بەت يۈزىنى پارچىلاپ، ھەر بىر پارچىنى ئېكرانغا لىق كېلىدىغان ھالەتتە تەڭشەپ قويساق رەسىمدىكىدەك ھەر بىر بۆلەكنى(كىتاب يېزىقىنىڭ يۆنۈلىشى بويىچە) خالىغان تەرتىپتە كۆرسىتىپ بولغاندا ئاندىن كىيىنكى بەتكە يۆتكىلىدىكەن .  
     بۇنداق بولغاندا خېتى ئۇششاق چىقىپ قېلىشتىن ئەنسىرەش بىھاجەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېتالدا كىتاب ئوقۇغاندا ھەر بىر خىل ئوخشىمىغان فورماتتىكى كىتابنىڭ بەت يۈزىنى بىر قېتىم مۇۋاپىق تەڭشەپ قويساقلا ھەر بىر كىتاب ئۈچۈن بىر خىل تەڭشەك ساقلىنىپ قالىدىكەن، ئوخشىمىغان كىتابلارنى ئاتلاپ ئوقۇش سەۋەبىدىن كۆرۈنمە بەت يۈزىنى قايتا تەڭشەش بىھاجەتكەن.
بەت: 1 [2] 3
: كىتاب ئوقۇش يىلىدا «كىتاب ئوقۇغۇچ»نىڭ گېپى