bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 10:43:05

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ھازىر رەسمىي تارقىتىلدى، تۆۋەندىكى ئۇيغۇرسوفت ئىملا تورىنى زىيارەت قىلىڭ.

http://imla.uighursoft.com

(سىغىمى: 1.84 مېگابايت)



بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ. http://www.alimahat.com/?p=4218

ئىشلىتىش داۋامىدا يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىڭىز، كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ، رەھمەت. بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى alim.ahat@gmail.com غا خەت ئەۋەتىڭ.

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2014-يىل دېكابىر

ئالىم ئەھەت بلوگى

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 13:25:36

بۇ يۇمشاق دېتالدا ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى تەھرىرلىگىلى بولمامدۇ نېمە، ئادەتتە سوت، ساقچى ئورۇنلىرىدا كۆپىنچە مۇشۇ ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتەتتى، بۇنىڭغا باشقا ئامال بارمىدۇ؟

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:15:28

ئەخلەت تازىلاش ئۈچۈن كومپيۇتېرىمغا «بەيدۇ قاراۋۇلى» نى قاچىلاپ قويغان، «بەيدۇ ۋىرۇسخور» نى قاچان، قانداق قاچىلاپ قويغانكىن  قاچىلىنىپ قاپتۇ، بايام بۇ كوررېكتورنى قاچىلىسام «خەتەرلىك» دەپ ئەسكەرتىپ تۇرۇۋالدى، ئىشەنچ قىلىمەن دەپ قاچىلىۋالدىم.
كىرىش كۆزنىكىدە ئەزالىق نامى ۋە پارولنى ئەستە ساقلىۋالىدىغان ئىقتىدار قوشۇپ قويۇلسا تېخىمۇ قولايلىق بولغۇدەك.
ئىشلىتىش جەرىيانىدا يەنە باشقا مەسىلە بايقىسام قالدۇرۇپ قويىمەن.
ئاندىن يازغان مۇشۇ ئىنكاسىمنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرسەم، ئىملاسى خاتا سۆزنى قىزىل رەڭدە بوياپ ئەسكەرتىپ بەردى، ئىملاسىنى توغرىلاۋېتىپ ئاستىدىكى سۆزلەرگە كەلگەندە تۆۋەندىكىدەك خاتالىق چىقىۋالدى.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:15:30

xirhan0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 13:25 static/image/common/back.gif
بۇ يۇمشاق دېتالدا ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى تەھرىرلىگىلى  ...

تەھرىرلىگىلى بولىدىغۇ، ئەلپىدانىڭ يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىزلا تەھرىرلىگىلى بولىدۇ. ئەگەردە يۇنىكودسىز خەت نۇسخىسى بولسا ئەلكاتىپ 5.7 كىرگۈزگۈچىنى قاچىلاپ يۇنىكودسىز ماتېرىيالنى يۇنىكودلۇققا ئايلاندۇرۇڭ.

koktugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:24:48

مەن قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ئىكران يۈزىگە چىقىدىغان قوزغۇتۇتش پىراگىراممىسى قوزغالمىدى .يەنى مۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالدى .   么 有找到mscoree.dell)...دىگەندەك ئۇچۇر چىقىۋالدى .مەن ئۈچۈن بۇ تەھرىرلىگۈچ بەك مۇھىم ئىدى .مۇمكىن بولسا بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى  بىلگۈچىلەر  ياردەم قىلساڭلار

abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:26:29

مىنىڭ تورۇمدا مەسىلە بارمۇ بىلمىدىم ! پەقەت چۈشۈرەلمىدىم 1 ياردەم قىلىساڭلار !22682984 غا ئەۋەتىپ بەرسەڭلەر قېرىنداشلار

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:34:32

چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىزىملىتىش كېرەك ئىكەن، توغرا ۋە غەلبىلىك تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن مەخپىي نومۇرىڭىزنى ئىلخەت ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىمىز، ساندۇقىڭىزغا قاراڭ، دەپ ئۇچۇر چىقتى. لېكىن ساندۇقۇمغا خەت كەلمىدى. نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەلمىدىم.

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:40:22

pirogrammer يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 14:15 static/image/common/back.gif
تەھرىرلىگىلى بولىدىغۇ، ئەلپىدانىڭ يۇنىكودلۇق خەت نۇ ...

مەن خەت ئۇرۇش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى ئەلپىدا خەت نۇسخىسى بىلەن ئەلكەتىپ خەت نۇسخىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قوشۇپ ئىشلەتسە بۇ ئىككى خەت نۇسخىسىنىڭ بىر-بىرىنى يەكلىشى بەكمۇ ئېغىركەن، نېمىشقىكىن مەن مۇشۇ كونا خەت نۇسخىسى ئەلپىداغا كۆنۈپ قاپتىمەن. مۇشۇ قورال ئارقىلىق خەت ئۇرۇش جەريانىدا ئەلپىدا خەت شەكلىنىمۇ بىرلا ۋاقىتتا تەھرىرلىگىلى بولغان بولسا بەكمۇ ياخشى بولاتتىكەن.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:41:21

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 14:34 static/image/common/back.gif
چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىزىملىتىش كېرەك ئىكەن، توغرا ۋە غەلبىل ...

مەن ماۋۇ بەتتىن چۈشۈردۈم، چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىزىملىتىش ھاجەتسىز ئىكەن، چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تىزىملىتىپلا ئىشلەتتىم.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:43:24

مەن ھەممە  تور قورۇقچىلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ تەستە چۈشۈرۈپ قاچىلىساممۇ، قوزغالماي گۆشۈيۈپ تۇرىۋالدى، ئىچىمدە ئەخلەت دەپ قويدۇم .:lol
يەنىلا ئۇيغۇر ئېدىت نوچىكەن .

nurmuhemmet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:03:06

ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﺪﻯ. Word ﺗﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
‹‹ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﺪﯨﺖ››ﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﻪﺯﻯ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﻼﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﯜﺯﯨﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: «ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ «ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ» ﺩﻩﭖ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. (بۇنداق خاتالىق خېلى باركەن)

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:12:06

nurmuhemmet يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 15:03 static/image/common/back.gif
ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻗﺎﭼﯩﻼﻧﺪﻯ. Word ﺗﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
‹‹ﺋﯘﻳﻐ ...

كەنجى كوررېكتورنىڭ ئىقتىدارى بەك يۇقىرى. بىراق ئۇنىڭ ئىملا ئامبىرى 2009-يىلىدىكى كونا ئىملا، ئۇ ۋاقىتتا ئاشۇنداق مەجبۇرىي ئاجىزلاشتۇراتتى.
كەنجى كوررېكتوردا تىنىش بەلگىلەرنىڭ ئورنىنى ئاپتوماتىك تەڭشەيدۇ، بىراق ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدا ئۇنداق ئىقتىدار يوقكەن.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:16:07

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 14:43 static/image/common/back.gif
مەن ھەممە  تور قورۇقچىلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ تەستە چۈشۈرۈپ  ...

سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى نەرسىلەر ئەخلەتكەن. نۇرغۇن يىل توختىماي ئىزدەنگەن مېۋىنى ھەقسىز تارقاتسىمۇ ئوڭشاپ قاچىلىيالماي ئەخلەت دەۋاتقىنىنى، يۈزى قىزارمايدىغان.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:18:00

xirhan0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 14:40 static/image/common/back.gif
مەن خەت ئۇرۇش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى ئەلپىدا خەت ن ...

تەۋسىيەرىم يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچىسىنى ئىشلىتىڭ. ئەلكاتىپنى تەۋسىيە قىلىمەن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.alimahat.com/?p=496

tordos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:23:51

مېنىڭكىدىمۇ زادىلا ئىجىرا بولمىدى :'( ، تىزىملىتىپ بولۇپ، كىرىشنى باسسام جىملا تورىدۇ :o
نىمە سەۋەبلىكىنى كىم ماڭا دەپ بىرىدۇ{:99:}،بولمىسا دىتال قاراپ {:112:}

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:43:27

مەن بىراقلا ھەقلىق نەشرى چىققاندا ئېلىپ قاچىلاي. مۇت نەسە بىلەن خوشۇم يوق. بىر يەرلىرى بىر قانداق.:lol

arman26 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:56:29

xp دا نورمال قوزغىلىپ، تىزىملىتىشنى باسقاندىن كېيىن بەزى كومپيۇتېرلاردا ئىجرا بولمايدۇ، بۇ net 2.0 نى تەڭشەشتىكى مەسىلە، بۇ دېتالدىكى مەسىلە ئەمەس.
كەنجى كوررېكتۇردىكى ئاۋۇ يېزىش جەريانىدا تىنىش بەلگە توغرىلاپ ماڭىدىغان ئىشنى ئون نەچچە قۇر كود بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ، بۇنىڭغا قاراپلا ئون نەچچە يىللىق ئەمگەكنى يوققا چىقارماڭ.
قاچىلىغاندىن كېيىن خاتالىق چىقىپ ئېچىلمىسا net 2.0 نى ئورناتساڭلار بولىدۇ.

tashway يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:56:31

مەن چۈشۈرۈپ ئىشلەتتىم، ئىنتايىن ئېسىل بولدى. دائىم كۆرۈلىدىغان سۆزلۈكلەردىكى خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدىكەن ئىنتايىن قولايلىق ئىكەن. بۇندىن كىيىن ئىملا ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلغىلى ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئىملاسىنى ياخشىلىۋالغىلى بولىدىكەن،. ئۇيغۇر سوفىتقا رەھمەت!!!

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:59:11

pirogrammer يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 15:18 static/image/common/back.gif
تەۋسىيەرىم يۇنىكودلۇق خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچىسىنى  ...

سىز دىمەكچى بولغىنىمنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز قېرىدىشىم، مەن دىمەكچى مەن خىزمەت جەريانىدا ئەلپىدانى ئىشلىتىمەن، خەت-چەكلەرنى كۆپىنچە مۇشۇ خەت كىرگۈزگۈچتە بىر تەرەپ قىلىمىز، خەت-چەك بىر تەرەپ قىلىشتا ئەلپىدا بەك قولايلىق، ئەلكاتىپنى ئىشلىتىپمۇ باقتىم، بىراق كۆنەلمىدىم، كەمچىللىكى بوشلۇقنى بەك ئېگەللەپ كېتىدۇ، ئالايلۇق: ئەلپىدادا بەش-ئالتە سۆزنى بىر قۇرغا تىزغىلى بولىدۇ، بىراق ئەلكاتىپتا بىر قۇرغا مۇشۇ بەش- ئالتە سۆزمۇ پاتماي تۆۋىنىدىكى قۇرغا ئاتلاپ كېتىدۇ. ئەلپىدا ئالكاتىپقا قارىغاندا يىغىنچاق.  بىراق ئەلپىدا كىرگۈزگۈچ مەيدانغا كەلەندىن بېرى يېڭىلىنىپ باقمىدىغۇ دەيمەن.

arman26 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:01:40

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 15:12 static/image/common/back.gif
كەنجى كوررېكتورنىڭ ئىقتىدارى بەك يۇقىرى. بىراق ئۇنىڭ  ...

كەنجى كوررېكتورنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى دەپسىز، ئىملاسى خاتا سۆزنىڭ ئاستىغا سىزىق سىزالامدىكەن؟ باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، مۇشۇ ئاستىغا سىزىق سىزىشنىڭ ئۆزىلا ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان.
ئوڭشاپ ئىشلىتەلمەي دېتالدىن كۆرمەڭ.

بەت: [1] 2 3
: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى