GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 21:39:57

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى2014-12-29 21:26 static/image/common/back.gif
ئۇڭۇشلۇق قاچىلىدىم ھەم تىزىملاتتىم.ئەمما نامىمنى ۋە م ...

ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بار، Net Framework2.0 نى قاچىلىسىڭىز بولىشى مۇمكىن.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 22:17:07

arman26 يوللىغان ۋاقتى2014-12-29 16:01 static/image/common/back.gif
كەنجى كوررېكتورنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى دەپسىز، ئىملا ...

كەنجى كوررېكتورنىمۇ خېلى مەزگىل ئىشلەتكەن، سىزاق سىزالايدۇ. ئە، بىلەن ئې نى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغان كەمچىلىكى بار، ئۇمۇ مۇكەممەل ئەمەس. ئىشلەتكىنى 2009-يىلدىن ئاۋۋالقى ئىملا.
پىكىر بېرىڭلار دېگەندىكىن خاپا بولماستىن ئاڭلاڭ ئاۋۋال، مەن 1800 يۇەنلىك ھەقلىقنى ئىشلىتىۋاتىمەن. كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى دەيدىغان يەر تاپالمىغان مۇشۇ يەردە دەي دېدىم، نەچچە يىللىق ئەمگىكىڭلارنى يوققا چىقىرىش نىيىتىم يوق.
1. تىنىش بەلگىلەرنىڭ ئورنىنى ئاپتوماتىك تەڭشەش ئىقتىدارىنى تولۇقلىساڭلار.
2. يازمىلارنى تەھرىرلىگەندە، بەزىدە تۇيۇقسىزلا سانداندا خاتالىق كۆرۈلدى دەپ ئۆچۈپ قېلىپ ئىشلىگەن ئىشلارنى قايتىدىن قىلىشقا توغرا كەلدى.
3. كۆزنەككە خەت يازماقچى بولسا، خەنزۇچە ياكى ئىنگىلىزچە ھالەتكە ئۆتمىسە خەت يېزىلمايدىكەن، بىراق تەھرىرلەش جەريانىدا ئاپتوماتىك ئەرەبچە ھالەتكە ئۆتۈپ كېتىكەن، بىر خەتنى يېزىش ئۈچۈن ھەر قېتىم ئىنگىلىزچىگە توغرىلاشنى ئاۋارىچىلىق ھېس قىلدىم.
4. ئۇنىڭدىن باشقا سانداننى يېڭىلاش دېگەن يەرنى باسسا تور بەت ئېچىلمايدۇ، ياكى نېمە كاشىلا سەۋەبىدىن يېڭىلىغىلى بولمايدۇ دېگەن ئۇچۇر چىقىدىكەن. ياكى يېڭىلاش ئىقتىدارى تەڭشەلمىدىمۇ ياكى ئەمدى قىلىدىغان ئىشمۇ بىلمىدىم.
يەنە ئىشلىتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى داۋاملىق يازىمەن. بىراق ئىشىمىزنى يوققا چىقارماقچى، قەستەن قۇسۇر تاپماقچى دېگەن گەپلەردىن ساقلانساڭلار، سودا قىلىۋاتقان ئادەم مەنچە ئېغىر-بېسىق بولغىنى ياخشى، يەنە بىر رىقابەتچىڭلاردا يېڭى ئىملا ئامبىرى يوقكەن، باشقا يەرلىرى بەك ياخشىتى، ئامال يوق خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئالدۇق. توغرا چۈشىنەسىلەر پۇلغا ئالغان نەرسىگە بىرنەرسە دېيىش ھوقۇقىمىز بار دەپ ئويلىدىم.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 00:01:44

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ يۇنىكودلۇق خەت نۇسقىلىرى ئوفىس 2013 تە توغرا ئىشلىمەيدىكەن، بۇنى ھىچيەردە دەپ ئاڭلىتالمىدىم. ئالىم ئەھەت ئۆزى ياسىغان خەت نۇسقىلىرىنى توغرا ئىشلەيدۇ دەيدۇ، ئەمما باشقىسى بىلەن كارى يوقكەن. مەسىلە شۇ: بارلىق للە كەلگەن سۆزلەردىكى مۇشۇ ئۈچ ھەرپ ئاپتوماتىك ھالدا ئەرەپ يېزىقىدىكى ئاللاھ دېگەن سۆزگە ئايلىنىپ كېتىدىكەن. تۈزۈتۈش ھىچ مۈمكىن ئەمەسكەن. رۇخسەت سوراپ، ئىشلەتكۈچى تەستىقلىسا، ئاندىن ئۆزگەرسىدى، ھىچ بولمىسا. ئۇ ك ئى ج دا تونۇشلىرى بارلار بۇ مەسىلىنى يەتكۈزۈپ قويارسىلەر، ئىشنى قىلغاندىن كېيىن ئاخىرىنىمۇ چىقىرىش كېرەكتە. بىكارلىق خىزمەت بولسىمۇ.

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 08:23:36

مەنمۇ ئۇيغۇرسوفت كوررىكتورىنىڭ ھەقسىز تارقىتىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ئىلگىرى مەنمۇ كەنجى سوفت شىركىتىنىڭ كەنجى كوررىكتورىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەن، كېيىن كۆزنەك 7 دىن يۇقىرى نەشردە ئىشلەتكىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ئىدىم. بىر خىل تۈردىكى دېتاللارنىڭ كۆپ بولۇشى ياخشى ئىش، شۇ ئارقىلىق سېلىشتۇرۇپ ياخشىسىنى ئىشلەتكىلى، تۈزگۈچىلەرمۇ رىقابەت نەتىجىسىدە مەھسۇلاتنى ئۆزلۈكسىز مۇكەممللەشتۈرۈشى مۈمكىن.
ئەمما مېنىڭچە كېيىن چىققان بىر دېتال ياكى مەھسۇلات بۇرۇنقى دېتالدىن مەلۇم جەھەتلەردە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسا ياخشى بولاتتى، تۈزگۈچىلەر ئاۋال ئىلگىرىكى دېتالنى بىرەر قۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇ دېتالنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسە كەمچىلىكىنى تۈزەتسە يېڭى دېتال تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشەتتى. ئۇيغۇر سوفت كوررىكتور تۈزىتىش باسقۇچىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، كەنجى كوررىكتور بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدىكى كۆز قارىشىمنى مەنمۇ دەپ باقاي:
1، كەنجى كوررىكتورنى تورسىز مۇھىتتىمۇ ئىشلەتكىلى بولاتتى، ئۇيغۇرسوفت كوررىكتورى ئۇنداق ئەمەس؛
2، ئۇيغۇر ئېدىت دېتالىنى كومپىيوتېرغا قاچىلىساق، كەنجى كوررىكتور ئاپتوماتىك ھالدا ۋورد ئىشخانا سېستىمىسىنىڭ ۋەزىپە ئىستونىغا قېتىلاتتى. ئۇيغۇر سوفتنىڭ بۇ ئىقتىدارى بارمۇ بىلمىدىم.
ئۇيغۇر سوفت كوررىكتورىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا كەلسەك، ھىس قىلىشىمچە:
1، ھەقسىز؛
2، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭى؛
3، بۇلۇت سۇپىسى توغرىسىدا ھېچنىمىنى بىلمىسەممۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بىر بۇنىمۇ بىر ئارتۇقچىلىق بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم.
ئومۇملاشتۇرغاندا، كەنجى سوفت كوررىكتورى خېلى يۇقىرى دەرىجىدە مۇقىم ئىشلەيدىغان دېتال ئىدى. ئۇيغۇر سوفت كوررىكتورىمۇ ئەمدىلا مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن يۇقىرىدا تورداشلار ئېيتقاندەك بەزى كەمچىلىكلەردىنمۇ خالى بولالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇ كەمچىلىكلەرنى ئالىم ئەھەت ئەپەندى باشچىلىقىدى ئۇيغۇر سوفت ئەزىمەتلىرىنىڭ ياخشىلاپ كېتەلەيدىغانلىقىغا، مۇكەمملەشتۈرۈپ كېلتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە تىلەكداشمەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 09:55:16

xirhan0999 يوللىغان ۋاقتى2014-12-29 13:25 static/image/common/back.gif
بۇ يۇمشاق دېتالدا ئەلپىدا خەت نۇسخىسىنى تەھرىرلىگىلى...

بىزنىڭ سوتتا مەخسۇس بۇغرا ئىشلىتىپ يۈرىدۇ ھازىرغىچە. يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچ ئىشلەتسەك بولمامدۇ دىسەم، بۇغرانى ئالدىراپ تاپقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھۆكۈم كىسىملەرنى يالغاندىن ياسايدىغانلار ياسىسىمۇ چېنىپ قالىدۇ دەپ بۇغرانى ئىشلىتىۋاتىمىز.

arman26 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:25:19

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى2014-12-29 22:17 static/image/common/back.gif
كەنجى كوررېكتورنىمۇ خېلى مەزگىل ئىشلەتكەن، سىزاق سىز ...

پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بوپتۇ، مەن پىكرىڭىزنى يەتكۈزۈپ قوياي، ياكى سىز alim.ahat@gmail.com غا خەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 07:24:34

yaxar0996 يوللىغان ۋاقتى2014-12-30 08:23 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئۇيغۇرسوفت كوررىكتورىنىڭ ھەقسىز تارقىتىلغانلىق ...

1، كەنجى كوررىكتورنى تورسىز مۇھىتتىمۇ ئىشلەتكىلى بولاتتى، ئۇيغۇرسوفت كوررىكتورى ئۇنداق ئەمەس؛
2، ئۇيغۇر ئېدىت دېتالىنى كومپىيوتېرغا قاچىلىساق، كەنجى كوررىكتور ئاپتوماتىك ھالدا ۋورد ئىشخانا سېستىمىسىنىڭ ۋەزىپە ئىستونىغا قېتىلاتتى. ئۇيغۇر سوفتنىڭ بۇ ئىقتىدارى بارمۇ بىلمىدىم.


ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ھەقلىق نۇسخىسى چىققىلى خېلى زامان بولدى، سېتىۋالسىڭىز تورسىز مۇھىتتىمۇ ئىشلىتەلەيسىز، ئاپتوماتىك ھالدا ۋورد ئىشخانا سېستىمىسىنىڭ ۋەزىپە ئىستونىغا قېتىلىدۇ.
تەپسلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈپ باققايسىز:http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/uspell.html

ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىمىز پەقەت تورا ئاپتوماتىك يېڭىلىنىدىغان بولۇت نۇسخىسى، ئەمما بۇنىڭ ئاساسى ئەينى ۋاقىتلاردىن بىرى ئىشلىتىلىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھەقلىق نۇسخىسى شۇ.
بەت: 1 2 [3]
: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى