udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:13:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 18:15  

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 16:43 static/image/common/back.gif
مەن ھەممە  تور قورۇقچىلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ تەستە چۈشۈرۈپ  ...

ئالىمكام بۇنى ۋىندوۋىس xp  ئۈچۈن ئىشلىمەپتۇ، بەلكى ۋىندوۋىس 7  ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىردىكى سىستىما ئۈچۈن ئىشلەپتۇ.

مانا مەن نورمال چۈشۈرۈپ، نورمال قاچىلاپ، نورمال تىزىملىتىپ ئىشلىتىپ باقتىمغۇ؟ مىنىڭچە ھەممە ئىش جايىدا،

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:16:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cooloff تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 20:03  

ئوبدان ئىشلىنىپتۇ.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:16:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 16:20  

مەن بايقىغان مەسىلىلەر، بەلكىم مەسىلىمۇ ئەمەستۇ، ئەمما يەنىمۇ ئېلغارلىتىشقا بولىدىغان تەرەپلەر:
1. ئۇيغۇرچىدا «يېغىپ» دېگەن پىئىلمۇ بار، «يىغىپ» دېگەن پىئىلمۇ بار، ئەمما «قار يېغىپتۇ»، «ئادەملەرنى يىغىپ...» دەپ ئىشلىتىمىز، يەنى قايسىسىنى ئىشلىتىش جۈملىدىكى مەنىسى ۋە جۈملىنىڭ ئىگىسىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا «قار يىغىپتۇ»، «ئادەملەر يېغىلىپتۇ» دەپ (خاتا) يېزىلىپ قالسا، دېتال بۇنى توغرىلىيالمايدىكەن، بۇنىڭغا ئوخشاشلاردىن يەنە «چىقىپ - چېقىپ»، «ئىلىپ - ئېلىپ»، «سىزىپ - سېزىپ»، «قىلىپ - قېلىپ» دېگەندەك پىئىل شەكىللىرى بار.
2. توغرىلاش كۆزنىكىدە، خاتا يېزىلغان سۆزنىڭ شەكىلداش سۆزلىرى ياكى شۇنىڭغا يېقىن ھالدا كۆرسىتىپ بېرىدىغان سۆزلۈكلىرى سەل ئازكەن، مەسىلەن «بۈگۈن» دېگەن سۆزنى قەستەن «بوگون» دەپ يازسا، ئۇيغۇرچىدا يوق باشقا سۆزلۈكلەردىن بىر نەچچىسىلا كۆرۈنىدىكەن.
3. ئىككى ياكى ئىككى بوغۇمدىن ئارتۇق سۆزلەرنىڭ بىرىنچى بوغۇمىدا كېلىدىغان دىش چۈشۈپ قالسا (يەنى «بىزنىڭ» ئەمەس، «بزنىڭ» دەپ يېزىلىپ قالسا)، بۇنى تەكشۈرگەندە بايقىيالماي قالىدىكەن.

...............
مۇشۇ دېتالنىڭ چىققىنىدىن شۇنداق سۆيۈندۈم، شۇنداقلا ئەمگىكىڭلاردىن شۇنچە مىننەتدار بولدۇم. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۆزۈم بايقىغان بىر نەچچە مەسىلىنى تىلغا ئالغۇم كەلدى، كېيىنكى نەشرىدە تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ ئېلغار قىلىۋىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇ چاغدا قانچە پۇل بولسىمۇ گەپ يوق ئالىمى، ئاللاھ ئەجرىڭلارغا كاتتا ساۋاب بەرسۇن.{:112:}
3.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:21:56

xirhan0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 17:59 static/image/common/back.gif
سىز دىمەكچى بولغىنىمنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز ق ...

ئەلكاتىپتىمۇ بۇنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ۋوردنى پىششىق بىلىدىغانلارغا نىسبەتەن، ئەلكاتىپنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى خىلى يىتەرلىك.
خەتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى %100 تىن ھەتتاكى 1% كىچە يىغىپ-ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:24:22

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 18:16 static/image/common/back.gif
مەن بايقىغان مەسىلىلەر، بەلكىم مەسىلىمۇ ئەمەستۇ، ئەمم ...

ئامال بار يۇمشاق دىتالغىلا ئىسىلىۋالماي، بىسىپ بولغان ماتىرىياللارنى قايتىدىن بىر قىتىم ئوقوپ چىقىپ، بايقالغان خاتا يەرلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ ئوڭشىۋەتسەك بولىدۇ.
يۇمشاق دىتال دىگەن يەنىلا قوشومچە ماتىرىيال سۈپىتىدە ھىساپلانسا بولىدۇ.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:28:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 17:45  

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 16:24 static/image/common/back.gif
ئامال بار يۇمشاق دىتالغىلا ئىسىلىۋالماي، بىسىپ بولغا ...

مەن ئادەتتە نېمە يازسام نەچچە قايتىلاپ ئوقۇپ تەھرىرلەپ ماڭىمەن، بۇنىڭغا ئېسىلۋالغىنىم ئەمەس. بولمىسا بولمىغان بويىچە، بولغاندىكىن ئەمدى تېخىمۇ ياخشىراق بوپكېتەر دەپ ئازراق تۈزىتىش پىكىرى بېرىپ قويدۇمغۇ.

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:36:40

مەن كۆزنەك 10 سىستېمىغا قاچىلاپ ئىشلەتتىم، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن چۈشۈرگەن «ئوقۇتۇشنى دائىملىق باشقۇرۇش...» ناملىق 30 بەتكە يېقىن ھۆججەتنى تەھرىرلەپمۇ باقتىم. ھەقسىز نۇسخىسى بولغان بىلەن ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ياخشىكەن، لېكىن، ئىشلەتكۈچىدىنمۇ مەلۇم بىلىم ئاساسى تەلەپ قىلىدىكەن، بەزى نامزات سۆزلەرنىڭ زادى قايسىسىنى تاللاشنى يەنىلا ئۆزىڭىز تاللاپ بېرىشىڭىز كېرەك ئىكەن.
ھە راست، «ھېسسىيات» دېگەننى «ھېسسيات» دەپ (بىر دىشنى چالا قويۇپ) تۈزىتىپ قويغاندەك قىلىدۇ.
تەكلىپ: ئىشلەتكۈچى نامى بىلەن مەخپىي نومۇرنى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بولغان بولسا.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:37:27

ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىكى يازمىنى يۆتكەپ قۇيۇپ بالاغا قالدىممۇ نېمە :lol
ئىشلىتەلمىگەنلەر ياكى مەسىلە بايقىغانلار يازمىدىكى تورئادرېسنى تاراسسىدە باسساڭلار ئەلئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىغا يۆتكىلىدۇ. ئەھۋالنى شۇ يەردە ئىنكاس قىلساڭلار :lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:49:10

bireylen يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 18:37 static/image/common/back.gif
ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىكى يازمىنى يۆتكەپ قۇيۇپ بالا ...

ئالىم مۇئەللىم ئىزدىنىشقا كىرمەمدىكەن؟

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 17:48:00

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 14:43 static/image/common/back.gif
مەن ھەممە  تور قورۇقچىلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ تەستە چۈشۈرۈپ  ...

مۇشۇنداقمۇ گەپ قىلامسىز، سىز ئىزدىنىشنىڭ كونا ئەزالىرىدىن تۇرۇپ مۇشۇنداقمۇ گەپ قىلغان بارمۇ؟! گەرچە سىزنى تونۇمىساممۇ ئىزدىنىشتا 2005-يىلى تىزىملاتقان ۋاقتىڭىزدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئىزدىنىشتا ئىزچىل بارلىقىڭىزنى بىلىمەن، سىزنىڭ بۇنداق گەپ قىلىشىڭىزنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن، قاتتىق چۆچۈدۈم. :o

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 17:51:28

بىر ياخشى دىتالكەنغۇ {:112:}  شۇنىمۇ بىرنەرسە دەپ بېقىپتۇ بەزەنلە :lol

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 18:13:06

دېتالنىڭ ياخشىلىقىغا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە گەپ كەتمەيدۇ.بۇ خىلدىكى پىراگىراممىنى، سۆزلۈك ئامبىرىنى تەييارلاشنى موشۇ كەسىپتىن
ئازراق بولسىمۇ خەۋىرى بار ئادەم بىلىدۇ.كاللىسىغا سۇ يىغىلىپ قالغان تەتۈرلەر ئىنكار قىلىش، مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ.خاتالىق بولسا سەمىمىي تەكلىپ بەرسەك بولىدۇ.

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 18:39:30

مەن بۈگۈن مۇشۇ دىتالنى چۈشۈرىمەن دەپ ھىچ يەرگە بارماي ساقلاپ قاراۋۇللانى ئۇخلۇتۇپ قويۇپ قاچىلاپ تىزىملىتىپ بولساممۇ قوزغالمايۋاتىدۇ يەنە نەنى قانداق تەڭشەيدىغاندۇ كونكىرىت دەپ بىرىدىغانلار يوقما

Uyghar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 19:45:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-29 19:48  

سالام دوستلار،

مۇشۇنداق ياخشى  بىر دېتالنى ھەقسىز تارقىتىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىۋاتسا، ھەممىدىن مۇھىمى كىشىلەرنىڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن يازمىلىرىدىكى ئىملانى توغىرلاپ، ئىنتېرنەتتىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتسا يەنە ھەر نېمىلەرنى دەپ بېبېقىپتۇق. مەنچە ئاۋۋال ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ ئاندىن كېيىنكى نەشىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى terjiman ئەپەندىمدەك بايقىغان مەسىلىلەرنى ۋە تەكلىپلەرنى بەرسەك ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭمۇ ئازراق ھاردۇقى چىقار ئىدى.
ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە كۆپ رەھمەت. ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بارچە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن!

xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 19:47:49

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 18:39 static/image/common/back.gif
مەن بۈگۈن مۇشۇ دىتالنى چۈشۈرىمەن دەپ ھىچ يەرگە بارماي  ...

چۈشىرىسىز، تىزىملىتىسىز، تىزىملاتقان ھېساپ نومۇرىدا كىرىسىز، باشقا ئالاھىدە تەرتىپ باسقۇچلارمۇ يوق بۇنىڭدا، مېنىڭكىدە 360 يۇمشاق دېتالى يەكلىمىدى، نورمال قاچىلاندى.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 20:23:14

xirhan0999 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 15:59 static/image/common/back.gif
سىز دىمەكچى بولغىنىمنى خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايسىز ق ...

كۆزنەك سېستىمىسىنىڭ 7، 8 نەشىرلىرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تولۇق ھەل قىلىنغان. سىز ئاۋۇ ئەلپىدا خەت نۇسخسىنىمۇ، ئالكاتىپ خەت نۇسخىسىنىمۇ كومپيۇتېرنىڭ سېستىما دىسكا ئىچىدىكى خەت نۇسخا بولىقى (فونت ھۆججەت قىسقۇچى) ئىچىگە تاشلاپ قويسڭىز، قايسى خەت نۇسخىسىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ.

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 20:39:50

gldingwash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 15:43 static/image/common/back.gif
مەن بىراقلا ھەقلىق نەشرى چىققاندا ئېلىپ قاچىلاي. مۇت ن ...

ھەقلىق نۇسخىسىمۇ بارغۇ

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 21:06:45

{:112:}

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 21:06:53

{:112:}

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 21:26:24

ئۇڭۇشلۇق قاچىلىدىم ھەم تىزىملاتتىم.ئەمما نامىمنى ۋە مەخپى نۇمۇرۇمنى كىرگۈزۈپ كىرىش كونوپكىسىنى باسسام قوزغالغاندەك قىپلا يۇقاپ كەتتى.سېستىما كۆزنەك 8.1 ئىدى.
بەت: 1 [2] 3
: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى