walley يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 17:04:06

ۋاللەي شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى

ۋاللەي شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋاللەي مەھسۇلاتلىرى ۋە ۋاللەي شىركىتىگە يىقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ۋە قوللاۋاتقان دوستلار!
ۋاللەي ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق بالىلار ئويۇنچۇقلىرى بازارغا سېلىنغان قىسقىغىنە مەزگىلدە كىشىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا بالىلىرىمىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم ياراتتى.شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بالىلىرىمىزغا تېخىمۇ ياخشى بولغان مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئىزچىل تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىدۇ، يېڭى مەھسۇلاتلار ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ.
ۋاللەي مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىنىپ مەلۇم نەتىجە قازانغاندىن كىيىن، بىرقىسىم شەخىس ۋە شىركەتكلەر ۋاللەي مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشىتىپ ياكى مەزمۇن ئوغرىلاپ مەھسۇلات ئىشلىتىپ بازارغا سالىدىغان ئەھۋاللار بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.بىز يېڭى شىركەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى بازارغا سېلىپ بازاردىكى بۇ بوشلۇقنى تەڭ تولدۇرىشىنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز،ئۆز ئارا قوللاش ۋە رىقابەت ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشنى تامامەن قوبۇل قىلىمىز.ئەمما بىر قىسىم شىركەتلەر ۋە شەخىسىلەرنىڭ قانۇنسىز ھالدا ۋاللەي ئويۇنچۇقلىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ باشقا مەھسۇلاتلارغا قاچىلاپ بازارغا سالغان قىلمىشىنى بايقىدۇق، بۇ شىركەتلەرنىڭ قانۇنسىز قىلمىشى ھازىر مۇناسىۋەتلىك سودا-سانەئەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ۋە قانۇن ئورگانلىرىغا ئىنكاس قىلىندى شۇنداقلا بىر تەرەپ قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ.
ۋاللەي شىركىتى باشتىن ئاخىر قانۇنلۇق بولۇشنى تەشەبۇس قىلىپ، مەيلى مەھسۇلات سۈپىتى، ماركا ئوبراز ھوقۇقى ، ئاپتۇرلۇق ھوقۇقوقى، نەشىر ھوقۇقى، ئىجادىيەت ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ۋاللەي مەھسۇلاتلارىغا ئىشلەتكەن بارلىق مەزمۇنلارنىڭ قانۇنلۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلدى،شۇنداقلا ۋاللەي مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلەتكەن ھەربىر مەزمۇن توختام ۋە كىلىشىم شەكىلىدە ئەسلى ئىگىلىرى بىلەن قانۇنلۇق كېلىشپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، مەزمۇنلارنىڭ قانۇنى ھوقوقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
ۋاللەي ماركىسى ئون نەچچە چوڭ تۈر بويىچە ئەنگە ئېلىنغان بولۇپ ماركا قانۇنى بويىنچە قوغدىلىدۇ.
شۇڭا ئالدى بىلەن ئىستىمالچى دوستلارنىڭ مەھسۇلات سېتىۋالغاندا ۋاللەي ماركىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز (بىر قىسىم باشقا ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى ۋاللەي مەھسۇلاتلىرى دەپ سېتىۋاتقان ئەھۋال مەۋجۇت)، شۇنداقلا ۋاللەي ماركىسىنى ئوخشىتىپ ياسىغان، ۋاللەي مەھسۇلاتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى قانۇنسىز ئىشلەتكەن ۋە ئىشلەتمەكچى بولغان شىركەت ۋە شەخىسلەرنىڭ ئورۇنسىز كۆڭۈلسىزلىك ۋەبىھۇدە زىيان تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئالدىن بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى.
ۋاللەي ماركىسى ۋە مەزمۇنلىرىغا دەخلى-تەرۈز قىلغان بىر قىسىم شىركەتلەر ۋە شەخىسلەرنىڭ قانۇن ئورۇنلىرى تەىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنىشى يېقىندا مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلار ئارقىلىق جەمىيەتكە ئاشكارلىنىدۇ.

شىنجاڭ ۋاللەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
2014-يىل12-ئاينىڭ28-كۈنى

5tash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 17:31:57

:victory:

tordos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 17:32:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tordos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-28 17:34  

ۋاللەي دىگەن گەپنى ئاڭلاپ، كىچىكىمىزدە ئوينايدىغان گاگا ئىسىمگە كىلىپ قالدى! مەھەللىدە ئالامەت ئوينايدىغان ئويۇنلاردىن بىرى ئىدى، دۆت بالىمۇ ھېسابقا ئۇستا  بولۇپ كىتەتتى.... چۈنكى ئالغان نومۇرغا قاراپ قەدەم سانايتتۇق.
:lol

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 17:41:18

يېقىندا ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر بالىلار كىيىم-كېچەكلىرى سېتىش مەركىزىدە نەرسە-كېرەك كۆرۈۋاتقۇچە مۇنداق بىر ئىشنى ئۇچىراتتىم. بىر نەچچە ھەدىلەر كىردى-دە، ۋاللەي ئاۋازلىق ئويۇنچۇقلىرىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ ئاتايىن ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى، بۇ دۇكاندا بار-يوقلۇقىنى سورىدى. مال ساتقۇچى قىز مەزكۇر دۇكاندا پەقەت ئوخشاش تۈردىكى خەنزۇ تىللىق مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىقىنى، ئەمما بۇ ئويۇنچۇقلارغا يەنە ۋاللەينىڭ ئۇيغۇرچە مەزمۇنلىرىنى قاچىلىسا بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئەتراپتىكى كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قاچىلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ ئارىلىقتا مەن چىقىپ كەتكەچكە ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولدى بىلمىدىم. لېكىن مال ساتقۇچى قىزنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە شۇ چاغدىكى ئەھۋالدىن بىلىشىمچە بۇنداق ئىش شۇ دۇكاندا پات-پات بولۇپ تۇرىدىكەن.
ئەگەر ۋاللەي شىركىتى شۇ دۇكاننىڭ كونكرېت ئادرېسى دېگەندەك تەپسىلاتلارغا قىزىقسا تېما ئىگىسى ئۇچۇر قىلسا ئېيتىپ بېرىمەن.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 18:17:33

ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن :)

terjime يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 18:38:05

ئوخشتىپ ياسىۋالدىغان ئىشى يامان جۇڭگۇنىڭ . بىر نەچچە يىل سودا قىلىپ باققانلار پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئەملىيەتتە ناھايتى چوڭ بىر ئوخشتىپ ياشاش زاۋۇتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن . بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ئەسلىسى بازارغا كىرىپ بولغىچە ساختىسى ھەممە يەرنى ئىگەللەپ بولىدۇ .
بولسا داڭلىق كارخانىلار بىرلىشىپ سودا ـ سانائەت باشقۇرۇش ئىدارسىدىن مەخسۇس بىر ئادەم ئاجىرتىپ مەبلەغنى شىركەتلەر نىسبەت بويۇنچە ئۈستىگە ئېلىپ بىر گورۇپپا تەشكىللەپ بازار تەكشۈرۈپ كۆچمە ھالەتتە زەربە بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈلىشى مۇمكىن . بولسا شىركەتلەر بىر باش قوشۇپ مۇشۇ ئىشنى ئويلۇشۇپ باقسا بولاتتى ، بىر شىركەت ئۆز ئالدىغا قىلغاندىن بىر نەچچىسى بىرلەشسە خىراجەت تىجىلىدۇ . ئەگەر رەسمىي قانۇنىي تەرتىپ بويىنچە بىر تەرەپ قىلمىز دىيىلسە دەۋاغا كەتكەن خىراجەت ، ۋاقىت بىر مەسىلە ، ئاخىردا قۇرۇق ھۆكۈمنامىنى تۇتۇپ   قالىدىغان ئىش ئەڭ يامان .

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 18:51:00

ۋاللەي شىركىتىنىڭ بۇ ئىشنى توختىتىپ قويماي داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.قوللاش يۈزىسىدىن ئىككىنى ئېلىپ بىرنى ئاغىنەمنىڭ بالىسىغا بەرگەن.سېتىۋالغاندىن بىرى ئۆز ۋاقتىدا دىيىلگەن ئېلانلاردىكىدەك مەزمۇنلارنى يېڭىلاپ قاچىلايدىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا.ئىشقىلىپ بىر ياخشى باشلىنىش بولغان.

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 21:00:27

ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 22:51:04

كۆچۈرمىكەشلىك، ئوغرىلىق مۇشۇ تەزدە كېتىۋەرسە ئۇيغۇر مەدەنىيەت بازىرى تۈگىشىدۇ، ۋاللەي ئەپەندى بۇ قېتىم بوش كەلمەي بىرىنچى مۇشنى جايىدا ئاتالىسىڭىز كېيىنكى ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولۇپ روناق تاپالايسىز،  يۈز ئاۋايلاپ، خەقنىڭ كۆڭلىنى ئاۋايلاپ ئولتۇرسىڭىز  ئوغرى كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىسىز

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:04:31

مەنمۇ ساختىنى سېتىۋاپتىمەن...... يۈز نەچچە كويلۇق ۋاللەي 40-50 كوي دېسە ئېلىۋىرىپتىمەن.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:23:05

بايا تەقلىد قىلىنغان مەھسۇلاتنىڭ ئېلانىنى دىجورنىلىك ئۆيىدىكى تىلىۋېزوردا كۆردۈم، شۇنداق ئاچچىقىم كېلىپ قايناپ كېتىپتىمەن. ئارىدا بىرەيلەن «ۋاللەينى خ....نىڭ دەيدىغۇ؟ ۋاللەي دېگەن گەپمۇ بىزچە ئەمەس» دەيدۇ. چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ قويدۇم....
ئاۋۇ تەقلىدچى سودىگەرنىڭ ئەدىپىنى راسا كېلىشتۈرۈپ بېرىپ قويۇڭلا، نومۇس قىلىشنى بىلەمدۇ- بىلمەمدۇ بۇ خەق؟ بولسا يەنە يوقۇرىدىكى تورداش دېگەندەك باشقا ئويۇنچۇقلارغا ۋاللەينىڭ يۇمتالىنى قاچىلايدىغان كومپىيۇتېرچىدىنمۇ بىر- ئىككىنى سەگىتىپ قويۇڭلار.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-28 23:38:25

بىرەر ئىش قىلماق تەس بوپكەتتىغۇ بۇ.نەگىلا قارسا ساختىلىق -ھەي.......

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 02:22:26

بۇ ياخشى گەپ بوپتۇ . مەن بالامغا سىلەرنىڭ ۋاللەيدىن بىرنى ئالغان ئىدىم. ئاۋاز چىقمايدىغان بولۇپ قىلىپ يېرىم يىل بولاي دىدى رىمونت قىلدۇرالمايۋاتىمەن . مەن خوتەنننىڭ مەلۇم ناھىيەسىدىن، سىلەرنىڭ سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغانلارنىڭ يېنىغا بارسام مەلۇم نەرسىسى كۈيۈپ كېتىپتۇ كەلسۇن سېلىپ بىرەيلى دىگەن ئىدى ھازىرغا قەدەر كىلىپ بولالمىدى
سىلەرنىڭ ئالاقىلىشىش تىلفۇنىڭلارمۇ ئۇلانمىدى بولسا مۇشۇ ۋاللەينى بىر ئوڭشاپ بەرگەن بولساڭلار تىلفۇم نومۇرۇم  18999655972

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 09:30:25

قارسام بۇ ۋالەينىمۇ ئچكىردىكى زاۋۇتا ياستىپلا ۋالەي دەپ ئىسىم قۇيۇپ ساتدىغان ئوخشايدۇ بۇ قارسام ۋالەيگە ئوخشايدغان خەنزۇچۇ ۋالەيلە ھەم ئىسمى ۋالەي ئەمەس ۋالەيلە بازاردا بەك كوپكەن، بەرنا ئېلانغا چىقانمۇ شۇ ۋالەيگە ئوخشايدىكەن ! جېنىم تۇققانلا بىر بىرڭلانڭ ئۇرسنى كولماڭلا باشتا ۋالەي بازاغا چىقاندىكىن سىلە شۇ پۇلۇڭلارنى باشقا شۇنڭغا ئوخشاش نەرسىلەرگە ئاجىرتىپ پۇل تاپساڭلا بولمامدۇ دەيمەن~  بىز گە يۇقمىغان مۇشۇ دورامچىلق قالغان بۇمۇ يۇقۇپتۇ يائاللا

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 09:48:52

مەنمۇ ئىككىنى ئالغان ۋاللەيدىن قىزىم بەك ئامراق. ساختىسىمۇ ئەمەسمۇ سوراپ باقاي:
- ۋاللەي ۋاللەي ۋاللەي ....مىنىڭ ھەمرىيىم ۋاللەي  ئەقىل بۇلىقىم ۋاللەي دەپ باشلىنىدۇ.
تۈنۈگۈن تىلۋىزوردا چىم چىم باللار تەربىيچىسى دىگەن ئېلاننى كۆرۈپ قالدىم بۇمۇ تاغتۇرا ۋاللەيمۇ  نىمە؟

urhun3 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 10:30:49

مەنمۇ بالامغا بىرنى ئېپ بەردىم. ئەمەليەتتە ۋاللەي ئۇيۇنچۇقلىرىمۇ خەنزۇلارنىڭ شۇ خىلدىكى ئۇيۇنچۇقلىرىغا ئوخشىتىپ ياسالغان. پەقەت ئىچىدىكى مەزمۇن ئوخشىمايدۇ. بۇنىىڭ ھازىر بىز مۇنازىرە قىلىۋاتقان ئىش بىلەن جىق پەرقى يوق.(قۇسۇر ئىزدىگىنمى ئەمەس،تەخىمىمۇ ياخشى بولسىكەن دەيمىزغۇ.)
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئۇيۇنچۇق بولغان ئىكەن   ۋاللەي شىركىتى ئۇيۇنچۇقلارنىڭ  ئىچىدىكى مەزمۇنغىلا كۈچىمەي ئۇيۇنچۇقنىڭ سىرىقى شەكلىدىكى خاسلىققىمۇ ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. مەسىلەن ئۇيۇنچۇقنىڭ شەكلى بۇلامدۇ،سىرىىغا بىرىلگەن گۈل نەقىشلەر بۇلامدۇ، ئورالمىسى بولامدۇ  ؟خاسلىققا ، ئۇيغۇر پۇرۇقى بۇلۇشقا ئەھمىيەت بەرسىكەن دىمەكچى. بۇ ھەم ھۇقۇق مەنپەتنى قوغداشقا ھەم خېرىدارنىڭ سېتىۋېلىش قىزىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بۇلۇدۇ.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 10:46:25

ۋاللاي دېگەن قانداق ئۇيۇنچۇق، قانچە ياشلىق بالىلارغا ماس كېلىدۇ، چۈشەنچە بېرىڭلار مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم {:92:}{:92:}

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 10:46:59

مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم بار بىرى بەش ياش ، بىرى ئۈچ ئايلىق بولدى

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 11:08:56

مەنمۇ بالامغا بىرنى ئىلىپ بەرگەنتىم بالامنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتىغا پايدىسى كۇرىنەرلىك بولدى، رادىيوسىدىنمۇ ئۇنۇملۇك پايدىلىنىۋاتىمىز.
ۋاللەي  شىركىتىگە تەكلىپىم ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلەردە سېتىش نوختىسى تەسىس قىلساڭلار. مەخسۇس سېتىش ئورنىغا شارائىت بولمىسا كۇلەملەشكەن زەنجىرسىمان تاللا بازىرى ئارقىلىق سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرساڭلار مەھسۇلات سۇپىتىنى ۋە شىركەتنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداشقا پايدىسى بۇلاتتى.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 13:06:14

تىرىشىڭلار ، مەن قىزىمغا بىرنى ئېلىپ بەرگەنتىم شۇنداق ئامراق ئۇنىڭغا . قىزىمنىڭكىنى كۆرۈپ قولۇم-قوشنا ، ئۇرۇغ -تۇققانلارمۇ باللىرىغا ئېلىپ بىرىۋاتىدۇ .
بەت: [1] 2 3
: ۋاللەي شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى