function يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 13:59:58

مېنىڭ قىزىممۇ قولىدىن چۈشۈرمەي ئوينايدۇ، ئوغلۇم بەك ئۇرۇۋېرىپ بۇزۇپ قويغان چېغى

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:08:15

قەشقەر ئىخلاس تاللا بازرىدا بار

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:16:24

چىم چىم دەپ بىرسى چىقىپتۇغۇ، دەنشىدە داملاۋاتىدۇ.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 15:42:08

راست گەپ قىلسام ، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئويۇنچۇق دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدىكەن. بالامغا ئېلىپ بەرگەن. ئەمەليەتتە ئۇلار ئەم پي ئۈچ قويغۇچلارنىڭ يېڭى شەكلى. ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى دى ۋى دىدە، تېلېۋىزۇردا، رادىيودا، باشقا شەكىلدىكى ئەم پى ئۈچتە ئاڭلىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇنى ئويۇنچۇق ھالەتكە ئەكەلگەن ئاساسلىق ھالقا دەل ئۇلارنىڭ شەكلىدە. شۇڭا، ئويۇنچۇق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىگۈچىلەر ئاۋال تەننەرخنى، ئاندىن ئۇنىڭ شەكلىنىڭ ھەرخىللىقىنى، بالىلارنى زېرىكتۈرمەسلىكنى، ئەۋرىشىملىكنى تېخىمۇ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.
بۇ ئەلۋەتە ۋاللەينى ئېلىپ پۇشايمان قىلدىم دېگەنلىك ئەمەس. ئۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ راستىنلا رىقابەت كۈچى ئاجىز.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 16:15:27

باياناتمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولسا كېرەك ھە ! مەنمۇ مۇشۇ بايانات ئارقىلىق قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن بۇنڭغا

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 17:05:12

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 10:46 static/image/common/back.gif
مېنىڭ ئىككى ئوغلۇم بار بىرى بەش ياش ، بىرى ئۈچ ئايلىق ب ...

ئۈچ ئايلىق بالىڭزغا شىركەت مەھسۇلاتىدىن شادىمان پاقىنى تەۋسيە قىلىمەن، بىر قىسم رايونلاردا سېتلىپ تۈگىدى، كىين نەشىرى يېڭلنىپ ياخشسى زاۋۇتتىن چىقىشى مۇمكىن....
بەش ياشلىق بالىڭىزغا ئېلىپە ، دانا توشقان ۋە بىلمخۇمار ئۈچىلىسى ماس كېلدۇ، ئەلۋەتتە خالىغان بىرنى ئالسڭىزمۇ مەيلى...
ئىلپبە- 3 ياشىتن يۇقۇرى باللارغا ماس كېلدىغان بولۇپ باللارنىڭ ئۇيغۇر تىلى ھەرىپلىرنى تونۇش،سانلارنى تونۇش ۋە توغرا تەلەپپۇز قىلىشتكى ياخشى ھەمراھ...
دانا توشقان- لەتىپە،قوشاق،باللار ناخشىسى، ھېكايە قاتارلىقلار قاچىلانغان بولۇپ ، تىلى يەڭگىل، ئوڭاي ئەستە قالدۇ،باللارنىڭ تىلنى پىشۇرۇش ۋە راۋان يىتلدۈرۈش،تەپەككۇرىنى ئېچىشتىكى ياخشى ھەمراھ...
بلىمخۇمار- 10 پارچە ئوخشمىغان تۈردىكى رەسىملىك چۆچەك كىتاپچە سەپلەنگەن، بالڭىز بلەن ئولتۇرۇپ ئوقۇپ بەرسىڭىز لاياقەتلىك دادا بولۇشنىڭ قەدىمنى ئالغان بولسىز...ئاۋازلىق ھۆججىتى قاچىلانغان، ساۋادى چىقىۋاتقانلارغا ئۈنۈملۈك يولباشىچى....رادىئوسنى ئۆزىڭىز ئاڭلىسزىڭىزمۇ بولىدۇ.ئۈنگە ئېلش ئىقتدارى ئارقلىق بالڭىزنى ھېكايە ئېيتقۇزۇپ ئاڭلاپ باقسىڭىز ئۈنۈمى تېخمۇ نوچى...

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 17:07:45

function يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 13:59 static/image/common/back.gif
مېنىڭ قىزىممۇ قولىدىن چۈشۈرمەي ئوينايدۇ، ئوغلۇم بەك ئ ...

ۋاللەي ئويۇنچۇقلىرنىڭ ماتېرىيالى ئالاھىدە تاللانغان بولۇپ زەھەرسز چىدامچانلققا ئىگە ، ھازىرغا قەدەر سېتۋالغان كىشلەر ئىچىدە ماتېرىيال سۈپتىدىن ئاغرنىپ باققانلارنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ باقمدىم. ئەگەر ئالاھىدە سېلكىنش ۋە ئۇرۇلغان ئەھۋاللار بولسا ياڭراتقۇنىڭ سىمى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولشى مۇمكىن، ياكى كۆپ ۋاستە كارتا ئورندىن مىدىراپ كەتكەن بولشى مۇمكىن... تەكشۈرۈپ بېقىڭ...قوللىغنىڭىزغا رەھمەت....

atella يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 17:10:08

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-29 11:08 static/image/common/back.gif
مەنمۇ بالامغا بىرنى ئىلىپ بەرگەنتىم بالامنىڭ ئانا تىل  ...

سىز قايسى شەھەر ناھيدىن ئىكەنلكىڭىزنى بلمىدىم. ئەمما ھازىر شىنجاڭنىڭ پۈتۈن ناھيىللىردىكى ئاساسلىق تاللا بازارلىرى ۋە چوڭ دۇكانلاردا تاپقلى بولىدۇ، ئۈرۈمچى، قارىماي ،بورتالا،كورلا،ئاقسۇ،غۇلجا ،ئاتۇش،قەشقەر..خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت ناھىيلەردە بىۋاستە سېتىش دۇكانللىرى بار....

napalyun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 17:31:30

قانچانكى بىر خەۋەردىن كۆردىمكىن مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتنى قايسىكىن بىر شىركەتنىڭكى بازارغا سالغانلىقىنى كۆرگەنتىم بىراق بەك دىققەت قىلىپ كەتمەپتىمەن

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 04:07:27

ئىشلىرىڭلار بەركەتلىك بولسۇن {:92:}

metro يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 09:41:37

بولسا مىللى كارخانىلىرىمىز يەنىمۇ تەرەققى تاپسۇن!ھەممىمىز ئاللاھتىن ئىشلىرىڭلارنىڭ روناق تېپىشىنى تىلەيمىز!

seraph يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 10:47:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   seraph تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 10:50  

ۋاللەينىڭ بۇندىن كېيىنكى مەھسۇلاتلىرىدا خاسلىق يارىتىلسا .ئۆتكەندە تاۋباۋ ۋە ئەلى بابا تورىدىن بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئىزلەۋېتىپ ،ئىچكىرىدە ئىشلەنگەن خەنزۇچە ھېكايە ئېيتىدىغان بىر توشقانچاققا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . قارىسام سىرىتقى شەكلى پۈتۈنلەي ۋاللەيگە ئوخشايدىكەن . ۋاللەي ئەسلى مۇشۇنىڭ سىرتقى شەكلىنى دوراپتىكەن . بەلكىم كاللاڭلارنى ئازراق ئىشلەتكەن بولساڭلار ئۆزگىچە بىر ۋاللەي ئوبرازىنى لايىھىلەپ چىقار بولغىيتىڭلار .
ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا ، بالىلار ياخشى كۆرىدىغان قارلۇق يارتقان كارتون ئوبرازلىرىدىن پايدىلانغان بولساڭلارمۇ بولاتتى ، ئەلۋەتتە بۇ ھەقتە قارلۇق شېركىتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرساڭلار ، ئۇلارمۇ ياق دىمەس بولغىيتتى ...

http://www.1688.com/chanpin/-BDB2B9CACAC2CDC3D7D3.html
http://detail.1688.com/offer/42077004944.html?spm=a261b.2187593.1998088710.1&tracelog=p4p

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 11:23:42

{:112:}

ozyurt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 11:41:11

seraph يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 10:47 static/image/common/back.gif
ۋاللەينىڭ بۇندىن كېيىنكى مەھسۇلاتلىرىدا خاسلىق يارىت ...

نەق گەپنى قىلىپسىز! قوينڭدىن تۇكۇلسە قونچۇڭغا دەپتىكەن!
قارلۇقنڭ كارتونلىرنڭ مىللى ئالاھدىلكى كۇچلۇك!

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 13:43:35

باشقا شەكىلدە ياساش تەس ئەمەس . ۋاللەينىڭ ئاساسلىق بىلىم ھوقۇقى ئۇنىڭ مەزمۇنىدا. ئوخشاش مەزمۇنلارنى قانۇنلۇق ھالدا يىغىپ، ئوقۇتۇپ تارقىتىشقىمۇ كۆپ مەبلەغ كېتىدۇ. ئىشلەتكەن ماتىرياللارىمۇ خېلى ياخشىكەن، بولۇپمۇ توشقانچاقنىڭ ئاۋاز ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. مۇشۇنىڭدەك ياخشى ماتىرياللار بىلەن تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ بازارغا سالىدىغان ئىش بولسا باشقىلارنىڭ باھا جەھەتتىن ئۈستۈنلۈك ئىگىلىشى ناتايىن.
سۈپەتنى قوغلاشماي ۋەزىپە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىدىغانلارغا ئەلۋەتتە ساختا مەھسۇلاتلار يارايدۇ.
مەيلى قايەردە ئىشلەنگەن بولسۇن، سۈپەتلىكىنى ئېلىڭ، ئۇيغۇردىن ئېلىڭ.

walley يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 15:19:18

پىكىر قاتناشتۇرغان بارلىق دوستلارغا تەشەككۈر ، ۋاللەي شىركىتى بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىدە مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئوبرازلار ئەكىس ئەتكەن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمىز ، بۇ ئېنچىكە ھەم قول تۇتۇىدىغان ئىش بولغاچقا ۋاقىت سەل كەينىگە سۈرىلىپ كەتتى ، لىكىن ئۆز مىللى ئالاھىدىلىكىمىزگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش شىركىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر تۈرى سۈپىتىدە ئېلىپ بىرىلىۋاتىدۇ،  يۇقىرى ئەقىلى ئىقتىدارلىق ۋە مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىش ھازىرقى مۇھىم خىزمەتلىرىمىزنىڭ بىر تۈرى.

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 16:33:50

مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىش تارقىتىش يوللىرىغا كۈچەپ قويساڭلار

ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ ئاجىز بىر تەرىپى شۇكى، مەھسۇلاتنىڭ سىرتىغا يادرولۇق قىسىملىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، سېتىش تورىغا،سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ
كۆپىنچە مەھسۇلاتنىڭ شەكلى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ
ۋەكالەتچىلەر خاتا تاللىنىپ قالىدۇ،سېتىش ئورۇنلىرى خاتا تاللىنىدۇ، بازارغا سېلىش ۋاقتى مۇۋاپىق تاللانمايدۇ
سېتىشنىلا بىلىپ خېرىدارلارنىڭ پىكىر تەكلىپلىرى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، مەھسۇلات بۇزۇلسا رېمونت قىلىدىغان يەر تاپقىلى بولمايدۇ

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 17:04:53

مەنمۇ ۋاللەيدىن بىرنى سېتىۋالاي دېگەنتىم
ئەمما ئۆزەم تۇرۇشلۇق جايدا نەدە ساتىدىغانلىقىنى ئۇقالماي، ئېلاندىكى بىر نومۇرغا تېلىفون قىلدىم، مەسئۇل خادىم تېلىفوننى ئالغاندىن كېيىن ، بىر ھازا ئىزدەپ يۇرتۇمدىكى ۋەكالەتچىنىڭ نومۇرىنى ئېيىپ بەردى
ۋەكالەتچى تېلىفوننى ئالغاندىن كېيىن مەن ۋاللەي قونچىقى ئالماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيىتسام، ۋەكالەتچى ئۆزىنىڭ يىغىندا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ يانفوننى قويۇۋەتتى
سوغۇق مۇئامىلىدىن رەنجىپ قايتا تېلىفون قىلمىدىم، بىر ئېغىز دۇكان پالانى يەردە دەپ قويسىچۇ كاشكى،ئەپسۇس
كېيىن باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ۋاللەينى مەلۇم كىتابخانىدا ساتىدىغانلىقىنى بىلدىم، ئۇ يەر ئادەم شالاڭ يەر ئىدى، ھەم ئۇيغۇرلارمۇ ئانچە كۆپ بارمايتتى شۇنداقتىمۇ بىرنى سېتىۋېلىپ كېلىش نىيتىدە شۇ يەرگە باردىم
ئەپسۇس دۇكان تاقاقكەن،ئامالسىز قايتىپ كەلدىم
ئادەم ئېلاننى ئاڭلاپ  مەھسۇلاتنى  سېتىۋالاي دېسە قولايسىز بولۇپ قالسا، سېتىۋىلىش قولايراق، يېقىندىكى مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدىكەن
ھەم باشقا شېركەتلەرمۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ بازارغا كىرىۋالىدىكەن

yawa يوللانغان ۋاقتى 2014-12-30 17:14:38

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 17:04 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ۋاللەيدىن بىرنى سېتىۋالاي دېگەنتىم
ئەمما ئۆزەم  ...

يەرشارى كىتابخانىسىغا بېرىپسىزدە:lol

kilimat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 09:50:54

ئەجرىڭلارغا تەشەككۈر!harunjan نىڭ تەكلىپ لىرىنى قوللايمەن ئەشۇ نۇقتىلارنى تەرتىپكە سېلىڭلار ‹‹خوجايىننى يوقاتقان،تاڭجاڭ بوپقالمىسۇن››
بەت: 1 [2] 3
: ۋاللەي شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى