tvman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 11:08:14

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 17:04 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ۋاللەيدىن بىرنى سېتىۋالاي دېگەنتىم
ئەمما ئۆزەم  ...

سىز ئىزدىگىنىڭىز قەيەرنىڭ ۋاكالەتچىسى؟

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 14:08:07

بالىلار قېيداپ يەرگە ئاتسا قاڭقىپ چىققۇدەك، سۇغا تاشلىسا سۇ ئۈزەلىگۈدەك ياساڭلار {:112:}

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 14:55:42

ئاۋاز  ئالالامدۇ

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-31 17:17:28

بولسا ،قازاقچە،ئۆزبېكچە..قىلىپ مەھسۇلات چىقارساڭلار،قوشنىلارمۇ مەنپەئەت ئالالىغۇدەك

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 11:41:18

نەزەر دائىرىنى كەڭرەك تۇتىلى. بۇ نەرسىنى زاۋۇتتا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ سەككىز مىڭنى ياسايسەن دەپ شەرتى بار، ھازىرچە مەيلى ۋاللەي ياكى چىم چىم بولسۇن سىرتقى شەكلى تەييار مودېللارنىڭ ئىچىگە ئاۋاز سەپلەپ ئىشلەۋاتىدۇ.
چىم چىمنىڭ ئىچىگە 90-يىللىرى نەشىر قىلىنغان «بوۋام ئېيتقان ھېكايىلەر، قىزىم ئېيتقان ناخشىلار»ناملىق ئىككى سائەتلىك ئۈنئالغۇ لېنتىسى تولۇق كىرگۈزۈلۈپتۇ،ئۇ لېنتىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئورنى بولماس. ئاۋاز ھۆججەتلىرىنى تەييار قىلىشقا كەم دېگەندە ئوتتۇز قىرىق مىڭ كېتىدۇ، ئاندىن تەييار مودېلنىڭ ئىچىگە شۇلارنى تىقىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۆزەك (ياكى قېلىپ) ياسىلىدۇ، زاۋۇت ئەڭ كەم دېگەندە سەككىز مىڭ ياكى ئون مىڭنى ياسايسەن دەيدۇ. بىر تالنىڭ تەننەرخى يىگىرمە يۈەن ئەتراپىدا بولسا ئونمىڭى ئىككى يۈزمىڭ. بىرلا خىل مەھسۇلاتقا قاراپ ئولتۇرغىلى بولمايدۇ، كەم دېگەندىمۇ ئۈچنى ياسىتىش كېرەك. پۇلى نەچچە بولدى؟ ھېسابلاڭلار. رىقابەت كۈچى ئاجىز دېيىشتىن بۇرۇن مۇشۇنداق مەھسۇلات بازارغا سېلىنغانمۇ،بازىرى قانداق دېگەننى ئويلاشماي بولماس، دەسلىپىدە بىرەر مىلىيوندىن ئوشۇق خەجلەپ ئىككى ئۈچ خىلنى سەپ بېقىپ بازارنىڭ قوبۇل قىلىش كۈچىنى دەڭسەپ بېقىپ، قوبۇل قىلالىسا ئاندىن ئاستا-ئاستا كۆپەيتىدىغاندۇ؟؟
ۋاللەينىڭمۇ ھازىر يېڭى مەھسۇلات تۈرلىرى چىقتى، چىم چىمنىڭمۇ ئىككىنچى ئايغىچە جەمئىي مال تۈرى ئوندىن ئاشىدۇ. يېپيىڭى بىر مودېلنى ياساش ھەققىنىڭ ئۆزىلا يۈز ئەللىكمىڭدىن ئىككى يۈزمىڭغىچە. باشلامبېشىدىلا نەچچە مىليوننى سېلىۋېتىپ ساتالمىسا، يەنە « ئاقتۇرالماپتۇ» دەپ شاڭخو قىلىدىغانلار يەنە مۇشۇ مۇبارەك ئىزدىنىشتىن چىقماي قالمايدۇ...
تالقان چىققاندىمۇ « ھەممىسى تالقانچى، باشقا نەرسە چىقارماي ئاقچى كۆكچى»دېگەنلەر بولغان. بۇمۇ رىقابەت بىلەن تەرەققىي قىلىدىغان نەرسە بولغاندىكىن، ئاندا كۆزىمىزنى كىچىك قىلمايلى.پۇلنى جىق تاپسا ياسايدۇ ئۇيغۇرچە سىياقلىق ئويۇنچۇقنى.

abduwali يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:06:56

مەنمۇ ئۈستىدىكى يولداشنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن .

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2015-1-2 12:21:23

مەنمۇ ئىككى تەكلىپ بېرەي  ( بىكارغا :lol:lol)
1. ۋاللەي توشقاننىڭ سىرتقى لايىھىلىنىشى ناھايىتى قاتتىق ، ئېغىر لايىھەلەنگەن ئىكەن .. كىچىك بالا دېگەن تاشلاپ ، ئېتىپ ئوينايدىغان گەپ ... ئۇنىڭ نەتىجىسى يا توشقان يەرگە چۈشۈپ زەخمىلىنىدۇ ، يا كىچىك بالىنىڭ بېشىغا ، پۇت-قولىغا چۈشۈپ بالا زەخمىلىنىدۇ !! بۇ بىخەتەرلىك مەسلىسى ئىكەن .. بۇ يەرلەردىغۇ كىشىلەر ئەرز قىلماس بەلكىم...لېكىن ئويلاشماي بولمايدۇ..
2. تاۋباۋ دېگەندەك تور سودىسى قىلىدىغان توربەتلەردە شىركەت نامىڭلاردا ھېسابات تىزىملىتىپ ساتساڭلار مېنىڭچە نۇرغۇن ئادەملەرگە قولايلىق ئەكەلگەن بولاتتىڭلار.. ھازىر توردا نەرسە ئالىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ناھايىتى كۆپ...بۇ سىلەرگىمۇ ئەلۋەتتە جىق قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ!!

umidwar9543 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-24 22:23:31

بىراق بۇ ۋاللەي ئويۇنچۇقلىرى سەل قىممەتكەن،،،،،،،،،،،،
بەت: 1 2 [3]
: ۋاللەي شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئەسكەرتمىسى