tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 13:55:23

تەۋىسيە:ئۇيغۇرچە كىتاب سېتۋىلىش ئاسانلاشتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار!
يېقىندا ئۇيغۇرلاردىكى نوپۇزلۇق توربېكەتلەردە 2015-يىلىنى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش
توغرىسىداگەپلەر كۆپىيىپ قالدى،بۇ ئەلۋەتتە ناھايىتى ياخشى ئىش. كىتاپ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ، كىتاپ ئوقۇش قىزغىنىلىقنى ئاشۇرۇش، كىتاپ ئۇقۇشنى تۇرمۇشىمىزدىكى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىىيىنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ كىشىلەر كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكنى بىلىدۇ.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان تورسودا سۇپىسى
تاۋارىم تورسودا سۇپىسى بىلەن ئۆزتۇغ كىتابخانىسى رەسمىي ھالدا ھەمكارلىشىپ كىتابلارنى توردا سېتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى.
مەيلى سىز ئېگىز بىنالارغا تولغان ئاۋات شەھەردە بولۇڭ،ياكى يىراق يېزا قىشلاقتا بولۇڭ،
ئۆزتۇغ كىتابخانىسى بىلەن تاۋارىم تورسودا سۇپىسى سىز ئېھتىياجلىق بولغان كىتابلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەڭ ئەرزان باھادا سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش  ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشايلى!
كىتاب ئۇقىمىغان كىشىنىڭ كىتاب ئۇقۇيالمايدىغان كىشى بىلەن پەرقى يوقتۇر.
مەنزىل : http://oztugh.tawarim.com

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:20:35

مال بارغاندا پۇل تاپشۇرۇشقا بۇلىدۇ  .
http://oztugh.tawarim.com

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:22:01

بەكلا ياخشى بوپتۇ.سىلەرگە ئۇتۇق تىكلەيمەن.تېخىمۇ زورىيىپ تەرەققىي قىلىڭلار!

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 14:57:58

بەك ياخشى بوپتۇ، يېڭى كىتابلارنى ئۆزتۇغدىن، كونا كىتابلارنى «قۇتاغۇبىلىك»تىن سېتىۋالساڭلار بولىدىكەن. «قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىسى»نىڭ تور ئادىرىسى :http://shop.kongfz.com/166793/

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:23:52

ياخشى بوپتۇ،ياخشى باشلىنىش.سىلەرمۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ،بۇ يىلنى كىتاب سېتىش يىلى قىلايلى دەپسىلەر-ھە؟!:lol:P بالىلارنىڭ رەسىملىك كىتابلىرىدىن قايسىلار بار؟

rasheed يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:25:03

lopnuri يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 14:57 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى بوپتۇ، يېڭى كىتابلارنى ئۆزتۇغدىن، كونا كىتا ...

بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. «قىسسەسۇل ئەنبىيا»نىڭ يېڭى نۇسقىسىنى 120 يۈەنگە سېتىۋالغانىدىم. تاۋارىمدا 109 يۈەن تۇرىدۇ. باھاسىدا بەزى كىتابلارنى چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ.
لېكىن ئاۋۇ «قۇتادغۇبىلىك» كونا كىتابلار بېتىگە كىرسەم بىر قىسىم كىتابلارنىڭ باھاسى نورمال باھادىن خېلىلا يۇقىرى تۇرىدۇ.  بىر تال ژورنالغا 300 يۈەن باھا قويۇپ قويۇپتۇ. ئۇ ژورنالنىڭ ئۇنچىلىك قىممىتىمۇ يوق بولمىسا.
ئاندىن ئاۋۇ «زۇنۇن قادىرى ئەسەرلىرى» كىتابخانىدا ئۆز باھاسىدا 50 يۈەندىن سېتىلىۋاتسا(قەشقەردە شۇنداق) ماۋۇ تور بەتتە 100 يۈئەن ئىكەن.
شۇڭا ئويلىنىپراق باھا قويساڭلار.

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:34:49

:)ياخشى باشلىنىش ، سىلەرنى قۇلىمىزدىن كىلىشىچە قوللايمىز ، قېنى بىر كىتاپ سېتۋېلىپ سىناپ باقاي !

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:41:45

ناھايتى ياخشى بوپتۇ ،   ( مەن ئىراندا چوڭ بولدۇم ) دىن بىرنى ئالاي {:112:}

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:44:03

تاۋارىم تورىدىكى ئۆزتۇغ كىتابلىرى باھاسى بازار باھاسىدىن ئەرزان ، كونا كېتابلار بازىرى بىزنىڭ ئەمەس ، ئىككىسىنى ئالماشتۇررپ قۇيمىسىڭىز ، ئۆزتۇغ كېتابچىلىقى ئامال بار باھانى ئەڭ تۆۋەن قىلىپ بەرمەكچى

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 15:56:29

تۆت خەلىپىدىن بىرنى 27 سومغا سېتۋالدىم نەچچە كۈنلەردە كىلە :lol

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:03:05

سىزگە بىر كۈندە بارىدۇ ، تىز بوپ قالسا بۈگۈن قولىڭىزغا تىگىشى مۇمكىن ، كىتابخانىدىكىلەر كىتابنى تەييارلاۋاتىپتۇ

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:30:32

باشقىلارغا كىتاپ سوۋغا قىلماقچى بولسا باشقىلارنىڭ ئادرىسىنى توشقۇزۇپ پۇلىنى تۈلۋەتسەكلا شۇ ئادەمگە ئاپىرىپ بىرىدىكەن بۇ بەك قۇلايلىق بوپتۇ

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:36:43

sad~da يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 16:30 static/image/common/back.gif
باشقىلارغا كىتاپ سوۋغا قىلماقچى بولسا باشقىلارنىڭ ئاد ...

ئالامەت ياخشى پىكىر ،  سۇۋغاتلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى باشقىلارغا كېتاب سۇۋغا قىلىش

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:37:37

ياخشى باشلىنىش      

ansar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 16:47:03

قىلغان ئىشىڭلاردىن ئاۋال اللا ئاندىن قالسا بارلىق كىتاپ سۇيەر قېرىنداشلار رازى بولسۇن...

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:14:43

تاۋارىم تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىغا تەكلىپ:

سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلاردا قانۇنلۇق ھالدا نەشىردىن چىققان بىر تۈرلۈك كىتابلارنى ئېلكىتابقا ئايلاندۇرۇپ سېتىشتەك قانۇنسىز قىلمىش بار ئىكەن. بۇ ھال ھەر قايسى نەشرىياتلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزى مەبلەغ سېلىپ كىتاب چىقىرىۋاتقانلارنىڭ ھەققىگە قىلىغان خىيانەت.
شۇڭا، تاۋارىم تورىنىڭ ئۆز تور بېكىتىدە بۇنداق قانۇنسىز سودا قىلىدىغان پارازىت قۇرۇتلارغا ئورۇن بەرمەسلىكىنى، ئۆز تور بېكىتىنىڭ ئوبرازىنى ۋە خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تورداشلار بۇ پىكىرىمنى ئورۇنلۇق كۆرسەڭلار سىلەرمۇ بۇنداق قىلمىشلارغا قارشى تۇرساڭلار ھەم ئۇنداق ھارام سودا قىلىدىغان پارازىتلاردىن مال سېتىۋالمىساڭلار.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:15:51

بۇ مەسىلىدە تاۋارىم مەسئۇللرىدىن جاۋاب كۈتىمەن.

قانۇنسىز سودا قىلىدىغان تور پارازىتىنىڭ تور تاۋارىمدىكى دۇكان ئادرېسى:
http://tawarim.com/goods-2888.html

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:17:26

XXXXYXXXX يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 15:41 static/image/common/back.gif
ناھايتى ياخشى بوپتۇ ،   ( مەن ئىراندا چوڭ بولدۇم ) دىن بى ...

ئۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ بولۇپ پۇشايمان قىلىسىز. ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتابلار ئارىسىدىكى ئەڭ لەنەتگەردى كىتاب بۇ.

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:18:54

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 17:15 static/image/common/back.gif
بۇ مەسىلىدە تاۋارىم مەسئۇللرىدىن جاۋاب كۈتىمەن.

قانۇن ...

ھە ، بۇ ئېلكتاب سېتىش قانۇنغا خىلاپمۇ . ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ياكى باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسگە دەخلى تەرۇز قىلغان بولسا
دەرھال ئۈچۈرىمىز ۋە دۇكىنىنى تاقايمىز .

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:36:04

مۇشۇ توردىكى ھەقسىز  ھەرخىل ئىلكىتاپ، ئاۋازلىق كىتاپلارنى قانداق چۈشەنسەك بۇلا ؟
كىتاپخانىغا كىرىپ قارىسىڭىز باھاسى 60 نەچچە يۈئەن 40 نەچچە يۈئەنلىك كىتاپلارنى يېرىم سائەتتە چۈشۈرىۋالالايسىز. تورخانىدا چۈشۈردى دىگەندىمۇ پەقەت ئىككى كوي بىلەنلا چۈشۈرۋالغىلى بۇلىدۇ. يازغۇچىلارنىڭ جاپالىق ئەجرىنى بىكارغا تورغا تارقىتۋەتسە بۇ ھەقتە ھازىر مەمەلىكىتىمىزدە قانداق قانونلار بار ؟ يازغۇچىلېرىمىزبۇنىڭغا قانداق قارايدىغاندۇ؟
بەت: [1] 2 3 4
: تەۋىسيە:ئۇيغۇرچە كىتاب سېتۋىلىش ئاسانلاشتى