tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:44:06

begmurad يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 17:36 static/image/common/back.gif
مۇشۇ توردىكى ھەقسىزھەرخىل ئىلكىتاپ، ئاۋازلىق كىتاپل ...

ئېلكىتابنى مەخسۇس شىركەتلەر يازغۇچىغا مەنپەت قىلىش ئاستىدا ئىشلەپ تارقاتسا ياخشى بولاتتى
ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنلەرنىڭ ئۇمۇملىشىغا ئەگىشىپ ئېلكتاب بازىرى ياخشى بولىدۇ
،لىكىن بۇنى يازغۇچى بىلەن قانداق ياخشىبىرتەرەپ قىلىش بىزدىكى مەسلە بۇلۇپ قىلۋاتىدۇ
ئەمەلىي كېتاب بىلەن ئېلكتابنىڭ تەنەرقى زور پەرىق قىلىدۇ ، ئەگەر مۇشۇ مەسلە ياخشى ھەل قىلىنسا
يازغۇچىلارمۇ ياخشى مەنپەتلىنەتتى

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:54:01

ياخشى باشلىنىش بوپتۇ... ئۇتۇق تىلەيمەن {:92:}

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:54:48

يەنىلا كىتاب ئاپتۇرى ۋە كىتابقا مەبلەغ سالغۇچىنى تەڭ رازى قىلىش كېرەك. ھازىر ئاڭلىسام ئېلىكتىرونلۇق نەشىر بويۇملىرىغا قارىتا ئايرىم ئىجازەتنامە بار ئىكەن.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:57:12

ئۈن-سىن بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى مۇشۇ ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئوغۇرلۇقچە كۆپەيتىپ تارقىتىدىغان كىشىلەر تەزدۈرۇپ قويدى. كىتابقا مەبلەغ سالىدىغانلارنى بولسىمۇ، تەزدۈرۈۋەتمەيلى!

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 17:58:48

يەنە داۋاملىق ئىسىل كېتابلار يوللىنۋاتىدۇ ، 2000 دىن ئارتۇق نادىر كېتابلارنى يوللايمىز

qarluqf34 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:03:06

قاچقۇنماجۇڭيىڭدىگەنكىتاپنىڭئىلكىتابچۈشۈرۈشئادىرسىنىبىلدىغانلابارمىدۇ ،.،.،

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:05:26

tawarim يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 17:18 static/image/common/back.gif
ھە ، بۇ ئېلكتاب سېتىش قانۇنغا خىلاپمۇ . ئەگەر قانۇنغا...

شۇنداق، ئېلكىتابلا ئادەتتە ھەقسىز بولىدۇ.

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:12:43

rasheed يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 15:25 static/image/common/back.gif
بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. «قىسسەسۇل ئەنبىيا»نىڭ يېڭى نۇسقىس ...

سىز دەۋاتقان قايسى كىتابخانا (قەشقەردىكى)

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:12:57

tawarim يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 17:18 static/image/common/back.gif
ھە ، بۇ ئېلكتاب سېتىش قانۇنغا خىلاپمۇ . ئەگەر قانۇنغا...

براۋ ئاز بولغاندا قىرىق ئەللىك مىڭ، كۆپ بولسا نەچچە يۈز مىڭ، ھەتتا بىر نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ بىر پارچە كىتابنى تولا قاتراپ يۈرۈپ بىرەر يېرىم يىل جاپادا بازارغا سالسا، ھالال ھارام، ۋە ۋىجدان تۇيغۇسى يوق ماڭقۇرتتىن بىرى شۇ كىتابلارنى سكانىرلاپلا ئېلكىتاپقا ئايلاندۇرۇپ بازاردا ئەللىك ئاتمىش يۈەنگە، ھەتتا بىر نەچچە يۈز يۋەنگە سېتىلىۋاتقان كىتابنى 5 يۈەنگە سېتىۋەرسە، بۇنداق بولۇشىغا ئەڭ ئاۋۋال قايسى ۋىجدان يول قويىدۇ؟؟؟ دەماللىقا ئېلكىتاب نۇسخىسىنى سېتىۋېلىش ئومۇملاشمىغىنى بىلەن، ئەللىك ئاتمىش يۈۋەن پۇل خەجلەپ كىتاب ئېلىشقا قارنى ئاغرىيدىغان ئىچىدىمىزدىكى بىر تۈركۈملەر بۇ پارازىتچە سودىغا خېرىدار بولۇپ بەرسە، بۇنداق ناكەس سودا بىر نەچچە يىلدا جەمئىيەتلەشمەسمۇ؟ ئۇ ھالدا نەشرىياتلارنىڭ قوڭىغا سۆيگۈدەك بولۇپ كىتاب نەشىر قىلدۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئەجرى، مەبلىغى قانچىلىك زىيانغا ئۇچىرار؟ سىز تېخىمۇ قانۇنغا خىلاپمىكەن ؟ دەپ سورايسىزغۇ؟
ۋاقتى كېلىپ، نەشرىياتلار ياكى كىتاب سودىگەرلىرى تور بېكىتىڭىز ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ، ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىغاندا، قىزىلكۆز ماڭقۇرتلار «ۋاي بۇ قانۇنغا خىلاپكەن ئەمەسمۇ» دەپ لېۋىنى چىشلەشكەندە، ئاندىن «بۇ قانۇنغا خىلاپمىكەن» دېگەن سوئالىڭىز بۇرنىڭىزدىن بۇلاق چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن.
قانۇن ئېڭىڭىزدىن ئەجەبلەندىم. ئاجايىپ سودىگەر ئىكەنسىز.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:16:57

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 18:05 static/image/common/back.gif
شۇنداق، ئېلكىتابلا ئادەتتە ھەقسىز بولىدۇ.

ئەمما، مىللىي ئاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كىتابقا مەبەلغ سالغۇچىنىڭ تەستىقى بىلەن ئېلكىتابلارنى ھەقسىز تارقىتىۋاتقانلار بولسا، بۇنى يامان دېمەيمىز. ئەمما، تارىم تورىدىكى ئاۋۇ مەلئۇن تىجارەتچى بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئېلكتاب نۇسخىسىنى بەش يۈۋەندىن ساتقىلى تۇرۇپتۇ. مەن مۇشۇنداق چۈپرەندە ماڭقۇرتلار ئۈستىدە گەپ قىلىۋاتىمەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:21:59

    ئىلكىتاب چۈشىرىدىغان مەخسۇس تور بەتلەر بار ، مەسىلەن : مەنزىل ، بىرھون……
   بۇ توربەتلەرمۇ ئىلكىتابلارنى رەتلەپھازىربازاردا بار قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى ھەقلىق قىلىپ، تاپقىلى بولمايدىغان ، بازاردىن ئىلىش مومكىن بولمايدىغانلىرىنىئەھۋالغا قاراپ ھەقسىز قىلسا بولىدۇ

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:26:38

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 18:12 static/image/common/back.gif
براۋ ئاز بولغاندا قىرىق ئەللىك مىڭ، كۆپ بولسا نەچچە ي ...

مىنىڭ قانۇن ئىڭىم تۆۋەن ئۇخشايدۇ ، سىزنىڭ يۇقىرى بۇلسا ئەسكەرتىش بەرسىڭىز بولىدۇ
مىنى ئۇيلاندۇرۇپ قۇيغىنى ئېلكىتاب ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋە چەتئەللەردە بۇ مەسلىنى قانداق
ھەل قىلغاندۇ؟ ئۇنى ئۈچۈرسەم بۇلىدۇ ، بىردەمچىلىك ئىش ،لىكىن يەنە بىرى يەنە ئاچىدۇ ،يەنە تاقىسام
ھەممە ئېلكىتاب دۇكىنى تاقىسام بولىدۇ ، ياخشى ياماننى ئايرىشىمىز كىرەكتە ! شۇڭا سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن مەسلىھەت سۇرىسام قايناپ كىتىپسىز ، رەھمەت ئەجىرڭىىز ۋە دوستانا سىلىق تەكلىپىڭىزگە

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:50:49

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 18:16 static/image/common/back.gif
ئەمما، مىللىي ئاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كىتابقا مەبەل ...

مەنمۇ دېگىنىڭىزنى توغرا دەۋاتىمەن.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:52:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-11 18:56

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 18:21 static/image/common/back.gif
ئىلكىتاب چۈشىرىدىغان مەخسۇس تور بەتلەر بار ، مەسىلە ...

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ بەزى كىشىلەر كىتابنى كىتابخانىدىن سېتىۋالسا، بەزى كىشىلەر شۇ كىتابنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى كىتابنىڭ ئەسلى باھاسىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئەرزان باھادا سېتىۋېلىشى، ياكى توردىن بىكارغا چۈشۈرۈۋېلىشى مۇكىن. كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەرنىڭ ياكى ئەسلى نۇسخىسىنى تاپالمىغانلارنىڭ شۇ كىتابنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى پۇل خەجلەپ سېتىۋېلىشى ياكى توردىن ھەقسىز چۈشۈرىۋېلىشىنى ھەرگىزمۇ يامان ئەھۋال دېمەيمىز، بەلكى بۇمۇ كىتابخۇمارلىقنىڭ بىرخىل ئىپادىسى، ئەلۋەتتە.
ئەمما، دۆلەت ئىچىدە نوپۇسى ئون مىلىيونغا يەتمەيدىغان، كىتاب نەشىر قىلدۇرسا تىراژىنى بىر قېتىملىق باسمىدا ئادەتتە ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق باسقۇزالمايدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقنىڭ كۆپ قىسىمى كىتابتىن يىراق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بىزدەك بىچارە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كىتابقا مەبلەغ سېلىپ كىتاب نەشىر قىلدۇرۇشنىڭ قانچىلىك جاپالىق جەريان ئىكەنلىكى بۇ ئىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا ناھايىتى چۈشىنىشلىك. ئولتورسا قوپسا خەلقنىڭ ساپاسىنى، ئىجتىمائىي ئەھۋالنىڭ ياخشىلىشىنى ئويلايدىغان ۋە كىتابقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆزى ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھېچكىمگە جوجىل قويماي قامداش بىلەن بىرگە جەمئىيەتتە مۇئەييەن دەرىجىدە ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىۋاتقان بىر قىسىم كىتابچىلار تاپقان تەرگىنىنى كىتابقا مەبلەغ قىلىپ سېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا،كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ئەمەس، ئۇنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنىڭ بازىرىنى كۆزلەش خاھىشى بىزگە نىسبەتەن سەلبىي ئاقىۋەت، يەنى كۈتمىگەن ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەگەر ئېلكىتابنى قاراڭغۇ بازارلاردا سېتىش قىلمىشى جەمئىيەتلەشسە، كىتابقا مەغلەغ سالغۇچىلار بارا-بارا كىتاب نەشىر قىلدۇرۇش ساھەسىدىن چېكىنىدۇ. كىتابقا مەبلەغ سېلىش نىيىتى بارلارمۇ قاراڭغۇ بازاردىكى ئېلكىتاب سودىسىنىڭ نەشىرياتچىلىققا سېلىۋاتقان زىيىنىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ ساھەگە مەبلەغ سېلىشتىن چېكىنىدۇ.
ئون مىليون ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى كىتاب ئوقۇيدىغان ئىش بولسىغۇ، كوممىيۇتېرى ياكى ئېلكىتاب قوللايدىغان تېلفونى يوق كىشىلەر يەنىلا كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇۋەرگەن، قاراڭغۇ بازاردا ئېلكىتابچىلىق سودىسى نەشرىياتچىلىققا ۋە كىتاب سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە، جۈملىدىن يېڭى يېڭى كىتابلارنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئانچە بەك زىيان سالالمىغانلىقتىن، نەشرىياتچىلىقمۇ ئۆز يولىدا مېڭىۋەرگەن بولاتتى.
ئەمما، ئون مىليونغا يېقىن نوپۇسنىڭ ئاز ساندىكىسىلا پۇل خەجلەپ كىتاب سېتىۋېلىشقا ئادەتلەنگەن خەلقىمىزگە نىسبەتەن، قاراڭغۇ بازاردا كىتاب سېتىش كەلگۈسىدە كىتاب نەشىر قىلدۇرۇش قىزغىنلىقىغا زور زىيان سېلىشى تەبئىي ئەھۋال.
ھازىر ئوتتۇز قىرىق كويغا چىدىماي، شۇنچىلىك تەننەرختىكى كىتابنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى ئۈچ تۆت كويغا كۈلۈپ تۇرۇپ سېتىۋالساق، ئەتە ئۆگۈن ئەۋلادلىرىمىز ئۆز يېزىقىدا چىقىدىغان نادىر كىتابلار يوق ھېسابىدا بولغانلىقتىن، باشقا يېزىقتىكى كىتابلارنى يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ.
شۇڭا، بىز ئىش قىلىشتا بۇرۇننىڭ ئۇچىنى كۆرۈش پىسخىكىسى بىلەن ئاستا خوشلىشىپ، شۇ ئىشنىڭ سەۋەب نەتىجە مۇناسىۋىتىنى بولسىمۇ ئويلىشالايدىغان ئەقلىيلىك يولىغا ماڭساق، شۇنداقلا قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئىنسان تۈزگەن قانۇن بىلەن ئەمەس، ئەڭ ئاۋۋال ئاللاھ بەرگەن ۋىجدان بىلەن ئۆلچەيدىغان كىشىلەردىن بولالىساق، ئاياقلىرىمىزدىن تىكەنمۇ ئۈنمەس، ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ پۇتىغا سانجىلماس دەپ ئويلايمەن.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:57:06

tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 18:50 static/image/common/back.gif
مەنمۇ دېگىنىڭىزنى توغرا دەۋاتىمەن.

رەھمەت. سىزنىڭ دېگىنىڭىزمۇ توغرا.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 18:58:39

tawarim يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 18:26 static/image/common/back.gif
مىنىڭ قانۇن ئىڭىم تۆۋەن ئۇخشايدۇ ، سىزنىڭ يۇقىرى بۇلس ...

شۇڭىلاشقا، تاۋارىم ئەپەندى مۇشۇ نىيىتىدىن يېنىپ تۇرسا، شۇنىڭ ئورنىغا كىتابنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىشنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قىممىتى ئۈستىدە ئىزدەنسە دېگەن ئۈمىدتىمەن. سىزگىمۇ رەھمەت.

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 19:03:00

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 18:58 static/image/common/back.gif
شۇڭىلاشقا، تاۋارىم ئەپەندى مۇشۇ نىيىتىدىن يېنىپ تۇرس ...

ماقۇل رەھمەت سىزگىمۇ ، ئەمدى ياخشى چۈشەندىم ، ئۇئېلكىتابنى ئۈچۈرۈپ بولدۇم
مۇشۇنداق چۈشىنىشۋالغىنىمىز ياخشى بولدى ، بۇندىن كىيىن قانداق قىلىشنى بىلۋالدۇق

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 19:23:48

قانداق سېتىۋېلىشنى تەپسىلىيرەك يوللىساڭلار   مەسىلەن توردا پۇل تۆلەشكە بولامدۇ،بولسا قانداق ئۇسۇللار بارىكىن .بۇئولۇغ ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي .

nurbilig يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 19:27:49

tawarim يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 18:26 static/image/common/back.gif
مىنىڭ قانۇن ئىڭىم تۆۋەن ئۇخشايدۇ ، سىزنىڭ يۇقىرى بۇلس ...

   ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، تاۋارىم ئەپەندىم! ئالدى بىلەن مۇشۇنداق بىر ياخشى بىر ئىشنى باشلىغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن! ئەمەلىي ھەركىتىمدە قوللايمەن.
   مەن «ئىز» ۋە «ئويغان زېمىن» قاتارلىق كىتابلارنى سېتىۋالدىم، قانچە كۈندە تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولا؟شايار ناھىيسىگە.

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 19:27:51

dillani يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 19:23 static/image/common/back.gif
قانداق سېتىۋېلىشنى تەپسىلىيرەك يوللىساڭلار   مەسىلەن...

توردا ئالىپەي ئارقىلىق پۇل تۆلەپ سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ياكى
زاكاز تالون چۈشۈرۈپ مالنى قولىڭىزغا ئالغاندا پۇل تۆلىسىڭزمۇ بولىدۇ
ياكى تاۋارىم تورىنىڭ بانكا ھىساۋاتىغا پۇل ئۇرۇپ ، تاۋارىمدىكى ئەزا ھىساۋاتىڭىزغا پۇل قاچىلاپ ساقلانما پۇل
ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ . يەنە چۈشەنمىسىڭىز تاۋارىم تورىنىڭ ئۈندىدارۋە تىلفۇن : 13669903233
تاۋارىم تورىنىڭ تىيىنچاق پاراڭلىشش قۇرالى ئارقىلىقھەرقايسى دۇكاندار بىلەن بىمالال ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىپ سېتىۋالالايسىز
بەت: 1 [2] 3 4
: تەۋىسيە:ئۇيغۇرچە كىتاب سېتۋىلىش ئاسانلاشتى