tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 19:32:40

nurbilig يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 19:27 static/image/common/back.gif
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم، تاۋارىم ئەپەندىم! ئالدى بىلەن م ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم
شايارغا 2-3 كۈنگىچە بىرىپ بولىدۇ

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 19:35:31

tawarim يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 19:27 static/image/common/back.gif
توردا ئالىپەي ئارقىلىق پۇل تۆلەپ سېتىۋالسىڭىزمۇ بولى ...

رەھمەت قېرىندىشىم بىلىۋالدىم ۋاقىت چىقىرىپ تەپسىلىي ئارىلاپ كىتابلاردىن سېتىۋالاي .ئامان بولۇڭ .

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 19:36:11

rasheed يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 15:25 static/image/common/back.gif
بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. «قىسسەسۇل ئەنبىيا»نىڭ يېڭى نۇسقىس ...

قېرىندىشىم، سىز دېگەندەك بىر قىسىم كىتابلارنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپ كەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن، لېكىن كىتاب ئالغان ئادەم بىز چىقىرىپ قويغان باھاغىلا سېتىۋىلىشى ناتايىن. سىز دېگەن 300 يۇەنلىك ژۇرنالنىڭ قىممىتىگە كەلسەك، بۇ ژۇرنال ئىككى قىسىم 1986-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئىچكى ماتىرىيال، ناھايىتى كەم ئۇچىرايدۇ، بۇ ئىككى قىسىم ژۇرنالدىكى مۇھىم ئەسەرلەر تۆۋەندىكىچە :مىرزا مەھمۇد جوراسنىڭ «تارىخى رەشىدى زەيلى» تولۇق بېسىلغان، «يەكەن ساداسى» ناملىق تارىخى داستان، «سۇلتان قىرمىش ئاتا تەزكىرىسى»، «بەشەرنىڭ مەككىگە بېرىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشىشى»، «كۇچا ۋاڭلىرىنىڭ نەسەبنامىسى»، «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى»، «قىرمىش ئاتا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «مازار-ماشايىخلار ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تەزكىرىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز» قاتارلىقلار. سىز بۇ ژۇرنالنى قىممىتى يوق دەپسىز، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە زادىي قانداق ماتىرىيالنىڭ قىممىتى بارلىقىنى بىلەلمەي قالدىم. مەنمۇ قەشقەردىكى كىتابخانىلارنى ئوبدان بىلىمەن. بۇ ژۇرنالغا بېسىلغان «تارىخى رەشىدىي زەيلى»نىڭ ئۆزىنىلا 300 يۇەندىن كەم بەرمەيدۇ. ئەگەر «سۇلتان قىرمىش ئاتا تەزكىرىسى»، «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى» قاتارلىقلار ھەر بىرى ئايرىم كىتابچە بولسا، ھەر بىرىنى ئىككى ئۈچ يۈز يۈەندىن كەم بەرمەيدۇ. ناۋادا قىممەت كۆرسىڭىز ئالمىسىڭىزلا بولىدۇ. قىممىتىنى بىلىدىغانلار ئالىدۇ، مەنمۇ بۇ كىتابلارلارنى مۇتقا ئالمىغان.

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 20:18:29

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 18:12 static/image/common/back.gif
براۋ ئاز بولغاندا قىرىق ئەللىك مىڭ، كۆپ بولسا نەچچە ي ...

بۇ تېما بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق گەپلىرىڭىزنى ئايرىم تېمىدىن بىرنى ئېچىڭ، سۆزلىسىڭىز ئاڭلايدىغان ئادەم چىقىپ قېلىشى
مومكىن

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 21:10:21

مۇنۇ ئۇلانمىدا ئېلىكتېرونلۇق كىتابلارنى سېتىشنىڭ قانۇنسىز بولىدىغان ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە خېلى ئوبدان چۈشەندۈرۈش بېرىپتۇ، تېما ئىگىسى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغۇ دەيمەن...

http://wenwen.sogou.com/z/q345785391.htm


sekine يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 21:13:08

بەك ياخشى بوپتۇ. بىزدەك سىرتقا چىقىپ تۇرالمايدىغان خانىم ـ قىزلار ئۈچۈن بەك خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ. مۇشۇنداق توردا كىتاپ ساتىدىغان تور دۇكانلىرىنىڭ قۇرۇلىشىنى ئويلاپ يۈرەتتىم. ئەمدى ياخشى بولدى

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 21:14:52

كىتابلار سەل ئازكەن، يەنە چىقىرارسىلەرمۇ يا؟

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 21:56:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-11 21:59

sahl777 يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 20:18 static/image/common/back.gif
بۇ تېما بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق گەپلىرىڭىزنى ئا ...

گېپىمنى سىزدىن باشقىلار چۈشىنىۋاتىدۇ. بۇ تېمىغا خاتا كىرىپ قاپسىز.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 22:04:53

terjiman يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 21:10 static/image/common/back.gif
مۇنۇ ئۇلانمىدا ئېلىكتېرونلۇق كىتابلارنى سېتىشنىڭ قان ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۇ تور ئادرېسىنى تەمىنلەپ ياخشى قىپسىز.بۇنداق ماڭقۇرتلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسى بېرىش بىلەن بىرگە ئوتتۇز مىڭ يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويىدىكەن. ئەسلىدىلا مۇشۇنداق قانۇن بارلىقى ماڭا ئايان ئىدى. ئەمما، ئىشلىرىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال ۋىجدان تارازىسى ۋە ئىمان تارازىسىدىن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنسەك، قانۇن تارازىسىنى ئاۋارە قىلىپ يۈرمەيمىز ھەم ئۆزىمىزمۇ رەسۋايى ئەزەم بولمايمىز. رەھمەت سىزگە.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 22:08:51

tawarim يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 19:03 static/image/common/back.gif
ماقۇل رەھمەت سىزگىمۇ ، ئەمدى ياخشى چۈشەندىم ، ئۇئېلك ...

رەھمەت. راست ئۆچۈرلۈپتۇ. لىللا سودىگەرلەرگە ئاللاھ ئۆزى كېپىل بولغاي.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-12-11 22:18:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lopnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-11 22:24

rasheed يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 15:25 static/image/common/back.gif
بۇ ياخشى ئىش بوپتۇ. «قىسسەسۇل ئەنبىيا»نىڭ يېڭى نۇسقىس ...



قېرىندىشىم ، سىز دېگەندەك بەزى كىتابلارنىڭ باھاسىدا ئېگىز-پەسلىك كۆرۈلگەن بولىشى مۇمكىن. لېكىن مەن كېسىپ ئېيتالايمەن، مەن قويغان باھا باشقا كىتابچىلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئەمەس. مەن سىز دېگەن قىممىتى يوق ژورنالنى رەسىمگە تارتىپ يوللاپ قويدۇم ، مۇندەرىجىسىگە ئوبدان قاراپ باقارسىز. كونا كىتابلارنىڭ باھاسىنىڭ قانداقلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. بەلكىم سىز كونا كىتاب ئېلىپ باقمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. قەشقەردىكى كونا كىتاب ساتىدىغان دۇكانلارنى ئوبدان ئايلىنىپ كۆرەرسىز.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 07:45:29

مۇھەممەت سالىھ دامۇللام تۈزگەن ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لوغەت بارمۇ ؟ سېتىۋالىمەن.

fistik يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 08:32:38

tawarim يوللىغان ۋاقتى2014-12-11 14:20 static/image/common/back.gif
مال بارغاندا پۇل تاپشۇرۇشقا بۇلىدۇ.
http://oztugh.tawarim.com

مال بارغاندا پۇل تاپشۇرىدىغان ئىقتىدارىنى كۆرمۈدۈمغۇ؟ ساپلا ئاۋۋال پۇل تۆلەپ ئاندىن تاپشۇرۇۋالىدىغانلا تۇرىدۇ......

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 10:17:31

fistik يوللىغان ۋاقتى2014-12-12 08:32 static/image/common/back.gif
مال بارغاندا پۇل تاپشۇرىدىغان ئىقتىدارىنى كۆرمۈدۈمغ ...

زاكاز چۈشۈرۈپ دۇكاندارغا بىلدۇرۇپ قۇيسىڭىزلا بۇلىدۇ ،تاۋارىمدىكى تىيىنچاق ئارقىلىق ياكى كىيۇكىيۇ ۋە ياكى تىلفۇن قىلىپ ئادرسىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز مال بارغاندا پۇل تۆلەشكە بولىدۇ.

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 10:32:30

تۈنۈگۈن سېتۋالغان كىتاپ بۈگۈن قۇلۇمغا تىگىپ بولدى . ئەسلى باھاسى 28 يۈئەنلىك كىتاپكەن مەن 27 يۈئەنگە سېتۋاپتىمەن ، ئۈرۈمچىنىڭ مۇشۇ سوغوقىدا بىرتال كىتاپنى دۇكانغا ئەكىلىپ بەرگىنىڭلار ئۈچۈن شۇنداق سۈيۈندۈم ئاللاھ تىجارىتىڭلارغا بەركەت بەرسۇن .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 11:09:30

مۇشۇ كىتاپخانىلارمۇ زەنجىرسىمان بولسا ياكى كىتاپخانىلار ھەمكارلىشىپ ئۆز-ئارا خىرىدارلارغا يەتكۈزۈش ئىششىنى قىلسا تىخىمۇ قۇلاي بۇپ كىتىدۇ...

tawarim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 11:21:18

sad~da يوللىغان ۋاقتى2014-12-12 10:32 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈن سېتۋالغان كىتاپ بۈگۈن قۇلۇمغا تىگىپ بولدى . ئە ...

رەھمەت قىرىندىشىم ، ئاللا خالىسا داۋاملىق تىرىشىمىز ، يەنەباشقا نەرسىلەرنىمۇ ئۇيغۇرچە ئانا تىلىمىزدىكى سودا تورى تاۋارىمدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ ، سىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز !!!

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 11:45:18

بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ.مەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن، ھەمدە سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 14:20:13

تاۋارىم تورىنى جىق قىرىنداشلىرىمىز بىلمەيدىكەن .تەشۋىقات سەل كەمچىلمۇ قانداق ؟ بولمىسا ئاساسەن ھەممە نەرسە بادەك...

obul21c يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 16:34:02

ئىزدىنىش تور كىتاپخانىمىز دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارغا كىتاپ يەتكۈزۈپ بىرىدۇ.
http://izdinix.taobao.com
بەت: 1 2 [3] 4
: تەۋىسيە:ئۇيغۇرچە كىتاب سېتۋىلىش ئاسانلاشتى