pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 14:42:46

2014- يىللىق ئەڭ مەشھۇر 25 كەشپىيات

يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجات قىلىش كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ نېگىزلىك ھەركەتلەندۈرگۇچىسى . ئالدىنقىسى تەجرىبىنىڭ يىغىندىسى ، نەرسىلەرگە دۇنياغا قايتىدىن تونۇش دەپ قارالسا، كېيىنكىسى بۇ يېڭىلىق يارىتىشنى يېڭى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھەقىقى بەخت يارىتىش ، دەپ قارىلىدۇ . 2015-يىلىغا قادەم قويۇش ھارپىسىدا، ۋاقىت (Time.com)تورى 2014- يىللىق 25 ئەڭ مەشھۇر كەشپىياتنى ئېدىتلاپ چىققان بولۇپ بۇلار يەرشارىدىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك ، گۈزەل ،تېخىمۇ ئەقىلي ئىقتىدارلىق قىلماقتا، ھەتتا بەزى مەھسۇلاتلار تۇرمۇشىمىزنى رەڭگارەڭ قىلىۋەتمەكتە .

1.ماگنېتلىق لەيلىما تېيىلغۇچ -Hendo Hoverboard


1989-يىلى قۇيۇلغان «كەلگۈسىگە قايتىش2-» ناملىق فانتازىيىلىك فىلىمدىكى مارتى مەكفلاي نىڭ (Marty McFly)  ئەكسىي ئېغىرلىق تارتىشى كۈچىدىن پايدىلانغان لەيلىمە سېرىلغۇ كىشىلەرنى ھاڭ تاڭ قالدۇرغان بولسا، خېندو خوۋېربوارد(Hendo Hoverboard) گۇرۇپپىسى بۇنى ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇردى .بۇ سېرىلغۇ تۆت دانە تەخسە شەكىللىك لەيلىمە موتۇر ئارقىلىق ماگنېتلىق مەيدان ھاسىل قىلىپ يۇقۇرلىتىش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. ھازىر بۇ گەرچە ماگنىتسىز ئۆتكۈزگۈچ سۇپىسىدىلا خىزمەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ گۇرۇپپا بۇ تۇساقنى بۆسۈشكە ئىشىنىدۇ .

2.ھىندىستان ئالەم تەتقىقات ئورگىنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان مارسنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمرىيى – مانگالىيان(Mangalyaan)

مانگالىيان(Mangalyaan) ناملىق سۈنئى ھەمرا 9-ئاينىڭ 24- كۈنى مارس ئوربېتىسىغا مۇۋاپىقىيەتلىك كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھىندىستان ئاسىيا بويىچە تۇنجى مارىس تەتقىقات ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان مەملىكەت بولۇپ قالغان،   بو پۈتكۈل تەتقىقاتنىڭ تەننەرقى ئاران 74مىليۇن دوللار بولۇپ، ئامېرىكا  ھىكايە فىلىمى « يەرنىڭ تارتىشىش كۈچى» دىنمۇ ئاز بولغان .
مانگالىيان(Mangalyaan) ناملىق سۈنئى ھەمرانىڭ ۋەزىپىسى پەقەت مارىس ئاتمۇسفىراسىدىكى مېتاننى تەكشۈرۈش بولۇپ ، بۇ ئېھتىمال ئەڭ مۇھىم تەتقىقات تۈرى بولۇشىش مۈمكىن، چۈنكى بۇ مارستا ھاياتلىقنىڭ بار يوقلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،غەرپ ئالىملىرى ھىندىستاننىڭ مارسنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتىغا بەكمۇ قىزىقىدۇ ،  چۈنكى بۇ ياۋرۇپا ۋە  ئامېرىكىدىكى مارسنى تەتقىق قىلىش تۈرى بىلەن مۇكەممەل بېرىكەلەيدۇ .

3.تەننەرقى كۆمۈر يېقىلغۇسىدىنمۇ تۆۋەن بولغان يېڭى ئاتوم بىرىكمە رېئاكتۇرى

ئامېرىكا ۋاشىنگېتۇن ئۇنىۋېرسىتىدىكى ئالىملار بىر خىل ئاتوم بېرىكمە  ئۇقۇم  رېئاكتۇرىنى لاھىيىلەپ چىققان ، بۇ رېئاكتۇر ئەگەر چوڭ تىپتىكى ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسى بىلەن ئوخشاش كۆلەمدە بولسا، ئۇنىڭغا كېتىدىغان يېقىلغۇنىڭ تەننەرقى شۇ كۆلەمدىكى كۆمۈرنىڭ كۆيگەندە چىقىرىدىغان ئېلىكتىرى ئېنىرگىيىسىنىڭ تەننەرقى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن ، بۇ لاھىيە ھازىرقى تېخنىكا ئاساسىدا، ۋاكىئۇم بوشلۇققا بىر ماگنېت مەيدانى ھاسىل قىلىپ پلازمىنىڭ يىتەرلىك ۋاقىتقىچە تۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭدىن ئاتۇم بېرىكمە رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلىش، شۇنىڭ بىلەن قىززىق پلازمىغا تەسىر قىلىپ ئۇنى كۆيدۈرۈش .
رېئاكتۇر ئاساسەن ئۆز-ئۆزىنى قامدايدىكەن، بۇ دىگەنلىك پلازمىنى قىززىتپ ئۇنىڭدىن چىققان  ئىسسىغلىق ئاتۇم رېئاكسىيە شارائىتىنى قامدىيالايدۇ .

4.سىمسىز توكلاش

سىىمسىز توكلاش تېخنىكىسى بارا –بارا ئەقلى يانفۇن قاتارلىق يۆتكەلمە ئەسۋاپلارغا توك قاچىلاشقا يۈزلىنىپ ئومۇملىشىۋاتىدۇ . بىراق ئامېرىكا ماسساچۇستېس شىتاتى ۋاتېر يېزىسىدىكى WiTricity
شىركىتى سىمسىز توكلاش ئارىلىقىنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان ، توك مەنبەسىنىڭ قۇۋۋىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق سىمسىز توكلاش ئارىلىقىنى 2.4مېتىرغا يەتكۈزۈش مۈمكىنكەن، نۆۋەتتە تويوتا شىركىتىنىڭ ماشىنىسى ۋە ئىنتىل ئۆزەكلىك  كومپىيوتېرلىرىدا بۇ سىناق  ئەمەلگە ئاشقان  .
شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە دېرىكتورىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە، ئۆيلەردىكى چىراق، تېلىۋىزۇر، ياڭراتقۇ قاتارلىق ئەسۋاپلارنىڭ توكىنى مەرگىزى توكلاش پونكىتىدىن سىمسىز يوللاش ئەمەلگە ئاشىدىكەن .

5.ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىش تېخنىكىسى

بىر باسقۇ بىلەن سىز كىرەكلىك بولغان  ھەرقانداق ئەسۋاپلارنى بېسىپ چىقىرىش ، بۇ ئاڭلىماققا بىراز فانتازىيىلىكتەك تۇرسىمۇ، بىراق 3 ئۆلچەملىك بېسىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ بۇنداق ئىشلانى تامامەن مۇكەممەل قىلىشقا بولىدۇ . 2014-يىلى 3 ئۆلچەملىك باسقۇ بىلەن قۇرۇلۇشلارنى، يانفۇن ئاسراقچىسىنى ، ماشىنىنى ، ماتۇر زاپچاسلىرىنى بېسىپ چىقىرىش ئەمەلگە ئاشتى .
3D System شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دېرىكتورى Avi Reichental : 'بۇ بىزنى ھەرقانداق ئىشنى  قىلدۇرالايدىغان  تېخنىكا' دەيدۇ .

6.ئەقلى سائەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى قايتا بېكىىتكۈچى- Apple Watch

ئەقلى يانفۇنلارنىڭ ئېكرانى كىچىكلەپ قول سائىتىدەك بولغاندا، تەگمە كونتىرول ۋە قول ئىشارەت بىلەن مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق  بەزى نازۇك كونتىرول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن بولىدۇ، ئالما شىركىتىنىڭ Apple Watch سائىتى ئەقلى قول سائەتلەرگە قايتىدىن پىكىر قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، فىزىكىلىق كونۇپكا، باسما سېزىملىك ئىكران ۋە تەگمە كونتىروللىق ئىشارەت ئارقىلىق قول سائەتلەرنىڭ كېيىنكى مەشغۇلات سېستىمىسغا قايتىدىن ئويلىنىش ۋە لاھىيىلەشنى ئوتتۇرغا قويدى .
==========
داۋامى تېما تەستىقلانغاندىن كېيىن ئىنكاس ئارقىلىق يوللىنىلىدۇ (  باشقۇرغۇچىلار ، ئەگەر بۇ تىما  تەستىقلانمىسا ئۇچۇر قىلىۋەتسەڭلا)

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:21:53

7. بىخەتەرلىكنى ئەڭ ئاساسى ئورۇنغا قويغان ئەقلى يانفۇن –BlackPhone

بۇ يىلقى «دۇنيا كۆچمە ئالاقىلىشىش يىغىنى»دا GeekPhoneبىلەنSilent Circle شىركىتى بىرلىشىپ «قارا يانفۇن» (BlackPhone) دەپ ئاتالغان بىر ئەقلى يانفۇننى كۆرگەزمىگە سالغان بولۇپ، باجدىن كېيىنكى باھاسى 629 ئامېرىكا دوللىرى . بۇ خىلدىكى يانفۇن 4.7 دىيۇملىق ئېكران،2 گېگا خېرتىسلىق تۆت نېگىزلىك  نامەلۇم  ئۆزەك ، 2 گېگا بايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ، 16 گېگا بايىتلىق ئىچقويما ساقلىغۇچ ، 8 مىليۇن پىكسېللىق كامېرا سەپلەنگەن بولۇپ، ئاندىرويىد ئاساسىدىكى ئۆز پىچىملىق  « PrivatOS» سېستىمىسدا ئىشلەيدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:32:47

ئاۋۇ بەشىنچى تېخنىكا 2-3 يىل بۇرۇنمۇ گىپى بۇلىنىۋاتاتتى ...

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 15:48:19

8. دالا زىياپەتلىرىگە ماس ياسالغان توڭلاتقۇچ – Coolest

بۇ توڭلاتقۇچ بەكمۇ سىپتا ياسالغان بولۇپ، سۆرەلمە چاق ئورنىتىلغان،ئۇستىلىق بىلەن لاھىيىلەنگەن ئوقۇرسىمان يان  گەۋدىسىنى يىپ بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرگە باغلاپ قويغىلى بولىدۇ ، يەنە بىر تەرىپىگە ئاجرىلىدىغان سۇدىن مۇداپىيىلىك ياڭراتقۇ ئورنىتىلغان،    USBتوكلىغۇچ،   LED قول چىراق ، بوتۇلكا ئاچقۇچ قاتارلىقلار سەپلەنگەن ،ساندۇق ئىچىدە يەنە ئەنبەل، نەرسە –كېرەك بوشلۇقىمۇ بار بولۇپ، ئۈستى تەرەپكە 18 ۋاتلىق توك بىلەن ئىشلەيدىغان قوچۇغۇچمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان .

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 16:27:46

مۇشۇنداق تۇرمۇشقا يېقىن قوللىنىشچان نەرسىلەرنى بىزمۇ كەشىپ قىپ باقدىغان كۈنلەرمۇ كىلە

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:18:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 17:20  

ئۈچ ئۆلچەملىك بېسىش تېخنىكىسى ،ھازىر زادى قايسى دەرىجىدە تەرەققى قىلدى؟؟ئۆتكەندە كۆرسەم بىر ماشىننى بىسىپ چىقاردۇق دەيدۇ. زادى ھازىر نىمىلەرنى باسالايدۇ. ماتىريالىچۇ ،بىرخىل ماتىريالدىن (مەسلەن سۇلياۋ ،پۇلات ،ئەينەك )تۈزۈلگەن نەرسىلەرنى باسالىسۇن ،ئەمما كۆپ خىل ماتىريالدىن تۈزۈلگەن نەرسىلەرنىچۇ؟
ئويلانمەنلا-ئويلايمەن بىرخىل ئەخمەقلىقتەك بىلىدۇ ماڭا ؟؟:lol
مۇشۇ جەھەتتە بىلدىغانلاربىر سۈزلەپ باقساڭلار!!

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 17:39:04

ئۈچدى پىرىنتىرلاشتىن ھازىر ئادەم مودىلىنى بېسىپ چىقىرىش، قۇرلۇش مودىلىنى بېسىپ چىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۇچراتتىم ئۈرۈمچىدە

acid يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 18:02:59

http://share.vrs.sohu.com/my/v.swf&topBar=1&id=65710947&autoplay=false&from=page
ماۋۇسى HUVrنىڭ تاختىسى ئاخسا ھە؟! لىكىن










يالغان.:lol

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 18:59:56

راست ئاقساكەن .ياسىغان كۆرنىشلەرمىكىن دىسەم ھىچ ئۇنداقتەك تۇرمايدۇ!1:o

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 19:03:07

مىنىڭ بىرىنجىسىغا بولغان قىززىقىشىمنى پەقەتلا بىسىۋالالمىدىم:lol بىراق بىركۈنلىرى ئۇمۇ دەۋىر چاق پەلەكلىرىنىڭ قىرغاقلىرىغا چىقىپ قالىدۇ.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 19:17:17

بەزلىرى شۇنداق ئاددىي كەشپىيات، لېكىن كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلىرىغا گەپ كەتمەيدۇ.
لېكىن ئالما قول سائىتىنى قوشقىنى پەقەت قاملاشماپتۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا iphoneنى قوشسا مۇۋاپىقراق بولىدۇ.  

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 20:25:13

مۇشۇ ئۈچ مىنۇتتا تېلفۇنغا لىققىدە توك قاچىلىغىلى بولىدۇ دەۋاتقىلى خېلى بولدى يا كۆرمىدۇق شۇنداق زەرەتلىگۈچنى..قاچان بازارغا چىقاركىن.

acid يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 20:59:30

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 18:59 static/image/common/back.gif
راست ئاقساكەن .ياسىغان كۆرنىشلەرمىكىن دىسەم ھىچ ئۇندا ...

توردا مۇناسىۋەتلىك ۋىدىئولار بار.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-4 23:42:21

ھېلقى قېرىندىشىمىز ياسىغان گىگانىت موتوسېكىلىتچۇ؟:lol

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 08:05:30

ئۇ موتونى ئىلى دەرياسىدا ساياھەتچىلىگە مىندۈرۈپ رىسىم چۈشىدىغان ئوقەت قىۋاپتۇ.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 08:53:51

9.باشنى كۆتۈرۈپ مەيدىسىنى تىكلەشنى ئەسكەرتىدىغان ئەسۋاپ - Lumo Lift


ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى پالو ئالتو(Palo Alto) دىكى Lumo BodyTech تېخنىكا شىركىتى ئادەم قەددىنى رۇستلاشنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ، ئۇلارنىڭ تۇنجى ئەۋلات Lumo Back بەل تاسمىسىدىن كېيىن، بۇ يىلقى «ئېلىكتېر ئىستىمال بويۇملىرى كۆرگەزمىسى »دە ئىككىنىجى ئەۋلات قاددىنى رۇستلاش ئەسۋابى - Lumo Lift نى ئىلان قىلدى، بۇ چاسا شەكىلدىكى ئەسۋاپ ئومۇرتقا سۆڭەكنىڭ ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ بەدەن بوشاشسا ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى بەرگەندىن سىرىت يەنە بەدەن گېمناستىكىسى ئويناشقا ياردەمچىمۇ بولالايدىكەن ، ئۇنىڭ بىلەن قەدەم سانىنى خاتىرلەش،ماڭغان  مۇساپىنى ئۆلچەش ۋە چېنىقىشتا  سەرپ بولغان ئېنىرگىيە كالۇرىيەسىنى ھىساپلاشقىمۇ بولىدىكەن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 09:28:38

10. توكتا ماڭار ماشىنىمۇ شۇنچە جەلىپكار - BMW i3

BMW ماشىنىسىنىڭ  i يۈرۈشلۈك نۇسخىلىرى ئىچىدە، يېڭىدىن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارغان BMW i3 ماشىنىسى بۇ يىل 7- ئاينىڭ 29- كۈنى بېيجىڭ، نىيۇ-يورك، لوندۇن 3 رايۇندا تەڭلا بازارغا سېلىنىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى ، BMW شىركىتىمۇ i3 نۇسخىدىكى ماشىنىنىڭ چەتئەل باھاسىنى ئىلان قىلدى، بۇ ماشىنى گېرمانىيىدى 2013- يىلى 11- ئايدا بازارغا سېلىنىپ بولغان، باھاسى 34950 ياۋرو ئىدى.
باشلانغۇچ دەرىجىسىدىكى i3 تىپلىق بۇ ماشىنىغا 22 كلىۋاتلىق لىتىي باتارىيىسى ۋە ئەڭ چوڭ  چىقىرىش قۇۋۋىتى 125 كىلوۋات بولغان ماتۇر سەپلەنگەن ،ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى چىقىرىشى 250 نىيۇتون مېتىر ، بۇلار i3 نىڭ يۈز كىلومېترىلىق تېزلىتىش ۋاقتىنى 7.2 سېكۇنتقا كەلتۈرۈپ، سائەتلىك تېزلىكىنى 150 كىلومتېرغا يەتكۈزەلەيدۇ . بىر قېتىم تولۇق توكلىغاندىن كېيىنكى بېسىش مۇساپىسى 130-160 كىلومېتېرغىچە . ئۇندىن باشقا i3 كە يەنە 650cc لىق قوش سېلىندىرلىق ماتۇر سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ ماتۇر باتارىيىنى توكلاشقا ئىشلىتىدۇ ، شۇنداق بولغاندا، بۇ تىپتىكى ماشىنىنىڭ مۇساپىسى 300 كىلومېتىرغا ئۇزىرايدۇ .
BMW شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،  i3 كە ئاستا توكلاش ھالىتىدە تولۇق توكلاش ئۈچۈن 8 سائەت كېتىدىكەن، تېز توكلاش ھالىتىدە بولسا  20 مىنۇتتىلا 80% توكلىنىپ بولىدىكەن،



pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 09:52:30

11.خاتىرە كومپىيوتېرنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان تاختا كومپىيوتېر - Surface Pro 3


مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Surface Pro 3ئاددىلا تاختا كومپىيوتېر بولماستىن بەلكى يەنە ئەلالاشتۇرۇلغان قوغدىنىش قېپى ، سەل چوڭراق تەككۈزمە كونتىرول تاختىسىمۇ بار، 12دېيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ ئىشلەتكۈچىلەرگە تېخىمۇ  زور ئۈنۈم ئەپ كېلىدۇ. بۇ تىپتىكى تاختا كومپىتوتېر ھەتتا نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەرنىڭ  سېتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولغان، مەسىلەن : ئاۋستىرىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، لافتانسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى، كو كا كولا شىركىتى ۋە نۇرغۇن بانكىلار .   
ئىنتىلنىڭ core i3 ئۆزىكى سەپلەنگەن بۇ تاختا كومپىيوتېرنىڭ باھاسى 799دوللار بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن پارچە سېتىش دۇكانلىرى ۋە نۇرغۇن مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا سېتىۋالغۇچىلارغا باھادا ئېتىبار بەرمەكتە .ھېيىت بايرام مەزگىللىردە ،بۇ تىپتىكى تاختا كومپىيوتېرلارغا قىزىققۇچىلار  128گېگا بايتلىق قاتتىق دېسكا سەپلەنگەن تاختا كومپىيوتېر سېتىۋالسا، 100-150 دوللارغاچە چۈشۈرۈپ بېرىدىكەن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:19:09

12.مودا ۋە ئەقلى ئىقتىدارنىڭ مۇجەسسىمى- مەخسۇس خانىملار ئۇچۇن لاھىيىلەنگەن ئەقلى ئۈزۈك Ringly


Ringly ناھايىتى مودا بولۇۋاتقان ئۈزۈك بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە قىسقا ئۇچۇر ۋە تېلىفۇن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتەلەيدۇ . نۆۋەتتە Ringly ئۈزۈكى   iOS  ۋە  Androidسېستىمىلىق ئاشۇق-مەشۇقلار ئۈزۈكىنىمۇ ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ ئۈزۈك ناھاىتى تۆۋەن ئېنىرگىيلىك كۆك چىش ۋاستىسى بىلەن iPhone غا ئۇلىنالايدۇ .ئىشلەتكۈچىلەر ئۈزۈكنىڭ ئوخشىمىغان ئۇقتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان چاقناش ۋە تىترەش ھالىتىگە تەڭشىيەلەيدۇ .بۇ ئەقلى ئۈزۈك ئۈسكىنىلەر ئۇچۇر قۇبۇل قىلغاندا، تېلىفۇن كەلگەندە، كۈنتەرتىپ پىلانىدىكى ۋاقىتتا ۋە ئېلخەت تەپشۇرۇۋالغاندا سىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ . Ringly ئۈزۈكىنىڭ باتارىيىسى 3 كۈن يېتىدىغان بولۇپ، ئۈزۈكنىڭ ئۆزى 18 كاراتلىق ئالتۇندا ياسالغان، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشىغا قاراپ قارا ھېقىق، ئېمېرالىت، ھال رەڭ كۆك ياقۇت ۋە ھەر خىل گۆھەرلەرنى كۆز قىلىپ تاللىسا بولىدىكەن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 10:55:22

13.شەخسىلەشتۈرۈلگەن دورا ساندۇقى- Pillbox


ھەر ئايدا 20 دوللار تۆلىسىڭىزلا، PillPack يەتكۈزۈش سېستىمىسى  ئامازۇن(داڭدار  تېز يەتكۈزۈش شىركىتى) كەبى سىزگە كىرەگلىك بولغان رېتسىپلىق دورىلارنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ . PillPack يەتكۈزۈش سېستىمىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە داڭلىق لاھىيە مەسلىھەت شىركىتى IDEO نىڭ بىر پەپىلەش تۈرى(  Business incubators- «كارخانا چۆجە چىقارغۇچى» دەپ ئۇدۇل مەنىسى بار بولۇپ، كىچىك –مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كېرەكلىك  تاشقى مۇھىت ھازىرلاشنى كۆرسىتىدۇ )  سەۋەپچى بولغان . بۇنىڭ نېگىزلىك نوقتىسى- سىزگە ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق دورىنى دورا قۇتىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك يېشىل قاپقا سېلىپ يوللايدۇ، ئۇنىڭدا ۋاقىت  ۋە كۈن بېسىلغان كىچىك يالتىراق خالتا بار . شۇنداق بولغاندا، بۇندىن كېيىنكى كەھرىۋا رەڭلىك قۇتىلار بۇ خىلدىكى پىلانلانغان ئۇراملىق دورا قېپى تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى مۈمكىن .
بەت: [1] 2 3
: 2014- يىللىق ئەڭ مەشھۇر 25 كەشپىيات