pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 11:20:03

14.ۋىتامىن A كەمچىل بولۇشنى ھەل قىلغۇچى – پەۋقۇلاددە بانان

ئاۋىستارىلىيە كۇنسلاند تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئىسسىق بەلۋاغ ئۈسۈملىكلىرى ۋە ھايۋانلىرىنى تەتقىق قىلىش مەزگىزىدىكى پروففىسۇر James Dale ئەپەندىم نەچچە ئون يىللىق تاتقىقات ئارقىلىق ئاخىرى 2005 يىلى باناندىكى ئوغاقسىمان زەمبۇرۇغ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان سولىشىش كېسىلىگە قارشى ئېممىنۇتلىق «پەۋقۇلاددە بانان»نى كەشىپ قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ باناندا ئادەتتىكى بانانلارغا قارىغاندا مول ۋىتامىن ئا بار ئىكەن .
ۋېتامىن A  ۋە تۆمۈر كەمچىل بولۇش ساخارا قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ئېغىر ئاممىۋى سالامەتلىك مەسىلىسى بولۇپ ،شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن ئافرىقىلىقلار ئۆلۈپ ، قارىغۇ بولۇپ ، ئېممىنۇت كۈچى ئاجىزلاپ ۋە مېڭىسى يىتىلمەسلىكتەك ئاپەتلەرگە دۇچار بولماقتىكەن .بۇ خىلدىكى باناننىڭ تۇپراققا بولغان تەلىپى بەك يۇقۇرى ئەمەس بولۇپ، ناچار مۇھىتتىمۇ ئۆسۇۋېرىدىكەن

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 20:05:29

دورا ساندۇقى ھەجەپ پەيزىكىنا

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 21:16:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 21:19  

     17-قەۋەتتىكى توك ھەم ماتور بىلەن ماڭالايدىغان BMWi3 ماشنىسى بوپ قويىدىكەنغۇ! توك بىلەنلا 170 كىلومىتىرغىچە ماڭىدىكەن، ئېنىرگىيە سەرپىياتى زىيادە ئەرزان دىگەن گەپ. گازلىق ماشىنلاردەك گاز قاچىلاشقا نۆۋەت ساقلاش يوق، پەقەت كېچىسى ئۆي توكىدا ياكى كۈندۈزى ماشنا توختىتىش مەيدانلىرىدا توكلىسا، ئېنىرگىيە مەنبە شارائىتنى ھەل قىلىش ئاسانكەن. توكى تۈگەپ قالغانىمۇ ماتورى بىلەن ماڭىدىكەن، نىمانداق قولاي. 34مىڭ ياۋرو دىگەن نەچچە سومغا تەڭدۇ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-5 22:15:20

400 مىڭ سوملارغا

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 08:57:23

15.يەككە چاقنى توك ماشىنىسىغا ئايلاندۇرغان - Copenhagen Wheel

2009-يىلىلا، ماسسىچۇستېس تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتىكى SENSEable City تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ خىل توكلىق ماشىنا Copenhagen Wheel نىڭ دەسلەپكى شەكلىنى ئىلان قىلغان، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا : بۇ ئەسۋاپنى ھارقانداق ۋېلىسىپىتنىڭ ئارقا چاقى قىلىپ ئورناتقىلى بولىدۇ -دە،  بۇ ۋېلىسىپىت كۆركەم  بىر توكلۇق ۋېلىسىپىتقا ئايلىنىدۇ . شۇندىن كېيىن بۇ ئەسۋاپ سودا خاراكتېرلىق ئىشلىتىشكە باشلىنىپ بازارغا سېلىنغان .
Wheel قا ئورنىتىلغان سېنزۇر ۋەلىسىپىت ھەيدۈگۈچىنىڭ كۈچەش دەرىجىسىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا قوزغۇلۇپ ھەمدەمدە بولىدۇ، مەسىلەن: ئىگىز يەرگە چىققاندا ئېلىكتىماتۇر ھەركەتكە كېلىپ ياردەمدە بولىدۇ، بىراق سىز ئادەتتە نورمال ھەيدىگەندە بولسا ئۇ ھەركەتكە كەلمەسلىكى مۈمكىن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:16:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 09:18  

16.قول ئىشارەت تىلىنى نەق مەيدان تەرجىمە قىلغۇچى تاختا كومپىيوتېرى-MotionSavy UNI

MotionSavy شىركىتى لاھىيەلەپ چىققان بۇ ئاالھىدە تاختا كومپىيوتېر ئىشارەت تىلىنى نەق مەيداندىلا تەرجىمە قىلالايدۇ، بۇ شىركەت ياساپ چىققان بۇ تاختا كومپىيوتېرغا 8دېيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن ،ئېنىقلىق دەرىجىسى 1280*800، Leap Motion سېنزۇرى، مىكرافۇن ۋە مەخسۇس يۇمشاق دېتاللار  سەپلەنگەن .
مېيىپلار قول ئىشارىتى بىلەن «گەپ» قىلغاندا ، Leap Motion سېنزۇرى بۇ قول ئىشارىتىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇنى تەرجىمە دېتالى بىلەن تەرجىمە قىلىپ ئاۋازلىق سۆزگە ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ . ساق كىشىلەر گەپ قىلغاندا بولسا، مىكرافۇن بۇ گەپلەرنى تەرجىمە دېتالى ئارقىلىق خەتكە ئايلاندۇرۇپ ئېكرانغا چىقىرىپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گاس-گاچىلار  بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نورمال ئالاقە قىلىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ .
نۆۋەتتە UNI تاختا كومپىيوتېر تېخى ئېچىش باسقۇچىدا بولۇپ، 300دەك قول ئىشارىتىنى پەرق قىلالايدىكەن ، MotionSavy شىركىتى تېخىمۇ كۆپ سىناققا قاتناشقۇرچىلارنى يىغىۋاتقان بولۇپ ، مەھسۇلات بازارغا سېلىنغاندا  بۇ قول ئىشارىتىنىڭ مىقدارىنى 15000غا يەتكۈزۈشنى ئۈمۈت قىلىۋېتىپتۇ .باھاسى جەھەتتە، 499 دوللار قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ 2015-يىلى 9- ئايلاردا بازارغا سېلىنماقچىكەن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:33:37

17- ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن كۆرەش قىلىشتىكى تازىلىغۇچى ئەسۋاپ -Hemopurifier

ئىبولا ھازىر پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىۋاتقان ۈىرۇس بولۇپ، بۇ سېلىندىر شەكىلدىكى تازىلىغۇچ Hemopurifier نىڭ ھەمكارلىششى بىلەن ۈىرۇسلانغان بىمارنىڭ قېنىنى تازىلىغىنى بولىدۇ، بۇ ئەسۋاپنى Aethlon Medical شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، گېرمانىيىدىكى بىر بىمار ئىشلەتكەندىن كېيىن قاندىكى ئېبولا ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك سۈزۈۋەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 09:53:50

18- ئۆزسۈرەت كالتىكى ۋە ئۆزسۈرەت تارغىقى


ئەگەر 2013- يىلى ئۆزسۈرەت (selfie) پەقەت مودا سۆزلەردىن بولۇپلا تۇرغان بولسا، 2014- يىلىغا كەلگەندە بۇ سۆز تور ئەلەقە مۇھىتىدىكى بەكمۇ ئادەتتىكى بىر سۆز بولۇپ قالدى، مەيلى يانفۇن زاۋۇتلىرى بولسۇن ياكى زاپچاسلىرىنى ياسايدىغان زاۋۇتلار بولسۇن، بۇ ئىقتىدارىنى ئۆزىنىڭ سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم نوقتا دەپ ئۈسكۈنىلەرگە سەپلىمەكتە . بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزسۈرەت كالتىكى ۋە  ئۆز سۈرەت تارغاق مۇداپىيە قېپى 2014- يىلدىكى ئەڭ مودا كەشپىيات بولۇپ قالدى .

RGB يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 12:20:20

ئاخىرى بادۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-6 13:36:39

RGB يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 12:20 static/image/common/back.gif
ئاخىرى بادۇ

جەمى 25، يەنە بار،

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:04:59

19.پەۋقۇلاددە توك تىجەيدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ-QuirkyۋەGE شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئىجات قىلغان Aros ھاۋا تەڭشىگۈچ  

   Arosھاۋا تەڭشىگۈچ Quirky شىركىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، 300 دوللارلىق بۇ ئەقلى ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ كۆرۈنىشى ناھايىتى ئەلا لاھىيىلەنگەن، سىرىتقى رەڭگى ئاق رەڭدە بولۇپ ، بۇرۇنقى رېزىنكە كونۇپكىلىقتىن ھازىرقى چەكمە كونتىرول تاختىلىق قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . بۇ ئۇنىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشىنى تېخىمۇ ئاددى ۋە گۈزەل قىلغان .
تاشقى لاھىيىسىنىڭ ئەلا بولۇشىدىن سىرت يەنە ئۇنىڭغا ئىلغار ئىقتىدار مۇجەسسەملەنگەن، ئوتتۇراھال تېزلىكتىكى  ھاۋا سۈرئىتى شارائىتىدا ، 350 كۇۋادىرات فۇت كۆلەمدىكى ئۆينى تېزلىكتە سوۋۇتالايدۇ ، ئاجرىتىپ يۇيۇشقا بولىدىغان سۈزگۈچ تاختا ۋە ئۇستىلىق بىلەن لاھىيىلەنگەن ھاۋا ئېغىزى Aros ھاۋا تەڭشىگۈچىنىڭ تېزلىكتە سۋۇتۇشتىكى نېگىزلىك يېرى .ئۇندىن باشقا ، Quirky شىركىتىنىڭ Wink يۆتكەلمە ئىشلەش ئقتىدارى سىزنىڭ ئۆيدىكى ئورنىڭىزغا قاراپ تۇرۇپ ھاۋانى پۈركۈيدۇ . بۇ ئىقتىدار يەنە سىزگە نۆۋەتتىكى ھاۋا تاڭشىگۈچنىڭ توك سەرپىياتىنى مەلۇم قىلىپ تۇرىدۇ .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-8 10:21:20

20.جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا ياردەم بەرگۈچى تۈرمە -Blue Room   (كۆك ئۆي)

ئورېگان شىتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ تۈرمىسىگە 200دىن ئوشۇق جىنايەتچى سىغىدۇ ، كۈند 23 سائەت ئاق رەڭلىك تام ۋە تورۇسقا قاراپ تۇرۇۋەرگەندە ئاسانلا روھى بۆلۈنۈش ۋە زوراۋانلىق قىلمىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت تەرەپ جىنايەتچىلەرگە      Blue Room   (كۆك ئۆي)نى ئېچىۋېتىشنى سىناق قىلغان بولۇپ ،  بۇ ئۆينىڭ تېمىغا كەڭ كەتكەن قۇملۇق، ئۆركەشلەۋاتقان شاقىراتما ۋە باشقا دالا مەنزىرىلىرىنىڭ تەسۋىرى قويۇپ بېرىلگەن .

taqwa يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 19:21:51

پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلالايدىغان دۆلەتنىڭ تۈرمىنى باشقۇرۇشىمۇ باشقىچىكەن.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-12 20:53:59

تۈرمىنىڭ تېمىدىكى مەنزىرە سۈرئەتلىرى بار كۆرنىشلەرنى مەن ئون يىللارنىڭ ئالدىدىكى ئامىرىكا كىنولىرىدا كۆرگەندەكقۇ!!!؟؟؟  ھازىر قايسى كىنۇدا بارلىقىنى ئەسلىيەلمىدىم.(ئالماشقان چىراي)دا بارمۇ مۇشۇنداق كۆرىنىش؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 09:10:56

قالغان بەشىچۇ؟ ساقلاپ قالدۇققۇ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 09:31:22

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 09:10 static/image/common/back.gif
قالغان بەشىچۇ؟ ساقلاپ قالدۇققۇ؟

پەلسەپە- دىنى   مەزمۇندىكى تىما  بولمىغاچقا، مەدەت كام بولۇپ قېلىپ  ئاخىرقى 5 كەشپىيات  يوللانمىدى . بىزىگە يەنىلا پەلسەپە كىرەك ئىكەن . :lol
قىزىققۇچىلار ئاخىرىنى مەيەدىن كۆرۈۋېلىڭلار .
http://tech.163.com/photoview/0AI20009/6415.html?1417564308413#p=ACEV51060AI20009

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 09:34:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-12 09:35  

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 09:31 static/image/common/back.gif
پەلسەپە- دىنى   مەزمۇندىكى تىما  بولمىغاچقا، مەدەت كام ...

بەك كاتتا گەپ بوپتۇ. :)
شۇغىنىسى، بۇنى سىز باشلىمىغان بولسىڭىز مەن تۇتۇش قىلماقچى ئىدىم ئۆز ۋاقتىدا. باشلىغاننى ئاخىرىغا چىقىرىۋىتىڭ ئەمدى مېنىڭ مەدىتىم بىلەن. قېنى ماۋۇ گۈللەر چىقمايدۇ، يا - سۇناي دېسەم :lol

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:01:53

تەلەپلەر بويىچە ، ئاخىرىنى يوللىۋىتەي، قۇتۇلالمىغۇدەكمەن . :lol
21- رىئاللىق بىلەن مەۋھۇملىقنى بىرلشتۈرگۈچى ئۈگىنىش قۇرالى –(Osmo) ئوسمو

تەكشۈرۈلىشىچە، كىچىك بالىلار تاختا كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا بەك ئولتۇرۇپ كەتسە، ئاسانلا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىش خەۋپى بولغاندىن سىرت يەنە سېمىزلىك كېسىلى بولۇپ قالىدىكەن.
شۇڭا گۇگۇلنىڭ بۇرۇنقى ئېنژىنىرى  Pramod Sharma  خىزمەتدېشى  Jérôme Scholler  بىلەن بىرلىشىپ بۇ دېتالنى ياساپ چىققان ،
ئوسمو – ئۇ قوللىنىشچان تۇمشاق دېتال ۋە ياردەمچە زاپچاسلاردىن تەركىپ تاپقان يۈرۈشلۈك قۇرال بولۇپ، ، ئايپەد قاتارلىق تاختا كومپىيوتېرلارنى ئۆسمۈر باللىلارنى مەركەز قىلغان رېئاللىقا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلمىسغا ئايلاندۇرالايدۇ . ئۇنىڭ قاتتىق دېتال قىسمى ئاساسەن 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرى تاختا كومپىيوتېرلارنى تىكلەپ تۇرغۇزىدىغان تىرەك ، يەنە بىرى بولسا توختا كومپىيوتېرنىڭ ئالدىغا تەرەپتىكىى كامېرا.خوش، قاتتىق دېتال قىسمىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن ئەمدى ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال قىسمىنى سۆزلەيلى.
قايتۇرما ئىنكاسلىق ئەقلى دېتال بالىلارنىڭ مەۋھۇم دۇنياسى بىلەن رېال دۇنيانى ئۇلايدىكەن، مەسىلەن: مەلۇم قۇراشتۇرما ئويۇنىنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەندە، كامېرا ئۇنى كۈزۈتۈپ تۇرۇپ توغرا بولسا مۇپاكات نومۇرى بىلەن خوش قىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر تەرەپتىن  قول سېلىپ ئەمىلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن بىلىمى ئاشىدىكەن . نۆۋەتتە بۇ دېتال ئالما ئەپ دۇكانلىرىدا سېتىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرچە 3 خىل قوللىنىشچان ئەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: 7 تاختا( ئالگېرا)، خەت تونۇش(ئېلىپبە)، ۋە نىيۇتون (فىزىكا)، ھەر بىر ئەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللىرىى باركەن، مەسىلەن قەغەز، ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى يالتىراق تاختا دىگەندەك .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:09:20

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2015-2-12 11:01 static/image/common/back.gif
تەلەپلەر بويىچە ، ئاخىرىنى يوللىۋىتەي، قۇتۇلالمىغۇدە ...

ئىلىم-پەنگە ئائىت تېمىلارنىڭ بازارلىق بولماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىلىم-پەنگە قىزىقىدىغانلار ھەم\ياكى چۈشىنىدىغانلار ئاز بولغانلىقىدا بولسا كېرەك. نەق شۇ سەۋەب دائىم مۇشۇنداق «خوشياقمايدىغان گەپلەر» بىلەن غىدىقلاپ تۇرغاندا، خوشياقمايدىغانلار بەلكىم ھەجەپ كۆزۈمگە سەت كۆرۈندى دەپ ئولتۇرۇپ چېكىپ سالىدۇ، دە-بولامدۇ نېمە دەپ قىزىقىپ قالسا ۋە شۇ باھانىدە تىرناقچىلىك بولسىمۇ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالسا ھەجەپ ئەمەس. مەنچە بىز ئۈمىدۋار بولايلى ۋە ئۈمىدۋارلىقنى يۇقتۇرايلى. :handshake

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:14:27

22- ئەقلى ۋاسكىتبول-94Fifty


تەنتەربىيە مەشقى سودا سارىيىنىڭ تىجارىتىگە ئوخشاش بولۇپ، سانلىق مەلۇمات ناھايىتى مۇھىم، بۇمۇ دەل نىمە ئۇچۇن مەشقاۋۇللار تەنھەرچىلەرنىڭ مەشقى ئۈچۈن ئىلغار ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىپ، پاس بېرىشتىن تارتىپ ھارغىنلىققچە بولغان   بارلىق جەرياننى كۈزىتىشتىكى سەۋەپ . بۇ ئەقلى ۋاسكىتبولدا 9 دانە سېنزۇر ۋە بىر دانە كۆك چىشلىق ئۆزەك سەپلەنگەن بولۇپ، بۇلار  يۆتكەلمە ئەسۋاپلارغا سانلىق مەلۇمات يەتكۈزىدۇ ، تەنھەركەتچىنىڭ قانچىلىك يايبۇلۇڭدا توپ تاشلىسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرالايدۇ .ئەگەر مۇسابىقىدە بولسا، تەنھەرچىلەرگە  مەشقاۋۇلنىڭ سۈرئەتنىڭ تىخۇمۇ تېز بولۇشى  ۋە بېغىشنىڭ  تېخىمۇ تېتىك بولىشىدەك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى «سۆزلەرپ» يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ . تەنھەركەتچىلەر يانفۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەشق ياكى مۇسابىقە جەريانىدىكى ئەھۋاللىرنى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق بىلەلەيدۇ، ھازىر بۇ  توپنىڭ ئىجاتچىسى   InfoMotion Sports Technologies  شىركىتى بۇنداق توپتىن 100مىڭنى سېتىپ بولغان .
بەت: 1 [2] 3
: 2014- يىللىق ئەڭ مەشھۇر 25 كەشپىيات