pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 11:20:00

22- ئەقلى ۋاسكىتبول-94Fifty


تەنتەربىيە مەشقى سودا سارىيىنىڭ تىجارىتىگە ئوخشاش بولۇپ، سانلىق مەلۇمات ناھايىتى مۇھىم، بۇمۇ دەل نىمە ئۇچۇن مەشقاۋۇللار تەنھەرچىلەرنىڭ مەشقى ئۈچۈن ئىلغار ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىپ، پاس بېرىشتىن تارتىپ ھارغىنلىققچە بولغان   بارلىق جەرياننى كۈزىتىشتىكى سەۋەپ . بۇ ئەقلى ۋاسكىتبولدا 9 دانە سېنزۇر ۋە بىر دانە كۆك چىشلىق ئۆزەك سەپلەنگەن بولۇپ، بۇلار  يۆتكەلمە ئەسۋاپلارغا سانلىق مەلۇمات يەتكۈزىدۇ ، تەنھەركەتچىنىڭ قانچىلىك يايبۇلۇڭدا توپ تاشلىسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرالايدۇ .ئەگەر مۇسابىقىدە بولسا، تەنھەرچىلەرگە  مەشقاۋۇلنىڭ سۈرئەتنىڭ تىخۇمۇ تېز بولۇشى  ۋە بېغىشنىڭ  تېخىمۇ تېتىك بولىشىدەك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى «سۆزلەرپ» يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ . تەنھەركەتچىلەر يانفۇن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەشق ياكى مۇسابىقە جەريانىدىكى ئەھۋاللىرنى سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق بىلەلەيدۇ، ھازىر بۇ  توپنىڭ ئىجاتچىسى   InfoMotion Sports Technologies  شىركىتى بۇنداق توپتىن 100مىڭنى سېتىپ بولغان .

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:01:23

بىز قىزىقىمىز، ھەممىنى يېزىپ بولغاندا ھەممە پۇلۇمنى مۇكاپات قىلىپ بېرىمەن سىزگە :lol
مەن ھاۋا تەڭشىگۈچكە بەك قىزىقتىم، ماڭا نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە ئاشۇ ئىدى. بىز تۇرۇۋاتقان جاي بولۇپمۇ ياز كۈنلۈكى زىيادە ئىسسىق بولغاچقا، بەزى كۈنلىرى ھاۋا تەڭشىگۈچلىرىمىز 24 سائەت ئوچۇق تۇرىدۇ. ئەگەر سەپەرگە چىقماقچى بولساق، ھەممە ئۆينىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىنى ئېچىۋېتىشكە مەجبۇر بولىمىز، چۈنكى نەملىكنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبلىك ئۆيدىكى ھەممە نەرسىلەر كۆكىرىپ، زەمبۇرغ بېسىپ كېتىدۇ. ئىشقىلىپ ئىسراپ قىلىۋەتكەن ئېنىرگىيە ئۈچۈن ئۆزەمنى بەك گۇناھكار ھېسابلاپ كېتىمەن، ھاۋا تەڭشىگۈچ سەۋەبلىك.
ئالمىنىڭ سائىتى ھەققىدە ھەقىقەتەنمۇ ئايرىم توختالغىلى بولىدۇ. ئىشلىتىپ كۆرۈشتىن ئاۋۋال بىر ئەقلىي سائەتقۇ، دېيىشىمىز مۇمكىن، ئۇندىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ئەقلىي سائەتلەر چىققان، لېكىن ئالمىنىڭ بۇ مەھسۇلاتى مېنىڭ ئالمىغا قايتىدىن ئاشىق بولۇشۇمغا يېتىپ ئاشتى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:05:16

23-يىگىلى بولىدىغان ئورالما

ئەگەر سىز داۋىد ئېدۋارد بولمىسىڭىز، «ئورالمىنى يىگىلى بولىدۇ» دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنتىقىسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز، بىراق ۋىكى تائام شىركىتىنىڭ(WikiFoods) قۇرغۇچىسى  كەشپىياتچى داۋاىد ئېدۋارد ئەپەندىم  بىر خىل ئورالما ياساپ چىققان بولۇپ، قېتىق، ئىرىمچىك، ماروژنا قاتارلىق يىمەكلىكلەرگە ئورالما بولىدىغان پوست ياساپ چىققان ، بۇ خىل پوست يىمەكلىكنى تاكى يەپ بولغىچە قوغداپ تۇرالايدىكەن ، بۇنىڭدىكى سىر : بۇ پوست قۇرۇتۇلغان مىۋىلەردىن ياكى شۇ خىلدىكى تەبىي ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇۋاچىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇۋاقچىنىڭ كىچىكلىگىدىن ئۇلار بىر بىرىنى ئېلېكتىرسىتاتىك تارتىشىش كۈچىتارتىپ يىغىلىپ تۇرىدىكەن ، ۋە كالتىسىي، شىكەر قاتارلىق نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ھەر خىل شەكىلدىكى ئورالمىغا ئايلىنىدىكەن. سۇ، ئىسسىق-سوغۇق تېمپۇراتۇرا قاتارلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىكەن ، گەرچە« توڭلىتىلغان قېتىق مەرۋايىت» دەپ ئىسمى بار بۇ يىمەكلىك ئۇنىڭ تۇنجى ئىجايىتى بولۇپ، بۇ يىمەكلىك يەنىلا پارچىلىنىدىغان ئورالمىغا قاچىلىنىپ سېتىلىدىكەن، بىراق ئېدۋاد ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ كەشپىياتىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالما، يەر ياڭىقىدەك سېتىلىپ، يىمەكلىك ئوراشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ئىشلىتىلىپ، ئورالمىغا ئىشلىتىلىدىغان ماتىرياللارنى ئازايتىش ئويى بار ئىكەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:21:12

ئۈستىدىكىسى قىزىقارلىقكەن. لېكىن سىرتىدىكى ئورالمىنى ئىشلەتمىسە يەيدىغان يېرى ھاۋا بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ تۇرسا ئاسانلا مىكروبلىنىپ، مەينەت بولۇپ كەتمەمدۇ؟
لېكىن تېمپىراتۇرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، دېگىنى ئادەمنى قىزىقتۇرىدىكەن. دېمەك، بۇندىن كېيىن ماروژنىلارنى سومكىمىزغا سېلىپ، يېگىمىز كەلگەندە ئېلىپلا كەمپۈت يېگەندەك يېيەلەيدىكەنمىزدە.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 14:33:43

24-تامغا ئېسىلىدىغان رەقەملىك سەنئەت ئەسەر ئېكرانى

نۇرغۇن رەسساملار ئۆز ئەسەرلىرىنى كومپىيوتېرغا تەگلىك قىلىپ تەڭشىۋالىدۇ، بىراق بۇ بەدىىي سەنئەت ئەسەرلىرىنى تامغا ھاسىللاپ قويۇشقا بولامدۇ؟
رەقەملىك سەنئەت ئۇستىسى   Jake Levine  ئۈچ مىليۇن خەجلەپ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، بۇ ئېلىكتىرۇنلۇق شويلا 22×13ئىدىيۇملۇق 1080P لىق ئېنىقلىقتىكى ئېكراندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭغا قارا ۋە ئاق رامكا ئىشلىتىلگەن، 2 گېگا بايتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئىشلەتكۈچى پەقەت يانفۇن ياكى كومپىيوتېردىكى ئەسەرلىرىنى يوللاپ قويسىلا نەچچە سىكۇنت ئىچىدە  رەقەملىك رامكىغا بۇ ئەسەرلەر چىقىپ بولىدىكىەن .بۇ ئېكران كۈن نۇرىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىغا قاراپ ئۆزگىرەيدىكەن ، نور چېقىش تېخنىكىسى بىلەن ئېكرانلاشتۇرۇلغان بۇ ئەسەرلەر خۇددى راستەكلا كۆرۈنىدىكەن .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 15:42:29

25-قەھرىمان قىز قونچاقلىرى-Iamelemental

قونچاقلارنىڭ سۈپەتلىرى، سولدىن ئوڭغا :
باتۇر، كۈچلۈك ،راستچىل، تىرىشچان، قىزغىن، چىدامچان، قورقۇنۇشلۇق.
تەتقىقات ئىسپاتلاپتۇكى، ئاياللارنىڭ خىزمەت ئارزۇلىرى كۆپۈنچە ئۇلارنىڭ كىچىكىدە ئوينىغان ئويۇنچۇقلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىككەن ، شۇڭا ئاللىبۇرۇن ئانا بولۇپ بولغان Dawn Nadeau ۋە Julie Kerwin   باربىي قونچاقلىرىنى(Barbie) تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بۇ قونچاقلارنىڭ قول-پۇت -بەللىرى مىدىرىمايدىغانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلانغان، شۇڭا ئۇلار قەھرىمان قىز قونچاقلىرىنى لاھىيىلەپ چىققان ، بۇ قونچاقلار باربىي قونچىقىغا  ئوخشىمايدىغان بولۇپ،  ھەر بىر قونچاق ئوخشىمىغان سۈپەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن ، مەسىلەن ، قەيسەر، ۋاپادار، سادىق، ..
ئۇلار بۇ لاھىيەسىنى «ھەممە جەم»(crowdfunding- مەلۇم تۈرگە  قوللىغۇچىلار ئورتاق مەبلەغ توپلاشنى مەقسەت قىلغان  تور سۇپا ) تورى Kickstarterغا يوللاپ،  162906دوللار مەبلەغ توپلىغان.
Nadeau خانىم «قىزلارنىڭ دۇنيانى قۇتقۇزىشى »دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايىتى كۈچلۈك ئىددىيە دەپ قارايدىكەن.

سۇڭلاشتى .{:140:}

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 03:43:50

{:112:}

Uyghar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-13 06:36:53

سالام بۇرادەر،
ئاخىرىنىمۇ چىقىرىۋېتىپسىز، ئەجرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

Razil يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 19:00:23

دۇنيادىكى يىڭىلىقلار بىلەن  تۇنۇشتۇرغىنڭىزغا كۆپ رەھمەت

bariber يوللانغان ۋاقتى 2015-2-20 20:39:05

ئاۋۇ دورا ساندۇقى بىزگە لازىملىق نەرسىكەن،ئېرىشكىلى بولارمۇ؟
بەت: 1 2 [3]
: 2014- يىللىق ئەڭ مەشھۇر 25 كەشپىيات