begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 20:12:22

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 04:09:57

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lutpulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 04:14  

  
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  يولداش بېغىر . سىزنىڭ ئىزدىنىشتىكى لاۋزا،داڭقان-پۇتى،باغدىن كەپ قىلسا تاغدىن جاۋاب بېرىدىغان ئوسال مىجەزلىرى بولغاچقا ، بىر نەچچە قېتىم سىز يازغان ئىنكاسىڭىزغا نەقىل ئېلىپ بولۇپ ، بولدى بىز تالىشىدىغان نېمە بار دەپ ئۆزۈمگە ھاي بەرگەنتىم. ھەمدە باشقۇرغۇچىلار تۇرمىگىمۇ جىق سولدى سىزنى ،تۈرمىدىن  چىقىپلا ماشىنا ئېلۋاپسىز. ھېلىمۇ 10 نەچچە كۈن قاماپ قويسا خوندادىن بىرنى ئېلۋاپسىز ، بىر نەچچە يىل قاماپ قويسا مېرسېدېس مىنىدىغان ئوخشىمامسىز. :lol
پىراۋا چىقماستا ماشىنىدىن بىرنى ئېلىپ ،ئىزدىنىشتىكى سىلىنى‹‹بوزەك››قىلغان لۈكچەكلەرگە ماشىنىنى داڭلىغىلى ئالدىراپ كېتىپلا.:lol
ئىزدىنىشتىكىلەر سىلى رازى بولغۇدەك يۇمۇرلۇق چاقچاق بىلەن سىلىنى رازى قىلىدۇ.

ئەمىسە مەن باشلاپ بېرەي. ماشىنىنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى ئاتىلىشى خوندا ئودېسسەي. تېگى ياپۇننىڭ.
ناخشا ئاڭلىغاندا گاز پۇلىدىن  قورقماي ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قوياپ ئاڭلىسىلا، ماشىنىنىڭ ئاۋاز ياڭراتقۇسىدىن رازى بولمىسىلا ماشىنا بېزەيدىغان يەرگە ئاپارسىلا باغداشتا تۇرۇپ ناخشا قويسىلا ئىزدىنشتىكىلەر ئىزدىنشتا تۇرۇپ ئاڭلىغۇدەك ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ، لېكىن ناخشا ئاڭلاۋېتىپ ئۇخلاپ قالمىغايلا ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قويۇپ ئۇخلاش ئىنتايىن خەتەرلىك. ئوت كېتىپ قېلىشى مۇمكىن.
تاساددىبىي ماشىنىلىرىنىڭ ئاچقۇچى يۈتۈپ كەتسە (بارماق بىلەن ئوت ئالدىغان بولسا ئۇ باشقا)ھېلىقى  بەش كويغا ئاچقۇچ ياسايدىغانلارنىڭ يېنىغا بارمىسىلا،ماشىنا ئاچقۇچىنىڭ شېفىرىنى ئۇلار شەشەممەيدۇ.
پىراۋا چىقىپ بىر يىلغۇچە يۇقىر سۈرئەتلىك يولغا يالغۇز چىقمىسىلا، ماشىنىلىرىنىڭ ئارقىسىغا پىراكتىكانىت دىگەن خەتنىڭ يوغىنىنى چاپلاپ قويسىلا،ئۇ خەتتىن قانائەت قىلمىسلا يەنە شۇ ماشىنا بېزەيدىغان يەرگە بېرىپ ئالدىڭدا بېغىر بار دىققەت قىل دىگەن خەتنى باسقۇزۋاسىلىمۇ بولىدۇ.
بۇ ماشىنا باشقا كىچىك ماشىنالارغا قارىغاندا خېلى ئۇزۇن بولغاچقا،ماشىنىنى كەينىگە ياندۇرغاندا بىر ئاز قىيلىنىپ قالىلا شۇڭا كەينىگە ياندۇرغاندا بەك ئەستايىل بولۇپ، بولسا ماشىنىدىن چۈشۈپ قارىۋېتىپ ئارقىغا ياندۇرسىلا ،بىر مېتىر كەينىگە يانغاندىن ئون مېتىر ئالدىغا ماڭغان ياخشى دىگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغايلا . ئارقا ئەينەككە يولنى ئېنىق كۆرگىلى بولدىغان قەغەز چاپلاتقايلا، ھېلىقى باشلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئەينەكنى چاچ تاراشقا ئىشلەتمەتمەي ئارقىنى كۆرۈشكە ئىشلەتكەيلا، بۇ ئەينەك ماشىنا ھەيدەپ ماڭغاندا ئارقىدا كېلۋاتقان ماشىنىلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ،بىر قىسىم ئادەملەر ئارقا ئەينەككە ياستۇق ،ھەتتا يۇتقان كۆرپە قويىۋالىدىكەن بۇ ئىش ئىنتايىن خاتا.
بۇ ماشىنىنىڭ ئارقۇقچىلىقى يەتتە ئادەم ئولتۇرالايدۇ، ئېغىرلىقى ئۇزۇنلۇقىغا قارىغاندا مۇۋاپىق. ياپۇن ماشنىلىر ماينى ئاز يەيدۇ، نىمىشقا ئاز يەيدۇ ماشىنا يەڭگىل شۇڭا ئاز يەيدۇ ،يەڭىگىل نەرسىنى سۆرەپ ماڭماق ئاسان. ئامېرىكا ماشىنىلىر ماينى جىق يەيدۇ كۈچىمۇ بار يەرگە چاپلىشىپ ماڭىدۇ لېكىن تېزلىنىش ئاستىراق. نىمىشقا ماشىنا ئېغىر ،ئېغىر نەرسىنى سۆرەشكە خېلى كۈچ كېتىدۇ،ئېغىر بولغانىكەن يەرگە چاپلىشىپ سىلىق ماڭىدۇ. ھەم ئامېرىكا جاھانگىرلىكى مايدىن قورقمايدۇ، نەدە ماي بولسا ئاۋياماتكىسىنى شۇ يەرگە توغرىلايدۇ. ھازىر ئاپتۇموبىل شىركەتلىرى ماشىنىنىڭ ئېغىرلىقىنى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلىتىپ ئىشلىمەكتە . ھازىرقى ئىلغار تېخنىكا ماشىنا ئېغىر بولسا ياخشى  دىگەن گەپنى نە-نەلەرگە چۆرىۋەتتى.

شۇ بۇ ماشىننىڭ ئارتۇقچىلىقى يەتتە كىشلىك ئۇنىڭدىن باشقا ئارتۇچىلىقى يوق. بۇيىل خوندا شىركىت ئودېسسەيدىن يېڭى ئەۋلاد بىرنى ياسىغان بولسا ۋولىسۋاگېن شىركىتىمۇ رىقابەت ئېلان قىلىپ بىرنى ياسايدۇ،مېرسېدىس شىركىتىمۇ بىرنى ياسايدۇ،تويوتا شىركىتىمۇ بىرنى ياسايدۇ، نىسسان شىركىتىمۇ بىرنى ياسايدۇ ،ھەممىسى بىر-بىرىگە رىقابەتچى:lol
كەمچىلىكىنى ئەتە يازاي.

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 06:00:11

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 04:09 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  يولداش بېغىر . سىزنىڭ ئىزدىنىشت ...

ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتىمەن، ياخشى يېزىۋاتىسىز. بىزنىڭ ئەدەممۇ موشۇنداقراق ماشىنىدىن بىرىگە كۆزى چۈپتىكەن.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 06:46:36

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 07:05:39

ئايىمايدۇ ياردەمنى چوقۇم، ياردەم بەلكىم بولۇپ كىتىتىدۇ توقۇم.
ماۋزۇنى شىئىردەك قويۇپتىكەنسىز;P

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 07:49:07

ماۋزۇدىن تارتىپ تېما، ئىنكاسقىچە يۇمۇر:lol ئوت باللا بارغۇ ئىزدىنىشتا{:87:}

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:09:26

@Pasiban نىمىش قىلىۋاتقاندۇ بۇبالىنىڭ ماشىنا ھەققىدىكى بىلىمى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى.
زىيادە ئەنسىرەپ كەتمەڭلا قارىماققا باشقا ماشىنىدىن ئۇزۇندەك كۈرۈنگەن بىلەن卡罗拉بىلەن ئۇزۇنلۇقتىكى پەرقى 20cm دىن ئاشمايدۇ.
چۈشەنمىگەن كۇنۇپكىنى رەسىم تارتىپ يوللاڭلار مۇنبەردە ماشىنا ھەۋەسكارلىرى كۆپ .

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:36:16

نەچچە پۇلكەن؟:funk:

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 08:52:29

ئىنكاسقا نۇمۇر قويىدىغان ئىش بولسا لۇتپۇللانىڭ ماۋۇ ئىنكاسىغا 100 نۇمۇر...قاق سەھەردە كەيپىياتىم شۇنداق كۆتۇرلۈپ قالدى دىسە.ھى ھى ھى ھى ، ۋۇ خا خا خا خا خا خا خا خا خا

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 09:04:26

پىراۋىڭىز چىققىچە بىكا بولغانكىن كۈندە ئىككى سائەت ئۇيە بۇيەرىنى كوچىلىسىڭىز بىلىپكېتىسىز .

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 09:56:51

ئەتگەندە بىرنىجى قەۋەتتىكى ئىكاس ھەجەپ ياقتى...مەنمۇ ئاللا خالىسا بىر ماشنا ئالمەن. ئاز قالدى بۇرۇنقىدىن. {:87:}

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 09:57:22

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 11:04:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   udun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 13:06  

ئىككىنچى  قول ماشىنىكەن ھە!

ماشىنىنىمۇ دوستى سوۋغا قىلغان بارمۇ؟:lol  ماشىنىنى تازا نەق پۇلغا ساتماي نىمە قىلغىنىدۇ!:dizzy:

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 11:31:36

بېگىر سورايدىغان سوئاللىرنىمۇ سوراپ بوپتۇ ، ئەمدى چەكلىۋەتسەڭلا بولدىكەنغۇ :lol:lol:lol

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:02:31

horazjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 11:31 static/image/common/back.gif
بېگىر سورايدىغان سوئاللىرنىمۇ سوراپ بوپتۇ ، ئەمدى چەك ...

شامالدىغىلى قوياڭلا دەيمە:lol

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:26:38

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 09:57 static/image/common/back.gif
بىر دوستۇم سوۋغا قىلغان ئىدى . شۇڭا پۇلىسىنى يازمىغان  ...

دوستۇم سوۋغا قىلغان ئىدى دەپ قويۇڭ.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:27:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ATLAN111 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 13:34  

مۇبارەك بولسۇن! قانچىلىك ۋاقىت، قانچىلىك پۇل سەرپ قىلىپ ئالدىڭىز پىراۋىڭىزنى؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:29:59

بىراك ماشىنا ئەمەستۇ ، ماشىنا سوۋغا قىلىدىغانلارمۇ بارمىكەن
  ياكى سىز يىپەك يولى ساداسى ، تەلەي يۇلتۇزى غا قاتناشقانمۇ يا  ھى ھى ھى
  بىر تۇققىنىمىز  مىنمەيدىغان ۋىلسىپىتىنى ماڭا پۇلغا ساتقان

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:32:47

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 09:57 static/image/common/back.gif
بىر دوستۇم سوۋغا قىلغان ئىدى . شۇڭا پۇلىسىنى يازمىغان  ...

ئەللىكمىڭغا بەرسە ئىككىنى ئېلىپ قويسا بولغىدەك. ئۆزى بىجىرىم بولسا 90 مىڭ ئۆپچورىسىگە ئەزان ئۇ

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 13:53:48

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 09:57 static/image/common/back.gif
بىر دوستۇم سوۋغا قىلغان ئىدى . شۇڭا پۇلىسىنى يازمىغان  ...

ئا دوسلىرىغا  دىسلە  ماڭىمۇ  بىرنى  سوۋغا  قىلسۇن  ياكى  مەن  بىلەن  دوس  بولسۇن
بەت: [1] 2 3 4
: ئايىمايسىلەرغۇ ياردەمنى چوقۇم