ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 16:12:30

مۇشۇ كۈنلەردە ماشىنا ئالماقتىن پىراۋا ئالماق تەسمىكىن دەيمەن..............ماڭىمۇ تىزىملىتىپ نەزەرىيە ئىمتاھاندىن ئۈتۈپ بولغىلى بىر يېرىم يىل بولدى................ھەي ئەجەپ بىر،،،،،،،،،،

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 20:05:45

Turker يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 13:32 static/image/common/back.gif
ئەللىكمىڭغا بەرسە ئىككىنى ئېلىپ قويسا بولغىدەك. ئۆزى  ...

پارا  ئالدىمۇ كىم بىلىدۇ ؟

ھېلىقى بىر يۇمۇر بارغۇ ، باشلىققا تېلىۋۇزۇر سوۋغات قىلسا ئالغىلى ئۇنىمايدۇ ، ئەكىرگەن ئادەم بۇنى پۇلغا ئالغان بۇلۇڭ ، 50 كوي بىرىڭ ،شۇنىڭ بىلەن پارا ئالغان بولمايسىز دىسە ، 50 يۈەنلىك تىلىۋۇزۇر بولسا ئىككىنى ئالاي دەيدىغان ...

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 20:54:34

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 09:57 static/image/common/back.gif
بىر دوستۇم سوۋغا قىلغان ئىدى . شۇڭا پۇلىسىنى يازمىغان  ...

ماشىنا خوتۇنغا ئوخشايدۇ دەيدىغان گەپ بامىش.

karima99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 22:02:02

ياخشى دوستىڭىز باكەن :shutup:

Tugrul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 23:44:54

ماشىنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۇرۇندۇقنىڭ ئىككى بېقىنىغا بىر قاراپ باققايلا، ئاشۇ يەردە بىرەر كۇنۇپكىلار بولسا تولغىغاچ ئۇرۇندۇقنى راھەت قىلىپ تەڭشىگەيلا. ئاندىن كىيىن ئارغامچىدەك بىر تاسما بار، شۇنى تاقىغايلا. ئۇرۇندۇققا چىقسىلا، ماشىنىدا خوت دەيدىغان بىر نەرسە بار، ئاشۇ خوتنىڭ بېقىنىدا كىچككىنە بىر نەرسنى كۆردىلما، قايسىكەن دىمىسىلە. ئاۋۇ قوچقارنىڭ مۆڭگۈزىدەك تۇرغان نەرسە شۇ . ئاشۇ نەرسىنى بارغۇ، تازا چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، تۇرمۇز دىگەن گۇيتوزىنى تازا دەسسەپ تۇرۇپ،  D بەلگىسىگە ئەكەپ، تۇرمۇزنى قۇياپ بەرسىلە، قايسى تۇرمۇزنى دەملا، ئىۋۇ ماشىنىنىڭ ئىۋو پاچاق قويغان يەرگە قاراپ بەرسىلىرى، ئىككى دانە پىدالدەك نەرسىنى كۆرىلا، ئاشۇ يەردىكى ئوڭدىن سانىغاندا، ئىككىنجى پىدال. ھە ئاشۇنى قۇياپ بەرسىلە ماشىنا مىڭىشقا باشلايدۇ. ئەگەردە ماڭماي قالسا، كالتەكتەك ئۇزۇن بىر نەرسە بار قول تۇرمۇز دەيدىغان. ھە ئاشۇ نەرسىنى قۇياپ بەرسىلىرى. مىڭىشقا باشلايدۇ.  R ئەكەپ بەرسىلە ئارقىغا ماڭىدۇ. تىك داۋانغا ياماشقاندا چۈشكەندە S غا ئەكەپ ھەيدىگەيلا.

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 23:46:24

شەھلادەم جاۋاب بەرسۇن {:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 00:01:33

ئارتۇقچىلىقى ماينى قولاققا كەلگۈچە دەسىسەڭ ئۇچىدۇ، كەمچىلىكى ئۇچۇپ بىرىپلا ماز ماشىنىنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇچۇشتىن بۇرۇن ئوت ئالدۇرىۋالا، ئوت ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن ئاچقۇچنى بۇرىۋەت، لېكىن سەمىمىي نەسىھىتىم، يېڭى ماڭغاندا ناخشا ئاڭلىما، چۈنكى ماتورنىڭ، ئۇنىڭ، بۇنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ ماڭىسەن، شۇ ئاۋازلارنى ئاڭلىمىساڭ رولغا ماسلىشالمايسەن، مىس مىس ناخشا ئۇخلۇتۇپ قويىدۇ، مۇنبەردىكى ئېچىنىشلىق ھاياتىڭ ئېسىڭگە يېتىپ مۇڭلۇنۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن، شاش مۇزىكىنى ئاڭلىساڭ ھاياجىنىڭنى باسالماي ماشىنىنى باشقۇرالمايسەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 00:01:56

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 23:46 static/image/common/back.gif
شەھلادەم جاۋاب بەرسۇن

ئەنە جاۋاپ بېرىپ قويدۇم.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 00:18:57

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 00:01:33 static/image/common/back.gif
ئارتۇقچىلىقى ماينى قولاققا كەلگۈچە دەسىسەڭ ئۇچىدۇ، كە
ئەسلى كونا شوپۇر مايەدىكەن ئەمەسما:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 00:22:04

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 00:18 static/image/common/back.gif
ئەسلى كونا شوپۇر مايەدىكەن ئەمەسما

ھەئە... سىلەر ئاغزىڭلاردا ئوت ئالغۇدەك بولغاندا مەن تاتىرنى ھەيدەپ ئۇششاقتالدىن چىقىۋاتقان.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 00:22:24

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 09:57:22 static/image/common/back.gif


بىر دوستۇم سوۋغا قىلغان ئىدى . شۇڭا پۇلىسىنى يا
كىرىپ_چىقىپ تۇرغاننىڭ ئاخىرى مەنپەتىنى كۆرۈپسىلىدە:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 00:40:04

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 00:22 static/image/common/back.gif
ھەئە... سىلەر ئاغزىڭلاردا ئوت ئالغۇدەك بولغاندا مەن تا ...

ئىلھام ئەكەگىلى باغانما

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 00:42:25

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 00:40 static/image/common/back.gif
ئىلھام ئەكەگىلى باغانما

ئوينىغىلى.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 00:57:14

توۋا خۇدايىم

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 03:12:44

AAA يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 08:09 static/image/common/back.gif
@Pasiban نىمىش قىلىۋاتقاندۇ بۇبالىنىڭ ماشىنا ھەققىدىكى بى ...

بۇ يەردىكى ئەنسىرەش ماشىنىنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ئەنسىرەش ئەمەس، بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەش. بىر قىسىم ماشىنىنى ئارقا خوتقا سالغاندا، ئارقىسى ئالدىدىكى ئېكراندىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغىنى راس .ئەمما بەزىلىرى توغرا  كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ،بەزىدە ئىكرانغا قارىدىم دەپ توغرا پەرەز قىلالمايدىغان ئىش چىقىدۇ. ھازىر ناھىيە شەھەرلەردە ماشىنا جىق،ماشىنا توختىدىغان ئورۇن ئاز،ماشىنىنى قورقماي ئايلاندۇرىدىغان مەيدان يوق دىيەرلىك بولغاچقا چوقۇم ماشىنىدىن چۈشۈپ بىخەتەرلىككە كۆز يەتكەندىن كېيىن ئاسىتا -ئاستا ، بىر ماي بىر تورمۇز بىلەن ئاستا-ئاستا ئارقىغا يېنىشىمىز كېرەك. ھاياجاننىڭ ،شوخ مۇزىكىنىڭ كەينىگە كىرىپ بىرلام ماي دەپسەپ يانىمەن دىسەك، ئويلاپ باقمىغان خەتەرگە يولۇقىشىمىز مۇمكىن.  ھازىر كىچىك بالىلار ئوينايدىغان يەر يوق ماشىننىڭ ئەتراپىدا ئوينايدۇ،ئاشۇنداق ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۋاتقاندا كىچىك بالىنىڭ توپى ماشىنا تەرەپكە ماڭسا ، كىچىك بالا كىچىك بولغاچقا ماشىننىڭ يېنىغا يۈگۈرەيدۇ دە كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ئاڭلاۋاتىمىز بالىسىنىڭ ئويناۋاتقىنىنى بىلمەي ، ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرىمەن دەپ ئۆز بالىسىنى بېسىپ قويۇپ(خۇدايىم ساقلىسۇن) ، بىر ئۆمۈر ئازابقا قالغانلارنى ،يۈرۈك-باغرى پۇچۇلانغانلارنى شۇڭا ئەنىسرىمىسەك بولمايدۇ.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 03:19:34

Turker يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 08:36 static/image/common/back.gif
نەچچە پۇلكەن؟

مېنىڭ بىلىشمىچە بىر ماشىنىنىڭ مۇقىم باھاسى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. مەسىلەن مۇشۇ خوندانى مىسالغا ئالساق، 2013-يىلى خوندا ئودېسسەينىڭ يېڭى نۇسخىسىنى بازارغا سالغان بولسا بۇنىڭ بىر نەچچە نۇسخسى بىللە چىقىدىكەن. مەسىلەن، راھەت تىپلىق،ئوتتۇرا تىپلىق،ئالى تىپلىق،تەنھەركەت تىپلىق،ھەشەمەت تىپلىق دىگەنگە ئوخشاش. شۇڭا دەرىجىسى ئوخشىمىغاچقا پۇلىمۇ ئوخشىماسلىقى مۇمكىن،قىممىتىنىڭ ئەرزىنىدىن بىر نەرسسىى ئارتۇق.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 03:34:14

ماشىنىنى قوزغاتقاندا: ‹‹ بىسمىللاھ›› دەپ،كوچىدىكى ئاياللارغا قاش ئاتمايراق ماڭارسىز.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 03:48:03

abdulehed يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 03:34:14 static/image/common/back.gif
ماشىنىنى قوزغاتقاندا: ‹‹ بىسمىللاھ›› دەپ،كوچىدىكى ئاي
ماشىنا ھەيدىگەندە ئىزدىنىشقا ئېسىلسا، باغداشقا ياماشسا بولمايدۇ.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 03:48:21

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 06:46 static/image/common/back.gif
شائىرىمىزنىڭ ئىنكاسىغا رەھمەت . خۇددى كۆرگەندەكلا سۈ ...

مۇمكىن بولسا ماشىنىلىرىنىڭ پىربولا(بۇ پىربولا دىگەن گەپ نەچە گەپكىن مەنمۇ ئۇقمۇدۇم شۇ كىتاپتىن كۆرگەن .بەزىلەر كونتىرول تاختىسى دەپمۇ قويدىكەن ماشىنىنى بىز ئىشلەپ چىقارمىغاندىكىن ئىسىم تاپالمايدىغان گەپكەن ئىشلەپ چىقارغان ئادەم نىمە دىسە شۇنداق ئاتاپ تۇرايلى) تاختىسىنى رەسىمگە تارتىپ يوللىسىلا بەك ياخشى بولىتتى.
ئەمدى بۇ كېنىشكا دىگەننى ئاز قالدىم قولۇمغا ئالىمەن لېكىن ماشىنا ھەيدەپ باقمىدىم دەيلا شۇنىڭغا قارىغاندا ئىزدىنىشتا بىركويلۇق ناندەك يۈزلىرى بولغان بىلەن كورلىدا باغراشتىكى دېھانچىلىق مەيدانىدەك يۈزلىرى بار ئوخشايدۇ جۇمۇ.:lol ;P
دوستىلىرى سىلىگە ماشىنا بەرگەن بولسا(مەيلى پۇلغا بەرسۇن مەيلى بىكارغا بەرسۇن)ھەققى دوستلىرى باركەن.مۇشۇنداق دوسىتتىن بىر يا ئىككىسى بولمىسا بولمايدۇ ھازىر. ماشىنا بۇزلۇپ يولدا قالساق ئاشۇنداق دوستقا تېلېفون قىلماي ئامال يوق،يەنە بىر ماشىنا لازىم بوپ قالسا ئاشۇنداق دوستىنىڭ ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ يۈرمىسەك باشقا ماشىنىغا ئامال يوق. ئەتە -ئۆگۈن دوسلىرى پىيادە قېلىپ ماشىنا سورىسا ئىككىلەنمەي بېرىپ تۇرسىلا. چۈنكى سىلى ھەققى ئىچى -تېشىنى بىلىدىغان دوستقا نەسھەت كەتمەيدۇ. مېنىڭمۇ بىر ئاغىنەم بار باي بوپ قالسام ساڭا سۇپەكتىن بىرنى ئېلىپ بېرىپ كەينىڭدىن ماڭىمەن دەپ تۇرىدىغان.

دوسىت توغرىسىدا پاراڭ بولغاچقا سۆزلەپ قويدۇم ھە....:)

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 03:50:03

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 03:48 static/image/common/back.gif
ماشىنا ھەيدىگەندە ئىزدىنىشقا ئېسىلسا، باغداشقا ياماش ...

شۇنداق:lol
بەت: 1 [2] 3 4
: ئايىمايسىلەرغۇ ياردەمنى چوقۇم