salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 03:52:59

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 03:48:21 static/image/common/back.gif


مۇمكىن بولسا ماشىنىلىرىنىڭ پىربولا(بۇ پىربولا دىگەن
باغراش كۆلىدەك دەڭ:lol

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 04:49:58

ئەمىسە بىلگىنىمچە توردىن تاپقان رەسىم بىلەن سۆزلەپ بېرەي.
ئەسلى كىتاپتىن بىرنى سېتۋېلىپ تەپسىلى كۆرسىلە ھەممە نەرسە رەسىمى بىلەن بارتى، كىتاپتا ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ ئىنكاسى بولمىغاچقا زېرىكىپ ئوقۇغۇلىرى كەلمەيدۇ ھەقاچان.:lol  يا بۇ كىتاب بىلەن كومپىيۇتېرنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقمىغان.
ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقارغان ماشىنا بىلەن بۇ يىل ئىشلەپچىقارغان ماشىنىنىڭ ئىقتىدارىدا پەرق بار لېكىن شۇنداق بولسىمۇ چۈشىنىپ كېتەلەيلا.

ماۋۇ رەسىمدىكى 0 دىن 8 گىچە بولغان بىر خانىلىق سانلار ماشىنىنىڭ ماتور ئايلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. 7 بىلەن 8 دىگەن سان قىزىل رەڭلىك بولۇپ ،ماينى 7 دىن ئاشۇرۋەتمەڭ دىگەن گەپ.بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ ماي دەپسەپ 8 دىن ئاشۇرۋەتمىسىلە. بۇ ساننىڭ 1 دىگىنى 1000 غا،8 دىگىنى 8000 مىڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىر قىسىم ماشىنىلاردا ئىككى خانلىق سان بۇيىچە 10، 20 ،30 دىگەندەك.
ئاۋۇ چەينەكنىڭ بەلگىسى ئاپتۇل بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ،ئاپتۇل ئاز ياكى يوق ھەيدىسىلە سايراپ دىققەت قىلشىنى ئەسكەرتىدۇ، ئەڭ مۇھىمى مۇشۇ،ھەرگىز ئاپتۇل يوق ھەيدەپ سالمىسىلا.
ئاۋۇ 0 دىن 220 گىچە بولغان سان ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى بىلدۈرىدۇ،بۇنى چۈشەندۈرمىسەممۇ بولا.
ئاۋۇ 0نىڭ ئاستىدىكى كېلومېتىر دىگەن خەت بار يەردە ياكى باشقا يەردە بىر كونۇپكا بار . كورلىدىن ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولۇپ ،نەچچە كېلومېتىر كېلىدىغاننى بىلەلمەي قالسىلا ئاشۇ يەرنى بېسىپ قويسىلا ئۈرۈمچىگە بارغاندا نەچچە كېلومېتىر كېلىدىغاننى دەپ بېرىدۇ، ھەمدە يەنە بىر باسسىلا ماشىنىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىپ ماڭغاندىكى ئۇمۇمى مۇساپسىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ھە راس ئاۋۇ ئۇمۇمى مۇساپىنى ماشىنىنى ساتماقچى بولسىلا رېمۇتخانىغا ئاپارسىلا 50 مىڭ كېلومېتىر دەپ بولسا 500 كېلېمتىرغا ئۆزگەرتىپ بېرىدۇ.:lol شۇڭا ئىنساب بىلەن ئىش قىلالا
ئاۋۇ تىك تۆتبۇلۇڭغا ئوخشاش نەرسە ماشىننىڭ توك چىقىرىپ بېرىۋاتقان ياكى بەرەلمەيۋاتقىنىغا مۇناسىۋەتلىك.
ئاۋۇ ئوقيا ئېسۋالغان رەسمدىكىسى بولسا ،بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش. ئەگەر تاقىماي قالسىلا سايراپ تۇرۋالىدۇ،بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ سىگىنالى سايراپ تۇرۋاسا قورقۇپ كېتىپ ماشىننىڭ ئاپتۇلىنى تەكشۈرمىگەيلا:lol
بەك سايراپ جىلە قىلۋاتسا تاسما تىقىدىغان يەرگە يانچۇقلىرىدىكى بانكا كارتىسىنى قاتلاپلا تىقۋەتسىلە.:lol
ئاۋۇ ئوتتۇرسىدىكى ئاچقۇچ بىر تەرىپى س  يەنە بىر تەرىپى خ دىگىنى بولسا ماشىننىڭ گخرادۇسىنى كۆرسىتىدۇ.ئىستىرىلكا ئوتتۇردا تۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق. دۆلىتىمزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىل بىلەن ئومپورىت ئاپتوموبىللارنىڭ ئوخشىمايدۇ. بەزى ماشىنىلاردا سان بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
ئاۋۇ ئاستى يېنىدىكى بەلگە بولسا ماشىنىدىكى ماي باكىدا نەچچىلىك ماي بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇمۇ ئىمپورىت ئاپتوموبىللار بىلەن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوخشاش بولمىغاچقا ئوخشىمايدۇ.
لېكىن باشقا كۆپىنچە ھەرىپ ۋە بەلگىلەر خەلقئارادا ئورتاق.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن .
بولسا ماشىنىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭكىنى يوللىسىلا شۇنىڭغا قاراپ چۈشەندۈرەيلى.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 04:51:52

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 03:52 static/image/common/back.gif
باغراش كۆلىدەك دەڭ

ئاپلا:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 05:03:06

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 03:48 static/image/common/back.gif
مۇمكىن بولسا ماشىنىلىرىنىڭ پىربولا(بۇ پىربولا دىگەن  ...

ئىزدىنىشتا بىركويلۇق ناندەك يۈزلىرى بولغان بىلەن كورلىدا باغراشتىكى دېھانچىلىق مەيدانىدەك يۈزلىرى بار ئوخشايدۇ جۇمۇ.  
================
:lol

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 18:46:38

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 00:42 static/image/common/back.gif
ئوينىغىلى.

قېرى خوتۇنغا ئويناپ نىمە كەپتۇ؟ ئۆيىدە تەسۋى سىرىپ ئوتتاماي...;P

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-13 22:32:16

Neshter يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 18:46 static/image/common/back.gif
قېرى خوتۇنغا ئويناپ نىمە كەپتۇ؟ ئۆيىدە تەسۋى سىرىپ ئو ...

سىزدەك ۋاقىتلىرىمتى بالام.

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 00:00:55

بېغىر يوقاپ كەتتىغۇ ؟ ماشىنىنى ئېپ قوياپ مۇددەتسىز كىرىپ كەتمىگەندۇ بۇ ئاداش - ھە ؟ {:92:}

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 19:18:28

@AAA لۇتپۇللا ئوبدان سۆزلەۋېتىپتۇ. قوشۇق سامماي.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 21:42:02

تېما يوللاپ قويۇپ شۇ كۈنى ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم . پىراۋام يوق بولغانكىن بىر تۇققىنىمغا ماشىنىنى ھەيدىتىپ ، چاقنىڭ بېسىمىنى تەكشۈرمەيلا ماي ، گازنى لىقلاپ قۇيۇۋېلىپ ئۈرۈمچىگە چاپتۇق . ماشىنا ھەيدۈگۈچى سۈرئەتنى مېنىڭ زور كۈچ بىلەن دەۋەت قىلىشىم بىلەن كۆرسەتكۈچ سۈرئەت ھەم يول باشلاش سېستىمىسى ئەسكەرتكەن سۈرئەت ھەمدە يانفونۇمغا چۈشۈرىۋالغان سىگنال بېرىش دېتالى ئاستا دەپ بەرگەن سۈرئەت ھەمدە يەنە بىر ئۇيغۇرچە سېستىما سەپلەنگەن ئېلىكتىرونلۇق ئىت دەپ بەرگەن سۈرئەت بويىچە ياكى ئۇ سۈرئەتتىن ئاستاراق ھەيدەپ :lol ئۈرۈمچىگە سەككىز سائەتتە  كېلىۋالدۇق .
تاڭ ئاتتى . غۇلجىنىڭ قايمىقى بىلەن قىلىنغان ئەتكەن چايدا قىلغان ناشتىلىق ھەقىقەتەن ئىسسىق باسقان ئىدى . مەن ئانامنى ئېلىپ ، بىز چۈشكەن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئوغلىغا ماشىنىمىزنى ھەيدىتىپ شىنجاڭ تىببىي ئۈنۋىرسىستىت قارمىقىدىكى ئىككىنجى دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتۇق . دوختۇرخانا قايناق ئادەم دېڭىزى ئىدى . دەرۋازا دىيارىمىزدىكى ھەممە ھۆكۈمەت ئورگانلرىغا ئوخشاش مۇستەھكەم تەكشۈرۈش پونكىتى بىلەن تولغان ، لېكىن تەكشۈرگۈچىنىڭ مۇئامىلىسى ئىللىق . كىرىپ كەتتۇق .
ئالاقىدار بۆلۈمگە كىرىپ تەكشۈرۈشنى قىلىپ ، دورا ئوكۇل ئېلىپ چىققۇچە چۈش بولۇپ قاپتۇ ....(بۇ يەردە بەخت يولىغا بارغاندىكى مىڭ بىر يۈز ئون بەش سۆز قىسقارتىلدى) .
شۇ كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ھاۋاسى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى . بىراق ئۇزاق ئۆتمەي ھاۋا سەل تۇتۇلۇپ ، قار ئۇچقۇندىلىرى ئۇچقۇنداشقا باشلىدى . يوللاردا بىر بىرىدىن يول تالىشىپ ئۇچىۋاتقان ماشىنىلارغا بىر خىل ھەۋەس بىلەن قارىۋېتىپ ، ماشىنامنىڭ ئىشىكىنى ئاخىرقى رەت يەنە بىر رەت تارتىۋىتىپ بىز چۈشكەن ئۆيگە كىرىپ كەتتۇق . يوپۇرغا مەھەللىسى دەيدىكەن ئۇ يەرنى .
يەنە بىر سەھەر .
ئەتكەن چاينى ھوزۇر بىلەن يەنە بىر ئىچكەندىن كېيىن بىز سەھەردە يولغا چىقماقچى بولۇپ ئۆي ئىگىسىدىن رۇخسەت ئالدۇق (ئەلۋەتتە تەسلىكتە) . مەن سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم ، ماشىنىنى سۈرتىشىم ھەم ئوت ئالدۇرۇپ تۇرۇشىم كېرەكتە -ھە ؟
ماشىنام ، خوتەن قاشتېشىدەك سۈپ سۈزۈك ماشىنام ئاپپاق قار ئىچرە ماڭا قاراپ جىلمىيىپ ياتماقتا ئىدى .....

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 21:47:46

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 04:49 static/image/common/back.gif
ئەمىسە بىلگىنىمچە توردىن تاپقان رەسىم بىلەن سۆزلەپ بې ...

بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ماشىنام قېشىغا باردىم . بۇ سەھەردە كېچە ياققان قاردىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك يەرلەردىكى قارلار تامام ئېرىپ كەتكەن ئىدى . پەقەت شۇ قارنىڭ ئىسپاتىدەك ماشىنا تولۇق ئاپپاق ئورالغان ...ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئاچتىم ، ئاچقۇچنى بۇرىدىم ، خەقتىن ئاڭلىۋالغىنىم بويىچە بەش سىكۇنتتىن كېيىن ئاشقۇچنى داۋاملىق بۇرىدىم ... ئوت ئالدى ! ئوت ئالدى !
ماشىنا قىزىشى كېرەكتە ئەلۋەتتە ، لېكىن ھاۋا تەڭشىگۈچتىن چىققان شامال سوغۇقتەك بىلىندى ، شۇنىڭ بىلەن ھاۋا تەڭشىگۈچ تېرىتورىيەسىگە مەنسۇپ كۇنۇپكىلارنى بېسىشقا باشلىدىم ...
ئەمدى لۇتپۇللا دىققەت قىلىڭ ، مەسىلە چىقتى ، بىر چاغدا قارىسام ماشىنىنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قاپتۇ . جىممىدىلا ، ئاپلا ! دىدىمدە ئاچقۇچنى قايتا بۇرىسام ئوت ئالمىدى (كورلىدىكى چاغدىمۇ ئىككى قېتىم شۇنداق بولغان) . دىمىسەممۇ بىلدىڭىز . توغرا ، ئاككىمۇلىياتۇرنىڭ توكى قالماپتۇ .
ئەمدى سىزلەردىن سوراي ، .ئاككىمۇلىياتۇرنى ئالماشتۇرىمەن چوقۇم . قاندىقىغا ئالماشتۇرىمەن ؟ چوڭىراقىغىمۇ ؟ بۇنىڭ ماركىسىغا قارامدۇ ؟ قارىسا قايسى ماركىلىقنى ئىشلەتسەم ياخشى ؟
ئۇندىن باشقا قىشلىق چاق سالغۇزىۋېتەي دىگەن . شۇ چاقنىڭ قايسى ماركىقىلىقى ياخشى ؟

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 21:48:59

قىرىق توققۇزىنجى قەۋەتتىكى ئىنكاسىمنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن بىر ئىنكاس يازسام تەستىق ساقلاپ قالغان چىقماپتۇ دىسە . ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قالسا بولمايتى .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 07:56:42

يەنە بىر ئىش لۇتپۇللا ، ماشىنىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ سېستىمىسىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويغان بولىسڭىز بوپتىكەن .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 08:00:41

ماشىنامنىڭ بىر ھەپتىلىكىنى تەبرىكلەپ مۇنۇ ناخشىنى تەقدىم قىلدىم :)
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjA1OTcxOTA4/v.swf

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 08:46:03

قىش كەپ قالدى ئاككۇمۇلىياتورنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرىۋېلىڭ، سىرىتتا ئۆچۈپ قالسا ئىشىڭىز چاتاق، توكچى باللىنىڭ قېشىغا بارسىڭىز تىپىنى ماس كەلتۈرۈپ ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئادەتتە 350 سومدىن 500 سومغىچە بولىدىغۇ دەيمەن.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 09:02:48

بېغىرغا باشقۇرغۇچىلارمۇ كۆڭۈل بۈلىدىكەن مانا

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 12:54:53

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 22:32 static/image/common/back.gif
سىزدەك ۋاقىتلىرىمتى بالام.

ھەرنىم بولسا ئىنكاسىمغا ئىتىبار بېرىپلا چوڭنا. بەك ئىپىتىخار ھىس قىپ كەتتىم:lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 23:12:30

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-12 09:57 static/image/common/back.gif
بىر دوستۇم سوۋغا قىلغان ئىدى . شۇڭا پۇلىسىنى يازمىغان  ...

پار يىگەنما ئەپەندىم ؟:lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 23:19:26

abdulehed يوللىغان ۋاقتى  2014-11-13 03:34 static/image/common/back.gif
ماشىنىنى قوزغاتقاندا: ‹‹ بىسمىللاھ›› دەپ،كوچىدىكى ئاي ...

:P ،،،شاش قارىمدە ئۆزىمۇ
بەت: 1 2 [3] 4
: ئايىمايسىلەرغۇ ياردەمنى چوقۇم