hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 12:35:46

ياڭاق ھەققىدە ( خىيالچى )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 12:41  

      پاختا باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز چۈشۈشىگە ئەگىشىپ ،دېھقانلاردا يېڭى كىرىم مەنبەسىنى ئىزدەش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى ، بۇرۇن مەجبۇرىي كۆچەت قۇيغان بولسا ھازىر ئىزدەپ سوراپ ئىختىيارى باغ قىلىشقا قەدەم قويدى .....
      ياڭاقنىڭ ئىقتىسادى قىممىتى ،(  دورىلىق قىممىتى ، بازار ئەھۋالى ) ھەققىدىكى بىرەر مىڭ خەت قىسقارتىلدى ....

      11- ئاي مەزگىلى ياڭاق كۆچىتىنى تىكىدىغان مۇھىم پەيت بۇلۇپ ، ئەتىياز پەسلىگە قارىغاندا ھاۋا نەملىكى ياخشى بولغاچقا تۇتۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ .
     توقسان توققۇز پىرسەنت دېھقانلار(مەن ئۇچراتقان  دېھقانلار ، تېخنىكلار ، باغۋەنلەر )  ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلغاندا ئۇلاقسىز كۆچەتنى سېلىپ ، تۇتقاندىن كىيىن ئىتىزدا تۇرغۇزۇپ ئەلا سورتقا ئۇلىغان ياخشى دەپ قارايدۇ ، ھەم باشقا ئۇسۇلنى تاللىمايدۇ ...
      ئاتاقلىق باغۋەنچىلىك ئالىمى ، پىروفىسسور ئۆمەرجانكام باغ بەرپا قىلغاندا ئۇلاقسىز كۆچەت سېلىشنى يەرنىڭ ئۆمرىنى ئارتۇق زايا قىلىدۇ ، مىۋىگە كىرىشنى كىچىكتۈرىۋېتىدۇ ،دەپ قاراپ ، ئەلا سۈپەتلىك ئۇلاقلىق كۈچەتلەرنى ئەكىلىپ تىكىشنى  تەشەببۇس قىلىدۇ .......

        ھەر ئىككى تەرەپنىڭ  ئۆزىگە چۇشلۇق داۋلىسى بار بۇلۇشى مۇمكىن ...
     تورداشلار بۇ تېمىدا ياڭاقنىڭ بازار ئىستىقبالى ، باغ بەرپا قىلىش ، ئۇلاش ، بازارلىق سورتلار ، يىللىق پەرۋىش ئەھۋالى ( ئۇغۇتلاش ، سۇغىرىش ، چاتاش ) ، كىسەللىكلەردىن مۇداپىئە كۈرۈش ، قىشتىن ئۆتكۈزۈشتىكى ئىلغار تەجرىبىلەر قاتارلىقلار ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ   كەڭ كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، بىلگەنلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ  نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتسەك دىمەكچى .....
       مەنمۇ بىر قىسىم مەزمۇنلارنى ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ تۇرىمەن .....

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 13:03:19

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 14:13:25

2525255 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 13:03 static/image/common/back.gif
ياڭاق بىز تەرەپتە بەك قىممەت جۇما

نەچچە پۇل بىر كىلوسىنىڭ سىزگىلا ساتارمەن يا

axpazman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 14:19:38

بۇرۇنقىلارقانداق دورا،ئوغۇت ئىشلەتكەن بولغېيتىكىن تاڭ بىزنىڭ بېغىمىزدىكى 300يىلدىن ئارتۇق تارىخقائىگەياڭاق ھازىرمۇمىۋىسىدىن قالمىدى شۇنچەيىل مابەينىدەقۇرت چۈشمەي،ھىچقانداق بىرھاشارەتنىڭ ھۇجۇمىغائۇچرىماي شۇنچەيىلنى ئۆتكۈزۈپتىكەن.يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ھاشارەت دورىلىرىنى ئۈستىدىن چېچىپ ئاستىدىن غولىغاسۈرتۈپ شۇنچەقىلساقمۇياڭاقلارنى ھىلى قۇرت يەۋاتقان ھىلى سوغۇقتائۈششۈپ قېلىۋاتقان دىگەندەك ئىشلارجىقىيپ كېتىپ بارىدۇ.
بۇيىل ياڭاقنىڭ باھاسى بەك تۆۋەن،يىللاردامەھەللىمۇ-مەھەللەمېڭىپ ئىزدەپ سوراپ ئېلىۋاتقان سودىگەرلەرمۇبۇيىل جىمىپ قالدى،ياڭاقنى سېتىپ بانكاقەرزى تۆلەيمىز،ئۆي سالىمىزدىگەن پىلارمۇسۇغاچېلىشىپ قشمۇكىرىپ قالدى مانا...

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 14:27:21

ھوججووووو، ما ئىزدىنىشتا باغۋەن يوقما؟ سادىغاڭ كىتەيلە... مۇشۇ ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلىش ھەققىدە بىر تەپسىلى يازما يېزىپ قويساڭلار بوممامدۇ دەيمەن :'(

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 16:50:46

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 18:11:47

  مەن باغۋەنچىلىكتە ئوقۇغان.  ئۇلاق ئۇلاشنى بىلمەيمەن :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 18:24:05

ياڭاق بىلەن چىلاننىڭ بازار ئىستىقبالى غۇۋا جۇما
ئەڭ ياخشىسى بۇغداي بىلەن قۇناق تېرىپ جان ساقلاڭلار {:92:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-10 21:20:53

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 18:11 static/image/common/back.gif
مەن باغۋەنچىلىكتە ئوقۇغان.  ئۇلاق ئۇلاشنى بىلمەيمەن :l ...

راستمۇ يا ؟

ئىشقىلىپ قوي سۇيۇشتىن جىق ئاسان ....

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 02:53:17

يۇرتتىكىلەر: بۇ يىل كىپەزنىڭ باھاسى بەك بوش، دېيىشىۋاتىدۇ.

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 07:01:50

ياڭاق  قانداق يەرگە ماس كىلىدۇ ؟
شورلۇق  ،نەم  يەرگە تىكسە قانداق بۇلا

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 09:46:36

ياڭاقنىڭ بۇلتۇرقى ئوتتۇرىچە بازار باھاسى قانچە يۈەن؟ بۇ يىلقى باھاسىچۇ؟

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 14:37:12

بىز 20 مو يەرگە كەنىتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ياڭاق تىكىپ قويغان ، ھازېر 10 يىلچە بولغانمىكى ، ئۆتكەن يىلى 850 سوملۇق ، بۇ يىل 1500 سوملۇق ياڭاق ساتتۇق ، بۇ ياڭاقلارغا ئىشلەش خۇش ياقماي ئۇلۇماپتىكەنمىز ، بىزنىڭ كەنىتتىكىلەر ياڭاقنى قۇرۇتۇپ سېتىپ باقمىدى ، كۆك پوستى بىلەنلا 5 سومدىن كۆپرەك پۇلغا ساتتى كىلوسىنى ، ئىشقىپ كېۋەزدىن جىقاراق پۇل بولدىغان ئوخشايدۇ ، بىزنىڭ يۇرۇتتىكىلەر كېۋەزنىڭ ئورنغا بۇغداي ، قوناق تېرىپ بورداقچىلىق قىلىشنى پىلانلاپ يۈرۈيدۇ ، ، ،

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-11 15:07:11

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 18:11 static/image/common/back.gif
مەن باغۋەنچىلىكتە ئوقۇغان.  ئۇلاق ئۇلاشنى بىلمەيمەن :l ...

قىزىق ئادەم جۇمۇ سىلە، ساغلىق قويغا ھۆددىگەر پىرىم.:lol
                                                                                   :lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 10:35:41

سودىگەرلەرنىڭ ئىيتىشىچە ھازىر  چىلان سودىسى سەل راۋانكەن ، ياڭاق سودىسى كاساتكەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 11:52:41

ياڭاق دەرىخىنىڭ ئالاھىدىلىگى،ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ۋە تارقىلىشى

         ‹1› ئالاھىدىلىگى: ياڭاق دەرىخى ياڭاق ئائىلىسى، ياڭاق ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ياغاچ غوللۇق ، ئىگىز ئۆسىدىغان (تەخمىنەن 30 مېتېر ئەتراپىدا) چوڭقۇر يىلتىز ، تارتىدىغان ، كۈن نۇرى خالايدىغان ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان ، ئىقتىسادى ئۈنۈمى يۇقۇرى ، ياغاچ ماتىرىيالى ئالاھىدە سۈپەتلىك ، خەلىق ياقتۇرۇپ ئۆستۈرىدىغان قۇرۇق مىۋە . ياڭاق مېغىزى تەركىۋىدە ئاقسىل، ياغ، قەنىت، كالى، فوسفۇر ، تۈمۈر ، كاروتىن ، ماگىنىي ۋە  كۆپ  خىل ۋىتامىنلار بولۇپ  ㎏1 ياڭاق مېغىزى㎏ 5 تۇخۇم ياكى㎏ 4.5 كالا سۈتى ۋە ياكى㎏4 كالا گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىگە تەڭ كېلىدۇ .
          ئۇنىڭدىن   باشقا تىبابەتچىلىكتىكى رولىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ قان   ئازلىق ، تاجىسىمان قان قېتىش  كېسەللىگى،  ئەستە     تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، ئۆپكىنى           ياشارتىش رولىغا ئىگە . ئۇنىڭ كۆك پوستى ، شاخلىرى ،    يۇپۇرمىقى ۋە ياغىچىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگى    بار .
        ‹2› ياڭاق دەرىخى ناھايىتى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ھەم ئۇزۇن مۇددەت مىۋە بېرىدىغان دەرەخ بولۇپ ، ئادەتتە 200 ـ 1000يىلغىچە ياشاپ مىۋە بېرەلەيدۇ ، ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدە 700 يىللىق ياڭاق بايقىلىپ ، مەملىكەت بويىچە 《 ياڭاق پادىشاھى 》دەپ نام بېرىلدى ،بۇ ياڭاق ھازىرغا قەدەر مىۋە بېرىپ كەلمەكتە .
         ‹3› شىنجاڭ ياڭاقنىڭ ئەسلى ماكانى بولۇپ  5000 يىللىق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە ،تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا مۇشۇ يەردىن تارقىلىپ ھازىرغىچە ئۆستۈرۈلۇپ كەلمەكتە . مەملىكىتىمىزدىمۇ تارقالغان ئورنى ناھايىتى كەڭ ، جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەلۇم كۆلەمدە  ئۆستۈرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ ، بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدە كۆپلەپ ئۆستۈرۈلمەكتە .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:00:52

ئاساسلىق ئۆستۈرىلىدىغان ياڭاق سورتلىرى ۋە ئۇنىڭ قىسقىچە ئالاھىدىلىگى

ئونسۇ 185 – نۇمۇرلۇق ياڭاق

80 ـ يىللاردىن باشلاپ كېڭەيتىلىش تۈرى قىلىپ بېكىتىلگەن ، ئۆسىشى ھەم ناچار شارائىت ۋە سوغاققا قارشى تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك ، مەھسۇلاتى يۇقىرى ، ئىگىز ئۆسىدىغان سورت بولۇپ ، بالدۇر مىۋىلەپ بالدۇر پىشىدۇ ، يۇپۇرمىقى قېنىق يېشىل ، ئىلىپىسسىمان بولۇپ ئۇچى ئازراق ئوچلۇق ، نوتىسى قىزغۇچ ، مىۋىسى يۇمۇلاق ھەم پارقىراق ، تەمى مىزىلىك ، يالغۇز مىۋىسىنىڭ ئېغىرلىغى 16 گىرام ، ساپاق تەرىپى ئويماتراق ، شاكىلىنىڭ قېلىنلىقى㎜ 0.8 ، مېغىزى توق، ساغۇچراق بولۇپ مېغىز چىقىش نىسبىتى%54 ، بۇ سورت باغ بەرپا قىلىشتا ئاساسى سورت قىلىپ بېكىتىلىدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:07:38

ما يەردە ئازراق مەلۇماتلار بار ئىكەن :
http://baike.baidu.com/view/4227108.htm

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:08:44

شىنجاڭ توقسۇ 2 ـ نۇمۇرلۇق ياڭاق

بۇ سورتنىڭمۇ قوش مىۋە بېرىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقۇرى، مىۋىسى پارقىراق ،ئۇزۇنچاق يۇمۇلاق ، مېغىز چىقىش نىسبىتى يۇقۇرى، مېغىزىنىڭ رەڭگى سۈزۈك ئاق بولىدۇ، ياغ چىقىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ قانچە يىسىمۇ باش ئاغرىتمايدۇ ، بازاردىكى ئورنى يۇقۇرى ، يالغۇز مىۋىسىنىڭ ئېغىرلىغى 16 گىرام ئەتراپىدا بولۇپ ، شاكىلى㎜ 1.2 قېلىنلىقتا كېلىدۇ . ئىگىزرەك ئۆستۈرىلىدىغان بولغاشقا  ئونسۇ 185 ـ نۇمۇرلۇق ياڭاققا چاڭلاشتۇرغۇچى سورت قىلىپ ئۆستۈرىلىدۇ. چاڭلاشتۇرۇش نىسبىتى 1:5 نىسبەتتە بولىدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-12 12:16:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-12 12:50  

مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر:
ئونسۇ 185

توقسۇ 2-نۇمۇر

توقسۇ 2-نۇمۇر
بەت: [1] 2 3
: ياڭاق ھەققىدە ( خىيالچى )